نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > windows > يازما كۆرۈش

بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(1)

Windows ھەققىدە رىۋايەت(1)

50 ياشلىق Bill Gates دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم، 30 ياشلىق Microsoft دۇنيادىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق يۇمشاق دېتال شىركىتى، 20 ياشلىق Windows دۇنيادىكى ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى. ئۇلارنىڭ ھېكايىسى، ئۇزۇندىن بېرى كىشىلەرنىڭ ئاغىزىدىن چۈشمەيدىغان تىپىك تېما بولۇپ كەلمەكتە.

مەزكۇر يازما دوستىمىز FinalFantasy نىڭ ئەينى يىلى بىلىك كۇلۇبىغا يوللىغان يازمىسى بولۇپ، ئەسلى رەسىملەرنى تولۇقلىغان ئاساستا رەتلەپ قايتا يوللاندى.

مۇقەددىمە

ھېكايىمىزنى 1973-يىلدىن باشلايمىز…
Seattle دىن كەلگەن 18 ياشلىق بالا Bill Gates ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن Harvard ئۇنۋېرستېتىگە ئەلا نەتىجە بىلەن كىرىدۇ. ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېرغا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان Bill Gates شۇ يەردە يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىغا بولغان ئىزدىنىشىنى باشلايدۇ، ”ئۇلۇغۋار يۇمشاق دېتال“ يېزىپ چىقىش بۇ ياش يىگىتنىڭ نىشانى ۋە غايىسىگە ئايلىنىدۇ. شۇ جەرياندا، Bill Gates دەسلەپكى سودا خاراكتېرلىك سىنىقىنىمۇ باشلايدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى Altair 8800 كومپيۇتېرى ئۈچۈن بىرىنچى BASIC تىلى تەرجىمە پروگراممىسىنى لايىھىلەپ چىقىدۇ، بۇ بىر خىل ئىشلىتىلىشى ئاددىي بولغان كومپيۇتېر پروگرامما تىلى بولۇپ، كېيىنكى MS-DOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسى Microsoft BASIC بولىدۇ. كومپيۇتېر ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك غەلبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىختىساسلىقلار ناھايىتى كۆپ بولغان Harvard تا Bill Gates نىڭ ئومۇمىي پەن نەتىجىسى پەقەت ئادەتتىكىدەكلا ھېسابلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا، Gates كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان قارارنى چىقىرىدۇ، ئۇ دۇنيا دەرىجىلىك ئۇنۋېرسىتېتتىن ئوقۇشتىن چېكىنىدۇ. BASIC تۈرىدىن تاپقان نەشىر ھوقۇقى ھەققىدىن پايدىلىنىپ، Bill Gates ئۆزىنىڭ بالا ۋاقتىدىكى دوستى Paul Allen بىلەن بىرلىشىپ يېڭى مېكسىكا شىتاتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر Albuquerque دا Micro-soft شىركىتىنى قۇرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، Bill Gates ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى ئۆزى ئىشتىياق باغلىغان كەسپىگە بېغشلايدۇ.


[ياشلىق دەۋرىدىكى Bill Gates]
[ئىزاھ: بۇ سۈرەت Bill Gates نىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇتۇلغان چاغدىكى چۈشكەن رەسىمى]

1979-يىلى، Bill Gates شىركىتىنى Seattle غا كۆچۈرۈپ ئاپىرىدۇ، ھەمدە شىركەت ئىسىمىنى “Micro-soft” دىن “Microsoft” قا ئۆزگەرتىدۇ. Microsoft قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىل دەل شەخسىي كومپيۇتېر تەتقىقاتى غەلبە قازانغان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالىدۇ، Bill Gates سەزگۈرلۈك بىلەن رەقەملىك دەۋرنىڭ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇ چاغدا، ئۇلار شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئىلغار كومپيۇتېر كاتتىبېشى IBM نىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي كومپيۇتېرىغا ماس كېلىدىغان، Intel x86 تىپلىق CPU ئاساسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، Microsoft شىركىتى Tim Patterson شىركىتىدىن QDOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، نامىنى Microsoft DOS (دىسكا مەشغۇلات سىستېمىسى) غا ئۆزگەرتىدۇ. كېيىن قىسمەن ئۆزگەرتىشلەنى ئېلىپ بېرىپ، ئاخرىدا IBM ئارقىلىق 1981-يىلى بازارغا سالىدۇ. Microsoft كېيىنكى يىللاردا يەنە نۇرغۇنلىغان MS-DOS مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى بازارغا سالىدۇ، كېيىن MS-DOS نىڭ تارىخى 90-يىللاردىكى 6.x نەشىرىگىچە داۋاملىشىدۇ. Microsoft نىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، MS-DOS نىڭ سېتىلىشى شۇ چاغدا ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، Microsoft نىڭ BASIC تىلى تەرجىمە پروگراممىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەر BASIC تىلىدا پروگرامما يېزىپ، Microsoft نىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن سىغىشىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، Microsoft نىڭ BASIC تىلى بارا-بارا ئاممىۋىي ئېتراپقا ئىگە بازار ئۆلچىمىگە ئايلىنىدۇ، Microsoft مۇ تەدرىجىي ھالدا پۈتكۈل بازارنى ئىگەللەيدۇ.


[Microsoft نىڭ كاتتىباشلىرى]

1981-يىلى تارقىتىلغان Microsoft DOS 1.0 نەشىرى 4000 قۇر Assembly كودىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، 8KB ئىچكى ساقلىغۇچتا ئىجرا بولالايدۇ. ئۇنىڭ گرافىكلىق ئىشلەتكۈچى يۈزى (GUI) بولمىغانلىقتىن، مەشغۇلات قىلماق ناھايىتى تەس بولىدۇ. ئەمما شۇ چاغدىكى Apple شىركىتىنىڭ Macintosh مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ GUI ى بار بولۇپ، بۇ خىل بىۋاستە ھالدىكى مەشغۇلات ئۇسۇلى ئېنىقكى DOS نىڭ بۇيرۇق قۇرى ئۇسۇلىغا قارىغاندا تېخىمۇ دوستانە بولىدۇ. Microsoft GUI نىڭ كەلگۈسىدە ئومۇملاشقان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇقەررەر ئېقىمى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۆزىنىڭ GUI پروگراممىسى— “Interface Manager” نى تۈزۈشنى باشلايدۇ. بۇ دەل كەلگۈسى 20 يىلدا شەخسىي كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان Windows نىڭ ئالدىدۇر.

1-باب 1985-1994: دەسلەپكى قەدەملەر…

ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان “Interface Manager” ھەقىقىي Windows ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، تاكى 1983-يىلغا كەلگەندە، Microsoft رەسمىي ھالدا Windows نى لايىھىلەشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، بازار نىشانى بولسا: شەخسىي كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن لايىھىلەنگەن گرافىكلىق يۈزلۈك مەشغۇلات سىستېمىسى.

Windows 1.x

Microsoftا Windows 1.0 نىڭ لايىھىلەش خىزمىتى 55 ئاچقۇچىنىڭ بىر يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ، ھەمدە 1985-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ، باھاسى بولسا 100 ئامېرىكا دوللىرى. Windows 1.0 بولسا MS-DOS 2.0 ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 256KB ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ، 256 رەڭنى كۆرسىتەلەيدۇ. GUI بار بولغانلىقتىن، Windows 1.0 مائۇس مەشغۇلاتى ۋە كۆپ ۋەزىپە پاراللېل ئىجرا بولۇشنى قوللايدۇ، كۆزنەك (window) بولسا Windows تىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشلەتكۈچى يۈزى ئېلېمېنتىغا ئايلىنىدۇ. Windows 1.0 نىڭ كۆزنىكىنى خالىغانچە چوڭايتىپ-كېچكلەتكىنى بولىدۇ، ئۇ Apple نىڭ Macintosh بىلەن پەقەت ئەڭ ئۈستۈنكى قىسىمىدىكى سىستېما تىزىملىكى بىلەنلا پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ھەربىر Windows قوللىنش پروگراممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم تزىملىكى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، Windows 1.0 ھازىرغا قەدەر Windows تا ساقلىنىپ قالغان پروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، Calendar, Notepad, Calculator قاتارلىقلار.

[Windows 1.0 مەھسۇلات بولىقى]

[Windows 1.0 قوزغىلىش سۈرىتى]

Windows 1.0 يېڭى دەۋر ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇنىغا بەرگەن كۆزقارىشى ئومۇمىييۈزلۈك ياخشى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى گرافىكلىق شەخسىي كومپيۇتېر سۇپىسى GEM بىلەن Desqview/X ئىدى.

[Windows 1.0 خىزمەت يۈزى]

[ئىزاھ: ] Windows 1.0 دىكى Program Manager بولسا Windows Explorer نىڭ ئالدى، ھازىرغا قەدەر بىز Windows XP نىڭ سىستېما مۇندەرىجىسىدە ئۇنىڭ سايىسىنى تاپالايمىز (progman.exe)

Windows 2.x

Windows 1.0 نىڭ دەسلەپكى مەغلۇبىيىتى Microsoft نى قەدىمىنى توسۇپ قويمايدۇ، 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، Windows 2.0 ئېلان قىلىنىدۇ، باھاسى يەنىلا 100 ئامېرىكا دوللىرى. Windows 2.0 دا Windows 1.0 دىكى بەزى ئادىمىيلەشتۈرۈلمىگەن يەرلەر تۈزىتىلىدۇ. بىز بىلىدىغان “Maximize” بىلەن “Minimize” كۇنۇپكىلىرى ھەممە كۆزنەكنىڭ يۇقىرى قىسىمىدە كۆرىنىشكە باشلايدۇ. Microsoft ئايكوننىڭ لايىھىلىنىشىدە، Mac OS نىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئېلېمېنتىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن بولغاچقا، Apple شىركىتى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلىدۇ. ئىشلەتكۈچى يۈزى جەھەتتىكى تۈزىتىشلەردىن باشقا، ھازىرقى Office تىكى Microsoft Word بىلەن Microsoft Excel لەرمۇ دەسلەپكى قەدەمدە Windows 2.0 دە مەيدانغا چىقىدۇ. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، Microsoft يەنە ئالدى-كەينى بولۇپ Windows/286 2.1 بىلەن Windows/386 2.1 لارنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ ئىككى نەشىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا Intel نىڭ 286 ۋە 386 تىپلىق CPU لىرىغا قارىتا مەلۇم دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلغان. 1989-يىلى، Microsoftا Windows 2.11 نى ئېلان قىلىدۇ، بۇ نەشىر ئىچكى ساقلىغۇچ باشقۇرۇش ۋە پرىنتېر قوزغىتىش جەھەتتە ئازراق تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزىدۇ.


[Windows 2.0 قاچىلاش يۈزى]

[Windows 2.0 قوزغىلىش سۈرىتى]

شۇ چاغدا، Windows نى قوللايدىغان 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، لېكىن بارغانسىرى كۆپ ساندىكى شىركەتلەر Windows سۇپىسى ئۈچۈن قوللىنىش پروگراممىسى يېزىشقا باشلايدۇ. ئەمما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نۇقتىئىينەزىرىدىن قارىغاندا، Windows 2.0 يەنىلا غەلبىلىك مەھسۇلات ھېسابلانمايدۇ.

[Windows 2.0 خىزمەت يۈزى]

[Windows XP دا Windows 2.0 دىكى پروگراممىلارنى ئىجرا قىلىش]

[ئىزاھ: چەتئەللىك تورداشلارنىڭ سىناق قىلىش نەتىجىسىدە، خېلى كۆپ Windows 2.0 دىكى پروگراممىلار Windows XP دە نورمال ئىجرا بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئالدىنقى شەرت سىز بۇ قەدىمىي پروگراممىلارنى تاپالىسىڭىز بولىدۇ.]

Windows 3.x

3.x نەشىرىدىن باشلاپ، Microsoft نىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ھەققىي يوسۇندا ئىزىگە چۈشكەن بولىدۇ، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈنلۈكتىكى Microsoft نىڭ غالىبىيىتى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. 1990-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، Windows 3.0 رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. ئالدىنقى ئىككى نەشىرىنىڭ ناچار ئۈنۈمىنى شۇ چاغدىكى قاتتىق دېتال ئامىلىنىڭ چەكىلىمىسىگە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇچرىغان، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق پۇتلىكاشاڭچىلىقلار ئالدىنقى ئەسرنىڭ 90-يىللىرىدىلا كەلمەسكە كېتىپ، شەخسىي كومپيۇتېر كۈنسېرى كۈچىيىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېرىدىكى Windows نىڭ ئىجرا بولۇشىمۇ سىلىقلىشىشقا باشلايدۇ. Microsoft مۇ شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ Windows قا مەۋھۈم ئۈسكۈنە قوزغاتقۇچىغا بولغان قوللاشنى قوشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن Windows ئالاھىدە ياخشى كېڭەيتىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ كېلىدۇ. مەۋھۈم تېخنىكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتتىق دېتالنىڭ سىغىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە يۇمشاق دېتاللارنىڭ سىغىشىشچانلىقىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. Windows 3.0 دىن باشلاپ، MS-DOS پروگراممىلىرى ئاخىرى ئايرىم كۆزنەكتە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نەشرىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىچكى ساقلىغۇچ باشقۇرۇش بىلەن 286، 386 CPU لىرىغا بولغان قوللاش ئىقتىدارى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ھەمدە كۆپلىگەن Windows ئۆلچەملىك دېتاللىرى قوشۇلىدۇ. Windows 3.0 نىڭ غالىبىيىتىدىن پايدىلىنىپ، 1992-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى Windows 3.1 نى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ناھايىتى ئىشەنچىلىك نەشرى بولۇپ، ئاسان غۇلاپ چۈشمەيدۇ. كۆپ ۋاستە تېخنىكىسنىڭ قوشىلىشى نەتىجىسدە بۇ نەشىردە ئۈن-سىن قويۇشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Windows 3.1 دا خالىغانچە چوڭايتىپ-كىچكىلىتىشكە بولىدىغان TrueType خەت شەكلى تېخنىكىسى قوشۇلۇپ، Windows ئەڭ مۇھىم ئۈستەل يۈزى نەشىرىيات سۇپىسىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن، Microsoft ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1992-يىلنىڭ ئاخرى ۋە 1993-يىلنىڭ ئاخىرىدا Windows for Workgroups 3.1 بىلەن Windows for Workgroups 3.11 نى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار تور كېلىشىمىلىرىنى قوشىدۇ. 1992-يىلى Microsoft نىڭ جۇڭگوغا رەسمىي كىرىشىگە ئەگىشىپ، Windows تەدرىجىي ھالدا مەملىكىتىمىزدە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. 1994-يىلى ئېلان قىلىنغان Windows 3.2 بولسا مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەر بىرىنچى بولۇپ ئۇچراشقان Windows مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاددىي ئىشلىتىشچانلىقى جۇڭگودىكى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىنى ئۆزىگە چوڭقۇر جەلىپ قىلىۋالىدۇ. Windows 3.2 بولسا Windows for Workgroups ئاساسىدا نۇرغۇنلىغان ئۆزلەشتۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان، ئەمەلىيەتتە، ئۇ Microsoft نىڭ مەخسۇس جۇڭگو ئۈچۈن لايىھىلىگەن مەھسۇلات بولۇپ، پەقەت خەنزۇتىلى نەشىرىلا بار.

[Windows 3.0 قاچىلاش يۈزى]

[Windows 3.0 قوزغىلىش سۈرىتى]

[Windows 3.0 خىزمەت يۈزى]

تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، Windows 3.1 دىن باشلاپ، Microsoft ھەربىر Windows مەھسۇلاتى ئۈچۈن ئېچىش كودى بېكىتىشقا باشلايدۇ. Windows 3.1 نىڭ ئېچىش كودى “Janus” (قوش يۈزلۈك ئىلاھ)، Windows for Workgroups 3.1 نىڭكى بولسا “Kato” (كارتون ئوبرازى)، Windows for Workgroups 3.11 نىڭ بولسا “Snowball” .

[Windows 3.1 قاچىلاش يۈزى]

[Windows 3.1 قوزغىلىش يۈزى]

[Windows 3.1 خىزمەت يۈزى]

1990-يىلى، Windows 3.0 ئەمدىلا چىقىشى بلەنلا بازار تېپىپ كېتىپ، 6 ھەپتە ئىچىدىلا 500 مىڭ نۇسخا سېتىلىدۇ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا تارىختا مىسلى كۆرۈلمگەن ئىش ھېسابلىنىدۇ. 1992-يىلدىكى Windows 3.1 بولسا، دەسلەپكى تارقىتىلغان 2 ئاي ئىچىدىلا 1 مىلىيون نۇسخىدىن كۆپرەك سېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن،  Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئەڭ ئاخرىدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېتراپىغا ئېرىشىپ، مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىدىكى مونوپوللۇق ئورنىنى تىكلەيدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، Microsoft نىڭ تەتقىقات ۋە سېتىش ئىشى ئىجابىي رەۋىشكە قاراپ ماڭىدۇ. 1992-يىلى، Bill Gates دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيانى زىل-زىلىگە سالىدۇ.

[Windows 3.2 خىزمەت يۈزى]

[Windows 3.2 نىڭ “About” دىئالوگى]

Windows NT 3.x

Windows NT نىڭ ئېچىش تارىخىنى تەخمىنەن 1988-يىلدىن تارتىپ ھېسابلاشقا بولىدۇ، بۇ سىستېما ئەسلىدە Microsoft بىلەن IBM بىرلىشىپ تەتىق قلىپ ياساپ چىققان NT OS/2 (OS/2 3.0) نەشىرى ئىدى. شۇ چاغدا، Microsoft خىزمەت پونكىتى بازىرىغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولىدۇ، بىراق Windows قوللايدىغان Intel x86 ئۆزىكى خىزمەت پونكىتىنىڭ CPU ى ئەمەس ئىدى، شۇڭا Microsoftا DEC شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ياللاپ مەخسۇس بۇ مەھسۇلاتنى ئاچىدۇ. كېيىن، Windows 3.0 نىڭ غالىبىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، Microsoft قارار چىقىرىپ NT OS/2 نىڭ پروگرامما ئېچىش يۈزىنى OS/2 API دىن Windows API غا ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. بۇ قىلمىش IBM نىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئىككى شىركەت شۇنىڭ بىلەن ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇ. IBM ئۆزى داۋاملىق ئۆزىنىڭ OS/2 ىنى ئاچىدۇ، Microsoft بولسا OS/2 NT نىڭ نامىنى Windows NT غا ئۆزگەرتىپ، بازارغا سالىدۇ، بۇ بولسا Windows NT 3.1.

[Windows 3.1 قاچىلاش دىسكىسى]

[Windows 3.1 خىزمەت يۈزى]

[ئىزاھ: NT دېگەن بۇ نامنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، بەزىلەر بۇنى New Technology (يېڭى تېخنىكا) نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى دەپ قارايدۇ، يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر بۇنى Microsoft تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا ئىشلەتكەن Intel i860 CPU تەقلىدىي ماشىنىسدىن كەلگەن، چۈنكى Intel i860 CPU نىڭ كودى “N-Ten” (N10) بولۇپ، شۇڭلاشقا مۇشۇ ئىسىمنى ئىشلەتكەن دەپ قارايدۇ.]

Windows NT 3.1 1993-يىلى ئېلان قىلىنىدۇ. سىرتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ Windows 3.1 بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. ئەمما، پۈتۈنلەي باشقىدىن يېزىلغان 32 بىتلىق يادروسى ئۇنى شەك-سۈبھىسىزكى ئىلغار يېڭى مەھسۇلات قىلىپ چىقىپ، Windows 3.x قا قارىغاندا زور دەرىجىدە كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇ كەسپىي خىزمەت پونكىتلىرىدىمۇ، Intel ئۆزىكى ئاساسىدىكى PC لاردىمۇ ئىجرا بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتبارەن، Microsoft سودا ۋە ئائىلە بازارلىرىدا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەھسۇلاتىغا ئىگە بولىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ئېچىش كودى “Daytona” بولغان Windows NT 3.5 ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ قېتىم، Microsoftا NT مەشغۇلات سىستېمىسىنى خىزمەت پونكىتى نەشرى ۋە مۇلازىمتېر نەشرى دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ. بۇ ئارقىلىق كېيىنكى NT غەيرى سودا خاراكتېرىدىكى نەشىرلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئۇرۇق سالىدۇ. Windows NT 3.5 يېڭى قوزغىلىش سۈرىتى، Windows for Workgroups 3.x قا ئوخشاش ئىشلەتكۈچى يۈزى، ھەمدە OLE (ئوبيېكت ئۇلاش ۋە قىستۇرۇش) تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇنلىغان يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوشۇلىشى نەتىجىسىدە، Windows NT 3.1 بىلەن 3.5 نەشىرى Microsoft نىڭ سودا ئىشلەتكۈچى بازىرىدىكى ئەڭ ياخشى سىنىقىغا ئايلىنىدۇ.

[Windows NT 3.5 Logo]


[Windows 3.5 خىزمەت يۈزى]

ئەلۋەتتە ھېكايە بۇ يەردە ئاياغلاشقىنى يوق، ناۋادا Windows نىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرىگە قىززىقسىڭىز، دىققىتىڭىز Windows ھەققىدىكى رىۋايەت ناملىق يازمىنىڭ 2-قىسمىدا بولسۇن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 525 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 24-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: windows-history-1.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى كۈنى بىلىك تورىدىن Bill Gates نىڭ تارىخى سۆزلەنگەن بىر ئىل كىتابنى چۈشۈر ۋالغان ئىدىم.

  2. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرلاردىن مىكروسوفتتا ئىشلەيدىغانلار بارمىدۇ ؟

  3. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ مىكروسوفىتنىڭ تەرەققىياتى ماڭا بىر مۆجىزىدەكلا تۇيۇلىدۇ . ئەڭ دەسلەپ تۇنۇشقان كومپيۇتېرغا قاچىلانغىنى Windows 95 ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى 486 لىك ئىدى . ئارىدىن ئۆتكەن 10نەچچە يىللىق تارىخ ماڭا بىر چۈشتەكلا تۇيۇلىدۇ …

  4. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇيۇقسىزلا بارلىق كومپىيۇتېرلاردىكى سېستىمىلىرى ۋىىندوۋىسنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسىغا قايتىپ قالسا … :evil:

  5. FinalFantasy : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېھ… ياشلىق… :oops:
    زوق بىلەن تەرجىمە قىلىپ قويۇپتىكەنمەن…

  6. تۈرۈكزات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئو …ۋىندوئىسنىڭ تارىخى بىر رومانكەنغۇ ،،،، :evil:

  7. خەنزۇبازا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ ‹‹ مىم ›› لارمۇ باكەنغۇ ئارىمىزدا. ئالامەت چۈشەندۈرۋېتىپتۇ! ئوقۇمىغان ئادەممۇ بىلىۋالغۇدەك…

 汗