تورخۇمار كەچلىك خەۋەرلىرى – دۇنيادىكى بىز دىققەت قىلمايدىغان ھېلىقى كىچىك ھەقىقەتلەر(1)
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن تورخۇماردىن ئۆلمىگىنىڭ دەپ، دۇنيادا يەنىلا قىززىق ئىشلار كۆپ. ئەمما دائىم چوڭ ئىشلار بىلەن ئالدىراش بىزلەر بۇنداق كىچىك ئىشلارغا پەرۋا قىلمايمىز. ئەمىلىيەتتە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بۇ كۆپۈنچە خەۋەرلەر يەنىلا كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ. تۆۋەندە تورخۇمارلارغا بىرقانچە قىسقا ساۋاتلاردىن سۆزلەپ ئۆتەي.
تورخۇمار قىسقا خەۋەرلىرى
↑ 1895-يىلى ئامېرىكا ئوھايو شىتاتى بويىچە پەقەت ئىككىلا رەسمى ھەيدىگىلى بولىدىغان ماشىنا بار ئىدى. ئاقىۋەت بۇ ئىككى ماشىنا ئويلىمىغان يەردىن ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كەتكەن.
↑ ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ قارىشىچە سەككىز ئاياقتەك بۇنداق ئەقىللىق ھايۋاننى ئەسلى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار قاتارىدا «ھايۋاناتلارنى قوغداش قانۇنى»غا كىرگۈزۈش كېرەك ئىكەن. (بۇ گەپچە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار بۇ قانۇن دائىرىسىگە كىرمەمدۇ قانداق؟)
↑ قانتاش قائېدىسىگە خىلاپلىق قىسلىسڭىز مۇكاپاتقا جەرىمانە تالونىدىن بىرنى ئالىسىز. ئەمما كانادادا ياخشى ئىش قىلسىڭىزمۇ بىر دانە تالونغا ئېرىشىسىز. ئەلۋەتتە بۇ جەرىمانە تولونىنىڭ ئەكىسچە بولىدۇ.
↑ Match.com (ئامىۋى ئالاقە تور بېكىتى) نىڭ قۇرغۇچىسى Gary Kremen نىڭ قىز دوستى، Match.com تا تونۇشقان بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغان.
↑ Air Jordan ماركىلىق تەنتەربىيە ئايىقى دەسلەپ بازارغا سېلىنغاندا NBA دا چەكلەنگەن(مەزكۇر ئاياق ئاساسى قىزىل رەڭگە قارا رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، NBA كومىتىدكىلەر بەكلا روشەن دەپ قارىغاچ چەكلىگەن). ئەمما Jordan يەنىلا بۇ ئاياقنى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋەرگەن. چۈنكى NIKE تەرەپ Jordan ئۈچۈن ھەر-بىر مەيدان مۇسابىقە جەرىمانىسىنى تۆلەشكە رازى بولغان. قوشۇمچە: بىر مەزگىللەر NBA دا ھەتتا گارغا ئېسىلىپ توپ سېلىش 扣篮 قىلىشمۇ چەكلەنگەن
↑ ھەر يىلى ئادەم ئالداش بايرىمىدا قىززىق بولسۇن ئۈچۈن ئەتىراپىمىزدىكىلەرگە بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلىپ قويىمىز. ئەمما ئىلگىرى مەلۇم بىرەيلەن چەكتىن ئاشقان چاقچاقتىن بىرنى قىلغان. يەنى نەچچە يۈزلىگە بالونلارنى يانارتاغ ئېغىزىغا يىغىپ كۆيدۈرش ئارقىلىق كىشىلەرنى يانار تاغ پارتلايدىغان بولدى دىگەن ئەندىشىگە سالغان.
↑ Ryan Gosling (كىنو ئارتىسى) ئالتە ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم «بىر تامچە قان» فىلىمىنى كۆرگەن ۋە ئەتىسى مەكتەپكە گۆش توغىرايدىغان قاسساپ پىچىقىدىن بىرنى ئېلىپ بارغان. ھەتتا ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ئۇچار پىچاق ئويىنى ئويناشقا ئۇرۇنغان.
↑ بىلەمسىزكىن، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئادەتتە شاۋقۇن سۇرەننى بىر تەرەپ قىلىش قىسىمى ئارقىلىق ئەر كىشىنىڭ ئاۋازىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ ئاۋازى بولسا چوڭ مېڭىنىڭ مۇزىكا سېزىمى قىسىمى تەرىپىدىن زەڭ قويۇپ ئاڭلىنىلىدۇ.
↑ مەلۇم بىر كىشى سىتىرولۇق كۆرۈش سېزىمى ئەمالىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ 67 يىلدىن كېيىن، 3D كۆزەينىكى تاقاپ كىنو كۆرۈش سەۋەبلىك ساقىيىپ كەتكەن(بۇر خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار بوشلۇق ھەجىمىنى ھېس قىلالمايدىكەنمىش).
↑ ئالىملار غول ھۆجەيرە ئارقىلىق چوشقا گۆشى يىتىلدۈرەلەيدىكەن ….
↑ ئەسلى غەلىتە مەخلۇق شرېكنىڭ ئاۋازىنى Chris Farley بەرگەن. ھەتتا 80-90% تاماملاپ بولغان. لېكىن ئولىمىغان يەردىن بۇ ئاداش گەل ئاغىرىق دورىسىنى ھەددىدىن كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبلىك بۇ رولنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.
↑ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تەرجىمە گۇرۇپپىسى باشلىقى Ioannis Ikonomou ھەقىقەتەن 32 خىل تىلدا بىمالال سۆھبەت ئىلىپ بارالايدۇ.
↑ ئەگەركى ئۇنىڭ دادىسى قارارىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسا، دۇنياغا داڭلىق ئېمپراتور ئادولىف گىتلېرنى «Adolf Schicklgruber» دەپ ئاتىغان بولاتتۇق.
↑ «مەلىكە بىلەن پاقا» قويۇلغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 50 چە بالا پاقىنى سۆيۈش سەۋەب سالمونېللا باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملنىپ دورختۇرخانىدا ياتقان.
↑ ئادەتتە قىش كۈنلىرى كىنو سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ياز پەسلىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە توغىرا كىلىپ قالسا، ئارتىسلار مۇز پارچىلىرىنى شۈمەش ئارقىلىق، ئاغىزدىن چىققان ئىسسىق ھاۋانىڭ سىرتتىكى سوغۇق تىمپىراتۇرا بىلەن ئۇچۇرۇشقاندا ھور چىقىپ چىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: جەمئىيەت، خەۋەر، ساۋات، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: biz-bilmigan-kichik-heqiqetler-1.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بالا تۇغۇش تەجرىبىسى؟ گوللاندىيەلىك ئەر رىياسەتچى «بالا تۇغۇش ئاغرىق ئازابى» تەجرىبىسىگە قاتنىشىپ تويۇپ كېتىپتۇ
- كېيىنكى يازما > تورخۇمار كەچلىك خەۋەرلىرى – دۇنيادىكى بىز دىققەت قىلمايدىغان ھېلىقى كىچىك ھەقىقەتلەر(2)
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 3
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- SpaceX Grasshopper راكېتاسى ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يەنە يېڭىلاپتۇ
- 10 مىنۇتلۇق ناخشا & كارتون كىرىشتۈرۈلمە | ئۆزبېكچە كۈيلەر كارتون ئوبرازلار ئارىسىدا مودا بولغاندا…
- [بىلىۋېلىڭ] پاسپورت ۋە ۋىزا دېگەن نېمە؟ پاسپورت بىلەن ۋىزىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كىيمەي تېشىغا كىيىۋالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- سۇ ئۈزۈۋاتقان زىراپىنى سىز چوقۇم كۆرگەن، ئەمما سۇغا سەكرەشنى بىلىدىغان زىراپىنى كۆرگەن دەپ جەزم قىلالامسىز؟!
- بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
دىۋان دىگەن مۇشىما …..
ئىشەنگۈڭىز كەلمەيۋېتىپتۇدە
شۇ شۇ دىۋان دىۋان دىسە نىمىسىنى دەيدىغان دۇ دىسەم . مەن مۇ جىددىلىشىپ كەتتىم دىسە
كىچىك تۇرۇپ ئۈستىگە چىقىۋاغان دىكىن
سىزگە دىۋانغا ئېرىشىش نىماندا ئاسان ، كېيىنكى نەۋىتىڭىزنى 5 موچەنگە سېتىپ بىرىڭ ماڭا ماقما؟
بىز دىققەت قىلمايدىغان كىچىك ھەقىقەتلەر كۆپكەن جۇمۇ……
تورخۇمارغا كىرىپ تۇنجى قېتىم تىمىنى تۇلۇق كۈرۈپ بۇلاپ ئىنكاس يېزىشىم دىسە ، ھەقىقەتەن ماختاشقا تىگىشلىك .
ئەسلى بايا قالىسام ئەدەم يوقتى ، شۇندا بوسىمۇ چىداپ ئولتۇرۇپ تىمىنى ئۇقۇپ بولۇپ قالىسام ئىككىسى ئۈنۈپ بوپتا ، بۇنداق دىۋانخورلا مىشەدىلا بامىكى دەيمە ،
بۇمۇ بىر تورخۇمارنىڭ ئالاھىدىلىكىدە
يالغاننىمۇ قاملاشتۇرالمىغان! نەدە ئۇنداق ھىچكىم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ قارىسا ئىنكاسچىلار كۆرۈنىدىغان ئىش بار؟ بەتنى يېڭىلىغاندا ئاندىن كۆرۈنمەمدا؟
ۋاي ئاكوووو راس گەپ دەيمە … ئەمدى بۇ ئىيەنى بېسىپ ئۇقۇدۇم ، مىيەنى بېسىپ بەت يېڭىلاپ ئولتادىم دىسەم خۇماداشلا زاڭلىق قىممىغاي دەپ بەت يېڭىلسام دىگەن يەرنى قىسقارتىپ قويسام نەق شۇيەدىن تۇتۇۋاپلا ، ئادۋۇكات بوسىللىرى بەك ماس كىلتىكەنتۇق سىلىگە ئەسلى
ئەمما ئاياللارنىڭ ئاۋازى بولسا چوڭ مېڭىنىڭ مۇزىكا سېزىمى قىسىمى تەرىپىدىن زەڭ قويۇپ ئاڭلىنىلىدۇ
توۋا ما گەپنى 6 قېتىم ئۇقۇپمۇ پەقەت چۈشىنەممىدىم
چۈشەنگەنلە زاغرانان تىلىدا چۈشەندۈرۈپ قۇيۇڭلا
چوڭ مېڭىنىڭ ئەرلەرنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاياللارنىڭ ئاۋازىغا بولغان ئىنكاسى ئوخشىماسمىش!!!
ھىم چۈشەنگەندەك بولدۇم ، ئەرلەرنىڭ ئاۋازىنى ئەسكى تۈسكە شاۋقۇننىڭ ئورنىدا بىر تەرەپ قىلىدا ، ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى مۇزىكىغا ئوخشىتىپ بىر تەرەپ قىلىدا دىگەن گەپكەندە …
ما گەپكە ئىشەندىم ، بىژ گەپ دەپ بىرەي :
تۇلۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا بىزنىڭ ئۆيگە بىر قىز خاتا تېلفۇن قىپتىكەن ، تېلفۇننى مەن ئاغان ، نەچچە ئېغىزلا پاراڭلاشقان بوممىسا ، ئاۋازى يامان سەت مۇلايىم يېقىملىقتە ھېي ييي … كەگەن نۇمۇرنى ساقلىۋېلىپ ئىچىم پۇشسا پات پات تېلفۇن قىپ ئوينايتىم …ئەسلى مەن ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىغا كۈيۈپتىكەنمەندە …
… ئەدەم بوممايدىغان ماڭقا شۇملا پاقىنىمۇ سۈيۈپ بېقىپتا ، ئۇندا بوسا پاقىنى سۆيگىنى ھەممىسى قىز بالا ئوخشىمامدا ؟ ئۇغۇللا پاقىنى سۈيۈپ نىمىش قىلىدۇ ، پاقا ئۆزگەرگەن تەقدىرمۇ شاھزادىگە ، ئۇغان بالىغا ئۆزگىرە …
ئابومجان دوڭگۇئەندىكى ۋاقىتىلىرىدا سېلىمۇ پاقا سۆيىمەن دەپ تۇرۋالتىلىغۇ .دەپ كەتكىنىنى تېخى .
دېمەك ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى مۇزىكا ئاڭلىغاندەك ئاڭلايمىزكەندە …
ماڭا ئايال خەق گەپ قىلسا قۇلاپقا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىندۇ چاق چاق ھە
Match.com (ئامىۋى ئالاقە تور بېكىتى) نىڭ قۇرغۇچىسى Gary Kremen نىڭ قىز دوستى، Match.com تا تونۇشقان بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغان.
ما بەك ئېچىنىشلىق رومان بوپتۇ…
Gary Kremen دىگەن ئاداش ئۆزىنىڭ بېشىغا ئۆزى چىقىپتۇ دىسە، بەلكىم ئۆزىدىن باشقا نەچچە ئاشىق-مەشۇقنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ بولدى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ بۇ كىسپۇرۇش.
پاقا سۆيۈشكە كەلسەك، مۆشۈك سۆيۈش دىگەننى ئاڭلاپتىمە ھەم قىپ بېقىپتىمە ئەمما پاقا سۆيۈش دىگەننى ئاڭلىماپتىكەنمە. (كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيۈمدە مۆشۈك باتتى، شۇ مۆشۈك ئاسلانغاندىن كىيىن ئاسلانلىرىغا ئامراقلىقىم كەپ قولۇمغا ئالساملا سۆيۋالاتتىم)
ھا ھا ھا نېمانداق قىززىق… ئاسلانلارنى سۆيسە قانداق بولىدىكەن؟
قانداق بولاتتى، ئەركەك ئاسلاننى سۆيسىڭىز تاتلايدىكە، چىشى ئاسلاننى سۆيسىڭىز باتنايدىكە
شۇ ۋاقىتتا چوڭلاردىن «مۆشۈك سۆيۈپ ئوتنى پۈۋلىسە بەك كۆيىدۇ» دەپ ئاڭلايتۇق، كىچىكلىكتە ئىشىنىپ شۇنىمۇ قىپ باققان. ئەمەلىيەتتە نەدە ئۇنداق ئىش
Torhumar Gha Nimish Bopketti, Temilar Yengilanmay dighu…ھا ھا ھا
قىززىق نەرسىلە باكەن بۇ توردا