نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows,كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

بىر مەشغۇلات سېستىمىسى مەستانىسىنىڭ MS-DOS 5.0 تىن پەيدىنپەي Windows 7 گە ئۆرلەش جەريانى

يېقىندا بىر مەشغۇلات سېستىمىسى مەستانىسى YouTube غا مۇنداق بىر سىننى ئېلان قىلغان. يەنى ئۇ VMWare ئارقىلىق MS-DOS 5.0 نى قاچىلىغان، ئاندىن ئۇنى windows 1.0 گە كۆتۈرگەن، ئارقىدىن Windows 2.0 گە نەشىرىنى يېڭىلىغان، مۇشۇنداق تەرتىپ بويىچە پەيدىنپەي يېڭىلاپ، 3.2، ئاندىن Win95، ئاندىن Win98، كەينىدىن Windows Me، ئۇنىڭ ئارقىدىن 2000، ئاندىن XP، ئاخىرىدا Vista ۋە 7 گە يېڭىلاپ، مىكروسوفتنىڭ 25 يىلدىن بۇيانقى مەشغۇلات سېستىمىلىرىنى بىر ئەسلەتمە قىلىپ چىققان…

تۆۋەندە شۇ سىننى كۆرۈپ باقايلى:



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. قادى 2011.03.07 , 21:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىۋۇ Dos مەشغۇلات سىستېمىسىنى سېغىنىپ قالدىم، كۆرۈمسىزلىكىگە باقماي بەك سۆيۈملۈك ئىدى بۇ سىستېما. ياشلىقىم شۇ سىستېما بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتىكەن مېنىڭ.:cry:

  2. تۈرۈكزات 2011.03.07 , 21:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن xp زامانىسىدىن بۇرۇنقىسىنى بىلمەيدىكەنمەن …:shock:

  3. كەمەك 2011.03.07 , 21:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :???: ئەسىلى بۇ بالا(windows) تۇغۇلغاندىلا كۆرۈمسىز تۇغۇلۇپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ… شۇڭا ھازىرغىچە ئوڭشىلالمايۋىتىپدە… خۇدايىم شىپالىق بېرە… ئالىم ھادىس ئۆلۈپ قالسا ياتقان يەرى جايىدا بولغاي…

    • قادى 2011.03.07 , 23:03

      ماڭ قايسا، ئىۋۇ سىلىنىڭ مەكنىڭ چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بوممايدا ھەقاچان، سىلى قاچانلا بوسا موشۇنداق داڭقان پۇتى، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىدىن باشقىنى ياراتمايدىغان ئىنكاس يازىدىكەنلا، قارلۇقتا كومپيۇتېر سۈرتۈپ، تازىلاپ يۈرۈپ خېلى يېقىپ قاپتۇ سىلىگە، ئۇ كومپيۇتېرلار:grin:

    • xungkar111 2011.03.08 , 19:24

      بۇ بالىنى سۇ ئارمىيىسىنىڭ ئەزاسىمىكىن دەپ قالىمەن بەزىدە.

  4. كەمەك 2011.03.07 , 21:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 95 دىن باشلاپ ئۇچۇرشۇپ XP غا كەلگەندە تۇغۇلغاندا چىرايلىق تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ناھايتى چىرايلىق ياشاۋاتقان مەككە كۆچۈپ كەتتىم.:cool: مانا ھازىرغىچە مەك ئېشلىتىۋاتىمەن.

    • نۇرنىجات 2012.05.18 , 23:08

      قاراپ تۇرۇڭ!مەكنىمۇ بېسىپ چۈشكۈدەك بىر سېستىما مودا بولغاندا،مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى ساقلاپ قويۇپ سىزگە كۆرسىتىمەن!ۋىندوۋستىن مۇنداق يۈز ئۆرۈسىڭىز قانداق بولىدۇ؟

    • كەمەك 2012.05.19 , 09:26

      ھاھا…
      بۇ ھازىر ئېشەك ھارۋىسىغا ياكى ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئاتالايدىغان زامان كەتكەندەك بىر ئىش…
      تالىشىشنىڭ ئورنى يوق…
      :mrgreen:

    • Goodluck 2013.04.28 , 16:21

      تۇغۇلغاندىمۇ چىرايلىق دەپ قويۇڭلا. توردىن بىرىنچى ئەۋلاد مەكنىڭ رەسىمىنى، ۋە شۇ چاغدىكى تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلا.
      مۇشۇ يەرگىمۇ يوللانغانغا دەيمە بىر ۋاقىتلاردا

  5. جۇشقۇن 2011.03.10 , 21:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن باشتا xp بىلەن تونۇشۇپ يەنە xp بىلەن كىتىۋاتىمەن ، خۇدايىم بۇيرىسا سىستىمام بۇدا بۇزۇلغاندا ۋىندىۋوس 7 نى قاچىلاپ باقمىسام …….

  6. ئىزدەن 2011.03.11 , 17:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياش چاغلىرىمىزنى ئەسلىتىپ قويدى دە ماۋۇ تېما بىزگە! شۇ Dos بىلەنمۇ خېلى ھەپىلەشكەن دە ئۆز ۋاقتىدا…

  7. سامسىپەز 2014.01.26 , 00:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ يەردە بىرەيلەن ئەخلەت پۇچۇق ئالمىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتامدا :lol::grin::mrgreen::mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量