ئەۋرىشىم ئىكىرانلىق يانفۇن دەۋىرى يىتىپ كەلدىمۇ قانداق ؟ | Samsung ئەگمە ئىكىرانلىق يانفۇنىنى ئاشكارلىدى
يېقىندا تېخى Samsung شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىڭى ئۇقۇم مەھسۇلاتى OLED ئەۋرىشىم تىلىۋىزورىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇ ئۇقۇم لايىھەسىنى يانفۇنغا تەتبىقلاپتۇ. تۈنۈگۈن Samsung شىركىتى پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئەۋرىشىم ئىكىرانلىق (يانتۇ ھالەتنى كۆزدە تۇتقان) يانفۇننى ئاشكارلىدى.
مەزكۇر يانفۇن 5 فۇتلۇق 16:9 نىسپەتلىك كەڭرى ئېكىرانغا ئىگە. سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 1280×720. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەڭ مودا فوتو ئاپارات دىيىشكىمۇ بولىدۇ. يان قىسىمدىكى ئەگمە بۆلەك يانفۇن سېستىمىسىغا نىسپەتەن ئۇچۇريەتكۈزۈشتە يىڭى بىر ئەۋزەللىك بولۇپ قالغان. قارىماققا بۇ يانفۇننىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەقىقى ئەۋرىشىملىككە ئىگە (ئىگىلىشچانلىققا ئىگە) يىڭىچە ئېكىرانلىق يانفۇن ۋە تىلىۋىزورلارنىڭ، ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەندەك قىلىدۇ.
بىر قىسىم كەسمە سۈرەتلەر:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Samsung، ئىكىران، يانفون، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: samsung-curved-oled-phone-prototype.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېڭى ئالغان iPhone 5 نىڭ سىرى چۈشۈۋاتامدۇ؟ ھېچقىسى يوق، بۇ مەسىلىنى بىز ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلماقچى!
- كېيىنكى يازما > iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش/تونۇتۇش | ئەڭ ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇل
- 美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
- ئەمدى قول ھەركىتى بىلەنلا ماشىنىڭىزنى باشقۇرۇپ كىتەلەيسىز | يىراقتىن سىمسىز كونتىرول قىلىش ئەسۋابى MYO
- ئايفۇنچى ئوسمان ۋە دەريا مۇئەككىلى ھەققىدە چۆچەك _ ئوغلۇم بۇ ئايفۇن (iPhone) سېنىڭمۇ ؟
- «ئارخان» يىمەكلىكلىرىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئېلانى | ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىدا ئىسلاھات بولدىمۇ قانداق؟
- يامغۇرلىقىڭىزنى تاشلىۋېتىڭ | ئەمدى كىيىملىرىڭىزگە سۇ ئەمەس، لاي- لاتقىمۇ يۇقمايدۇ!
- ئامراق يانفونىڭىزنىڭ توكى تېز تۈگەمدۇ ؟ بۇندىن كېيىن ستولبا تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تېلىفۇن ئويناڭ!
- SAMSUNG كىرئالغۇسىنىڭ ئۆزگىچە ئېلانى، بۇلارنىڭ يانفون ئېلانلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەتەڭ چىقىپتىمۇ نېمە؟!
- ئالما تۆۋەن باھالىق iPhone چىقارماقچىمۇ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ رىۋايەتلەردىكى iPhone mini نىڭ ئۇقۇم لايىھەسىمىش!
- iPhone دىكى كۆپ تىللىق ھەقسىز لۇغەت – بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ۋە بىلكان ئەرەپچە لۇغىتى
- نېمە ئۈچۈن ماي قاچىلاش پونكىتىدا يان تېلىفون ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
مانا يېڭىلىق دېگەن
دەششەتكەنغۇ، ئاز كۈنگە قالماي پۇچۇق «ئالما» تېلفۇنىنى بېسىپ چۈشكىدەك ماۋۇ سامسۇڭ، ھازىرقى تېلفۇنلىرىمۇ ئالمىدىن ئىلغار بولمىسا.
ئالما يەمسە سامسىمۇ دېسە سامسىنى يەيدىغان كىچىكىمدىن باشلاپ،مۇنداق يېڭىلىقلىرى چىقىۋەرسە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سامسىنى تاشلىيالمىغۇدەكمەن
ئەمما بىرنى ئالغۇدەك تىلفۇنكەن بۇ…
ۋۇييۇ ئالدىراپ كىتىپتىمەن دىسە بىر ھەپتە بولغان ئىدى 三星 I9228 دىن بىرنى سېتىۋالغىلى بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام ئالماي تۇرار ئىكەنمەن بولدىلا تېلفۇنۇم كونىرىغىچە تېخىمۇ پەيزىللىرى چىقامدۇ تېخى
ھازىرقى دەۋىردە مۇشۇ ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قوغلىشىپ بولماق تەس جىمۇ
تەرەققىيات ھەتىدىن زىيادە تېز …
ئاۋۇ يان تېلىفۇننىڭ ئەگرى ئېكرانىنى كۆرۈپ ، خېلى يىللار ئىلگىرىكى ھېلىقى يان تەرىپىدە كىچىك ئېكرانى بار BP ئاپپاراتى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ …
ۋاي ۋاي…. Samsung شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى ، ماۋۇ بەزى ئادەملەرنىڭ كۈنىگە يېڭى كىيىم ئالماشتۇرۇشىدىنمۇ تېز بوپ كېتىپ بارىدۇ دېسە…
ئىشقىلىپ بىر كۆرۈپلا ‹‹ۋاھ !!!›› دېگۈدەك يانفۇنكەن جۇمۇ ماۋۇ…
ئەنخۈر تىلفۇندا رخۇماردىكى فىلىملەرنى كورەلمىدىم مۇنكىن بولسا مەنبەسىنى يوللاپ قويسىڭىز
ھەي…كەلمەي تۇرغان بولسام كورىيەدىن مۇشۇ تېلفۇن مىنىڭ بولاركەن….
ئالدىنقى ھەپتە توردىكى مىش-مىش پاراڭلاردىن كۆرسەم،بۇ ئوقەتنى قاتلىنىمىش… لۆڭگىدەك قاتلاپ،پۈرلىۋەتسىمۇ ھېچنىمە بولمايمىش…دەپ يۈرەتتى خەق.ئەسلى مۇنداق قاتلىنىدىغان ئىكرانى باركەندە.
مەنمۇ تېخى چوڭ ئۈمىتتە قاتلىنىدىغان ئوخشايدۇ دېسەم بۇرجىكىنى ئازراقلا ئىگىپ قوياپتىغۇ، نىمە قىلىق ئەمدى، بىزلەرمۇ چوڭ تىپتىكى LED ئېكرانلىق تېلېۋوزۇر ئورناتساق ئانچىلەك ئىگىلىش دېگەنى راۋرۇس ئېگىپ چىقىرۋېتىمىز
پۇچۇق ئالما دەپ كەتكىننى شۇ پۇچۇق ئالمامنى ھەر قانداق تېلغۇنغا تەڭ قىلمايمەن دەپتۇ توشقان بۆرىگە
قانداق ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن؟
..ۋۇيييۇ .مەن تىلفۇن ئالماقچىتىم …چىقىىپتۇما يا ئەمدى چىقامدىكە …ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم ..ماڭا بۇ تىلفۇنىڭ ئۇچۇرىنى .دەپ بەرسەڭلا .بوپتىكەن..
Samsung Galaxy Note IIII غۇ دەيمەن تىپى،Samsungنىڭ ئەڭ يېڭى ئەقلىيفونسى
تىلفونى مايماق بولغاننىڭ نىمە پايدىسى؟
شۇنى دىمەمسىز
ﺗﯩﻠﻔﻮﻧﻰ ﻣﺎﻳﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ؟
ھا ھا ھا،سامسۇڭ،بىر نەرسە ياسىسا چەكتىن ئۇشۇرۋىتىدۇ دە.Samsung Galaxy S3 مۇ ئۇچۇر قۇبۇل قىلىپ قۇلاق تۈۋىگە ئەكەلسە،ئۇچۇر يوللىغان ئادەمگە تېلفۇن ئۇلىنتى. ئەمدى مانىڭ ئېكىرانى ئەگىرى ئىكەن.
بۇ سىننى كۆرۇپ بېقىڭلار:http://v.youku.com/v_show/id_XMzE4NjMwNzI4.html