كىچىكىمىزدە كۆرۈپ قانمايدىغان گۇمپا چولپانلىرىنىڭ كىنولىرىدىكى ماھارەت توپلىمى، قايسى كىنولارنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
گەرچە ھازىر شارائىتىمىز ياخشى، توردا ھەر كۈنى دېگۈدەك چەتئەلنىڭ نادىر كىنولىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما كىچىك ۋاقلىرىمىزنى ئەسلىسەك، بىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان فىلىملەر ئېلىمىزنىڭ ئاشۇ بىر قانچە گۇمپا كىنو چولپانلىرىنىڭ ئىدى. 成龙/李连杰/甄子丹 دېگەندەك چولپانلارنىڭ كىنولىرى بولسا تالىشىپ تۇرۇپ كۆرەتتۇق، كىنودىكى مۇشتلاشلارنى كۆرۈپ كۆرۈپ قانمايتۇق…
ھازىر دىققەت قىلىدىغان بولساق، كىچىك ۋاقتىمىزدا بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان شۇ گۇمپا چولپانلىرى گەرچە كىنو ئېكرانىدىن ئۆچمىگەن بولسىمۇ، ئاللىقاچان قېرىپ بىر يەرگە باردى. بىزنىڭ گۇمپىغا بولغان قىززىقىشىمىزنىمۇ ھوللىۋودنىڭ فانتازىيىلىك فىلىملىرى ئىگىلىدى. ئۇنداقتا ئاشۇ گۇمپا فىلىملىرىنىڭ بىر قىسىم توپلانمىلىرىنى كۆرۈپ باقمامدۇق؟ كۆرگەچ قايسىلىرىنى كۆرۈپتىكەنمىز دېيىشىپ باقىلى قېنى…
成龙/李连杰/甄子丹 كىنولىرىدىكى ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ توپلانمىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: كىنو، ھەرىكەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,661 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: old-action-movie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۈچ كۈندە چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان Honda ۋىرۇسى ئېلانى! بىر تال ۋىنتىنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرەلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > پاركور ئويناپ باقمىغانلار پاركوچىلارنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار، قانداق تۇيغۇ بولىدىكەن؟
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
مەن دەي مەن باشتا دەي … چۈشەندىڭلا ھەقچان ھې ھې
لوڭ ئاكىمىزنىڭ ئاۋۇ بىنا ئۈستىدە ئۇرۇشىۋاتقان كىنوسى نىم بوغايتى ، بىلىدىغانلا دىۋىتىڭلا بەك كۆگۈم كەپكەتتى ما كىنونى
‹‹مەن كىم ››دېگەن كىنوسىغۇ دەيمەن .
بولسا权力的游戏 توغرىلىق بىر تىما يىزىلسا مۇنازىرلىشىپ باقساق مۇشۇ كىنو توغرۇلۇق
ما پىكىرنى بەك قوللايمە ، تەدبىركارغا مۇشۇ ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق فىلىملەر توغرىسىدا بىر تېما يازساق بۇلتى دەپ ئىنكاس قىغان ، ئۇنتۇپ قاغان ئوخشايدا … باللا ئۆزلىرى كۆرۈپ باققان ئىسىل دەپ قارىغان فىلىملەرنى تەۋسىيە قىلسا ، بىزمۇ نوچىكەن دىگەنلەرنى تەۋسىيە قىلساق ، كىنو فىلىم كۆرەي دىگەندە ئىزدەپمۇ يۈرمەيتۇق ، ئۇدۇل خۇماداشلانىڭ تەۋسىيە قىغىنىنىلا كۆرۈتۇق …
تورخۇماركو مۇشۇ توغرۇلۇق تېمادىن بىرەنى جىجىلاپ باقماملا ، خۇماداشلا تازا بى قىززىيلى
بۇ كىنوغا قىززىقىدىغانلار خېلى بار ئوخشايدۇ. لېكىن شۇ كىنودىكى بەزى كۆرۈنۈشلەر سەل قاملاشمىغاچ، ئوچۇق ئاشكارا بەك تەشەببۇس قىلىپ كەتسەك روزى-رامىزاندا تۈكۈرۈككە كۆمۈلەپ كەتمەيلىمىكىن دېيىشكەن.
ئامېرىكا تىياتىرلىرى ھەققىدە بىر تېما ئېچىشنى ئويلاۋاتقىلى خېلى بولدى. مەن تېز ئارىدا شۇنداق تېمىدىن بىرنى پۈتكۈزەي، نۆۋەت بويىچە ئاۋۇ فىلىمگە كەلگەندە ئۇ توغرىلىقمۇ بىر دېيىشەيلى، سىلەرچە قانداق؟
بۇ ئويۇنمۇ ياكى كىنومۇ؟
بولسا شۇنداق قىلىلىك تەدبىركار،مەن كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئانچە بەك قىزىقىپ كەتمىسەممۇ،كۆرمىگەنلىرى بولۇپ قالسا مىقتەك ئولتۇرۇپ كۆرۈپ قوياي شۇ باھانىدە
مەن گەپ قىلمايمەن
چىڭلوڭنىڭ چاققانلىقىنى،چىنزىدەننىڭ پەشۋا ھەركىتى ،لىلەنجىنىڭ تولا ئۇچىدىغان ھەرىكىتىگە ئاپىرىن دەيمىز
ئامما ما كىنولىنىڭ ئارىسىدا مەن كۆرمىگىنى يوقكەن،گۇمپا كىنولىرىغا دەسلەپ لى لىيىنجىنىڭ«جاھان كېزىش»فىلىمى بىلەن قىزىققان ئىكەنمەن.شۇنىڭدىن باشلاپ چىڭلۇڭ،جىن زىدەن،ھېلىقى «بۆرە چىشى»فىلىمىدە چىقىدىغان پىچاقچى قاتارلىق قەلبىمدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان چولپانلارنىڭ فىلىملىرىنى ئىز قوغلاپ كۆرگەنمەن.
ھازىر ماۋۇ سىننى كۆرۈپ ئويلاپ باقسام،مەنمۇ گۇمپا سارىڭىكەنمەن
ئەمما ماۋۇ كىنولارنى كۆرۈپ قانلىرىم ئۇرغۇپ كەتتى جۇما !
راس دەيدا بىر چۈشۈپ باقمايلىما مەن قەشقەردە بەلەن يەرلەرنى بىلىمەن داڭ باما
قاندا دەيسىز ؟
جىنزىدەندىن باشقىسى بىكا !!!
مەنمۇ مۇشۇ گۇمپىچى پەشۋاچىلارنى بەكلا ياقتۇرىمەن. بۇ ئۈچىدىن باشقا يەنە «تايلەند پالۋىنى» دىكى باش رولچىمۇ بەك قالتىس جۇمۇ
تورخۇمارغا باش سۈرەتنى قانداق چىقىردۇ ؟
ئېۋۇ چىڭ لوڭنىڭ كۆك يەكتەك كىيىپ مۇشلاشقان كۆرۈنۈشى چىققان كىنونى كۆرمەپتىكەنمەن ، ئىسمى نىمە ئاشۇ كىنونىڭ باللا ؟
مىنىڭچە مەس گۇمپىسى بۇ فىلىمدە چىقامدىكى كۆمەكچى بوسىڭىز ئىزدە تورىدىن خالىغاننى كۈرۈڭ ……….. بۇكۈرۈنۈش ھەققىقەتەنمۇ دەششەتكەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلا