نادىر ئەسەر يارىتىش ئۈچۈن تەسەۋۋۇرلا كۇپايە | خوببېتلار فىلىمىنىڭ ئارقا سەپتىكى ئىشلىنىش جەريانى ۋە كومپيۇتېر CG تېخنىكىسى
كومپيۇتېر CG تېخنىكىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى كىنو–فىلىم ساھەسىگە مىسلىسىز تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. تورخۇماردا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم CG غا دائىر كۆرۈنۈشلەرمۇ بۇنىڭ دەلىلى. كىشىنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىدىغان ھەيۋەت جەڭ مەيدانلىرى، ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل تاغ-دەريالار…
ھۆكۈمران ئۈزۈك فىلىمىنىڭ قىسسىلىرىدىن بىرى بولغان «خوببېتلار: كۈتۈلمىگەن سەپەر» فىلىمى بۇ يىلدىكى ئەڭ كاتتا فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا مەزكۇر فىلىمنىڭ كىرىشتۈرۈلۈش جەريانىدىكى بىر قىسىم CG تېخنىكىلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، فىلىمدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ كۆرۈنۈشلەرنىڭ قانداق قىلىپ ياسالغانلىقى ناھايىتى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. «خوببېتلار: كۈتۈلمىگەن سەپەر» فىلىمى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگودا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلىدۇ. قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ كىنوخانىغا بېرىپ كۆرۈپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
«خوببېتلار: كۈتۈلمىگەن سەپەر» فىلىمىدىكى CG تېخنىكىسى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، تېخنىكا، فانتازىيە، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 24,939 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: vfx-of-the-hobbit.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «ئارخان» يىمەكلىكلىرىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئېلانى | ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىدا ئىسلاھات بولدىمۇ قانداق؟
- كېيىنكى يازما > بىر كىتابنىڭ تەۋەللۇتى | بىر مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بىر پارچە كىتابنىڭ قانداق دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ بېقىڭ
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
دىۋان
قارىسام ھەممىڭلار دىۋان تالىشىدىكەنسىلەر، مەنمۇ ئولتۇرۇپ باقاي قېنى.
مۇبارەك بولسۇن
دىۋاندا ئولتۇرغىنىڭىزغا دەششەت مەرەك بوسۇن ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى بارلىق خەلىق ئاممىسىغا ۋاكالىتەن سەمىمى سالىمىمنى يوللايمە
مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بولۇۇۇسۇۇۇۇۇۇن،مۇبارەك بولسۇن!
ھېي مۇشۇ ئەمرىكىنىڭ كىنولىرىنىڭ ئىشلىنىشى بەك ئالاھىدىكەن ، يىشىل رەڭلىك ئۆيلەرگە كىرىۋېلىپ كىنو دىگەننى ئىشلەۋىرىدىكەن ، مۇشۇ تېخنىكىلارمۇ شىنجاڭ تەرەپلەرگە كەلگەندە بىزلەدىمۇ فانتازىيەلىك ئاجايىپ كىنولار چىقىپ قالا ، لىكىن قاچاندۇ ھېي
ھەي دىۋاننى ماراپ تۇرغىلى خېلى بولدى ، ھېچ نىسىپ بولمايدا !
‹‹2-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگودا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلىدۇ››؟ ھوي بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆرۈپ بولدۇم جۇمۇ….خاتا كۆرۋالمىغاندىمەن سۈزۈكلىكىمۇ ھەرھالدا ياخشى تېخى….كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغان كۆپچىلىك سىلەرمۇ 10 كىنو ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىدىن چۈشۈرۈپ بېقىڭلار.
بۇ كىنونىڭ ئادرېسى مانا: http://10kino.cn/?p=429
ئەڭ قايىل بولدىغان يېرىم چىراق نۇرنى بەك ۋايىغا يەتكۈزۋېتىدۇ بۇ چەتەللىكلە .
بۇ فىلىم چىقىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلنىپ بولدىغۇ دەيمەن؟ ئون كىنو تورىدا تۇراتتى لىكىن سىز 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىلان قىلنىدۇ دەپسىز بۇ قاندا بولغىنى ؟ ياكى بۇ باشقا بىر بۆلىمىمىدۇ يا؟
بەلكىم كىيىنكى بۆلۈمىنى دىمەكچى ئوخشايدۇ .،مىنىڭچە كىيىنكى بۆلۈمى ۋەھشەت قىززىيدىغان چىراي ،.ئاسوگ ئاندىن ئاۋۇ ئالتۇنغا تويمايدىغان ئەژدىرھا ، يەنە بىرمۇنچە مەخلۇقلار بىلەن بىرچاڭ تۇتۇشىدۇ .،…لىكىن مىنىڭ ھىس قىلغىنىم مۇشۇ سىمىگونىڭ چىرايى بۇرۇنقىسىدەك ئوماق چىقمىغاندەكلا بىلىندى .،ئازىراق ئۆزگەرتىپ قويغان چىراي .،.قارىغاندا مودىلىنى يېڭى ياسىغان ئوخشايدۇ .،…
2-ئاينىڭ 22-كۈنى دۆلىتىمىز كىنوخانىلىرىدا قويۇلىدۇ دېمەكچى.
ئا ئو …
شۇنى دەيمە، قايسى كۈنى كۆرۈۋاتىمەن دەۋاتاتتى باللا. دىمەك چەتئەللەردە قويۇلۇپ بولغان، ماۋۇ بىچارە دۆلىتىمىزدە ئەمدى قويۇلىدۇ دىمەكچىكەندە.
ھە راست باللا، بۇ كىنو ھۆكۈمران ئۈزۈكنىڭ ئاخىرىما؟ مەن تېخى باشقا كىنو ئوخشايدۇ دەپ دىققەت قىلماپتىمەن. قارىغاندا كۆرمەي بولمىغۇدەك.
مەن 10 كىنو بلوگىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى چۈشۈرۈپ بولغان ئىدىم، يېرىمىنى كۆرۈپ قويغانچە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئاخىرىنى كۆرۈشكە ۋاقىت چىقمايدىغۇ ھىچ …..
قايسى كۈنى مۇشۇ كىنونى تورخۇماردىن چۈشۈرۈپ كۆگەنتىم، خېلى پېچەت ئىشلەپ قويغان فىلىمكە، ئەمما ما سىننى كۆرۈپ تېخىمۇ قايىل بولدۇم بۇ ئەجنەبىليەرگە..
فرودو بايۋەچچە ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىمۇ ئەمەس بۇ ۋاقتتا ھە
تەييار يېزىپ بەرگەننى كۆرۈش بەكرەك خوشياقىدىكەن
تەدبىركار،بولسا مۇشۇ كىنونىڭ يازغۇچىسى توغرىسىدا بىر تىما يېزىڭە،ئۆزۈملا يازاي دىسەم خوشياقمىدى