نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نادىر لايىھەلەر > يازما مەزمۇنى

ئەمدى تېز سىزمىنىمۇ كۆزەينەك تاقاپ كۆرەمدۇق نېمە؟! ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە سىزىلغان 3D تېز سىزمىلار!(2)

ئىلگىرى يوللانغان «ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە سىزىلغان 3D تېز سىزمىلار!» ناملىق يازما ۋە يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان ياپونىيىلىك ياش سەنئەتكار Nagai Hideyuki نىڭ ئەسەرلىرى ھېلىمۇ ئىسىڭىزدىغۇ دەيمەن. ئاددىغىنە بىر ۋاراق قەغەز ۋە قېرىنداش بىلەن ئاددى بولمىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتالايدىغان بۇنداق تالانتلىق ياشلار چەتئەللەردە كۆپ بولسا كېرەك. بۈگۈنمۇ گوللاندىيەلىك سەنئەتكار Ramon Bruin نىڭ بىر يۈرۈش 3D ئەسەرلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇندۇق.

3d resim

Ramon Bruin بولسا گوللاندىيەلىك ئىستىداتلىق سەنئەتكار.  قېرىنداش ۋە قەغەز ئارقىلىق ئۆزگىچە سىتىرولۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۇنىڭ ئۇسلۇبى. بۇ سەنئەت ئەسەرلىرىدە گاھى ئاجايىپ قۇرۇلۇشلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھەتتا ھەرخىل ھايۋاناتلارمۇ ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ئالاھىدە نۇقتىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۈزەتكەندە، ئۆزىڭىزنىڭ كۆرۈش سېزىمىڭىزدىن گۇمانلىنىومۇ قالىسىز. ئۇنىڭدىن سىرت يانداش پېرسۇناژ بولغان قېرىنداش ۋە قوللارنىڭ ياردىمىدە بۇ رەسىملەرگە تېخىمۇ جان كىرگەندەك تۇيۇلىدۇ.

1358508097725

1358508097507

1358508097762

1358508098386

1358508097209

1358508096508

1358508098474

1358508098534

1358508096280



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نەمۇنە 2013.01.24 , 16:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان:idea:

    • ئايشەم تورى 2013.01.25 , 11:57

      دىۋان تەگمەيدىغانلا بوپ كەتتىغۇ ئەمدىلەتتىن :lol:

  2. نەمۇنە 2013.01.24 , 16:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    .بەك چىرايلىق سىزىپتۇ:oops::se:

  3. نەمۇنە 2013.01.24 , 16:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزمۇ تېما يوللىساق بۇلىتى .管理员.بولساق بۇلامدا ئۇنىڭ ئۈچۈن

  4. موللاخۇن 2013.01.24 , 16:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تالانتلقلار ئاز ئەمەس جۇمۇ !

  5. قارا ھەرە 2013.01.24 , 19:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قەلەم دىگەننى ئوينۇتۇپ قويدىكەندە ئەمما:mrgreen:

  6. ئەركە 2013.01.24 , 20:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى بوينىدىنلا ئۈزۈپ ئەكىلىپ كاللامنى يېنىمغا ئېلىپ قويۇپ ئاۋۇ كاللىنى بىر سائەت بوينۇمغا تىكىپ قويۇپ باقسام دەيمەن ….

  7. ئاتلان 2013.01.24 , 20:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت سىزىپ قويىدىكەن جۇما، بۇ خەخلەرنىڭ كاللىسىغا نەدىن كېلىدىغاندۇ بۇنداق تەسەۋۋۇر تەپەككۇرلار..

  8. شىنجاڭ دىتاللار بىلوگى 2013.01.24 , 21:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيەدە سىزىلغان رەسىملەركەن!

  9. سادا425 2013.01.24 , 22:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەيزى ھە دوسلار! تالانت دىگەن شۇ.

  10. ئەينەك 2013.01.24 , 22:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ خەقنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى نېمانداق كۈچلۈكتۇ دەپ ھەيران قالىمەن، ھەقىقەتەن ئېسىل سىزمىلاركەن …

  11. ەزھەر 2013.01.24 , 23:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :roll: قالتىس رەسىملەكەن…

  12. ۋاقتىم 2013.01.25 , 00:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر دېگەن بار يەردە باردە بۇ خەقتە….:cool:

  13. بورە 2013.01.25 , 01:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەركىن دۇنيادا ياشايدىغانلارنىڭ پىكىر قىلىشىمۇ ئەركىن بۇلىدۇ شۇنداق بولغاندىكىن بۇلارنىڭ كاللىسى تەسسەۋۇر كۇچىگىمۇ باي

  14. كۇسەن 2013.01.25 , 11:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تالان دىەەن بايەدە بادە

  15. قاراخان 2013.01.25 , 12:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جۇڭگودىنمۇ بىرخەن يولداش چىقتىغۇ مۇشۇنداق رەسىم سىزدىغاندىن.

  16. سەھرالىق 2013.01.29 , 18:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلار ئالدىنقى قېتىمقىسىغا يەتمەيدىكەن:oops:رەسسام دېگەننىڭغۇ ھەممىسى ئالدامچى!

  17. ئابدۇۋەلى 2013.02.17 , 13:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھوي سەھرالىق بۇنىمە دىگىنىڭىز بۈگۈن دىۋان تەگمىگەن ئوخشىمامدا:mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量