نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

تورخۇمارلارغا بىرقانچە دەرس | دۇنيا ھامان سىز ئويلىغاندىن جىق مۇرەككەپ

ھايات بىر ئۇزۇن دەرس. خاتا باسقان ۋە ياكى توغرا باسقان ھەر بىر قەدىمىمىز بىز ئۈچۈن يىڭى بىر ساۋاق. مەيلى قايسى نۇقتىدىن چىقىپ تەپەككۇر يۈرگۈزۈڭكى ئىنسانلار ھامىنى مۇكەممەللىككە يېتەلمەيدۇ ئەمما چەكسىز ئىنتىلىدۇ. تۆۋەندە توخۇمارلارغا تۇرمۇشتىكى بىر قانچە دەرس ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز…

hekmetler

بىرىنچى دەرس:

بىر ئەر ئايالى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچىغا كىرمەكچى بوپتۇ. بۇ چاغدا ئىشىك جىرىڭلاپتۇ. ئايال دەرھال بەدىنىنى يۆگەپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپتۇ. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا قوشنىسى جورج.
ئايال گەپ قىلىپ بولغىچە جورج ئېغىز ئېچىپتۇ:
−بەدىنىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز 800 دوللار بېرىمەن.
ئايال بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ، بەدىنىنى ئېچىپتۇ. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن جورج ئۇنىڭغا 800 دوللارنى بېرىپ كېتىپتۇ.
ئايال بەدىنىنى يۆگەپ ئۆيگە كىرىپتۇ، ئۇ مۇنچىغا كىرىشىگە ئېرى ”كىمكەن؟“ دەپ سوراپتۇ. ”قوشنىمىز جورجكەن“ دەپتۇ ئايالى.
− شۇنداقمۇ،- دەپتۇ ئېرى،− ئۇ 800 دوللار قەرزنى قايتۇرىدىغاننىڭ گېپىنى قىلمىدىمۇ؟

خۇلاسە كالام: پايچىكلار مۇھىم ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، بولمىسا سەتچىلىكى ھامان ئاشكارىلىنىدۇ.

ئىككىنچى دەرس

مال ساتقۇچى، خىزمەتچى ۋە خوجايىن چۈشلۈك تاماق يېگىلى كېتىۋاتقاندا بىر يەردىن جىن چىراغ تېپىۋاپتۇ. ئۇلار چىراغنى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا بىر جىن سەكرەپ چىقىپ:
−مەن سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىمەن،-دەپتۇ.
ــ مەن دەي، مەن دەي،- دەپتۇ خىزمەتچى قىز ئالدىراپ،- مېنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ، قولۋاق تېيىلىپ ئوينىغۇم بار.
قىزچاق بۇ گەپنى دەپلا غۇييىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
−ئەمدى مەن دەي،- دەپتۇ مال ساتقۇچى،− مېنىڭ ھاۋاي ئارىلىغا بېرىپ، قۇم ساھىلدا يېتىپ ئارام ئالغۇم بار، بەدىنىمنى تۇتۇپ قويىدىغان قىزلار، ھەقسىز ئىچىملىكلەر بولسۇن.
ئۇمۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا غۇييىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
− ئەمدى ساڭا كەلدى،- دەپتۇ جىن خوجايىنغا.
− بۇ ئىككى ئەخمەق چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دەرھال ئىشقا كەلسۇن!- دەپتۇ خوجايىن جىلە بولۇپ.

خۇلاسە كالام: خوجايىنىڭىز باشتا ئېغىز ئاچسۇن.

ئۈچىنچى دەرس

بىر بۈركۈت دەرەخنىڭ ئۇچىدا ئارام ئېلىپ تۇرسا، توشقان ئۇنى كۆرۈپ سوراپتۇ:
−مەنمۇ سەندەك بىكار ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلانسام بولمامدۇ؟
− بولىدۇ، نېمىشقا بولمىغۇدەك،−دەپتۇ بۈركۈت.
شۇنىڭ بىلەن توشقان بۈركۈت قونغان دەرەخنىڭ ئاستىدا ئارام ئاپتۇ. توساتتىن بىر تۈلكە پەيدا بولۇپ، ئېتىلىپ بارغىنىچە توشقاننى يەۋېتىپتۇ.

خۇلاسە كالام: بىكار ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئورنىڭىز چوقۇم يۈكسەك بولۇشى كېرەك.

تۆتىنچى دەرس

بىر قۇش قىشتىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن جەنۇبقا سەپەر قىلىپتۇ، بارغىچە مۇزلاپ كېتىپ ئېتىزلىققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، نىمجان ياتقاندا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىنەك ئۇنىڭ ئۈستىگە پوقلاپ قويۇپتۇ. قۇش پوقنىڭ ئىسسىقىدىن راھەتلىنىپ، تېنىگە جان كىرىپ، خۇشاللىقىدىن ۋىچىرلاپ سايراشقا باشلاپتۇ. بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مۈشۈك، نېمە ئاۋازدۇ بۇ دەپ يېقىنلاپ قارىسا، پوقنىڭ تېگىدە بىر قۇش سايراۋاتقۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تارتىپ چىقىپ يەۋېتىپتۇ.
خۇلاسە كالام:

1. كاللاڭغا چىچىپ قويغاننىڭ ھەممىسى دۈشمىنىڭ ئەمەس.
2. سېنى پوقتىن تارتىپ قويغاننىڭ ھەممىسى دوستۇڭ ئەمەس.
3. پوقنىڭ تېگىدە قالساڭ، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭنى يۇم.

بەشىنچى دەرس

بىر ناۋاي بىلەن ئوغرى دوست ئىكەن. ناۋاي سەھەر تۇرۇپ نان ياقسا، ئوغرى ئەتىگەندە شەھەرگە كىرىپ، ئاپتوبۇس قىستاڭچىلىقىدا يانچۇقچىلىق قىلىدىكەن. ئۇلار ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بىر-بىرىنى قاق سەھەردە ئويغىتىپ قويۇشقا كېلىشىۋاپتۇ. يىللار ئۆتۈپ ئۇلار كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر يانچۇقچىنى جەننەتكە، ناۋاينى جەھەننەمگە سۆرەپتۇ. چۈنكى يانچۇقچى ھەر كۈنى سەھەردە ياخشى ئىش قىلىپ، ناۋاينى نان يېقىشقا چاقىرىدىكەن. ناۋاي بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە، يانچۇقچىنى يامان ئىشقا چاقىرىدىكەن.

خۇلاسە كالام: دۇنيالىقتا توغرا دەپ قارىغان ئىشىڭنىڭ چوقۇم توغرا بولۇشى ناتايىن.

ئالتىنچى دەرس

يولدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتىسىز، تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، يامغۇر يېغىپ كەتتى. بىر بېكەتتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىڭدا بېكەتتە ئۈچ ئادەمنىڭ جىددىيلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردىڭىز. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلەپ دەپ قالغان بوۋاي، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. يەنە بىرى دوختۇر، ئۇ سىزنى خەتەرلىك كېسەلدىن داۋالاپ ساقايتقان، سىز ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى دائىم ئويلاپ كېلىۋاتقان. يەنە بىرى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك لايىق (يەنى كېلىشكەن يىگىت ياكى چىرايلىق قىز). ئەگەر مۇشۇ قېتىم پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز، ئىككىنچى ئېرىشەلمەيسىز. ئەمما سىزنىڭ ماشىنىڭىزدا سىزدىن باشقا پەقەت بىرلا ئادەم ئولتۇرالايدۇ. ئۇنداقتا سىز ماشىنىڭىزغا كىمنى سېلىۋالىسىز؟
شىركەت ئادەم ئالغاندا 200 ئادەمدىن مۇشۇ سوئالنى سورىغان، پەقەت بىرلا ئادەم توغرا جاۋاب بېرىپ شىركەتكە كىرەلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى دوختۇرغا بېرىمەن، ئۇ كېسەل بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ، ئاندىن مەن ئۆزەمنىڭ كۆڭلىدىكى لايىق (يىگىت ياكى قىز) بىلەن ئاپتوبۇس ساقلايمەن.
مەن تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ جاۋابقا قايىل بولدى، ئەمما ھېچكىم، ھەتتا مەنمۇ باشتا بۇنى ئويلاپ يېتەلمىگەن.

خۇلاسە كالام: بىز ئۆز كوزۇرىمىز (ماشىنىمىزنىڭ ئاچقۇچى)دىن ۋاز كېچىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدۇق، شۇنداقمۇ؟ بەزىدە بىز جاھىللىق، چۈپەيلىك قىلمىساق، بەزى ئەۋزەللىكىمىزدىن ۋاز كەچسەك تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

يەتتىنچى دەرس

بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا ئادەملەر يالىڭاياغ يول يۈرىدىكەن. بىر پادىشاھ پۇقراچە كىيىنىپ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئارىلاۋېتىپ، تاشلىق يولغا كىرىپ قاپتۇ، پۇتلىرىغا تاش پېتىپ، ئاغرىپ، كۆپ قىينىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوردىغا قايتىپ بېرىپ، تاشلىق يوللارنى بىر قەۋەت كالا تېرىسى بىلەن قاپلاشقا بۇيرۇپتۇ. مۇشۇنداق قىلسام ئۆزەمگىمۇ، خەلقىمگىمۇ ياخشى، كىشىلەر يول ماڭغاندا قىينالمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. نەتىجىدە، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بارلىق كالىلار ئۆلتۈرۈلۈپ، تېرىىسى يوللارغا سېلىنىپتۇ، تېرىلەر يېتىشمەپتۇ، نۇرغۇن بايلىق، ئادەم كۈچى ئىسراپ بوپتۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، ئىسراپچىلىق بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بولغاچقا، كىشىلەر ئامالسىز بويسۇنۇپتۇ. شۇ چاغدا بىر مالاي پادىشاھقا ئەقىل كۆرسىتىپ: پادىشاھىم، نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەمنى ئىشقا سېلىپ، شۇنچە نۇرغۇن كالىنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن مال-دۇنيانى ئىسراپ قىلىلا؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزلىرىلا پۇتلىرىغا كالا تېرىسىنى يۆگەپ يول يۈرسىلە بولمامدۇ؟- دەپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ، مالاينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، بۇيرۇقىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ، ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆتۈكنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىكەن.

خۇلاسە كالام: دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش بىر قەدەر ئاسان.شۇڭا دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دەپ يۈرمەي ئۆزەڭنى ئۆزگەرت (ئۆزەڭنىڭ پۇتىغا كالا تېرىسى يۆگە)، سىرتتىن كېلىدىغان دەخلى-تەرۇز، ئاۋارىچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزەڭنىڭ مەلۇم قاراشلىرى ۋە ئۇسۇللىرىڭنى ئۆزگەرت. ئۆزەڭنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن نەزەرىڭدىكى دۇنيامۇ ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلساڭ، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭ ئۆزەڭنى ئۆزگەرتىش. قەلبىڭ ئۆزگەرسە پوزىتسىيەڭ ئۆزگىرىدۇ، پوزىتسيەڭ ئۆزگەرسە ياشاش ئادىتىڭ ئۆزگىرىدۇ، ياشاش ئادىتىڭ ئۆزگەرسە ھاياتىڭمۇ ئۆزگىرىدۇ.

سەككىزىنچى دەرس

تۇرمۇشتا جانغا ئەسقاتىدىغان ئون ھېكمەت:

  1. ئاتالمىش تۆمۈر تاۋاق بىر ئۆمۈر قورساق باقىدىغان تاۋاق ئەمەس، بەلكى نەگىلا بارسا قورساقنى باقالايدىغان تاۋاقتۇر.
  2. كىچىك ئىشلارنى ئوبدان قىلىش ئاسان ئەمەس، ئادەتتىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىشمۇ ئادەتتىكىچە ئىش ئەمەس.
  3. تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئالىي پەزىلەت كەڭ قورساقلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ ئالىي پەزىلەت كىشىلەرنى ھۆرمەتلەشتۇر.
  4. ئېسىللىكتىن پەسلىككە بىر قەدەملا كېتىدۇ، ئەمما پەسلىكتىن ئېسىللىككە ئەسلا يول يوقتۇر.
  5. تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ۋاپات بولۇش دېگىنىمىز ياخشى تۇغۇلۇش، ئاستىراق قېرىش، كېچىكىپ كېسەل بولۇش، تېز ۋاپات بولۇش دېگەنلىك.
  6. مەغرۇرلىنىۋېرىشكە بولمايدۇ، نەپسىمىزنى مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۆلگىدەك ئويناپ-كۈلۈشكە بولمايدۇ، ئىرادىمىزدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.
  7. بايلار بىلەن ئارىلاشمىغانغا ئەبگالىشىپ كەتمەيسەن، ئېسىللەر بىلەن ئارىلاشمىغانغا پەسلىشىپ كەتمەيسەن.
  8. دۇنيادا ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە كاللىسى يەتمەيدىغان ئادەم بار، ئەمما ئۆتكىلى بولمايدىغان يول يوقتۇر.
  9. ئىقتىدار گويا چەككە ئوخشايدۇ، ئۇنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرمىساڭ، كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىنىدۇ.
  10. ھاياتلا ياشايدىكەنسەن، باشقىلارنى كۈلدۈرىسەن ياكى باشقىلار ساڭا كۈلىدۇ.

توققۇزىنچى دەرس

1) سۈكۈت قىلىشنى ئۆگەن. بەزىدە باشقىلار سېنى خاتا چۈشىنىدۇ، گەپ تالاشقىڭ كەلمىسە سۈكۈت قىل. ئەسلىدىمۇ، ھەممە ئادەمنىڭ سېنى چۈشىنىشى كېرەك ئەمەس. شۇڭا ھەممە ئادەم مېنى چۈشەنسە بولاتتى دەپ ئويلىۋالما. بەزىدە سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەممۇ سېنى خاتا چۈشىنىدۇ، ئاچچىقىڭدا ئۇنىڭ بىلەنمۇ گەپ تالاشقىڭ كەلمەيدۇ. خەقلەرغۇ چۈشەنمىسۇن، ئۇمۇ چۈشەنمىگەن يەردە، يەنە كىمدىن ئاغرىنىسەن؟ شۇڭا گەپ قىلما، چۈشەندۈرۈش ئاقمىغان چاغدا، سۈكۈت قىلىش ئەڭ ياخشى جاۋابتۇر.
2) ھېچ بولمىسا تەمكىن بول. ئىشلىرىڭ ئاقمايۋاتقان چاغدا يېنىڭدىكىلەر ساڭا: قەيسەر بول، ئۆزەڭنى خۇشال تۇت، دەيدۇ. قەيسەر بولمىساڭ بولمايدۇ، ئەمما خۇشال بولۇشچۇ؟ بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك خۇشال بولمىقىڭ تەس. كىممۇ قاش-قاپىقى يېرىلغان چاغدا خۇشال بولالىسۇن؟! ئەمما ھېچ بولمىسا تەمكىن بول، شۇندىلا ھەممە ئىشقا دادىل قارىيالايسەن ھەم ئۇنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايسەن. ۋەزمىنلىكتە خۇشاللىق يوق، ئەمما خاپىلىقمۇ يوق.

3) كىچىك پېئىللىقنى ئۆگەن. باشقىلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا خاپا بولىسەن، ئۇ مېنىڭ قەستەن زىتىمغا تېگىۋاتىدۇ دەپ ئويلايسەن. بولدى قىل، ئۆيۈڭگە بېرىپ تازىلىق قىل. لاتىنى ھۆل قىلىپ، پولغا يۈكىنىپ، پولنىڭ ھەممە يېرىنى پاكىز سۈرت. ئاندىن ئاشۇ گەپ تالاشقانلىرىڭنى، قىلغان ھەر بىر سۆزۈڭنى ئويلا. ئويلاپ باقساڭ، سەندىنمۇ كېتىپ قالغان يەرلەر بار. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كۆڭلۈڭ ئەمدى جايىغا چۈشۈۋاتىدۇ، مانا شۇنچىلىك. بەزىدە يەرگە يۈكۈنۈپ ئىشلەشنى، ئاز-تولا تۆۋەنچىلىكنى ئۆگىنىپ قوي، بۇ ھەرىكەتلەر ساڭا كەمتەرلىكنى ئۆگىتىدۇ. ئۆيۈڭنى تازىلىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆڭلۈڭدىكى غەللە-غەشلەرنىمۇ تازىلايسەن.

4) ئەينى چاغدا ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى… دېگەن خىيالنى ھەرگىز قىلما. ئۆمۈر گويا ھەر قەدەمدە ئاچا يولغا بۆلۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن يولدۇر، توختىماي تاللايسەن. لەغمەن يەيمەنمۇ ياكى پولومۇ دېگەندەك ئىشلارنى تاللىساڭغۇ مەيلى، ئەمما قايسى فاكۇلتېتتا ئوقۇيمەن، نېمە خىزمەت قىلىمەن، توي قىلايمۇ قىلمايمۇ، بالىلىق بولايمۇ بولمايمۇ… دېگەندەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تاللاشقا مەجبۇر بولىسەن. ئوخشىمىغان تاللاشتىن ئوخشىمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. ”بۇلار ھاياتتىكى چىدىغۇسىز يەڭگىللىك، ئۆمۈر دېگەن بىر قېتىملا كېلىدۇ، قايتا تاللاش پۇرسىتى بولمايدۇ، ئەينى چاغدا ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى-دە…ھەي ئىست…“دەپ ئۆز-ئۆزەڭگە ھەسرەتلىنىپ سۆزلەيسەن، بولدى قىل، ئەمدى بولدى قىل! بۇ ئۇزاق يولدىكى ھەر دوقمۇشنىڭ ئۆزىگە لايىق قىممىتى بار، ياخشى-يامان دەپ كەسكىن ئايرىلمايدۇ، ھاياتىڭنى ئۆزەڭ بىلەن بىر گەۋدە دەپ بىل، كەچمىشىڭنى ئۆزەڭگە خاس ئىجادىيەت دەپ ئويلا، شۇنداق قىلساڭ ئۆتكەن كۈنۈڭگە پۇشايمان قىلمايسەن.

5) تىرشقىن، غەلبە قىل ياكى مەغلۇب بول، ئىشقىلىپ ۋاقتىڭ مەنىلىك ئۆتتى. باغچىدا كېتىۋېتىپ، شاخلىرى بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن گۈزەل دەرەخنى كۆرسەڭ توختاپ ئۇنىڭدىن زوقلان، زوقلىنىۋال، كۆرىۋال، پۇرىۋال، سۆيۈۋال. كىم بىلۇر، ھېلى قارا بوران چىقىپ بۇ دەرەخنى سۇندۇرىۋېتەمدۇ؟ ھەر نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەر نەرسە خەتەر ئىچىدە، بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەت، ھازىرنى، مۇشۇ پەيتنى چىڭ تۇت، ھەر پەيتتە مەڭگۈلۈك نەرسە بار، مەڭگۈلۈك نەرسىدە قىسقا پەيتنىڭ گۈزەللىكى بار.

6) ئاددىيلىقنى ساقلا. كىشىلەر دائىم ئارتۇق ئويلىنىپلا بۇ ھاياتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ھازىرنىڭ ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ دائىم ئۆتمۈشىنى ئەسلەيدۇ، كەلگۈسىدىن غەم قىلىدۇ؛ يەنى ئۆتمۈشىنى ئەگەشتۈرۈۋالىدۇ، كەلگۈسىنى ھازىرقى پەيتكە ھەمراھ قىلىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىۋەرسە ياشىماق تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتمەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاددىيلىق بىر خىل ئەركە ھالەتتۇر، تېرە سەزگۈسىگە تايىنىپ ھاۋا ئۆزگىرىشىنى بىلىۋېلىشتۇر، پۇراش سېزىمىغا تايىنىپ يامغۇردىن كېيىنكى ئوت-چۆپنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىۋېلىشتۇر، كۆزى بلەن يىراقتىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈۋېلىشتۇر، يەنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاشتۇر.

7) زاغرىنىمۇ يەپ باق. بۇغداي نېنى يەۋەرگەن چېغىڭدا زاغرىنىمۇ چايناپ باققۇڭ كېلىدۇ. داڭلىق رېژىسورلارنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈۋېرىپ زېرىككەن چېغىڭدا تەسىرلىك تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىمۇ كۆرگۈڭ كېلىپ قالىدۇ. مۇقام ئاڭلاپ زېرىككەن چېغىڭدا مودا ناخشىلارنىمۇ ئاڭلىغۇڭ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇغداي نېنى گالدىن يۇمشاق ئۆتىدۇ، داڭلىق كىنولار نەزەر دائىرەڭنى ئاچىدۇ، كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلار روھىڭنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەمما، دائىم ئېسىل يەپ، ئېسىل ياشاپ كېتىشنى خالىمايدىغان چاغلىرىڭ بولىدۇ. شۇڭا بەك يۇقىرىغا ئېسىلىۋالما، تەبىئىي ياشا، ئەركىن نەپەس ئال. يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىش سېنى كاتتىلارغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەمما بەزىدە ئاددىي ياشىساڭ، ئاۋامغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايسەن.

8) ئۆپكەڭنى بېسىۋال، كۈچۈڭنى خوراتما. بۈگۈن بىرسىدىن رەنجىدىڭ، ئۇ گەپتە سېنى چېقىۋالدى، سەن جېدەللىشىشنى خالىماي ئۇ يەردىن كەتتىڭ، ئەمما ئاچچىقىڭ ھېلىغىچە بېسىلمىدى، ئويلىغانچە غەزىۋىڭ تاشتى. غەزىۋىڭ ئۆرلىگەنچە ھالسىزلىنىپ، باشقا ئىشلارغا زادى رايىڭ بارمىدى. قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىڭ تاشلىنىپ قالدى. چۈنكى سەن غەزەبلىنىپلا تۇراتتىڭ. غەزەبلەندىڭ دېمەك شەيتانىڭغا يېڭىلدىڭ، كۈچۈڭنى خورىتىپ، دۈشمىنىڭگە يېڭىلدىڭ دېمەكتۇر. بۇ قارشى تەرەپكە پايدا، ئۆزەڭگە ئېغىر زىيان. غەزەبلىنىشكىمۇ كۈچ كېرەك، بۇ كۈچ ئىچكى ئېنىرگىيەدىن كېلىدۇ، دېمەك، سەن غەزەبلىنىش ئارقىلىق ۋۇجۇدۇڭدىكى بۇ ئېنىرگىيەنىمۇ خوراتتىڭ. شۇڭا، ئەقىللىق بولساڭ، ئۆزەڭنى بېسىۋال. ئاچچىقىڭ بېسىلمىسا ”بولدى، كۈچۈمنى خوراتماي“ دەپ ئۆزەڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇر.

9) تۆمۈرنى قىززىقىدا سوق. سەن بىر قۇر چىرايلىق كىيىم ئېلىپ ئاياپ كىيمىدىڭ، بۇ كىيىمىڭ ئىشكاپتا پېچەت تۇرىۋەردى، يىللار ئۆتۈپ قارىساڭ، بۇ كىيىمىڭ ئاللىقاچان مودىدىن قالغان. دېمەك، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭ. يەنە سەن چىرايلىق تورت ئېلىپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىدىڭ، ئەمدى يەي دەپ قارىساڭ، ئۇنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭ. ئەڭ ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا كىيىۋالمىغان كىيىملىرىڭ، كۆڭلۈڭ تارتىپ تۇرغاندا يەۋالمىغان تورتلىرىڭ گويا قىلغۇڭ كېلىپ تۇرغاندا قىلىۋالمىغان ئىشلىرىڭغا ئوخشايدۇ، ئىست دەپ قالىسەن. ھاياتنىڭمۇ مۇددىتى بار، ئويلىغان ئىشلىرىڭنى بۇرۇنراق قىلىۋال؛ قىلسام بولاتتى، ئەتسەم بولاتتى دەپ كۆڭلۈڭدە ساقلاپ يۈرىۋەرسەڭ، پەيتى كېتىپ قالىدۇ. ئارزۇلىرىڭ مودىدىن قالغان كىيىمدەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تورتتەك تاشلىنىپ قالىدۇ.

10) ئاستا-ئاستا تىنچلىققا قايت. بىر مەھەل چۈشكۈنلىشىپ كەتتىڭ، ھەتتا دېرىزىنى ئېچىپ، ئاپتاپقا قاراشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلدىڭ. دېرىزىدىكى گۈلگە سۇ قۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە روھىڭ كۆتۈرۈلۈپ دېرىزىدىكى گۈلنى ئېسىڭگە ئالدىڭ: ۋاي خۇدايىم، بىچارە گۈل نېمە بولۇپ كەتكەندۇ-ھە! بېرىپ دېرىزىنى ئاچتىڭ، كۆردۈڭكى، گۈللەر ئېچىلىپ، شاماللار يەلپۈپ تۇرغان… ئەسلىدە بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ گۈلگە سۇ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالساڭمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەرسىلەر سېنىڭ دىققىتىڭنىڭ سىرتىدا ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۆز ئىشىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە غەم يەپ كەتمە، ئۆزەڭگە ئوبدان قارا، ئۆز ئىشىڭنى ياخشى قىل.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەلكان 2013.02.22 , 19:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان

    • ئابومجان 2013.02.22 , 20:56

      ئىنساپ بامۇ لوياخۇن ؟ :???: بىژ قېتىم مەرەكلەپ قويسا دىۋاندىن چۈشمەي ياتامدۇ نىمە ما ئەلكان باي !:shock:
      ھە بۇلاپتا ، بىزمۇ دىۋاندىن چۈشمەي ئويناپ يۈگەن بى چاغلادا ! خو !!!

    • ئابومجان 2013.02.22 , 21:28

      مەنمۇ بىرنى دەي ، سىلەرمۇ ياخشى گەپلەر بولسا ئىنكاستا يېزىڭلا باللا ! ~~~~

      بىر كىچىك مۇزاي ئاپىسىغا ھال ئېيتىپ دەپتۇ : ئاپا ئاپا دۇنيا شۇنچىۋالا چوڭ تۇرسا ، بىز نىمە ئۈچۈن مۇشۇ ئادەملەر ئۈچۈنلا ئىشلەيمىز ، يەنە كىلىپ ئۇلار بىزنى قىلچىمۇ ئايىمايدۇ ، كالىدەك ئىشقا سېلىۋىرىدۇ ، نىمە ئۈچۈن ؟
      كالا ئاپاي ئېغىر ئۇھسىنىپ مۇنداق دەپتۇ :
      ھەي بالام ، ئەمدى بىز شۇ خەقنىڭ نەرسىسىنى يىگەندىكىن بىز گىمۇ ئامال يوق ، تىلىمىز قىسقا بۇلىدىغان گەپكەن ، خەقنىڭكىنى يىيىشكە ئادەتلەنگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا بىز كالا جەمەتى ئادەملەر ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرمىز .

      ئابومنىڭ خۇلاسە كاللىسى : كونىلاردا ئۆزەڭنى خار قىلغىچە كۈچۈڭنى خار قىل ، ئىزا ئاھانەت ئىچىدە يېتىپ ئۇخلىغىچە، جاپا مۇشەققەتتە ئۆرە تۇرۇپ ئىشلە دەيدىغان گەپ بار ئىكەن . ئاللا كىشىنى كىشىگە مۇھتاج قىلمىغايسەن،پۇل دىگەننى تېپىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، ئاز تاپسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ ، باشقىلارغا ئامال بار يېلىنىپ ياشىماڭ ،تىلىڭىز قىسقا ، ھەتتا يوق بۇلۇپ قالىدۇ

    • ئەلكان 2013.02.22 , 21:43

      ئابۇمجان سىللىمۇ دەرىس ئۆتكىلى ئۇستا ئىكەنلا .
      ئەلكاننىڭ خۇلاسە كاللىسى: كىچىكىمىزدىلا مۇشۇ ئېلىپبە نى ئۇگىنەتتوق . ئەڭ ئاۋال ئۇگىنىدىغىنىمىز ئىلىپ بە ئىكەن، بەلكىم بۇنى 4-يىللىققىچە ساۋادىنى چىقىرىشتا مۇشۇ ھەرىپ بىلەن تۈزۈلگەن كىتاپقا نىمە ئۈچۈن ئىلىپبە دەپ نام قويولغانى بىلمەي ئوقۇۋاتقانلارمۇ ھىلھەم بار.يۇقارقىدا ئىيتقانغا ئوخشاش مۇشۇ كالىلارمۇ كىچىكىدە ئىلىپ بە نى تولوق ئوقۇغان بولىشى مومكىن!!!

  2. ئەلكان 2013.02.22 , 19:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى تىمىنى كۆرەي .. پەگانىمۇ ساق قويمىدىم جۇمۇ؟:mrgreen::mrgreen:تۈزۈت قىلماي

    • ئابومجان 2013.02.22 , 20:51

      بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىژ بالا بولغان ئىكەن ، ئۇ بىر كۈنى دىۋاندا ئولتۇراي دەپ ئويلاپتۇ ، لىكىن پەگامۇ يەتمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن تۈگەپتۇ :cry:

  3. ئەلكان 2013.02.22 , 19:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەرىسلىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!!!!!!
    بەشىنچى دەرس .
    ئالتىنچى دەرس . مەنمۇ تاس قاپتىمەن خاتا جاۋاب بەرگىلى

    • ئەلكان 2013.02.22 , 19:48

      بىرىنچى دەرس:
      ئىشىك قوڭغۇتىقى چىلىنسا ئاشۇنداقمۇ چىققان بامۇ؟
      مۇھىم يەرلىرىنى كورىۋاپتۇ دە ئۇ ساختىپەز:oops::oops:

  4. ئەلكان 2013.02.22 , 19:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ گۇن دىۋان بىلەن پەگانى پەقەت ماڭىلا ئاتاپ قويدۇڭلىمۇ نېمە؟ ھىچكىم يوققۇ دىۋان تالاشقۇدەك؟

    • ئابومجان 2013.02.22 , 21:01

      توۋا مۇشۇ دىۋان دىگەن ئاجايىپ نەسىكەن ، دىۋان يەتمىگەنلە يا ئىنكاس يازمايدىگەن ، ئىنكاس يازسىمۇ قىسقىلا يازىدىكەن ، ئەمما لىكىن ما دىۋانچىلار بولسا گەپ قىلىپ توختىيالماي قالىدىكەن ئىنكاس دىگەننى يېزىپ ، ئويلاپ باقسام مېنمۇ شۇ دىۋاندىكى ۋاختىمۇ تازا ۋالاقلاپتىكەنمە ، مانا ئەلكانجانمۇ دىۋاندا بىر ئولتادىمۇ ئىنكاستىن تۆتنى ئۇلاپ يازمىسا توختىياممايدا :mrgreen:

    • ئەلكان 2013.02.22 , 21:12

      مەنسەپ تەككەندە ھوقوقنى تولوق يۇرگۈزۈش لازىم دىگەن ماڭا بىرسى :mrgreen:

  5. جاھانكەزدى 2013.02.22 , 19:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى كۆرۇپ مەن بەك جىق نەرسىلەرنى ئۈگىنۋالدىم ،رەخمەت سىزگە ۋىروسكا !!!:razz:

  6. قارا ھەرە 2013.02.22 , 19:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوخخو، مان ئەلكان قارىجان، تورغا دەششەت خۇمار بوپسىلە جۇما، مەن تېخى باشتا كىرىپ تېمىنى كۆرۈپ بوغىچە ….

    • قارا ھەرە 2013.02.22 , 20:06

      دەرس بولا مۇشۇنداق بولا، مالىم بىزگە ئۆتمىگەن دەرسلەكەنغۇ بۇ!!!

    • قارا ھەرە 2013.02.22 , 20:51

      ئاۋۇ 6-دەرس بوپ قالىدىكە، ئادەمنىڭ خيالىغا كەلمەيدىغان ئىشكەنغۇ ئۇ، ئوقۇماي تۇرۇپ، ئاشۇ سۇئالنى مەندىن سورىغان بولسىمۇ مەنمۇ يۈزدە يۈز خاتا جاۋاب بېرەتتىم.

  7. كۇلكە 2013.02.22 , 20:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5،6نى ئەڭ ياقتۇردۇم

  8. نەفىسە 2013.02.22 , 20:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىي باللا ھىي تورخۇماردا يېتىپسىلەر يە…. بۈگۈن بىر كۈن يېڭىلاپ تۇرساممۇ……. ئۇ جىدەلنىغۇ قىلغۇم يوقتى… لېكىن شۇ :???:

  9. نەفىسە 2013.02.22 , 20:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. ئەڭ قىزىيدىغىنى تۆتىنچى دەرسكەن:wink:

  10. ئابومجان 2013.02.22 , 21:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بارىكاللا ! ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ ! يەنە بى قېتىم ئۇقاي

  11. ئەلكان 2013.02.22 , 21:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5-6جى دەرىس ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن . مىنىڭچە 6-دەرىستىكى سۇئالغا 1000ئادەمدىن 995ئادەم خاتا جاۋاپ بىرىدۇ .ئاچقۇچنى دوختۇرغا بىرىپ.بىر ھاياتنى قۇتقۇزۇش،دوختۇرنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش. ئاخىرىدا لايىقى بىلەن بىرگە قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشىش مىنىڭچە 995 ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدۇ.

  12. پەنجىر 2013.02.22 , 21:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دىۋان تالاشمىغىلى ئۇزۇن بولغان ، قارىغاندا دىۋان كۈرۈشى قايتا باشلاندىمۇ نىمە !

  13. ئۇيغۇرجاۋا 2013.02.22 , 21:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرقى قۇردىكى : غەم يەم كەتمە،… دىگەن سۆزلەر «غەم يەپ كەتمە،…» شۇنداق بولىشى كېرەكمۇ قانداق؟

  14. سەن ئۇچۇن 2013.02.22 , 21:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن

  15. جەلىپكار 2013.02.22 , 22:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توغرىلاپ ئوقىۋالسىڭىز بولمىدىمۇ ؟! قارىغاندا سىز بۇ يازمىدىن ھۇزۇر ئىزدىمەي قۇسۇر ئىزدىگەن ئوخشايسىز !
    يازمىنى تۇلۇق كۆرۈپ بولغىچە كۆزلىرىممۇ تورلىشىپ كەتتى ، ئەلۋەتتە ئۇرۇپ بولغۇچە بارماق تېلىپ خاتا بېسىلىپ قېلىشى تەبىيغۇ ؟؟؟؟:arrow:

    • ئۇيغۇرجاۋا 2013.02.24 , 22:47

      مەن ئۆزۈمنى يازمىغا نىسبەتەن ئىجابى پىكىر بەردىم دەپ قارايمەن.

  16. xjmidi 2013.02.22 , 22:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى دەرىس ئىكەن . رەخمەت سىزگە !

  17. ئىسيانكار 2013.02.23 , 00:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئەڭ ياقتۇرغان دەرس: بىكار ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئورنىڭىز چوقۇم يۈكسەك بولۇشى كېرەك.

    ‹ ئاشپەز سەھەر تۇرۇپ نان ياقسا› بۇنى ئوقۇپ كۈلۈپ تاشلاپ تىمەن:mrgreen:

  18. ئابدۇشۈكۈر 2013.02.23 , 01:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئەڭ ياققىنى ئۈچىنچىسى بولدى

  19. Forever 2013.02.23 , 11:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ماڭا تەسىر قىلغان قىززىقارلىق بىر يۇمۇردىن بىرنى دەپ بېرەي :
    ناھايىتى ھورۇن بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندىن – كەچ بولغىچە ئاسمانغا قولىنى كۆتۈرىۋىلىپ : ئى – پەرۋەردىگار ! ماڭا لاتارىيىدىن 5 مىليون چىقىرىپ بەرسەڭ ، دەپ دۇئا قىلىۋىرىدىكەن، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئۇمۇ كۈندە دۇئا قىلىۋىرىپتۇ . بىر كۈنى ئاسماندىن نىدا كەپتۇ :
    ھەي بەندە ! مەن ساڭا لاتارىيىدىن 5 مىليون چىقىرىپ بەرسەممۇ چىقىرىپ بېرەي ، ئورنۇڭدىن قوپۇپ 2 كويغا بىرنى ئېلىپ قويمامسە ؟!
    ========
    ماڭا ئەڭ ياققىنى بولسا 9-دەرىس بولدى . كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم !
    نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي …

    • ئابومجان 2013.02.23 , 20:29

      ۋا ما يۇمۇر خېلى قىززىقكەن :mrgreen:
      ئاساسلىق مەزمۇنىنى چۈشەندىم :oops:

  20. كۇسەن 2013.02.23 , 12:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككىنچى ئۇچۇنچى توتۇنچى بەشىنچى :oops::razz:

  21. رىتا1028 2013.02.24 , 06:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    م ب ئا دەرسلىرىدەكلا گەپلەركەن .
    10-سى يارىدى .
    ھېرىپ كەتتىڭ ، ئاستا چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاپ قال دېگەننى قوشۇپ قوياي ھەم مەن رىتا ستايل قىلىپ :mrgreen:

  22. بىلال 2013.02.24 , 14:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆپ رەخمەت سىزگە بىر قىتىملىق دەرىس بولدى ماڭا

  23. موللاخۇن 2013.02.24 , 23:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل تىمىلار ئىكەن ، بەك ياختۇردۇم ، مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللىشڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن:oops:

  24. ئايشەم تورى 2013.02.25 , 10:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىزدىنىشتىكى ماقالە شۇمۇ !

  25. ئىلياس 2013.02.25 , 11:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت دەرس بولدى ،رەھمەت

  26. بانكىر 2013.02.26 , 11:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا خۇمار بولغاندىن بۇيان ئوقوغان ئەڭ ئىسىل تىما.
    ئاپىرىن.

  27. ئۇيغۇرباي 2013.03.02 , 18:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاجايىپ ئېسىل گەپلەر !

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量