«ئارخان» يىمەكلىكلىرىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئېلانى | ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىدا ئىسلاھات بولدىمۇ قانداق؟
تورخۇماردا كىنو دىسە ئۆزىنى ئاتىدىغان نوچىلار كۆپ. لېكىن بىلمىدىم زىيادە قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغانلار قانچىلىككىن. ھېلىمۇ ئىسىمدە خېلى كىچىك ۋاقىتلىرىم بولغاچ تۇنجى قېتىم ياپونىيە قورقۇنۇچلۇق فىلىمى «午夜凶灵» نى يالغۇز ئۆيدە كۆرىۋېلىپ نەچچە كۈنگىچە ھاجەتخانىغا چىقالمىغان ئىدىم. لېكىن نىمىشقىكىن شۇنداق بولىشىغا قارىماي بۇ فىلىمنىڭ 3 بۆلۈمىنى تولۇق كۆرۈپ تۈگەتكەنىدىم.
ئەلۋەتتە بۈگۈن بۇ يەردە سىزلەر بىلەن بۇ كونا كىنو ھەققىدە پاراڭ سېلىشماقچى ئەمەسمەن. يىقىندا تور ئارىلاۋېتىپ تۇيۇقسىز«ئارخان» يىمەكلىكلىرىنىڭ ئېلانى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. ئىلگىرىمۇ تىلىۋىزوردا قويۇلىۋاتقان ئارخاننىڭ بىر قىسىم ئېلانلىرىنى خېلى ياقتۇرغان. ئەمما بۇ قېتىمقىسىدا تېخىمۇ دادىلىق قىلغاندەك تۇيۇلدى. ئېلان ۋەقەلىكى يۇقىردا مەن تىلغا ئالغان ياپونىيە قۇرقۇنچلۇق فىلىمىدىكى «贞子» نىڭ تېلېۋىزور ئېكرانىدىن ئۆمىلىگىنىچە چىقىدىغان ۋاقتىدىكى ۋەقەلىككە ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كىشىلىرىمىز قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن تېلكامېرانى باشتىن ئاخىر نوقۇل ھالدا ئېلان ئوبىكتىغا توغۇرلاپ تۇرۇۋالىدىغان بىزەڭ ئېلانلاردىن زېرىككەن بىزدەك ياشلارغا نىسبەتەن بۇ بىر ياخشى باشلىنىش دىيىشكە بولىدۇ. گەرچە بىز بۇرۇن كۆرۈپ ئۆتكەن پەرەڭلەرنىڭ ئېلانلىرىدەك ئالاھىدە نوچى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىدىكى باشلامچى خاراكتىرلىك يىڭىلىق دەپ قارايمەن. تۆۋەندە ئېلاننى كۆرۈپ باھا بېرىپ باقايلى !
قوشۇمچە: ياپونىيەنىڭ مۇشۇ تۈردىكى LCD ئىكران ئېلانى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېلان، فىلىم، قورقۇنچلۇق، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 20,862 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: arxan-yimeklikliri-qorqunuchliq-elani.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىنولارنىڭ ساغلاملىق دەرىجە كۆرسەتكۈچىنى بىلەمسىز؟ بۇھەقتە ئاز-تولا توختىلىپ ئۆتەي…
- كېيىنكى يازما > نادىر ئەسەر يارىتىش ئۈچۈن تەسەۋۋۇرلا كۇپايە | خوببېتلار فىلىمىنىڭ ئارقا سەپتىكى ئىشلىنىش جەريانى ۋە كومپيۇتېر CG تېخنىكىسى
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
دىۋان
دايىم بىر قەدەم كىچىپ قالىمەن زادى .،
ئۇييۇ راسلا يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئىشلەپتىغۇ بۇ ئېلاننى ،.سىجىنى يامان ئەمەس ئويناپ قۇيۇپتۇ بولمىسا .،.
بۇنىڭ قەيەرىدە CG بار؟ مەن ئەجەپ ھېس قىلمىدىما
ئاۋۇ دىلبۇزۇرنىڭ ئىچىدىن چىققان سەت خوتۇن سىزنىڭچە راس ئۆمىلەپ چىققانمىدۇ .،.
ئۇنى مەن پىششىق چۈشىنىمەن قېرىندىشىم، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مەن سوئال سوراش ئارقىلىق سىزنى CG غا بولغان چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىيرەك ياكى ئاندا مۇندا بولسىمۇ يېزىپ قويارمىكىن دېگەنتىم…
CG دېگىنىمىز Computer Graphics دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش شەكلى ئارقىلىق، ئىككى تەكشىلىك ياكى ئۈچ تەكشىلىكتىكى شەكىللەرنى ئېكران سېتكىلىق شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان تېخنىكىنى كۆرسىتىدۇ…. دېگەندەك. مەنغۇ تەپسىلىي يازمىدىم، يازاي دېسەم جىقلا گەپ بولۇپ كەتكۈدەك…
ھە …..قارىغاندا مەن مەخسىتىڭىزنى چۈشەنمەپتىمە .،توغرا شۇ سىزنىڭ دىگىنڭىز كومپىيوتېر گىرافىك دىگەن گەپ .،لىكىن مەن قىسقارتىپلا يازغانتىم .،..
مەنمۇ گىرافىك كەسپى بىلەن ھەپىلشىۋاتقىلى 3يىلدەك بولدى .،.مەن شۇ ئاساسلىقى 3د يۇمتاللار ئارقىلىق 3د كارتۇنلارنى لاھىيلەش ۋە جانلاندۇرما بىرىش .،.،
ئادەتتە ئاساسلىقى مايا ئويناپ قويىمە ،.،.
شۇ , ھازىر بىزنىڭ ئىلانلارمۇ چەت ئەلنىڭكىدىن كىلىشمىغىلى تۇردى.
شۇ , ھازىر بىزنىڭ ئىلانلارمۇ چەت ئەلنىڭكىدىن قىلىشمىغىلى تۇردى.
ئۇندا بولسا ئاشۇ چەتئەلنىڭكىدىن قېلىشمىغۇدەك كىنو ئىشلەشلا قالغان ئوخشايدۇ.،.خۇداھىم بۇيرىسا ئۇمۇ نىسىپ بوپ قالار.،.
ئارخاننىڭ يىمەكلىكلىرىنى يىگەندە، كىنو-فىلىم كۆرمەڭ.بوممىسا….
كىچىك ۋاقتىمدا شىنجاڭنىڭ « سىرلىق كۆلەڭگە » دىگەن فىلىمىنى كۆرۈپ نەچچە كۈنگىچە قورقۇپ يۈرگىنىم يادىمدىن كەچتى !
لېكىن ھازىر ھەرقانداق قورقۇنۇچلۇق كىنو بولسا كۆزۈمنى مىت قىلىپ قويماي كۆرۈپ قويىمەن .
كۆڭلۈڭلارغا كەلسىمۇ دەي، مۇتەئەسسىپ دېسەڭلارمۇ مەيلى، بۇ ئېلان ئەخلاقىغا ، پىرىنسىپىغا خىلاپ بىر ئىش . ئىلگىرى ئامېرىكىدا بىر ئېلان شېركىتى مەلۇم تەنھەرىكەت ئايىغى ئۈچۈن مۇنداق بىر ئېلان ئىشلىگەن. بر تەنھەرىكەتچى ھېلىقى ئاياغنى كېيىپ يۈگۈرگەن پېتى ، بىر تۈپ دەرەخقە چىقىپ كېتىدۇ، ئارقىدىن بىرمۇنچە قۇش پەيلىرى توزۇپ كېتىدۇ. دەل مۇشۇ كۆرۈنۈش ئۈچۈن ،بۇ شېركەت تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش خارەكتىرىنى ئالغان دەپ قالپاق كېيىپ، نەچچە مىليۇن تۆلەم تۆلەپ، ئېلانىنى توختاتقان.
ئېلان ئىشلىگۈچىلىرىمىز كۆرۆش ئۈنىمىنى قوغلىشپ بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.
كىم سورىدى؟
سىز دەۋاتقىنىڭىز كىم تۈزىگەن قايسى تۈردىكى ئېلان ئەخلاقى ۋە پىرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەن بۇ ئېلان؟ ئېنىق ئىسپاتى بىلەن سۆزلىگەن بولسىڭىز… ئۇ جىننىڭ ئىكراندىن چىقىپ ئارخان قوناق ئېتىلدۇرمىسىنى يىيىشى شۇ سىز دېگەن ئېلان ئەخلاقى ۋە پىرىنسىپلىرىنىڭ قايسى ماددىسىغا چۈشمەيدىكەن…
ئاۋۇ سىمىز بالاڭزا ئامىنە تەييار چۆپىنىڭ ئېلانىدا چىقىدىغان ئاداشكەنغۇ. ئاشۇ ئامىنە تەييار چۆپىنىڭ ئېلانىنى خېلى ياقتۇرىمەن جۇمۇ. خېلى ئۆزگىچە چىققان ئېلان ئاشۇمۇ.
راستىنى دىسەم ماۋۇ ئېلاندا سەل سۈنئىيلىك ساقلىنىپ قاپتۇ. ئاۋۇ سىمىز ئاداشنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدىكى ئاداش قاملاشتۇرالماپتۇ.
يەنە بىرگە ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگىلا «ئارخان» دىگەن ماركىنى ئازراقلا سىڭدۈرىۋەتكەن بولسا. دىمەكچىمەن، ئاۋۇلار يەۋاتقان نەرسىنى ئاۋۇ « ئالۋاستى» يىگىلىۋاتقاندا ماركىنى شۇنداقلا بىلەر-بىلىنمەس ئىپادىلىگەن بولسا دىمەكچىمەن. ئەلۋەتتە مەنمۇ كەچكىچە ماركىسىنى ئادەمنىڭ كۆزىگە تىققۇدەك قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئېلانلاردىن بىزارمەن.
دىمەكچىمەن، ۋەقەلىكنى چورت ئۈزۈپ ئاندىن ئىكرانغا ماركىنى چىقىرىپتۇ.
مەنچە بۇ قارىشىڭىز تېخىمۇ قارىشى بولۇپ قالدى. مەن بۇ ئېلاننى تۇنجى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز «ئەييى…» دەپ سالدىم…. نېمىشقا دەڭ، چۈنكى ئېلان باشلىنار باشلانمايلا ئ«ئارخان» ماركىسى چۈشۈرۈلگەن ئاۋۇ مەھسۇلاتنىڭ بەك ئېنىق ئىپادىلىنىپ قىلىشى بولدى. مەنچە باشقا جايلىرى بەك ياخشى، پەقەت رېژىسسور شۇ بىر نۇقتىغا سەل يىڭگىلتەكلىك قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ. چۈنكى مەقسەت ۋە تونۇشتۇرماقچى بولغان مەھسۇلات ئېلان مەزمۇنىنىڭ يېشىمىدا كۆرۈنمەي، جەرياننىڭ بېشىدىلا ئىپادىلىنىپ قالغان… بۇ ياخشى ئىش ئەمەس…
يەنىلا رېژىسسور ۋە ئارخان شىركىتىگە بارىكاللا… بۇ ئېلاننى شۇنچىلىك تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئىشلىگىنىگە بارىكاللا…
بۇنى چەتئەل ئىلانلىرىغا ئوخشىتىش ئىشىپ كەتكۇدەك ،جۇڭگۇ ئالۋاستى فىلىمىدىكى جىن ئالۋاستىلارنى ئىشلىتىپتىغۇ؟
چەت ئەل ۋەھىمە قورقۇنۇشلۇق فىلىملىرە جىن ئالۋاستىلارنى ھەرگىزمۇ ئادەم سىياقىدا ۋە ئوچۇق ئاشكارا نامايەن قىلىنمايدۇ،بەلكى باشتىن ئاخىر سىر قىلىپ شۇ فىلىمدىكى مەركىزى ئىددىيگە باشلاپ كىرىدۇ،جوڭگۇ فىلىملىرىدا بولسا مۇشۇنداق چاچلىرى چۇۋۇق ئاق كۆينەك كىيگەن جىندىن باشقا دەسمايىسى يوق.
فىلىم كۆرگۇچى باشتىن ئاياق شۇ ئالۋاستىغا ئىسلىۋلىپ فىلىمنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيتى قالمايدۇ..
ياپونىيە چەتئەلمۇ ياكى؟
ئاۋۇ جىن ياپوننىڭ داڭلىق «جىن» ئوبرازى
سىز قورقۇنچلۇق فىلىمنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرگە بولغان تەسىرى توغرىلىق يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقسىڭىز بولغۇدەك. قورقۇنچلۇق دەرىجە بويىچە 1-سى: ياپونىيە، 2-سى: كورىيە، 3-سى: جۇڭگو، 4-سى: تايلاند ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى… ياۋروپانىڭ ۋەھىمىلىك كىنولىرىدا ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىپ نەچچە كۈن سىرتقا چىقالمايدىغان قىلىپ قويغۇدەك كىنولار 10 بارماققا توشمايدىغۇ دەيمەن… لېكىن چەكلەنگەن ۋەھىمىلىك كىنولار دەپ ئىزدەپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن…. شۇندىلا چۈشىنىپ قالىسىز… رەھمەت.
مۇشۇ ئىلاننىڭ گېپى چىقىپ قالدى بەزى بىر ئىلان ئارتىسلىرى باركەن نىمە يىڭى چىقسا شۇنى ئىشلىتىپ باقىدىغان ئۈنىمىنى شۇنداق ياخشى ھىس قىلالايدىغان.يەنى تېخى بىرخىل مەھسۇلاتنىڭ ئىلانىغا چىقپ بازاردا شۇ مەھسۇلات بىلەن ئورۇن تالىشىدىغان مەھسۇلاتلانىڭ ئىلانىغىمۇ چىقىدىكەن . بىر ئىلانغا چىققاندىن كىيىن باشقا ئىلانغا باشقا ئارتىس ئىشلەتسە بولىدىغۇ
سوئال سىزنىڭچە ئۇيغۇر ئىلانچىلىقىدا ئەڭ نوچى چىققان ئىلان قايسى ؟ ئەڭ لاۋزا ئىلانچۇ ؟ ئورتاقلىشىپ باقايلى دوستلار (شىنجاڭ تىلىۋىزىيەسىدە قويۇلغان بولسۇن ھە! يەرلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭكىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ لاۋزىلىغىدا )
ئەڭ نوچى ئىلان :ئىخلاس فىرىمانىڭ ئىلانى (ئىخلاس ياڭاق مېغىزلىق قۇۋۋەت فىرماسى . سىزچۇ ئىچىپ تۇرۋاتقانسىز ؟)
ئەڭ لاۋزا بىلىنىدىغان ئىلان بولسا : ئۇمۇ مەن توڭلاتقۇنىڭ ئىلانلىرى (ئىچىگە سالغان نەرسىنى مۇزدەك ساقلايدىيەي دىگەندەك .دىمىسىمۇ توڭلاتقۇ دىگەن مۇزدەك ساقلايدىغۇ،باشقا توڭلاتقۇدىن پەرقلىنىدىغان ئارتۇقچىلىقىنى كۆزكۆز قىلمامدۇم ؟ يا بۇ ئىلان ئىشلەيدىغانلار بىز خەقنى توڭلاتقۇنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ئىندىئانلا دەپ ئويلامدىكى ،ئىشقىلىپ بەكلا ئاچچىغىم كىلىدۇ )
توغرا دەيسىز، بىز خەقنىڭ كاللىسىنى بەك ئاددىي چاغلايدىغان ئوخشايدۇ بۇ شىنجاڭلىق ئېلانچىلار، ھېلىق سامسۇڭ كىر ئالغۇسىنىڭ ئېلانىدەك ياكى كوكا كولا دەمدۇ، ياكى كىيا، تويوتا، ئاۋدى، بېىك، بېنىز، خوندالارنىڭ ئېلانىدەك بىر قېتىم كۆرگەن كىشىگە قاچان شۇ ئېلان يەنە چىقاركىن دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرغۇزغىدەك ئېلان ئىشلىسە بىزمۇ چۈشۈنىمىزدە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى چەتئەللىكلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئىشلەيدۇ بولمىسا…
شەخسىي كۆز قارىشىم: مەزمۇن جەھەتتىن ئەڭ نوچى چىققىنى ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن ئايالى چىقىدىغان ھېلىقى كىرئالغۇنىڭ ئېلى… 60-يىللاردا 70-يىللاردا 90- يىللاردا دەيدىغانچۇ…
ئەڭ ناچار چىققىنى: بىر بوۋاي نەۋرىسىگە بالىمان چېلىپ بېرىۋاتسا، «ئوغلۇم چىقىپ بىر تۇڭ ماي ئەكىرگىنە»…. «مانا كەلدى» دەپلا ئىككى قولىدا كۆتۈرۈپلا چىقىدۇ تېخى…. نېمە دېگەن ياسالما ھە….
تېخنىكا جەھەتتىن تېخى ۋاي دىگۈدەك ئېلان چىقمىدى دېسەكمۇ بولىدۇ… چۈنكى بۇنىڭ سېلىنمىسى سەل ئېشىپ كېتىدۇ… تىجارەتچىلىرىمىزمۇ بۇنداق چىقىم قىلىشنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيدۇ…
بۇ جەھەتتە ئىككىمىز ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنمىز .
مىنىڭچە مەزمۇن جەھەتتىن ئەڭ ياخشى چىققىنى ئارمان قۇۋەت تالقىنى ئېلانى بولۇپ ھىلىقى 4 5 قاۋۇل ئادەم ئارمان دىگەن ماركىنى تىكلىگەن ئىلانشۇ ناچار لىرىنى ساناپ بولال مايمەن
ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىدە ياخشى ئېلان بىلەن ناچار ئېلاننىڭ پەرىقى ئىلگىرى 50 دە 1 20 دە 1 دىسەك تاسلا قالىدۇ بۇنىڭغىمۇ توشمىغىلى.
خىيال …
مەن ئىزدىنىپ سۆلەۋاتىمەن ،،
قورقۇنۇشلۇق فىلىملەر سىزنى قورقۇتۇپلا بەرسە بىرىنجى بولىۋىرەمدۇ،،ئۇ ئۆزىڭىزگە
لىكىن ھەر كاللىدا ھەر خىيال ،،
ماھىيىتىنى چۇشەنمەي فىلىمدا ئالۋاستىغا ئىسلىۋلىش كىچىك بالىنىڭ ئىشى ..
LCD ئېكرانىنىڭ ئېلانى ئارخاننىڭ ئېلانىغا قارىغاندا قۇسۇر تاپالمىغىدەك سۈپەتلىك. بولدىلا خەقنىڭ ئېلانىنى قويۇپ ئۆزىمىزنىڭكىگە كەلسەك باشلىنىشى شۇنداق ياخشى.لېكىن قورقۇنۇشلۇق فىلىم كۆرۈۋاتقان ئۈچ ئەپەندىمنىڭ قورقۇش ئىپادىسى بەكلا ناچار، رېجىسسورمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرماپتۇ بۇلارنى. مەنچە بولسا ئالۋاستى چىقىۋاتقاندا ئادەمنىڭ تەبىئى ئىنكاسى بويىچە ئىككى ياندىكى بالا پۇتلىشىپ-يىقىلىپ(ئىنتايىن تەبى ھالەتتە) ئالدى كەينىگە قارىماي پەرتلا قېچىپ چىقىپ كەتسە، ئوتتۇرىدىكىسى ئىنكاسمۇ قالمىغان ،قورقۇپ قېتىپلا قالغان ھالەتتە ئالۋاستى كېلىپ ئارخاننى قولىدىن ئالغىنىچە ئېكراننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتسە. ئاندىن ھېلىقى قېتىپ قالغان ئاداش باشقا بىر كۈنى باشقا تونۇشلىرى بىلەن يەنە شۇنداق فىلىم كۆرۈشكە باشلىغاندا مەنىلىك ھالدا بىر يېنىدىن ئارخاننى چىقىرىپ قويۇپ قويسا. ئاندىن ئارخان ئېكراندا مەھسۇلاتىنى چىقارسا بۇ مېنىڭ كاللامغا كەلگەن ئارخان ئېلانى…..
بۇ ئېلان … يامان ئەمەسكەن …، ئەمما رېئاللىقتىن سەل ئېشىپ كېتىپتۇ. يۇقىرىقى ‹‹تاماشىبىن›› ‹‹خىيال››،‹‹ئەركە››قاتارلىق تورداشلار ياخشى باھا ـ تەكلىپ بېرىپتۇ…
haier دىنشڭنىڭ ئىلانىما بۇ؟
«خەيئېر» ماركىلىق تېلېۋىزورنىڭ ئېلانىنىمۇ خالىس قوشۇپ ئىشلەپ قويۇپتۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلانىنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ لاۋزا ئېلانلارنى تىز دىسە 1-بولۇپ ھېلىقى ئىمام ئاخۇنۇم قوللىرىدىكى نېمە ئۇ دەپ باشلىنىدىغان توخۇ گۆشىنىڭ ئېلاننى ، 2-بولۇپ « مەن تېفىڭ گۇمىگەيگە ئىشىنىمەن » دىگەن ھېلىقى قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل فىلىمىدە چىقىدىغان ئادەمنىڭ ئېلانىنى تىزىپ بېرىمەن !
ئىشقىلىپ ماڭا ئاجايىپ لاۋزا بىلىنىدىغان ئېلانلاردىن 7-8 ى بار …..
ۋاھ
مەن بۇ ئىلاننى كۆرمەپتىكەنمەن !
ما ئېلاننى كۆرمەي تۇرۇپ، پاقالچاقتا جان قالمىغىلى تۇردى…
ماڭا ئەڭ يارايدىغىنى يەنىلا ئارماننىڭ ئابىدىسىنى تىكلەپ،ھە…ھە… دەپلا تۈگەيدىغان ھېلىقى قامەتلىك ئەركەكلەر چىقىدىغان ئېلان.
ھازىر ئەڭ يارىمايدىغىنى ھېلىقى مىسال ماركىلىق سوپۇننىڭ ئېلانى بىلەن، قۇۋىتى بېمالال دېگەن ئېلان… قاملاشمىغان…
مەن بىرنېمىنى ھېس قىلدىم تەدبىركار. ئىنكاس يېزىلىپ، بىرىنچى بەتكە پاتماي ئىككىنچى بەتكە ئۆتۈپ كەتكەندە، بىرىنچى بەتتىكى ئىنكاسلارغا باھا يازغىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ… jQuery دىن چاتاق چىقتىمۇ ياكى…
شۇنداقكەن. ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىپ تۇردۇم.
ۋوي ئۇيغۇرلارمۇ خىلى يىتىشىپ قاپتىغۇ
ھا ھا پەچەت چىقىپتۇ جۇمۇ…ھېلىقى ئارماننىڭ قۇۋۋت تالىقىنى ئېلانىمۇ پەچەتتىغۇ ئارمان يەنىلا قۇۋۋەت تالقىنى ئىچىۋاپسەندە خەپ دەيدىغان گىپىنى ئاڭلىسام بەك كۈلىمەندە شۇنداق بىر خىل پەيزى چىققان.
بۇئىلاندىكى فىلىمنىڭ ھەممە قىسمىنى كۆرۈپ بولغان
تورخۇماردا يىڭى تىما كۆرۈنمەيدىغۇ ! !
دورىسىمۇ ياخشىسىنى دوراپتۇ ياخشى !
نىمدا لاۋزا!!!!!
مىنىڭچە ھىلىقى دام دامنىڭ ئېلانىمۇ خىلى بۇپ قۇيدىغان چىراي،، ۋاي ھىلىقى بىر تال دام دام بېرەي دىسە ماشىنننى كۆتىرىپ بېرىدىغان چۇ،،،
بىزنىڭ ئويغۇر ئېلانچىلىقىدا تەبىيېلىك ، چىنلىق يوق. ئارتىسلار شۇنداق بەك ياسالما . ئۇلار رول ئېلىشتىن بۇرۇن نىمىش قىلدىكىنە . ئۈزى ئىشلىمەكچى بولغان ئېلاننىڭ مەھسۇلاتىنى چۇشۇنۈپ رول ئالمامدىغاندۇ، ئارتىسلارنىڭ سەۋيىسى بەك تۆۋەن ئوخشىمامدۇ.