كىچىك ساۋات – يامغۇر ياغقاندا ئاستا ماڭغاندا بەك ھۆل بولامدۇ ياكى يۈگۈرۈپ ماڭغاندىمۇ؟
گەرچە ھازىر قەھرىتان قىش بولسىمۇ، بىراق تەدبىركاردەك يازنىڭ سالقىن يامغۇرىنى سېغىنغانلارمۇ يوق ئەمەس. ناۋادا يولدا كېتىۋېتىپ كۈنلۈك ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا يامغۇردا قالساق، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشى ئالدىرىماي نورمال قەدەمدە ماڭغاندىن تېز-تېز يۈگۈرۈپ مېڭىشنى تاللىشى مۇمكىن. مەسىلە شۇكى، يۈگۈرۈپ ماڭغاندا راستىنلا ئاستا ماڭغانغا قارىغاندا ئازراق ھۆل بولامدۇ؟ بۇنى تەپسىلىي ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ…
ناۋادا تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتسە، ئىلدام يۈگۈرۈپ ماڭغىنىمىزنىڭ ئۆزى بەدەننىڭ يان تەرىپىنىڭ يامغۇردا تېخىمۇ كۆپ ھۆل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يامغۇردا ماڭغان ياكى يۈگۈرگەن ۋاقتىمىزدا، بىز بىر تامچە يامغۇر سۈيىدىن ئايرىلىش بىلەن بىرگە، بىرلا ۋاقىتتا كېيىنكى بىر تامچە يامغۇر سۈيىگە ئۆزىمىزنى تاشلايمىز، بۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزنى ھۆل قىلىدىغان يامغۇر مىقدارىنىڭ تەڭ ئىكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، مۇقىم بولىدۇ، يەنى يامغۇرنىڭ مىقدارى بىلەن بىزنىڭ مېڭىش سۈرئىتىمىزنىڭ تېزلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، بېشىمىزغا ۋە مۈرىمىزگە چۈشكەن يامغۇرنىڭ مىقدارى دەل ئۈستىمىزگە چۈشكەن ئومۇمىي يامغۇرنىڭ مىقدارىدىن ئىبارەت. ئەمما، بۇ چاغدا بىز يۈگۈرسەك، بەدەننىڭ يان تەرىپىمۇ يامغۇر تېگىدىغان بىر يۈزگە ئايلىنىدۇ، ئالدى كۆكرەك قىسىم ئاكتىپ ھالدا چۈشكەن يامغۇرلار بىلەن تېگىشىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئادەم ھەرقانداق بىر سكۇنت ئىچىدە مىدىرلىماي تۇرغان چاغدا بەدەنگە چۈشكەن يامغۇر مىقدارى، يۈگۈرگەن چاغدىكىگە قارىغاندا ئاز بولىدۇ.
ئەمما، بۇ ئەھۋال A ئورۇندىن B ئورۇنغا ماڭغاندا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى A ئورۇندىن B ئورۇنغىچە بولغان ئارىلىق مۇقىم بولۇپ، ئومۇمىي يامغۇر مىقدارى تەڭ بولىدۇ، خۇددى قار تازىلىغۇچقا ئوخشاش، مەيلى قانچىلىك تېز سۈرئەتتە تازىلاڭ، ھەر قېتىم تازىلايدىغان يۈز تەڭ بولغاندەكلا. شۇنىڭغا ئوخشاش، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە(دىققەت، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە)، A ئورۇندىن B ئورۇنغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يامغۇر مىقدارى يۈزى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنى بۇ يەردىكى تەڭلىك: بەدەننىڭ ھۆل بولۇش دەرىجىسى = ھەر سكونتتا باشقا ۋە مۈرىگە چۈشىدىغان يامغۇر مىقدارى X يامغۇردا تۇرۇش ۋاقتى + بەدەننىڭ ھەربىر مېتىر يان تەرىپىنى ھۆل قىلىدىغان يامغۇر مىقدارى X ئا(A) ئورۇندىن B ئورۇنغىچە بولغان ئارىلىق. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ خىل ئەھۋالدا يامغۇردا قالغاندا، ئارتۇق نەزىرىيەنى قويۇپ يەنىلا تېز يۈگۈرگەن ياخشى.
يامغۇر ياغقاندا يۈگۈرسە بەك ھۆل بولامدۇ ماڭسىمۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئانالىز، تەبىئەت، تۇرالغۇ، ساۋات، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,652 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-often-ran-in-the-rain-poured-at-least.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئايفۇنچى ئوسمان ۋە دەريا مۇئەككىلى ھەققىدە چۆچەك _ ئوغلۇم بۇ ئايفۇن (iPhone) سېنىڭمۇ ؟
- كېيىنكى يازما > تورخۇمارلارغا بىرقانچە دەرس | دۇنيا ھامان سىز ئويلىغاندىن جىق مۇرەككەپ
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
ئۇف .،.،بىزمۇ دىۋانغا چىقىپ باقىلى .،تۈزىت قىلمىدىم ئەمىسە .،.
بىكا يەنە دىۋان تالىشىدىكەن دەپ قالمىسۇن دەپ تېمىنى 4،5 قېتىم ئوقۇپ ساقلاپ ئولتاسام دىۋاندا ھىچقايسىڭلا ئولتاماپسىلە .،.شۇڭا مۇنداقلا ئولتۇرۇپ باقتىم خاتا چۈشەنمەڭلا بۇرادەرلە.،.
ئىنتايىن توغرا چۈشەندۇق .
خوش ، پىشايۋان !
ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلدىمۇ بىزنىڭ جەڭگىۋار قىزىل ئارمىيە قوشۇنمىزمۇ ياپۇنلارنىڭ پوتەيلىردىكى قارا يامغۇردەك شىددەتلىك ئوق ئاتسىمۇ ئۇلار ئاشۇ ئوقلارغا پىسەنتمۇ قىلماي ئاشۇ يامغۇردەك ئوقلارغا قارشى ئىششتتەك تىز يۈگۈرگەچكە بېرە پاي ئوقمۇ تەگمەي دۈشمەننىڭ كۈلىنى كۆككە سۇرىغان .،.دىمەك ئاسماندىن مەيلى يامغۇر مەيلى ئوق ياكى پىچاق ۋە ياكى مىتورىت تاشلار چۈشسىمۇ جىم تۇرۋالماي يۈگۈرۈپ بەرسەك ھاياتىمىز بىخەتەر بولىدۇ .،.،
دىۋاندا ئاران ئولاتاغاندا پۈن تىمىنى يالغۇز ئىگەللەي دىدىڭىزما
شۇ باياتىن بېرە سائەتكىچە ھىچقايسىڭلا ئولتامىدىڭلا شۇنچە ئۇزۇن ساقلىساممۇ شۇڭا ،..شۇڭا مۇشتا يالغۇز ئولتۇرۇپ قالدىم .،.
ياساۋۇلجان يالغۇزقاپتۇغۇ. دىۋان، تۆر ، پەگا ھەممىسى سىلىگە قاپتۇ مانا. سىلىنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ مەنمۇ كەلدىم مانا.
ھى ھى ھى .،.،.خۇش كەپلا
ما ياساۋۇل ئەپەندىنىڭ گىپىگە تازا كۈلۈپتىمە
مەنمۇ يۈگۈرگەنگە قارىغاندا ئاستا ماڭسا ئازراق ھۆل بولامدىكىن دەپ ئويلايتتىم. ماۋۇگەپكە قارىغاندا يەنىلا يۈگۈرگەن ياخشى ئوخشايدۇ.
ھېچبولمىسا باشقىلارنىڭ « ما بىچارىنىڭ ئۆيى يوق ئوخشايدۇ،ياكى مۇساپىر ئوخشايدۇ» دىيىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھې ھې ھې
لېكىن ئوخشاشلا ھۆل بولىدۇ دە، قاندا قىلسا ھۆل بولمايدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن ھازىر
مىنىڭچە كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ماڭسا، ھۆل بوممايدۇ.
ئەسلى مۇنداقكەندە …. ئىسىت بىر ئۆمرۈم ئاشۇنى تەتقىق قىلىمەن دەپ ئۆتۈپتۇ
ئەڭ ياخشىسى ئۆيدىن چىقمىغان تۈزۈك
يىمىرىپ يۇغۇرۇپ پىشۇرۇپ چۈشەندۇرۋىتتۇ.
ھامىنى ھۆل بولىدىغان ئىش بولغاندىكىن،ياخشىراق تورخانىدىن بىرنى تېپىپ،تورخۇمارنى زىيارەت قىلغاچ،يىراقتىن يامغۇر سەيلىسى قىلغانغا يەتمەيدۇ.قانداق دىدىم كۆپچىلىك؟
يەنىلا ئۆيدە ئولتۇرسا ھۆل بولمايدۇ
بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئەجەپ يامغۇر سېغىندىم يا
يامغۇر – قار بىلەن مەندەك خوشى يوق ئادەم يوقمىكىن !
مەنچە بولسا يامغۇر ياغقاندا سىرىتقا چىقماي، ئۆيدە ئولتۇرۇپ تورخۇمارغا چىققۇلۇق، شۇنداق بولغاندا ھۆل بولمايدۇ
بۇ تېمىنى كۆرەپ ، مەنمۇ يامغۇرنى ، يامغۇردىن كېيىنكى ساپ ھاۋانى سېغىنىپ قالدىم.
بىر بولسا سىم سىم يامغۇرا مابەت بىلەن ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ ئىككى تەرىپى يېشىللىق يولدا ماڭساق بىر بولسا ئۆيدە كارۋاررىن چۇشمەي ياتساق
كارۋاردىن چۇشمەي ياتسا يەر تىگدىن يامغۇر يىغىپ ئوتۇپ كەتسە يەنە يول بولىدىغان گەپ
شۇنداقمۇ
مىنىڭمۇ ئىزچىل كاللامدىن ئۆتمەيدىغان سۇئال ئىدى بۇ ، جاۋاپ تېپىلدى مانا ..
يۇگۈرۈپ نېمە قىلىدۇ دەيمەن، ئالدىدىمۇ ئوخشاش يامغۇر يېغىۋاتسا.