ئالما تۆۋەن باھالىق iPhone چىقارماقچىمۇ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ رىۋايەتلەردىكى iPhone mini نىڭ ئۇقۇم لايىھەسىمىش!
يېقىندىن بۇيان، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەپقاچتى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى يىل ئاخىرىدا جۇڭگو بازىرىغا قارىتا تۆۋەن باھالىق iPhone بازارغا سالماقچىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ قانچىلىك راست ياكى يالغانلىقىنى شۇ ۋاقتىدا بىلىمىز. قارىغاندا ئالما شىركىتى iPad mini نىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان بولسا كېرەك؟
بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈپ ئۆتىدىغىنىمىز، دەل يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئەرزان باھالىق iPhone، يەنى رىۋايەتلەردىكى iPhone mini نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى. بۇ قېتىملىق ئۇقۇم لايىھەسىنى Martin Hajek ئىسىملىك لايىھەلىگۈچى لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇ رەسىملەرنىڭ رەڭلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئاتالمىش تۆۋەن باھالىق iPhone سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە باشقا ئېلىمېنتلار جەھەتتىن iPhone 5 كە خېلىلا ئوخشىشىدىكەن، پەقەت ئېكرانلا 3.5 ديۇمغا كىچىكلەپتۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، كەلگۈسى، لايىھە، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,249 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-mini-conceptual-design.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۇماق رەسىملەرگە قاراپ كىنو نامىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟ كىنوخۇمارلاردىن زېھىن سىناش (1)
- كېيىنكى يازما > ئەمدى تېز سىزمىنىمۇ كۆزەينەك تاقاپ كۆرەمدۇق نېمە؟! ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە سىزىلغان 3D تېز سىزمىلار!(2)
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
دىۋان
دىۋانغا ئەگەشكىلى بولامدا؟
بۇ ئالما شىركىتىدىكىلەر نىمىش قىلىدىغاندۇ دەيمەن، ئېكران دېگەن يوغانراق قىلسا ھېچ بولمىسا 4.7 دىيوملۇق بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا تېخىمۇ كېچىكلەپ كېتىۋاتامدۇ نېمە، بۇنداق بولسا ھېچكىم ئالمايدۇ،
پىشايۋان
مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم ipod 4 شۇنداق كىچىك شۇنداق نىپىز ، مۇشۇنداق تېلىفۇن ئىشلەپچىقارسا چۇقۇم ئالاتتىم …
ماۋۇ دىۋانغا چىقىۋالغىنى چۇقۇم ، تورخۇمار ئۆزى يېزىپلا دىۋانغا چىقىۋالغان گەپ …..
ھې ھې
بىزمۇ بىرەر قېتىم دىۋاننىڭ تەمىنى تېتىپ باقىلى !
ئەگەر مۇشۇنداق يانفۇن ئىشلەپ چىقارسا، ئالمىغا ھەۋەس قىلىدىغان تاغ تۇرا يانغۇن ئىستىمالچىلىرى ئۈچۈن زور خوش خەۋەر بولىدۇ. ئەمما مېنىڭ ھەۋەس قىلىدىغىنىم يەنىلا سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى يانفۇنلىرى…
سۇپىتى قانداراق چىقار بۇنىڭ ..
مىنىڭچە بۇ خەۋەر بىر كوچا پاراڭلىرى
ئالمىنىڭ چوڭلىرى سېتىلىپ تۈگەپ تۈۋىدىكى تەمسىز غورىللىرى دەك تۇرىدۇ جۇمۇ
مېنىڭچە ئالما شىركىتى شۇنداق تېلفۇن ئىشلىشىمۇ مۇمكىن! لىكىن كۆز بىلەن كۆرمەي توردىكى سۈرەتلەرگە بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ جۇما!
ئىشقىلىپ جوبز ھايات بولغان بولسا تېم كۇك دېگەن ئاداشنى ئاللىقاچان ئىشتىن بوشىتىپ، ئاخشىمى مەست بولىۋىلىپ، قوغلاپ يۈرۈپ ئۇراتتى مۇشۇ كۈنلەردە…
ماۋۇ ئىنكاسقا ئەگەشتىم.
بۇ خىلدىكىىسى راسلا 3.5ديوم ئېشلەپ چىقىرىلسا ياخشى بوپتۇ ھازىرقى ئېشلىتۋاتقىنىم ئېقتىدارىنى دىمىسەم كىلەڭسىز ئېدى، بازارغا سىلنىشى ھامان ئالماشتۇرمىسام خەپ
تىلىفۇن كىچىگىرەك بولغىنى ياخشىمىكىن ، مۇشۇنى ئىشلەپ قالسا بازىرى چىقىپ قالدىغان چىراي ..
ساراڭ بوپتۇ بۇخەق جۇما ھەي。
,
مىش مىش پاراڭلار كۆپىيىپ كېتىپ باردۇ جۇمۇ