رىۋايەتلەردىكى ناگا پالۋان «جانباز مۈشۈكئېيىق2» ئاخىرى Windows 7 گىمۇ باستۇرۇپ كەپتۇ…
نۆۋەتتە «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى»دىن باشقا، كىنوخانىدا قويۇلىۋاتقان ئالقىشلىق فىلىملەرنىڭ بىرى «جانباز مۈشۈكئېيىق2» بولۇپ، بۇ قېتىم كۆپچىلىك ئۈچۈن يېڭىچە 3D ئۈنۈم ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە باش قەھرىمانىمىز Po نىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىمۇ ئاشكارىلانغان. ئىشىنىمەنكى، بالىلار بايرىمىدا، ئەڭ ئالقىشلىق فىلىمنىڭ بىرى شەك-شۈبھىسىز «جانباز مۈشۈكئېيىق2» بولۇپ قالغۇسى. گەپكە قايتساق، مىكروسوفت يېقىندا بىر يۈرۈش ئىنتايىن قالتىس Windows 7 ئۇسلۇبلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم، تەدبىركار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كارتون فىلىم «جانباز مۈشۈكئېيىق» نىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى…
سېستىما ئۇسلۇبلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى، شۇنداقلا «جانباز مۈشۈكئېيىق»نى ياخشى كۆرىدىغان تورداشلار پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي سىناپ بېقىڭلار، ئۇسلۇبتا جەمئىي 9 پارچە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەگرەسىم تەمىنلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم تاللانغان تەگرەسىملەر:
ئۇسلۇبنى ئورنىتىش ئۇسۇلى:
بۇ مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن تارقاتقان ئۇسلۇب بولۇپ، سېستىمىنىڭ ئۇسلۇب چەكلىمىسىنى بۇزمايلا قاچىلاشقا بولىدۇ. چۈشۈرگەندىن كېيىن، كېڭەيتىلگەن نامى themepack بولغان ھۆججەتنى قوش چەكسەكلا كۇپايە!
ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش:
«جانباز مۈشۈكئېيىق2» نىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D كارتون,ئۇسلۇب,سېستىما,گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kungfu-panda2-win7-theme.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بالىلار بايرىمى ئۈچۈن بىر MV، يۇقىرى تەسەۋۋۇر بىلەن ئىشلەنگەن ئەسەر: The Greeks
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفت تۇنجى قېتىم ئەڭ يېڭى Windows 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى…
ۋەيرانىغا:
سىلىدە جاسارەت يوق دېسە ئىشەنمەيمەن ،ۋاقىت يوق ئىشىنەرمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىم جېق .چۈشىنىشكە بولىدۇ .
تەرجىمىدە ياردەم لازىم بولسا ھايت دەڭلا ،ئوقۇش پۈتتۈرۋالغۇچە ھەقسىزتەرجىمانلىقنى جېق جېق قىلاي ، كىيىن تاپقىلى بولماي قالارمىكىن مېنى
مۈشۈكئېيىقلار تورخۇمارنى ئىشغال قىلىۋاپتۇ
1-بۆلۈم نىمۇ شۇنداق ياقتۇرغان ئىدىم،2-بۆلۈممۇ چىقىپتۇ دەپ ئاڭلاپ كۆرۈشكە ئالدىراپ شۇنداق شۇنداق شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ…
قىزلار بولسا داۋاملىق قارشى ئالىمىز ، قىزلار كىرسە ئاۋاتلىشىپ كېتىدىكەن تورلارمۇ
ھەئە شۇ ئەمدى قىزلارسىز بۇ ئالەممۇ چۆرۈلمەيدۇ ئەمەسمۇ قوشۇلۇپ قالدۇق شۇ ، ئىلگىرىغۇ خېلى كىرەتتم ئەمما شۇ ئىنكاس يىزىپ كەتمەيتتىم…
ئاخشام بېرىپ كۇرۇپ كەلدىم .ياخشى ئىشلەپتۇ.مۇمكىن بولسا ھەرقايسى ئىنقىلابىي يولداشلار كۇرۇپ كىلىڭلار.مانا مەنمۇ يالغۇز كۇرۇپ كەلدىم.تەنھالىىقىمغا ئولەيمۇ دىگەن ناخشىنى دوڭ توۋلاپ..
رىتاغا:رەھمەت سىزگە..
بىر ھەپتە بولاي دىدى …تورخۇمارغا نېمە بولدى ۋوي ….
تەدبىركار ئەپەندى ئەمدى سىز تورخۇماربىلوگىنى مۇنبەرگە ئۆزگەرتسىڭىز بولغۇدەك ، بىر نەچچە كۈن بولدى ، ئىنكاسلار خېلى قىززىۋاتىدۇ
مۇنبەرگە ئۆزگەرتسىلا ئىش بۇزۇلىدۇ
شۇشۇ
مۇنبەرگە ئوزگەرتسە مەن دەرھال قاچىمەن.
كىنوخانىغا كىرىدىغانغا پۇل يوق ،ئاخشام توردىن ماتلاپ تېپىپىپ كۆردۈم ،ھەر ھالدا بوپ قالدىكەن،مەن قارسام بىرنجى بۆلمىدەك ياخشى چېقمغاندەك ھېس قېلىپ قالدىم،ئەمدى 3بۆلمى قاچان چېقار ھە….
ئايقىز :Унам ,унам , умақлиғини бу қизниң .
مەن كىنونى dvd ئاپاراتىدا ياستۇقنى قىرلاپ ئولتۇرۇپ كۆرمىسەم كىنو كۆرگەندەك بولمايمەن. شۇڭا كومپىيوتېردا ئەزەلدىن كىنو كۆرمەيمەن.
تورخۇمار راسلا ئاۋاتلىشىپ كېتىپتۇ جۇمۇ…. تورخۇمارلار ئەمدى يىغىلغان ئوخشايمىز.
شۇ مۇشۇنداق قىلسا كىشى خۇماردىن چىقمامدۇ…….بوپمۇ مەندەك سىزدەك كىنو خۇمارلىرى….
умақлиғини бу қизниң
قايسى تىلدىكى گەپكىنە بۇ google لىمۇ تەرجىمە قىلالماي قالدىغۇ ئەمدى ….
شۇ مىنىڭ ئۆيۈمدىكى كومپىيوتىر تىلۋۇزۇردىن چوڭ شۇڭا مەن كومپىيوتىردا كىنو كۆرسەم بەكرەك پۇخادىن چىقىمەن. …….
شۇ سىزنى بەك ئۇماق دەپتۇ ئايقىز
ۋېندوۋس 7 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسام چوقۇم چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويىدىغان نەرسىكەنتۇق…
شۇنداقمۇ مەن قارىساممىغۇ شۇنداقراق خەتكە ئوخشىغان
بۇ ئوقەت بولىدىكەن .