84-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر قىسىم نادىر كىنو-فىلىملەر
2011-يىلىدىكى ئەڭ نادىر فىلىملەر شەرەپلىنىدىغان 84-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى 2012-يىلى 26-ھۇدتا ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كوداك تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. نەچچە مىڭلىغان دۇنياۋى كىنو چولپىنى، رېژىسور ۋە شۇنىڭدەك كىنو ساھەسىدىكى داڭلىقلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بۇ پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوسكار چولپانلىرىنى باھالاپ چىقتى.
مۇكاپات نامزاتلىرى 2012-يىلى 24-قەھرىتاندا جاكارلاندى. نامزاتقا كۆرسىتىلگەن فىلىملەر ئاساسەن ئالتۇن گلوبۇسقا ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئاكادېمىيە مۇكاپاتى ئاڭلىنىشقا تېخنىكىلىق سەۋىيەسى يۇقۇرىدەك بىلىنىگەچكە، كۆرەرمەنلەرنى تېخىمۇ بەكرەك تەقەززار قىلىدۇ. دېمىسىمۇ ئۇ يەردە بىر توپ سىرلىق ئاكادېمىكلار ئولتۇرۇۋېلىپ دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ سەنئەت ۋە بازار تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ بىر توپ ئاكادېمىكلار كىنولارنىڭ سېھرىلىرىنى مەخپىي ھالدا يېشىدۇ. بۇ سېھرىگەرلىكلەردە ئىشلىتىلگەن سەۋىيە ۋە ئۇلارنىڭ كۆرۈرمەنلەردە قانداق تەسىر پەيدا قىلغانلىقلىرىنى تەپسىلى مۇلاھىزە قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق كىنولارنى باھالاپ چىقىدۇ. لېكىن ھەرگىز سىرتقا ئاشكارىلىمايدۇ. بىز ھېچقاچان ئۇلارنىڭ مۇكاپات بېرىلىش سەۋەبى توغرىسىدىكى رەسمي چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس..
مۇراسىمنىڭ ساھپىخانلىرىغا كەلسەك برەت راتنېر(Brett Ratner) رەپىدىستە پەچچىلىككە قارىشى ئاھاڭلارنى ئىشلىتىپ قويۇپ بۇ ۋەزىپىدىن قۇرۇق قالغان.كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەددى مۇرفىمۇ چېكىندۈرۈلۈپ، ئاخىرى بىلى كرىستال مىرشاپلىققا تەيىنلەنگەن. بىلى كرىستال كىم دېسىڭىز، ئۇ دەل “ماۇۇنى ئانالىز قىل” ۋە “ئاۋۇنى ئانالىز قىل”دېگەن فىلىملەردە روبېرت دېنىرو رول ئالغان مافىيە ئاتاماننىڭ پىسخىك دوختۇرى بولۇپ چىققۇچى …
گەپنى قويۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر قىسىم فىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. بەزى فىلىملەرنىڭ ئاستىغا YYeTs خەنچە كىنو-فىلىم يېزىق گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن HR-HDTV لىق ئۆلچەمدىكى MKV نۇسخىسى تەمىنلەندى. يەنى ئېنگلىزچە&خەنچە خەتلىك. كۆپچىلىك ئوسكارغا ئېرىشكەن فىلىملەرنى چوقۇم بىر كۆرۈشنى ئىستەيدىغۇ دەيمەن؟
ھىيۇگو(Hugo)
ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى: ئەڭ ياخشى سەنئەت يېتەكچىسى، ئەڭ ياخشى سۈرەتكە ئېلىش، ئەڭ ياخشى ئاۋاز ئۈنۈمى، ئەڭ ياخشى كۆرۈنمە ئۈنۈم
سەنئەتكار(The Artist)
ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى: ئەڭ نادىر فىلىم، ئەڭ نادىر رېژىسور، ئەڭ نادىر تەڭكەش مۇزىكا، ئەڭ نادىر كىيىم لايىھەسى، ئەڭ نادىر ئەر باش پېرسوناژ.
تۆمۈر ئايال(The Iron Lady)
ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى: ئەڭ نادىر ئايال باش پېرسوناژ، ئەڭ نادىر گىرىم
ئەجدىھا تاتۇقلۇق قىز(The Girl with the Dragon Tattoo)
ئېرىشكەن مۇكاپات: ئەڭ ياخشى كىرىشتۈرۈش
باشلىغۇچىلار(Beginners)
ئېرىشكەن مۇكاپات: ئەڭ نادىر ئەر يانداش پېرسوناژ
ئايرىلىش(A Separation)
ئېرىشكەن مۇكاپات: ئەڭ ياخشى چەتئەلچە فىلىم
ئەۋلاتلار(The Descendants)
ئېرىشكەن مۇكاپات: ئەڭ ياخشى ئۆزگەرتىلگەن سىنارىيە
ياردەم(The Help)
ئېرىشكەن مۇكاپات: ئەڭ ياخشى ئايال يانداش پېرسوناژ
چۈشۈرۈش(ئوڭدىن بىرىنچىسى شۇ)
راڭگو(Rango)
ئېرىشكەن مۇكاپات: ئەڭ نادىر كارتون فىلىم
ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى پائالىيىتىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇراي.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوسكار، فىلىم، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,677 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 84th-annual-academy-awards.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاجايىپ قىزىقارلىق ۋە ئۆزگىچە ئىشلەنگەن بىر يۈرۈش PEPSI MAX كولا ئېلانى
- كېيىنكى يازما > سېھرىگەر Simon يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى! بۇدا ئۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان iPad3 نىڭ كارامىتىنى كۆرسەتمەكچى!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
خې خې خې ، دىۋان !!!!!
بىللە ئولتۇرايلى مۇنداق،،
ھېلىقى يۇقىرى تېخنىكا ، كۆپ مەبلەغ سالغان خاسىيەتلىك پالۋانلار كىنوسى يوققۇ ؟
مەن پەقەت راڭگونىلا كۆرۈپتىكەنمەن … لېكىن پەيزى ئىشلەپ قويۇلغان كارتۇن زادى …
راڭگونى چۈشۈرلى ….
ئا ئېراننىڭ ئايرىلىش دىگەن فىلىمىنى شاھىم بىر تەرجىمە قىلىپ باقسا بولاتتى …
ئىشتاھايىم كارتون فىلىم تارتىۋاتىدۇ ، چۈشۈرۈشنى باشلاپ كەتتىم
ئاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئېلىش قاچاندىن باشلاندى؟ بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ !!
ئىرانن؛ىڭ بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولغانتىيا، ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۈرۈپ بولغانتىم مەن
Hugo نى كۆرۈپ بولدۇم، پەچەتكەن .
مەن ئاۋۇ راڭگو دىگەن كارتون فىلىمنى كۆرگەن،بەك قىززىق ھا ھا ھا!
ماڭا تىتىغىنى ئاي ناملىرىنى ئانا تىلدا ئاڭلاپ شۇنداق ھوزۇرلاندىم
رەڭگۇنىڭ ئىرىشىدىغانلىقىنى بىلەتتىم..
«رەپىدىستە پەچچىلىككە قارىشى ئاھاڭلارنى ئىشلىتىپ قويۇپ» مەن ماۋۇ گەپنى تازا ئاڭقىرالمىدىم.