يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى ps قىلىش ؟ ئەمدى دۇنيانىڭ ھەقىقى ئەپتىنى تىلىۋىزوردىن كۆرىمەن دىمەڭ !
تەكشىلىكتە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرلىشى بىلەن، ئادەمنىڭ يۈز قىسىمىغا (ئەلۋەتتە ئومۇمى بەدەنمۇ بار) قارىتا ھەر خىل ئۈنۈم بېرىش ئارقىلىق چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. ئەمما ھازىرچە فىلىم ئىچىدىكى ئوبىرازلارغا نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىدە گىرىم قىلىش تېخى ئۇنچە ئوموملاشمىدى ۋە ياكى پەيدا بولمىدى. چۈنكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى شەئىگە نىسبەتەن ئۈنۈم بېرىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ، بۇنى ھەرقايسى ھەۋەسكار دوسلار ئوبدان بىلىدۇ.
ياپونىيە Foton شىركىتى يىقىندا بىرخىل يېڭىچە چىراي گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل تېخنىكىنى 4k فىلىملىرى (ئېنىقلىق دەرىجىسى2106×4096 غا يىتىدىغان فىلىملەر 4k دېيىلىدۇ. ئادەتتە بۇ تىپتىكى فىلىملەردىن 1080p ئۈنىمىنى ھېس قىلالايسىز ) گىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە فىلىم سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان بولۇپ فىلىمنى پىرىسلاشمۇ ھاجەتسىزكەن. تۆۋەندە Foton نىڭ بۇ يۇقىرى تېخنىكىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
فىلىمدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى كۆرۈمسىزلەرنىڭ ئېنتىرنېتتىكى ئەڭ يېقىن ھەمراھى بولغان Photoshop نىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئەمدى بىۋاسىتە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەردىمۇ ئىشلىتەلىگۈدەكمىز. ئەڭ ياخشى يېرى بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق ھەر بىر قەۋەتكە نىسبەتەن ئوخشاش ئۈنۈم بېرىش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلغۇدەكمىز. ئەمما Foton شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گەرچە ھەر بىر قەۋەتكە قايتا-قايتا ئۈنۈم بېرىش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلغان بولساقمۇ، يۇقۇردىكى فىلىمنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۆزىگە ئۈچ-تۆت كۈن ۋاقىت كەتكەنمىش. شۇنداق بولسىمۇ بىز كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزاق بولمىغان گەلگۈسىدە بۇ خىل تېخنىكىنى ھەر بىرىمىزنىڭ ئىشىلتەلەيدىغىنىمىزغا ئىشىنىمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۈنۈم، فىلىم، كومپيۇتېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,181 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: to-video-ps-effect.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قارلۇقتىن يەنە بىر ئەپ- ئوكيان لوغىتىنى ئەمدى ئامراق ئايفونىڭىزدىلا ئوينايسىز
- كېيىنكى يازما > ئالما شىركىتى ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPad mini ۋە 4-ئەۋلاد iPad نى رەسمىي ئېلان قىلدى!
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- بىر دانە ۋاسكېتبولنىڭ 24 كىنونىڭ ئىچىدىكى ساياھىتى
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- ئالاھىدە ئۈنۈم ئوينايدىغان دادىنىڭ بالىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۈنۈملىرى
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
قېنى مەرھەمەت
دىۋاندا مەنمۇ ئولتۇرۇپ باقاي
بۇيەمۇ دىۋانمۇ .
فوتوشوپ دېگەن ئوبدان نەرسە جۇمۇ.
توۋا مەنمۇ بىر فوتوشوپچى مانا ، فوتوشوپنىڭ مۇنداق يەرلىرىنى ھەجەپ كۆرمەپتىمانا، (بىزلەر ئوغرى نەشىرىنى ئىشلەتكەچكە شۇنداقمۇ يا)
مەن Adobe Photoshop cs6 نىڭ ھەقىقىي نۇسقىسىنى ئىشلىتىپمۇ ھەجەپ كۆرمەپتىمەنغۇ-ئەمىسە؟ كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىغۇ 5.2 بولمىسا… …ئۇنداق ئۈنۈم بېرىش ئاسان ئىش ئەمەس!!!
يۇقۇردىكىلەر گەپلىرىمنى خاتا ھەزىم قىلىۋالغاندەك قىلىدۇ. مەن دىمەكچى خۇددى فوتوشوپتەكلا ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ھەرگىزمۇ فوتوشوپتا بۇنداق ئىقتىدار يوق.
تەرەققىيات مۇشۇنداقلا بولسا، كىنوچىلىقتىكى گىرىمچىك دېگەن بىر كەسىپ بارا-بارا يوقالغۇدەك
تەرەققىيات ئاللىقاچان يېتىپ بولدى، لېكىن قولدا گىرىم قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىش كېرەك، ھەممىنىلا كومپيۇتېردا قىلىمىز دىسەك ۋاقىت بەك كۆپ كېتىدۇ… گىرىمچىك بولمىسا بىر يىلدا تۈگەيدىغان فىلىم بەلكىم 3 يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن…
After Effects نىڭ Magic Bullet دىگەن قىستۇرمىسىدا بۇنداق ئۈنۈم ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغان، ئەمەلىيەتتە After Effects نىڭ ئۆزىدىمۇ بۇخىل ئۈنۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن سەل ئاۋارچىلىق. Magic Bullet قا ئوخشاش قىستۇرمىلارنى ياخشى تەڭشەش ئارقىلىق After Effects نىڭ ئۆزىدە تەڭشەشتەك ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ… دېسەم گەپ جىق… ئەڭ ياخشىسى مۇناسىۋەتلىك قىسقا بىر تەرەپنىلا قىلاي…
ئىنتېرنىتتىكى كۆرۈمسىزلەرنىڭ يېقىن دوستى فوتوشوپ دىگەنگە كۈلۈپ يېتۋاپتىمەن . يۇمۇرلۇق باللا جۇمۇ ھەي سىلەر