بالا تۇغۇش تەجرىبىسى؟ گوللاندىيەلىك ئەر رىياسەتچى «بالا تۇغۇش ئاغرىق ئازابى» تەجرىبىسىگە قاتنىشىپ تويۇپ كېتىپتۇ
تىبابەت ساھەسىدە ئاغرىق ئازابى 12 دەرىجىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئەڭ قاتتىق ئاغرىق ئازابى ئاياللارنىڭ بوشانغان چاغدىكى ئاغرىق ئازابى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئاغرىقنىمۇ ئەلۋەتتە پەقەت شۇ يەڭگىگەن ئاياللارلا بىلىشى مۇمكىن. يېقىندا، ئىككى نەپەر گوللاندىيەلىك ئەر بىر تۈرلۈك تەقلىدىي تۇغۇت ئاغرىقى تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ يەڭگىگەن چاغدا زادى قانچىلىك ئاغرىق ئازابى تارتىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان…
ئەمما ئىككى سائەت بولا بولمايلا، بۇ ئىككىيلەن خىزمەتچى خادىملاردىن تەجرىبە ئۈسكۈنىسىنى تاقىۋېتىشنى ئۆتۈنۈشكە مەجبۇر بولغان. قارىغاندا دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق ئاغرىق ئازابى ھەقىقەتەن بالا تۇغۇش بولسا كېرەك؟ بۇ يەردە ئۇلۇغ ئانىلارغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
Dennis Storm ۋە Valerio Zeno ئىسىملىك ئىككى تەلۋە رىياسەتچى، ئىلگىرى قىلىپ باققان ئەڭ مەشھۇر ئىشنىڭ بىرى بولسا: 2011-يىلى، ئىككىيلەن ھۆسىن تۈزەش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ساغرىسىدىن بىر بۆلەك گۆشنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، گۆشنى قاينىتىشنى تارتىپ بىر-بىرىسنىڭ ساغرا گۆشىنى يېگۈچە بولغان پۈتۈن جەرياننى تېلىۋېزوردا نەقمەيداندا ئۇلاپ تارقاتقان. شۇ چاغدا بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككى ھاماقەت رىياسەتچى يەنە بىر تەلۋىلەرچە تەجرىبىنى ئېلىپ بارماقچى بولغان.
ئىككىيلەننىڭ نەزىرىدە، سىرتقى دۇنيا پەقەت ئاياللارنىڭ يەڭگىش جەريانىدا ئازابىغا ھېسداشلىق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىپادىلەشكە يەتمەيدۇ دەپ قارىغان، شۇ سەۋەپتىن، ئىككىيلەن بىر قېتىم بۇ ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشنى قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ بالىيۇتقۇسى بولمىغاچ، «بالا تۇغۇش» مەقسىدىگە يېتەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئۇسۇلنى، يەنى قورساققا ئىككى دانە ئىلىكت قۇتۇبىنى قويۇپ، بۇ ئارقىلىق تەقلىدي ھالدا قورساق قىسمىنى كۈچلۈك غىدىقلاش ۋە بالىياتقۇ تارىيىش جەريانىدىكى ئاغرىق ئازابىنى تارتىپ باقماقچى بولغان. پۈتكۈل تەجرىبە ئىككى سائەت داۋاملاشقان، بۇ ئىككى يىگىت توختىماي ۋاقىراپ تولغىلىشىپ بولالمايلا قالغان.
تەقلىدىي بالا تۇغۇش ئازابى تەجرىبىسى جەريانى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، تەجرىبە، داۋالىنىش، قىزلار
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,530 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: agony-of-giving-birth.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالما ئىمپىرىيەسىدىكى سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار
- كېيىنكى يازما > تورخۇمار كەچلىك خەۋەرلىرى – دۇنيادىكى بىز دىققەت قىلمايدىغان ھېلىقى كىچىك ھەقىقەتلەر(1)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
توۋا…….
ئانا بولماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن ! جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستا دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ، ئانا رازى ئاللا رازى ! مىھرىبان ئانامغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن !
ئەگەشتىم.
يەڭگىمەك شۇنچىلىك تەسكەنكى ئاغرىققا چىداپ بولغىلى بولمايدىكەن دەپ ئاڭلىدىم ، لىكىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ ئاغرىق بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئۇنتۇلۇپلا كىتىدىكەن ….
باىغا قارىمىسا تېخى ، ئىرىنىڭ كىرىنى يۇمىسا تېخى ، ئۆي تازلاپ پاكىز تۇتمىسا تېخى ، تاماقنى ۋاقتىدا ئەتمىسە تېخى ، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرمىسە تېخى ، ھەممىدىن ئانا بولماق تەس ، شۇڭا دەيدىغۇ ئايال كىشى ئىرىنى رازى قىلىپ ئاللاھنىڭ پەرىزلىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان بولسا جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكىدىن كىرسە بولىدۇ دەپ…..
ئىشىنى قىلىشىپ بەرمىسىمۇ مەيلى ، ئۇنى قىلماپسە ، بۇنى جايىغا قويماپسە دەپ ئازار بەرمىگۈلۈك ، بۇغداي نېنىڭ بولمىسىغۇ مەيلى بۇغداي سۆزۈڭمۇ يوقما ؟؟؟؟
سۆلەپلا كەتتىمغۇ تاڭ ….. ئىشقىلىپ ئانا بولماق ئاسان ئەمەس قېرىنداشلار … قەدىرلەڭلار ئانىلارنى ….
ۋوي ۋوي گىپىڭىزدىن قارىغاندا سىزمۇ شۇنداق ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ بىرسى ئىكەنسىز ھە ھۆرقىز ھەدە !مەندىن چوڭ ئوخشايسىز قالىسام … ھە راس تورخۇماردا ئوينايدىغىنىڭىزنى يولدىشىڭىز ئۇقامدا؟ ئىككىڭلا تەڭ ئوينامسىلە يا؟ تازا ئۇيان قېپىكەنسىز ئۇندا بوسا … ھې ھې … بالىڭىز خەت باسقىدەك بولغاندا ئۇنىمۇ ئېكىلىڭە ، بىللە ئوينايمىز خې خې
توۋا ئابومجان نىمە دەپ يۇرۇيسىز بىرە ھەپتە بولدى تېمىدىن چەتنەپلا كىتۋاتىسىز
ئاپلا ، ئەسكەرتكىنىڭزگە رەخمەت ، كۇسەنجان، مەن قايلىساممۇ خېلى چەتنەپ كىتىپتۇ ، ھەجېپ نۇمۇس قىپكەتتىم ~~ھۆر قىز مەن سەل جۆيلۈپ قاپتىمە ، كۆڭلۈڭىزگە كەلگۈدەك گەپ قىپ قاغان بوسام پەقەتلا خاپومماڭ بۇلامدا، مەن بەك دىققەت قىلاي بۇندىن كىيىن ~~
ئابومجان، نىمە دىسەم بولا …. سۆزلىرىمنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ….. ساقىيىپ كىتىسىز ھە ….ئاللاھ شىپالىق بەسۇن …
يادىڭىزغا كەسىلا ھەدە دىۋامماڭ ئابووووومجوووون…. سىزنى مەن تونىۋاسام ، تېخىچە مىنى تۇنامماي يۈردىڭىزما ؟
ئالە شەنى ما ئىشىنى كۆرۈڭ ئەمدى … مىنى تۇنۇيسىز دەڭا ، ما يۈزۈمنى نەگە قۇيارمەن ئەمدى ، ۋوي سىز كىم بوغايتىڭىز ئەمدى ، ئازراق ئەسكەرتىش بەسىڭىز ئەپۇ سورىۋاسام بوپتىكە ھې ھې …
ئەگەشتىم.
ئابومجانغا ئەگەشتىم جۇما، يەنە خاتا چۈشەنمەڭلا
كاللىسىنىڭ سۈيى باكەن مالانىڭ، قىلىدىغانغا ئىش تاپالمىغاندەك بىر-بىرىىنىڭ ساغرىسىنى پىشۇرۇپ يەپ، يەنە تېخى بالا تۇغۇشنىمۇ تەجرىبە قىپ…. توۋا دىمىسە بىكا دە
قىپقىزىل ساراڭ…
ئوغۇلبالنىڭ يۇززۇنى تۇكۇپ بالا تۇغۇپ يۇگۇننى
بالا تۇغۇشنى سىز يۈزى تۆكۈلىدىغان ئىش دەپ ئويلامسىز؟ مەقسىتىڭىز توغرا، لېكىن گەپ – سۆز ئىشلەتكەندە بەكرەك دېققەت قىلارسىز… شۈكرى دەڭ، ئاللا تائالا بالا تۇغۇشنى ئەرلەرگە سېلىپ قويماپتىكەن ھەرنېمە بولسا… ئەر كىشىلەرنىڭ بىر ئۆمۈر تارتىدىغان جاپاسىنىڭ تەمىنى ئاياللار مۇشۇ بوشىنىش ئازابىدىلا تارتىپ تۈگىتەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئازاپلار ئاياللارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ تېخى. ئەرلەر ئۇنداق ئاياللار مۇنداق دەيدىغان گەپ يوق، ئاياللار شۇ يەڭگىش جەريانىدا ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان مەزگىلدە، بىچارە ئەرلىرىمىزمۇ نەچچە يىللىق يۈرەك ئازابىنى شۇ چاغدىكى مەنزىرىگە قاراپ تارتىۋالىدىغان ئىشكەن… نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان ئايالى ئۇنداق ئازاپ تارتىۋاتقاندا، ئازاپلانماي مۇمكىنمۇ. دۇنيا گۈزەل، پەقەت شۇنداق ئازاپلىرى ۋە ئەسلىمىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن…
ما ئىنكاسقا ئۇيغۇرچە: بولدىلا… خەنسوچە: 无语 ئىنگىلىزچە: speechless …..
بىچچارە كۈسەنجان مۇنداقلا دەپ قويغان بولغىيتى… تويغۇزۇپتۇ..
بىر گەپ بولسىلا «تويغۇزۇپتۇ» «گەپ قىلغانغا ئۇنداق قىلىۋىتىپتۇ مۇنداق قىلىۋىتىپتۇ» دەيدىغان گەپما بەختىم بۇرادەر…
تور يۈزىدىكى گەپلەر مەلۇم بىر ئىنكاس ياكى تېمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كۆپچىلىك ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىدىغان ئىش، ئۇنى مىڭلىغان ھەتتا تۈمەنلىگەن ئادەم ئولتۇرۇپ كۆرىدۇ ياكى تەھلىل قىلىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. بىلىم ئىگەللەيدىغان ئىش بۇ. كۈسەنجاننىڭمۇ بەلكىم بىر ئاساسى بۇلىشى مۇمكىن، لېكىن مۇنازىرە قىلىشنى خالىمايمەن دەپتۇ، شۇڭا مەنمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمىدىم.
فىلىم ئۆچۈرىلدىما ؟ چىقمايدا !
شۇڭا ئاياللار ئائىلىسىنىڭ يولدىشىنىڭ قانداق خىزمىتىنى قىلسا كاتتا ساۋاپلار بار . ئەگەر باش تارتسىچۇ ئەلۋەتتە قارشىسىچە!
مىنى قىز بالا قىلىپ قويمىغان خۇداھىمغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى ..،..
يو………..تۇغۇپ باقمىسىڭىز مۇ تۇغقاندەك بوپسىز دە………ۋەتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتت
سىزنىڭ كاللىڭىز ناھايىتى ئاددى بولسا كېرەك كۈسەن ئەپەندى ،مەنچە بۇ ئەرلەرنىڭ يۈزىنى تۆكۈش دەپ قارىمايمەن .ئىسنىڭ ئاچىىقىنى مورا بىلەر دېگەندەك ،ئانىلارنىڭ ئاياللارنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىىلىپ بېقىپتۇ .
سىزنىڭچە چۇقۇم شۇنداق قىلىش زۆرۈرمىكەن؟شۇخىل ئاغرىقنى ھېس قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم شۇنى دوراپ بېقىش كېركمۇ ….؟ مەن بەزىدە بۇ پەرەڭلەرگە راستىنلا ھەيران قالىمەن.
مېنىڭچە ھەرقانداق نەرسە چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك…
مەن دەيدىغان گەپنى بالقان دىۋېتىپتۇ مىنىڭ بۇ ھەقتە مۇنازىرە يۇرگۇزگۇم يوق …..
قىلمايدىغان ئىشى يوق نىمىلەكەن بۇ …
تورخۇمارغا يەنە بىر يازغۇچى كەپتۇدە نامسىز دەپ، تورخۇماركا ما تورخۇمارنىڭ يازغۇچىلىرىنى بىزگە بىر تونۇشتۇرۋەتكەن بولسىڭىز بەك ئوبدان بولاتتى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئاپتور ھېچقانداق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان چوڭ سۈپەت كىشىمىش… دىگەن گەپنى كۆرمىدىڭىزما ؟
ئو، مەن راسلا دىققەت قىلماپتىمە،
ھېشقانداق ئۇچۇرىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغانلار چوڭ سۈپەت كىشى بولىدىكەندە، ما بولىدىغان گەپكە
ئابومجووووووووووووووووووووون بىكامىتىلە ؟
بىكاتىم لوبوجان ، تورخۇماغا كۈنەپ قالدۇققۇ ، تورخۇماردىن چىقماي دىۋان تالىشىپ ياتقىلى خېلى زامان بولدى … ھەي ئاداش بەك رەخمەت جۇما ، تورخۇمارنى سىلى ماڭا تونۇشتۇغانغۇ دەيمە …
يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ. باللا بىر قاراپ تۇنۇپ قالىدىكەنغىۇي. تورخۇمادىن سېلىلا چاڭ چېقىرىپ ئوينىغىلى تۇرۇپسىلە مانا .
مەنىۋىيىتى تويۇنمىغانلار شۇنداق ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ باقارمىش…
ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئازابىنى ھېس قىلىپ بېقىشتىن بۇرۇنقى ئىشلىرىغا قارىغاندا مۇنۇ ئىككى رەپرەپ رىياسەتچىمۇ شۇنداق مەنىۋىيىتى تويۇنالمىغان پۈچەك كاللىلاردىن ئوخشايدۇ
مەنىۋىيەت تويۇنۇش دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇد ئەمەس، ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى تۇيۇنغان چاغدا ئەسەبىيلىشىش، يالغۇزلۇق ھېس قىلىش، ئۆز ئۆزىگە جۆيلۈش، چۈشكۈنلىشىش ۋە باشقا بىر قاتار ئىشلار ئادەمنىڭ مەنىۋىيەت جەھەتتىكى باشقا ھەرخىل ئېھتىياجىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ياكى ئەسلى بار بولغان مەنىۋىيەت تۇيۇنۇشلىرىنى بىر قۇرۇق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ، يەنە مەنىۋىي ئىنتىلىشقا قاراپ يۈزلەندۈرىدۇ. بۇلارنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى تۇيۇنۇشلىرىنى بىز بىلەن ئەسلا سىلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە شارائىتى بىزدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. ئۇلاردا پەقەت مۇقەددەس ئىتىقاد ۋە شۈكرى قىلىش ئىدىيىسى كەمچىل، شۇڭا مۇشۇ خىل بىمەنە ئىشلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېخىمۇ غەلىتە بولغان مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ماددىي ئېھتىياجى قانغان ۋاقىتتا ئاندىن مەنىۋىي ئېھتىياجنى ئىزدەيدۇ. ئادەمدە ماددىي ئېھتىياج قانماي تۇرۇپ، مەنىۋىي ئېھتىياجدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمىز، ئەمەلىيەتتە ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولىنىۋاتقان خىيال ۋە باشقا ئارزۇ – ئارمانلارنى مەنىۋىيەت جەھەتتىن يىراق دېسەك ئەسلا خاتالاشقان بولىمىز.
خەتمەمنى قىلدىغان چاغدا مەنمۇ ئاز جاپا تارىتمىغان …..