نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > windows > يازما كۆرۈش

بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(3)

بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(3)

سودا (Windows NT) ۋە ئائىلە (Windows 9x) مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇش سېپىدە بىر قاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن Microsoft شەخسىي كومپيۇتېر مەشغۇلات سستېمىسىنى ئاللا بۇرۇن پىشىپ يېتىلگەن NT يادرو ئاساسىدا قۇرۇشنى ئويلىشىدۇ. ھالبۇكى بۇ قېتىملىق بۇرۇلۇش ھازىرغا قەدەر بازىرى ئەڭ ياخشى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ…

3.باب. ھۆكۈمرانلىق دەۋر

Windows XP

1999-يىلى، Windows 2000 تېخى ئېلان قىلىنمىغان چاغدىلا، Microsoftا Windows 2000 ئائىلە نۇسخىسى، يەنى كود نامى “Neptune” بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى بازارغا سېلىش مەقسىتىدە بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ پلان ئۇنىڭ Alpha نەشرىنى (شىركەت ئىچكى قىسمدا سىناق قىلىدىغان نەشرى بولۇپ ئاممىۋىي Beta سىناق نەشىرىدىن ئاۋۋالقى نەشىرى) چىقىرىشى بىلەنلا بەختكە قارشى چاچراپ كېتىپ كېيىنكى ئائىلە مەشغۇلات سىستېمىسى، يەنى Windows Me، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا Windows 9x مەھسۇلات لىنىيىسىگە قويۇلىدۇ. بىراق، Microsoftا Windows 2000 نىڭ ئائىلە نۇسخىسىنى قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، “Neptune” نىڭ ئورنىنى كود نامى “Whistler” بولغان مەھسۇلات، يەنى كېيىنكى Windows XP ئالىدۇ. شۇ چاغدىكى تارقىلىپ يۈرگەن سۈرەتلەرگە قارىغاندا، Neptune نىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى Whistler نىڭ Beta نۇسخىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.


[Windows Neptune]


[Windows Whistler Beta1]

[ئىزاھ: Windows XP نىڭ سىستېما مۇندەرىجىسىدىن rsmui.exe ھۈججىتىنى تېپىپ، ئۇنىڭ خاسلىقلىرىغا قارايدىغان بولساق Whistler دېگەن خەتنىڭ بارلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.]


[Windows XP مەھسۇلات بولىقى]


[Bill Gatesا New York كوچىلىرىغا چىقىپ Windows XP نىڭ سېتىلىشىنى تېزلەتمەكتە]

Windows XPا 2001-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ قېتىم مەھسۇلات نامى يىل نامى بىلەن قويۇلمايدۇ. XP ”سەرگۈزەشت“ مەنىسىدە بولۇپ، ئېنگلىز تىلىدىكى eXPerience سۆزىدىن كەلگەن. Windows XP نىڭ نەشر نومۇرى 5.1 (يەنى Windows NT 5.1) بولۇپ، دەسلەپتە پەقەت كەسپىي نۇسخىسى (Professional) بىلەن ئائىلە نۇسخىسى (Home Edition) دىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسىلا ئېلان قىلىنىپ، كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ۋاستە مەركىزى نۇسخىسى (Media Center Edition) ، تاختا كومپيۇتېر نۇسخىسى (Tablet PC Edition) ، قىستۇرما نۇسخىسى (Embedded)، 64 بىتلىق نۇسخىسى (x64 Edition)، باشلانغۇچ نۇسخىسى (Starter Edition) ۋە تۆۋەن سەپلىمىلىك PC لار ئۈچۈن مەخسۇس تارقىتىلغان ئىخچام نۇسىخسى (Fundamentals for Legacy PCs) قاتارلىق بىر قاتار نۇسخىلار ئېلان قىلىنىدۇ. Windows XPا Windows 2000 غا قارىتا نۇرغۇنلىغان ئادىمىيلەشكەن يېڭىلاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلە ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. Windows XPا Windows Me دىكى كۆپ سانلىق دېتاللارغا ۋارسلىق قىلىدۇ ھەمدە يېڭىلاش ئېلىپ بارىدۇ، بۇلار Windows Medial Player، Movie Maker، Windows Messenger، ياردەم مەركىزى ۋە سىستېما ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، Internet Explorer 6.0 بىلەن ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئوتتاممۇ Windows XP گە باغلىنىدۇ. ھالبۇكى، كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان قوشۇمچە ئىقتىدارلار Microsoft نى باشقىلارنىڭ گۇمانىغا قويىدۇ. Windows XP پۈتۈنلەي يېڭىلانغان ئىشلەتكۈچى يۈزىگە ئىگە بولۇپ، بۇ Windows 95 دىن كېيىن Microsoft نىڭ Windows نىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ ”ھۆسن تۈزەش ئوپراتسىيىسى“ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، Microsoftا Windows XP ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچى پروگراممىلىرىنى يېزىپ، ئۇنىڭ سىغىشىشچانلىقىنى تېخىمۇ يۇقرى كۆتىرىدۇ. يۇمشاق دېتال سىغىشىشچانلىقى بۇ قېتىمقى يېڭىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، ”سىغىشىشچانلىق“ ئىقتىدارى ئەسلىدە Windows 2000 دا ئىجرا بولمايدىغان نۇرغۇن Windows 9x پروگراممىلىرىنى توغرا ئىجرا قىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئىچىدىن سەپلەنگەن DirectX 8.1 بولسا Windows XP نىڭ ئويۇنلارغا بولغان قوللىشىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرىدۇ. ئەمما، Windows XP نىڭ ئېچىلىش دەۋرى قىسقا بولغاچقا، يادروسىدا Windows 2000 غا قارىتا كۆپ ئەمەلىي ئىلگرىلەش بولمايدۇ.  كېيىنكى NT ۋىرۇسلىرى ئەۋجگە چىققان كۈنلەردە Windows XP مۇ بالايى ئاپەتتىن ساق قالالمايدۇ. بۇ خىل ئوسال ئەھۋال تاكى 2004-يىلدىكى Windows XP SP2 (Service Pack 2) گە كەلگەندىلا ئاندىن ئاجىزلىشىدۇ.


[Windows XP قاچىلاش يۈزى]


[Windows XP ئۈستەل يۈزى]

ئالدىنقى بىر نەچچە Windows ساختا نەشرنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تويغىچە تارتقان Microsoft بۇ قېتىم Windows XP نىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ. 30 كۈنلۈك سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچى چوقۇم تېلېفون ياكى تور ئارقىلىق Windows XP نى ”ئاكتىپلاش“ تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، داۋاملىق ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپ، كېيىنكى كۈنلەردە Internet تىكى ”يېشىۋېتىلگەن“ ياكى ”ئاكتىپلاش ھاجەتسىز“ Windows XP نىڭ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


[Windows XP  بىخەتەرلىك مەركىزى]

Windows 95 كە ئوخشاش بۇلاپ-تالاپ سېتىۋېلىشتەك مەنزىرە كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن Windows XP يەنىلا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، Windows XP كۈنسېرى ئومۇملىشىپ، بازاردىكى ئىگەللەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاساسىي ئېقىم مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ يېڭى ستاتىستىكا نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيادىكى 400 مىليوندن ئارتۇق كومپيۇتېرغا Windows XP قاچىلانغان.

Windows Server 2003

يېڭى بازار سىستېمىسى شەكىللەنگەندىن كېيىن، Microsoft ئەسلىدىكى NT يۇقىرىقى ئۇچتىكى مەھسۇلاتلىرىنى Windows Server ئائىلىسى قىلىپ ئايرىيدۇ. بۇ بىر قاتار مەھسۇلاتلارغا شەخسلەرگە قارىتىلغان NT سىستېمىلىرى، مەسىلەن Windows XP، دىن پەرقلىنىپ، يىل نامى بىلەن نام بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا، Windows Server 2003 بىلەن Windows XP بىر دەۋرگە تەۋە مەھسۇلاتلار ھېسابلىنىدۇ. Windows Server 2003 نىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى كود نامى “Whistler Server” بولۇپ، كېيىن “Windows .NET Server” دەپمۇ ئاتالغان. Windows Server 2003 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي نەشىر نومۇرى 5.2. ئوخشاش بولمىغان سودا ئېھتىياجلىرىغا قارىتا، Windows Server 2003 نۇسخىلىرى تېخىمۇ ئىنچىكە ئايرىلىپ، Web نۇسخىسى، ئۆلچەملىك نۇسخىسى، كارخانا نۇسخىسى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى نۇسخىسى قاتارلىق 4 نۇسخىسى تارقىتىلىدۇ. Windows 2000 دىكى ئاكتىپ مۇندەرىجە، گۇرۇپپا ستراتېگىيىسى ۋە باشقۇرۇش، دىسكا باشقۇرۇشتەك نۇرغۇن مۇلازىمېتېر دېتاللىرىغا قارىتا چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكتىن، Windows Server 2003 نىڭ مۇقىملىقى بىلەن بىخەتەرلىكىدە ئۇچقاندەك ئىلگرىلەشلەر بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، IIS 6 (Internet Information Service) نىڭ مەيدانغا كېلىشى Windows Server 2003 نىڭ Web مۇلازىمېتېرى بولۇش سۈپىتىدىكى ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. Microsoftا 2005-يىلنىڭ ئوتتۇرىدا، Windows Server 2003 نىڭ بىرىنچى مۇلازىمەت بولىقىنى (Service Pack 1) ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن Windows XP SP2 دىكى بىخەتەرلىك يېڭىلاشلارنى تەمنىلەيدۇ. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، Microsoft يەنە ئەسلىدىكى نۇرغۇن نەشىرىلىرىدە كۆرۈلمىگەن يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ Windows Server 2003 R2 نەشىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما، خېرىدارلار ھەقسىز ئەمەس، بەلكى ھەق تۆلەپ ئاندىن R2 نەشىرىگە يېڭىلىيالايدۇ.


[Windows 2003 قوزغىلىش سۈرىتى]

دەل Windows Server 2003 دىن باشلاپ، يۇقرىقى ئۇچتىكى مۇلازىمېتېر بازىرىدا Microsoft ھەقىقىي يوسۇندا يېتەرلىك رىقابەتلىشىش كۈچىگە ئىگە مەشغۇلات سىستېمىسى مەھسۇلاتىغا ئىگە بولىدۇ.


[Windows Server 2003 مۇلازىمېتېرىنى باشقۇرۇش تاللاشلىرى]

Windows Vista

Windows Vista نىڭ كود نامى “Longhorn” بولۇپ، دەسلەپتە Windows XP بىلەن Windows Vista دىن كېيىنكى مەشغۇلات سىستېمىسى (يەنى “Vienna”) ئارىلىقىدىكى 2003-يىلى ئېلان قىلىنىدىغان ئۆتكۈنچى شەخسىي مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ بېكىتىلىدۇ. بىراق، كېيىن بارغانسىېرى كۆپلىگەن ئىقتىدارلانىڭ قوشۇلىشى سەۋەبىدىن، ئېلان قىلىنىش پلانى نەچچە قېتىم كەينىگە سۈرۈلۈپ، ھەتتاكى بەزىلەرنىڭ ”مەڭگۈ ئېلان قىلىنالمايدىغان مەھسۇلات“ دېگەندەك مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. 2004-يىلغىچە، Longhorn نىڭ تېخى تۈزۈك Beta نۇسخىسىمۇ ئېلان قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، Microsoftا Longhorn دىكى قىسمەن ئىقتىدارلارنى چېپىپ تاشلاپ، Longhorn نى ”ئورۇقلىتىدۇ“. 2005-يىلى 7-ئايدا، Longhorn رەسمىي يوسۇندا Windows Vista دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلىدۇ (نەشىر نومۇرى 6.0). بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، Microsoftا Windows Vista نىڭ Beta1 نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، ئارقىدىن ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا پۈتۈن ئىقتىدارلارغا ئىگە Beta2 نۇسخىسىنى ئېلان قىلىدۇ. Windows Vista نىڭ ئېچىش خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، 11-ئايدا كارخانا نۇسخسى ئېلان قلىنىدۇ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان پارچە سېتىلىش نۇسخىسى بولسا 2007-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.


[Windows Longhorn نىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى ئاشكارىلنىپ قالغان build 3683 نۇسخىسى]


[Windows Vista نىڭ قاچىلاش يۈزى]

Windows Vista نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلغار ئىزدەش ۋە ئۇچۇرلارنى تەشكىللەش ئۇسۇلى، يېڭى .NET رامكىسى (.NET Framework 3.0، ئەسلى پلاندىكى نامى WinFX) ، پۈتۈنلەي يېڭى Aero ئىشلەتكۈچى يۈزى، يېڭى قوشۇلغان يان ستون (Windows Sidebar) ، يېڭىلانغان سىستېما ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلار بار. بۇلار بىلەن بىرگە، Internet Explorer 7.0 بىلەن Windows Media Player 11 شۇنداقلا باشقا كلاسسىك قوللىنىش پروگراممىلىرىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىلىنىدۇ. سىستېما بىخەتەرلىكى جەھەتتىمۇ، Microsoft مىسلىسىز تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. UAC (ئىشلەتكۈچى ھېساباتىنى كونتروللاش) ، IE قوغداش ھالىتى، Windows Defender (جاسۇسلۇق پروگراممىلىرىغا قارشى تۇرۇش) ، يادرونى قوغداش (64 بىتلىق سىستېما) قاتارلىق ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلىشى Windows Vista نىڭ بىخەتەرلىكىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. بۇندىن باشقا، Windows PE (قاچىلاشتىن بۇرۇنقى مۇھىت) نىڭ قوللىنىلىشى قاچىلىنىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ جەريانىنىمۇ ئاددىيلاشتۇرىدۇ. كۆپ سانلىق ئىشلەتكۈچىلەر 30 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا سىسېتمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشنى تاماملاپ بولىدۇ.


[Windows Vista ئۈستەل يۈزى]


[Windows Vista دىكى Internet Explorer]

Windows Server 2008

Windows Server 2003 نىڭ ۋارىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، Windows Vista نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، Microsoft نىڭ تەڭ دەرىجىدىكى مۇلازىمېتېر مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ بىزگە يېقىنلىشىپ كەلمەكتە. بۇ مەھسۇلاتنىڭ كود نامى “Longhorn Server” بولۇپ، ۋاقىتلىق بېكىتىلگەن ئېلان قىلىنىش نامى Windows Server 2007(ئەمەلىيەتتە Vista مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خېلىلا كېچىكىپ كېتىدۇ ۋە نامى Windows Server 2008 كە ئۆزگەرتىلىدۇ). ئۇنىڭدىكى بىزگە مەلۇم بولغان يېڭىلىنىشلاردىن يېڭى ياماق تېخنىكىسى (غەيرى يادرو يامىقىنى قاچىلىغاندىن كېيىن كومپيۇتېرنى قايتىدىن قوزغىتىش ھاجەتسىز)، IIS 7.0 ۋە يىراق مۇساپىلىق مۇلازىمەت دېتالى (RDP 6.0) لار بار بولۇپ، بۇ يېڭى ئىقتىدارلار مۇلازىمېتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلنىدۇ. “Server Core” دەپ ئاتالغان تېخنىكىمۇ Longhorn Server نىڭ ھالقىلىق ئىقتىدارىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئىنتايىن ئىخچام Windows مۇلازىمېتېر سىستېمىسى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا Windows Explorer ۋە Internet Explorer گە ئوخشاش ئادەتتىكى Windows دېتالى بولمايدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر بۇيرۇق قۇرى ياكى يىراق مۇساپىلىق كونترول سۇپىسى ئارقىلىق باشقۇرالايدۇ. بۇ تېخنىكا رولى ئاددىي مۇلازىمېتېرلار ئۈچۈن قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.


[Windows 2008 ئۈستەل يۈزى]


[IIS 7.0]

Windows 7

Windows Vista كېچىكىپ ئېلان قىلىنغىنىغا قارىماي، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشەلمەي قالىدۇ. چۈنكى Vista دىن باشلاپ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ يەنە بىر دەرىجە يۇقىرىلىغان بولۇپ، نۇرغۇن قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال Vista دا نورمال خىزمەت قىلالماي قالىدۇ.

ئىلگىرى Windows Vista نىڭ ئېچىش خىزمىتىگە قاتناشقان 李开复 مۇ بلوگىدا يېڭى يازما ئېلان قىلىپ ئەينى يىللاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەپلىرىنى ئانالىز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

سېستىما ئېچىش خىزمىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىلگەيتىس Vista ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان:

1. پۈتۈنلەي #C ئىشلىتىش، سېستىما ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

2. يېڭى ھۆججەت سېستىمىسى(FAT ياكى NTFS قا ئوخشاش دېمەكچى) WinFS نى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق، ھەر بىر ھۆججەتنى ساندان شەكلىدە ساقلاپ بىر تەرەپ قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئەڭ زور چەكتە كونترول قىلىپ، رىقابەتچىلىرىگە كۈچلۈك زەربە بېرىش.

3. ئەڭ يېڭى كۆرسىتىش تېخنىكىسى Avalon(كېيىن WPF دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نى ئىجاد قىلىپ چىقىش، بۇ ئارقىلىق ئابونت تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىكى چەكلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىكروسوفتنىڭ رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىش.

گەرچە بۇ ئۈچ چوڭ نىشان گەرچە ئىنتايىن ئەتراپلىق ۋە ئاقىلانە بولسىمۇ، بىراق تېخنىكىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى، ئەمىلىيەتتە بۇ ئۆزىمىزنىڭ پىشمىغان تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەڭ ھالقىلىق مەھسۇلاتنى ئېچىش ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا Intel ئۆزەكلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ مېڭىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرەتتى. مىكروسوفتنىڭ ھەرقايسى چوڭ ئېچىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باش نازارەتچىلىرى بۇ نىشاننى كۆرگەندىن كېيىن، ھەممىسى سەل ھەيران قېلىشتى، ئەمما ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بەرگەچ، گەيتىسنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئاستىدا بۇ ئۈچ چوڭ نىشاننى چوقۇم ئورۇنداپ كېتەلەيمىز دەپ قارىدى.

ئۈچ يىلدىن كېيىن، مىكروسوفت Windows سېستىمىسىنى ئېچىش ئېنژىنېرلىرى ھېرىپ ھالىدىن كەتتى، ئەمما نۆۋەتتىكى نەتىجە مۇۋەپپەقىيەتتىن خېلى يىراق ئىدى. ھەر قايسى ئېچىش گۇرۇپپىلىرى بارا-بارا ئىشەنچتىن مەھرۇم بولۇشقا باشلىدى، ھەممەيلەن ئۆزىنى مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپىنى ئورۇنداۋاتىدۇ دەپ قارايتى، ئەمما بۇ ئويىنى گەيتىسكە ئېيتىشقا پېتىنالمايتى. 李开复 ئەسلەپ مۇنداق دېدى:

يادرولۇق گۇرۇپپا ۋەزىپىنى تاماملاشقا ئامالسىز قالغاندا، داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، قانداق قىلىپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز-ئارا دۆڭگەشنىلا ئويلايدۇ…ئەينى چاغدا، ئىشقىلىپ ھەر بىر گۇرۇپپا مۇشۇنداق بۇرۇقتۇرما كەيپىياتنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن ئىدى. مۇۋاپىقىيەتكە بولغان ئىنتىلىشنى ئاللىبۇرۇن مەغلۇبىيەتكە بولغان قورقۇنچ ھېسىياتى ياكى بۇ تۈرگە بولغان گۇمان ئىگىلەپ بولغان ئىدى(چۈنكى بىر گۇرۇپپىنىڭ خىزمىتى يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ قولىدىكى تۈر تاماملانماي تۇرۇپ باشلىنالمايدۇ). ئاستا-ئاستا پۈتكۈل شىركەتتە بىر خىل پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمىگە ئوخشاش كەيپىيات شەكىللىنىشكە باشلىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2008-يىلىنىڭ ئوتتۇرى بىلگەيتىس مىكروسوفتتىن پېنسىيەگە چىقىدۇ ۋە بارلىق ھوقۇقنى ستىۋ بالمېرغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. گەيتىس چېكىنگەندىن كېيىن مۇخبىرغا، 20% زېھمنى مىكروسوفتقا، 80% زېھنىمنى خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىمەن دەيدۇ.

Vista نىڭ مەغلۇبىيىتى تۈپەيلى، مىكروسوفت يېڭى بىر مەشغۇلات سېستىمىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە بازارنى قۇتقازماقچى بولىدۇ، بۇ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى دەل Windows 7 ئىدى.

[Windows 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى]

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى Windows 7 رەسمى ھالدا بازارغا سېلىنىدۇ. مىكروسوفت تەرەپنىڭ دېيىشىچە، Windows 7 ئىلگىرى بازارغا سېلىنغان Vista غا يادرو جەھەتتىن ئوخشىشىدىغان بولۇپ، سېستىما مۇقىملىقى ۋە سىغىشىشچانلىقى جەھەتتە Vista دىكىگە كۆپ راۋان ئىدى. Windows 7 ئۆزىدە ئەڭ يېڭى IE8 تور كۆرگۈسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرگەندىن باشقا، يەنە نەچچە يۈزمىڭ خىل قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچ پروگراممىسى تەمىنلىگەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللار بىلەن ناھايىتى ياخشى سىغىشاتتى. دەرۋەقە، Windows 7 بازارغا سېلىنىپلا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىشقا ۋە ئېتىراپقا ئېرىشىدۇ. ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 2010-يىلىلا Windows 7 دىن 300 مىليون يۈرۈش سېتىلىدۇ.

كەلگۈسىگە نەزەر

Microsoft دۇنيادىكى بازىرى ئەڭ ئىتتىك مەشغۇلات سىستمىسى بولغان Windows ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە ئېچىش خىزمىتىنى ھەرگىز توختاتمايدۇ. سىز Windows 7 دىن كېيىنكى مەشغۇلات سىستېمسى قانداق بولار، دەپ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەڭ يېڭى Windows 8 مەشغۇلات سېستىمىسى جىددى ئېچىش باسقۇچىدا بولۇپ، يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئەڭ يېڭى توركۆرگۈ IE9 سەپلەنگەندىن سىرت، يەنە بىخەتەرلىك جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەر بار ئىكەن. Windows 7 SP1 مۇ بۇ يىل يازغىچە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

كەلگۈسىدە Windows تىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى 90% كومپيۇتېرنى قاپلىغان مەشغۇلات سېستىمىسى بىزگە يەنە قانداق ھاياجانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇنىسى تېخى بىزگە نامەلۇم. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، Windows ۋە مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مودىدىن قېلىشقا خېلى زامانلار بار.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: windows-history-3.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان بىكار بۇلۇپ قاپتا بۈگۈن ؟

  2. 0903 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا دەرىسلىك دىگەنگە ! 1~2يىل كۆردىكەنمىزدە :lol: :grin:

  3. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ئىشقىلىپ بۇ سىستىما دىگەننى باشقا ئادەم ياسىيالمامدىغاندۇ …

    يىڭى تىما تەۋسىيە قىلاي …
    http://im.qq.com/qq/gainian/
    بۇ چ چ نىڭ ۋىن 7 ئىشلەيدىغان نۇسخىسىكەن … يوللاپ قوياسىز …

  4. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىشلەتكىنىدە ھىچ تاللىماي مىڭىۋىرىدۇ يا ؟

  5. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇف !!! … مانا پۇخادىن چىققۇدەك رىۋايەت ! سىزگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت !

  6. ۋاسلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلىدە vista نى #c دا تۈزەپتىكەندە مەنما#c ئۆگەنگەن . لىكىنزە #c تا تۈزگەن بۇ سېستىما بازار تاپالماپتۇ ئەمەسمۇ :???: :???:
    win7 نى قايسى تىللاردا ياسىغاندۇ ھە بىلەمسىزكىن :?:

  7. كارو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    win8 قاچانمۇ چىقار.؟
    win7 نى ئىشلەتكىم كەلمىدى، win8 چىقسا بىراقلا شۇنىڭغا كۆچۈپ كېتىمەن

    • پولكوۋنىك :

      مانا پىقىر پولكوۋنىك windows 8 نىڭ سىناق نۇسخىسنى ئىشلىتىپ يۇرۇپتىمەن ، ھې ھې .. چوڭ ئۆزگەرتىش يوقتەك…رەسمىي نۇسخىسى چىقسۇن قېنى …شۇ چاغدا بىر گەپ بولسۇن ، كاساپەت بىل گەيتىس ، ئوغرى بىل گەيتىس ، ئالما دىگەن مانا ھەقىقىي لاھىلىگۇچىدۇر ، يەنە بىر گەپ چەتئەللەردە لىنئۇكىس ھەم ئالما سېستىمىسمۇ خېللا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ دىگەن گەپ بار …

 汗