iPhone دىكى كۆپ تىللىق ھەقسىز لۇغەت – بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ۋە بىلكان ئەرەپچە لۇغىتى
ئالما شىركىتى تۇنجى ئەۋلاد iPhone نى دەسلەپ ئېلان قىلغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق قىممەت باھالىق يانفۇننىڭ بازار تېپىشىغا ئىشەنمىگەن ئىدى. رايۇنىمىزغىمۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يانفون خېلى كىچىكىپ كىرگەن. لېكىن ئالمىنىڭ قولايلىق سېستىمىسى بىزنى چەكسىز تاللاشقا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن كارخانىلارنى يىڭى بىر كەسىپ تۈرى بىلەن تەمىنلىدى. تورخۇماردا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ نۇغۇنلىغان ئۇيغۇرچە ئەپ دىتاللىرىنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدۇق. مانا بۈگۈنمۇ بىلكان شىركىتى ياسىغان «بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى» ۋە «بىلكان ئەرەپچە لۇغىتى»نى تورداشلارغا سۇنماقچى. دۇنيادىكى ئەڭ تەس تىل دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەرەپ تىلىنى ئۈگۈنۈش ئەمدى سىزگە ئۇنچە بىسىم قىلالمايدۇ!
بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ئىنگىلىزچە، خەنزۇچىنى ئاساس قىلغان سۈرئىتى تىز، ئىشلىتىش قولاي بولغان لۇغەت يۇمشاق دېتالى. بۇ لۇغەت ئۈچ خىل تىلدا توققۇز يۈنۈلۈشتە ئىزدەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ.
لۇغەت ئامبارلىرى:
✧ ئۇيغۇرچە← ئېنگلىزچە
✧ ئۇيغۇرچە←خەنزۇچە
✧ ئىنگلىزچە← ئۇيغۇرچە
✧ ئىنگلىزچە←خەنزۇچە
✧ خەنزۇچە←ئۇيغۇرچە
✧ خەنزۇچە←ئېنگلىزچە
✧ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
✧ ئىنگلىز تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى(سىستېما تەمىنلىگەن)
✧ خەنزۇ تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
ئىقتىدارلىرى:
✧ تېز ئىزدەش
✧ تەپسىلىي ئىزدەش
✧ تەرجىمە ئىچىدىكى خالىغان سۆزنى تاللاپ ئىزدەش
✧ ئىزاھاتىنىلا ئىزدەش
✧ ئىزدەش تارىخى
✧ خەتكۈچ
✧ ئىملا تەكشۈرۈش
✧ئاپتۇماتىك تىل پەرقلەندۈرۈش
✧ماقال تەمسىل
✧ئىكران سۈرۈپ بەت ئالماشتۇرۇش
✧ تەرجىمە مەزمۇنىنى ئېلخەتتە ۋە قىسقا ئۇچۇردا يوللاش
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىلكان ئەرەپچە لۇغىتىمۇ ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئەرەپ تىلى ئۆگىنىشىڭىز ئۈچۈن يېنىڭىزدىن ئايرىمايدىغان ياخشى دەرسلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPhone، ئۇيغۇرچە، ئەپ، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bilkan-ios-dict.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere
- كېيىنكى يازما > iOS 6.1 قاچىلانغان iPhone5/iPad mini قاتارلىقلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك
- 美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
- ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر ئويۇنى iPad/iPhone نەشىرى | ۋاقىتلىق ھەقسىز
- ئايفۇنچى ئوسمان ۋە دەريا مۇئەككىلى ھەققىدە چۆچەك _ ئوغلۇم بۇ ئايفۇن (iPhone) سېنىڭمۇ ؟
- ئامراق يانفونىڭىزنىڭ توكى تېز تۈگەمدۇ ؟ بۇندىن كېيىن ستولبا تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تېلىفۇن ئويناڭ!
- iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش/تونۇتۇش | ئەڭ ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇل
- Cydia ھەققىدە | iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيا نامايەن بولىدۇ
- iOS 6.1 قاچىلانغان iPhone5/iPad mini قاتارلىقلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك
- ئالما تۆۋەن باھالىق iPhone چىقارماقچىمۇ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ رىۋايەتلەردىكى iPhone mini نىڭ ئۇقۇم لايىھەسىمىش!
- ئەۋرىشىم ئىكىرانلىق يانفۇن دەۋىرى يىتىپ كەلدىمۇ قانداق ؟ | Samsung ئەگمە ئىكىرانلىق يانفۇنىنى ئاشكارلىدى
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سەپەردە بولۇپ، تورخۇمارغا كىرگىلىمۇ پۇرسەت بولمىغان بۈگۈن كىرىپلا مۇنۇ خۇشخەۋەرنى كۆرۈپتىمەن !
بىلكان شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
كۇرىنىشى بەك كۆركەمكەن
كۇرىنىشى بەك كۆركەمكەن
مەنمۇ بايا تىخى چۈشۈرۋالدىم..
بۇ لۇغەتنىڭ Android نۇسخىسنى تاپقىلى بولماسمۇ؟ بولسا ماڭا يوللاپ بەرسەڭلار. yekcheshme@gmail.com
پات يىقىندا ئېلان قىلماقچىكەن
ئالمىچىلارغا بايرام
ئەڭ تەس تىل ئەرەپ تىلى ئەمەسقۇ دەيمەن مىنىڭچە سىز خاتالىشىپسىز.ئەڭ تەسى روس تىلى.
ئەڭ تەس ، ئەڭ مۇكەممەل تىل ئەرەپ تىلى ، شۇڭا قۇرئان كەرىم ئەرەپ تىلىدە چۈشۈرۈلگەن
ئەلۋەتتە قوللايمىز!
ئىسىل…قاچان ئەجرىم لايىھە مىۋىسىنى كۆرەرمەن دەپ كۆزۈم تۆت بولغان ئىدى. قوزغالغاندىكى كۆرۈنمە يۈزىمۇ بەك چىرايلىق.
بۇنىڭ قاچىلاش ھۆججىتىلا بولسا بوپتىكەن . 91 نىڭ قاچلاش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ قاچلىۋالاتتىم . ئالما ماگزىنىنى چۈشەرەمەنمۇ ئەمدى .
مەن ساقىلسام بولغىدەك ئاندرويىد نۇسخسىنى..
مەن ئالما تىلىپۇنۇمغا چۇشۇرۇشنى باسسام چۇشۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولدى بىراق تىلىپۇنۇمنىڭ ئكران يۇزىدە كۇرۇنمىدى نەگە قاچىلانغانلىغىنىمۇ بىلەلمىدىم……ياردەم قىلغان بولساڭلار
ماۋۇ سۇرەتتە ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر تولۇقكەنغۇ مەن بىلكان u1 دىن بىرنى دەسلەپتە چىقىشغىلا سىتۋالغان تۆت ھەرىپى تولۇق ئۇيغۇرچە ئەمەسكەن . لوغەتتىن ئىزدەي دىسەممۇ ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇش مومكىن بولمىغان .
قايسى ھەرپلەر؟ بەزى ھەرپلەر كونۇپكىغا ئۇزۇن بېسىپ تۇرسا كۆرىنىدۇ (ياكى shfit).
ئاندۇرۇيىد نۇسخىسى چىققاندا ماڭا خەۋەر قىلىۋىتىڭلار
ئايفون بەش يانفونىغا قانداق قىلسام ئۇيغۇرچە خەت نوسخىسىنى ئۆزگەرتەلەيمەن ؟ تەپسىلىيرەك دەپ بەرسەڭلار ؟ يەنە تورخۇمار يانفۇن نوسخىسىغا <ئىز>باش ھەرىپى <سوزۇق تاۋۇشنىڭ باش ھەرىپى>نى قانداق چىقىرىمەن ؟يوقارقى خەتلەرنى كۆچۈرۈپ يازغان
بىلكان لوغىتىنى iphone دا ئىشلەتكىلى بولمايۋاتىدىغۇ ؟
مەندىمۇ شۇ ئەھۋال بايقالغان. بۈگۈن بىلكاندىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشسام، ئەپنى iPhone 5 كە ماسلاشتۇرغاندىن كېيىن چىققان خاتالىق دەيدۇ. ئەپنى تولۇق ئۆچۈرۈپ قايتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسا ياكى يانفوننى قايتا قوزغاتسا ئوڭشىلىدىكەن.