مىكروسوفت تۇنجى قېتىم ئەڭ يېڭى Windows 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى…
مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، مىكروسوفت تۇنجى قېتىم سىرتقى دۇنياغا ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 8 نىڭ مەشغۇلات كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىدى. قارىماققا بۇدا مىكروسوفت Windows 8 ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ 25 يىللىق تارىخقا ئىگە مەشغۇلات سېستىمىسى windows قا چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماقچىدەك قىلىدۇ. ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، windows8 نىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى، تاختا كومپيۇتېرلار بىلەن ئۈستەل كومپيۇتېرى ئارىسىدا ئوخشاش بولغان ئىشلىتىش تۇيغۇسى بەرپا قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق تاختا كومپيۇتېرى بازىرىدىكى رىقابەتچىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، windows8، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,625 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows8-demo-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > رىۋايەتلەردىكى ناگا پالۋان «جانباز مۈشۈكئېيىق2» ئاخىرى Windows 7 گىمۇ باستۇرۇپ كەپتۇ…
- كېيىنكى يازما > Windows 8 كەلدى! Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار سىناق نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- ئۇيغۇرچە Windows 8 سېتىۋالالمىغانلارغا يەنە بىر پۇرسەت – ھەقىقى نەشىردىكى 8 Win يەنىلا 250 سوم (سانى چەكلىك)
جاھان رەنالىرى ئىچرە دىۋاندىن باشقا گۈزەل يار يوق، دىۋاندىن ئۆزگە تۇتقان يار بۇلۇر ئۇ پەگادا جان يوق
سەرالىق دەپ بىر بالا بولىدىغان مۇشۇ يەردە ، قاچاندا قارىسا دىۋانغا چىقىۋالىدىغان ، بۈگۈن ‹شىڭچى› قىلغان ئوخشىمامدۇ ؟
_______________________________________
ما تېمىنىڭمۇ ئەتە بازىرى چىقىپ كېتدۇ دىسەم ئىشەنمەيسىلەر دىسەم ئىشەنمەيسىلەر ئىرۇر
ئەمدە ھەر بىرسىلىرىگىمۇ قالسۇن دېدىمغۇ
دىۋاننى دوست تۇتقان بەندە،
بولۇر تورخۇماردا شەرمەندە.
Windows7 نى ئشلىتىپ بولالمايۋاتسام Windows8چىقىپ بوپتۇغۇ. بۇمۇ ياخشىدەك قىلىدۇ لىكىن بىز تەرەپلەرگە قاچان كىلە؟
بەزى ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، Microsoft مەزكۇر مەشغۇلات سىستېمىسىنى 2012-يىلى 7-ئايلاردا بازارغا سېلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
ھەي….. تەرەققىيات مۇشۇنداق كېتىۋېرىپ رېلىستىن چىقىپ كەتمىسە بولاتتىغۇ…….
مەنچە بولغاندا بۇ يىل ياكى كېلەر يىلى بېشىدا بازارغا سالىدۇ.بولمىسا ماۋۇلارنى بازارنى يەپ بولىدۇ.رىۋايەتلەردىكى بۇ سېستىمىنى تىزىراق كۆرسەك بولاتتى.
قاچانمۇ يىتىشەرمىز بۇ تەرەققىياتلارغا windows7ئومۇملۇشۇپ بولالمايۋاتسا ئەمدى windows8 چىقىپ بوپتۇ…..
مەن تېخى xp دىن چىقالمايۋاتسام !
چىققاندا ئۆزىمىز ئىشلىتىپ ككرۈپ بىرنىمە دەيلى، مەنغۇ بۇنى ككرۈپ ھېچقانداق ھۇزۇرلىنالمىدىم
ساقلايلى بىزگىمۇ كىلىپ قالار
ۋىندوۋسقا ئەمدى كۆنگەنتىم
ما ئاچام نىمە سىستېما ئىشلىتىدىغان بولغىيتى ئىلگىرى، ئاشۇمۇ Windows كەن شۇ
شى پى (xp) بولسا كېرەك
مەنمۇ xp دېگەن بۇرادەرنى يېنىمدىن ئايرىمايمەن. لېكىن سەل سەتراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتايىتەن «win7» ئاداشنىڭ «سىماسىنى» چۈشۈرۈپ قاپلىۋالدىم. لېكىن مېھرىم بار xp غا….
بۇ ئاچىڭىز 7نى ئىشلىتىۋاتاتتى
ھېلىمۇ 7 ئىشلىتىپ قاپتىكەن، 98 ئىشلىتىپ قاغان بوسا گەپ باكەن ماڭا
تور خۇماردا تىمىدىن ئىنكاس بەكرەك قىززىيدىكەنغۇ..
ئاھ پىدا
……سىزگەگەپ قىلمىدىم بولدى
مىنىڭ خاتىرە كومپىيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىرى كۆتۈرەلەرمۇ؟ شۇنى ئويلاپ قالدىم
قارىغاندا تەدبىركارنىڭ يوۇكۇ نى ئارىلاپ قويىدىغان ئادىتى با ئوخشايدۇ…!؟خىلى بولغان بۇنى كۆرگىلى.
بۇنى تورخۇماردا ئېلان قىلغىلىمۇ خېلى بولدىغۇ؟
ھە ئەلۋەتتە…كۆرۈنمە يۈزى سەتكەن ھە!؟ھى ھى
بولىدىكىن جىما باللو .