قارلۇقتىن يەنە بىر ئەپ- ئوكيان لوغىتىنى ئەمدى ئامراق ئايفونىڭىزدىلا ئوينايسىز
دىيارىمىز كۆچمە ئۈسكۈنە ساھەسىدە قارلۇق شىركىتى تېخنىكا ۋە نوپوز جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ توختىماي يىڭىلىق يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەڭ دەسلەپ نۇقۇل كەسپى مۇلازىمەت ساھەسىدە ئىش باشلىغان بۇ شىركەت مېدىيا كەسپىدە ئىگىلىكىنى تىكلەپ، گىرافىك سەنئىتىدە بۆسۈش يارىتىپ ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە دۇنياۋى قىززىق نۇقتا بولغان ئالما ios ئۈسكىنىلىرى ئەپ تەتقىقاتىدىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈن قارلۇقنىڭ ئۈشبۇ تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە ئەڭ يىڭى بازارغا سېلىنغان ئەپلىرىدىن «ئوكىيان لوغىتى»نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ھەممىمىز بىلىدىغان ئوكىيان تورى تارمىقىدىكى ئوكىيان تور لوغىتى بۇ قېتىم كۆچمە سۇپىغا يۆتكەلدى. تۆت خىل يۆلىنىشلىك لۇغەتنىڭ مىليۇن سۆزلۈك ئامبىرى سىزنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى ياردەمچىڭىز بولالايدۇ. مۇھىم سۆزلۈكلەرنى خەتكۈچكە، ئېلخەتكە ۋە ئۇچۇرغا يوللىيالايسىز. ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن لۇغەت تۈرىنى تاللىيالايسىز. ئەمما بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم تېخىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈلگەن بۇ لوغەت ھەقسىز تارقىتىلمايدىغان بولۇپ، بىكىتىلگەن باھاسى 30 سوم (دوللار ئەمەس). ھەقسىز مەنبەلەرگە كۆنۈپ قالغان دوسلىرىمىزغا قۇبۇل قىلىش تەسكە توختىشى مۈمكىن. ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ھېچقانداق ئۈنۈم ياراتمىغان مەھسۇلات تەرەققىياتى ھامىنى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. مەنچە بولغاندا بۇ لوغەتنى سېتىۋېلىش ئىككى تەخسە لەغمەننى ۋەياكى بەش زىخ كاۋاپنى توق قوساققا زورلاپ يىيىشقا قارىغاندا كۆپ پايدىلىق.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
ئۇيغۇرچە-ئۇيغۇرچە
ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە
خەنزۇچە-خەنزۇچە
* تۆت خىل يۆلىنىشتە سۆزلۈك ئىزدىيەلەيسىز
* لۇغەت تۈرىنى تاللىيالايسىز
* سۆزلۈكلەرنى خەتكۈچكە ساقلىيالايسىز
* سۆزلۈكلەرنى ئۇچۇرغا يوللىيالايسىز
* سۆزلۈكلەرنى ئېلخەتكە يوللىيالايسىز
* ئىزدىگەن سۆزلەر تارىختا ساقلىىندۇ
* تەڭشەكتىن تارىخىنى ئۆچۈرەلەيسىز
* ئىزدىگەندە تەۋسىيە سۆزلۈكنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ
[iOSprm price=”30 يۈەن” os=”iOS 5.0 دىن يۇقىرى” Appname=”Okyan Dictionary” url=”http://itunes.apple.com/cn/app/okyan-dictionary/id564143102?l=cn&mt=8″]
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App، iOS، iPhone، ئەپ، ئوكيان، قارلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,478 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: okyan-ios-dictionary.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالما iPhone ئائىلىسىدىكى ئاكا ئۇكىلار! iPhone5 نىڭ 4S، 4، 3GS لاردىن قانچىلىك تېزلىكىنى كۆرۈپ باقامدۇق؟
- كېيىنكى يازما > يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى ps قىلىش ؟ ئەمدى دۇنيانىڭ ھەقىقى ئەپتىنى تىلىۋىزوردىن كۆرىمەن دىمەڭ !
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
دىۋان دىگەن سۇ بولسا بىز دىگەن بېلىق
ئاندىروئىد سېستىمىلىق تېلېفۇنلارغا يوقمۇ؟
ئەنجۈرچىلەرنىڭ چىقسا 60 سوم بولسىمۇ ئالاي…
مىېنىڭ huawei تىلفۇنىم ئېچىلمايدغان بۇلۇپ قالدى. huawei دېگەن خەت چىقىپ ئاندىن 中国电信دىگەن خەت چىقىپ يەنە قايتىنلىپ huaweiدىگەن خەت قايتىلنىپ 中国电信 دىگەن خەت چىقپ قايتىلنىۋەردى…… بۇ قانداق ئىش ياردەم قىلساەلار……
ماينى ئېلۋىتىپ ئاندىن قايتا ئېچىپ بىقىڭ ، بولمىسا تىلفۇننى 恢复模式غا ئەكىلىپ سىستىمىسىنى قايتا قوزغاتسىڭىز ياكى يېڭى سىستىما قاچلىسىڭىز بۇلىدۇ، ئەگەر قىلىلمىسىڭىز چ چ 404709238 نى قاچىلاڭ، ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىمەن
ئىنگىلىزچىسى يوقكەن
ئاندىرونىڭ بولسا ئالتىم قانچە پۇل نولسا . مۇشۇ ئايفونلام دىگەن ئىسىت…ئاندرو سىسىتىمىسى ئوچۇق سىستىما بولغاندىكىن مۇشۇ توغرىسىدىمۇ بىر ئىزدەنگۇدەك شىركەت يوقمىدۇ .
ئەنجۈرگە بىلكاننىڭ لۇغىتى بارغۇ! ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە، ئەرەبچە تۆت خىل تىللىق، ئىزدەش سۈرئىتى تىز. سۆزنىڭ ئاخىرىنى ئېسىڭىزگە ئېلىپ بىسىپ بولغىچە ئاستىغا تىزىپ چىقىرىپ بولىدۇ! ئەمما ھازىرچە بىلكان مەھسۇلاتلىرىدىلا بار.
ئاندىرويىد سېستىمىلىق قىلىپ تۈزۈلگىنى قاچان چىقار ؟؟؟؟؟
قولىرغادەت بەرمىسۇن!!!
10 چوڭ بلوگنى تەشۋىق قىلماپتىيا بۇ بىكەت ؟
بارىكاللا …. ئەجىرڭلارغا لايىق ياخشى ئەسەرلەر چىقىۋاتىدۇ …. بولسا ئىنگىلىزچىنىمۇ قوشۇپ قويساڭلار مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى يەنمۇ ئاشقان بولاتتى ……. بولسا دوستۇڭلار ئانىدرويىد نەشىرنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار ……
قارلۇق ھەرگىز ئەنجۈر نۇسخىسىنى چىقارمايدۇ!چۈنكى قارلۇق ئاسىيادىكى ئالما تەتقىقات مەركىزى.
تاوباودىكى مال سېتىۋېلىش ئادرىسى بولسا قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلا. ئاۋۇ توردىن تازا ئېنىق بىلگىلى بولمايدىكەن
ئاندىرويىد نۇسخىسى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى …مەندە ئالما بولمىسا ……..قىممەت بولسىمۇ سېتىۋالاتتىم ……..لوغەت كۆتۈرۋېلىشنىڭ ھاجىتى قالمايتى ………قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاندىريىد نۇسخىسىنى ياساپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمەن ….
bilkan.apk免费好的很بىلكاننىڭ لۇغىتى