نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

SpaceX Grasshopper راكېتاسى ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يەنە يېڭىلاپتۇ

SpaceX Grasshopper توغرىلىق بىلىدىغانلار ھەقىچان كۆپ ئەمەس، قىززىققۇچىلار گۇگېللاپ باقساڭلار بولىدۇ. ھەر قېتىم SpaceX Grasshopper راكېتاسىنىڭ سىناق ئۇچۇرۇلىشى ھەققىدە يېڭى خەۋەر ئاشكارىلانسا، كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا تېخىمۇ ئېگىز ئۇچۇپتۇ دېگەن خىيال كېلىدۇ. بۇ قېتىممۇ شۇنداق، راكېتا ئۆزىنىڭ ئۇچۇش رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىغان…

spacex-grasshopper-new-launch

بىراق بۇ قېتىم ئۇچۇش ئېگىزلىكى مۇھىم نۇقتا ئەمەس، بەلكى توغرىلىق نىسبىتى مۇھىم نۇقتا. SpaceX نىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى Grasshopper غا F9-R ناملىق تۇيۇق ئۇچۇش كونتروللىغۇچىسى سەپلەنگەن بولۇپ، راكېتانىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى تېخىمۇ توغرا نىسبەتتە ھېسابلاپ، تېخىمۇ ئۆلچەملىك ھالدا يەرگە قوندۇرالايدىكەن. ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم ئىشلىرىغا قىززىقىدىغان باللا قېنى بىر كۆرۈپ بېقىڭلار.

SpaceX Grasshopper راكېتاسى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەگزادە 2013.07.12 , 01:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ئاقسامۇ قانداق؟ ئۇچسىمۇ ئۇچسۇن، يەرگە شۇنداق جايىدا قونىدىكەن

  2. زۇليار 2013.07.12 , 01:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنسانلار ھەقىقەتەن يامان بولۇپ كېتىپتۇ جۇمۇ:mrgreen: ئۆزۈمنىڭ بىر ئىنسان تۇرۇپ مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارغا قاتنىشالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈنىۋاتىمەن:sad:

  3. ئەپسۇس 2013.07.12 , 01:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىر قەدەم ماڭماي تۇرۇپ دۇنيا مەندىن نەچچە يۈز قەدەم ئىلگىرلەپ كىتىپ باردۇ….

  4. BERLAN 2013.07.12 , 01:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلەن :mrgreen:

  5. ئابومجان 2013.07.12 , 01:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما سىننى چاۋشىيەندىكىلەر كۆسە تازا كۈلىدىغان بولدى ، بىزنىڭ ياسىغان راكىتالىرىمىز ئۆزى خالىغان يەرگە قۇنۇپ ئوينىيالايدۇ ، مانىڭ ياسىغىنى ئىزىغىلا قونىدىكەن دەپ ھې ھې …
    ئىشقىلىپ ھەرقېتىم چاۋشىيەن ئاسمانغا بىژمە قۇيۇپ بىرىمىز دىسە ياپون بىلەن كورىيەنىڭ پىيى تازا سىيقىرايدا جۇما ، ھىلى بېشىمىزغا چۈپ كىتەمۇ دەپ

  6. يالپۇز 2013.07.12 , 01:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنى دەڭلا………:mrgreen:

  7. ئەل ئۇمۇت 2013.07.12 , 13:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولمىسىغۇ راكىتانى ئوبدان ئويناپ قويدىكەن

  8. كۆك تاش 2013.07.12 , 19:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راكىتانى ئۇچۇرۇپ يەنە ئۆز جايىغا چۈشۈردىكەن. بۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟

    • مەنسۇر 2013.07.12 , 21:56

      بۇنىڭ ئەھيمىيتى بەك چوڭ، مەسىلەن: جۇڭگو بىلەن ياپۇندەك ئارال تالىشىپ قالغاندا ماندا بومبىدىن ئۈش-تۆيۈزنى بىرلام قوياپ بېرىپ قارشى تەرەپكە تېلفۇن قىپ توختامغا قول قويساڭ بومبىنى توختىتىمەن، بوممىسا ئاقىۋىتىنى ئۆزەڭ بىل دەپلا قويسا بولدى، ناۋادا قارشى تەرەپ قوشۇلسا، بىژ بۇرۇق بىلەن بومبىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان گەپ.
      ياكى بوممىسا ئارتۇق كەتكەن بوممبىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە پايدىلىق.
      نىمىلا دىگەن بىلەن بومبىغىمۇ Ctrl+z ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ دە.

  9. ئۇيۇن خۇمار 2013.07.12 , 19:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن قالتىسكەن :!::!:

  10. ئۇكۇل 2013.07.13 , 16:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىمۇسىز ئۇكۇل، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟

    ھە ماقۇل! :evil:. نېم دىسەم بولا :mrgreen:
    جاھان نەدە بىز نەدە ھەييييييييي

  11. نەۋقىران 2013.07.13 , 16:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىمۇسىز نەۋقىران، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟
    ھە ماقا مىنىڭچە مىنىڭ بىلىمىم بەك ئازكەن

  12. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.07.14 , 14:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گۈزەل !

  13. نۇرۇم 2013.07.14 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەششەت جۇمۇ بىز نەدە قالدۇق.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量