مىكروسوفت Windows XP نىڭ ئېلان قىلىنىپ 10 يىلغىچە ھېلىھەم ھايات تۇرۇشىنىڭ 10 چوڭ سەۋەبى!
Windows XP ئاللىقاچان 10 ياشقا كىرىپ قالدى. ھالبۇكى ئۆتكەن بۇ 10 يىلدا، مەشغۇلات سېستىمىسى ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. XP نىڭ داغدۇغىلىق ھالدا بازارغا سېلىندى ھەمدە ناھايىتى تېزلا مىكروسوفتنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ قالدى. ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ مۇقىم ھەم تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى، نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنىڭ windows سۇپىسىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش يولىغا قاراپ ماڭدى…
گەرچە 2007-يىلى مىكروسوفت ئۇنىڭ ئورۇن باسارى Windows Vista نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، XP يەنىلا پېنسىيىگە چىقىشنى رەت قىلدى ھەمدە تا ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ كەلدى. Windows XP دىمۇ بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، بىر قىسىم كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرىگە نىسبەتەن بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ روشەن ئىدى. مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىن كىرزىسقا دۇچ كېلىشى سەۋەبىدىن، بىر قىسىم كارخانا سانلىق-مەلۇمات ئۇچۇرلىرى يۈتۈپ كېتىدىغان، تور مەنبەسى ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپ، نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەلىۋىگە ماسلىشالمىدى. Windows XP نىڭ 10 يىللىق تارىخى جەريانىدا، نۇرغۇن گۈزەل ياكى ئېچىنىشلىق ئەسلىمىلەر بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىرلىكتە Windows XP دىكى ئۇنتۇلغۇسىز ۋە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
XP ھەقىقەتەن مىكروسوفتنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتى
2001-يىلى مىكروسوفت Windows XP نى ئېلان قىلغان چاغدا، بۇ تارىختىن بۇيانقى «ئەڭ ياخشى» مەشغۇلات سېستىما نەشىرى ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى. مانا ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى، گەرچە مىكروسوفت ئۇنىڭ كۆزدىن تېزرەك يوقىلىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما بۇ قېرى مەشغۇلات سېستىمىسى ھېلىھەم ھايات تۇرماقتا. خېلى كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ مۇقىملىقى ئەجدادلىرىغا قارىغا خېلىلا ئېشىپ كەتكەن ئىدى، بولۇپمۇ Windows Me غا قارىغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى.
ھەر بىر يېڭىلاش يامىقى ئۇنى تېخىمۇ تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ ماڭدى
مىكروسوفت Windows XP Service Pack 1 نى ئېلان قىلغان چاغدا، بىخەتەرلىك قالپىقى ئاستىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى. گەرچە مىكروسوفت بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا مەغلۇب بولدى. ھالبۇكى، Windows XP Service Pack 2 نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، بىخەتەرلىك جەھەتتىن ھەقىقەتەن زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. Windows XP نىڭ Service Pack 3 نەشىرى بولسا يۇقىرى بىر پەللىگە يەتتى، بۇ نەشىرى تا ھازىرغىچە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
XP ۋارىسى Windows Vista نى ئۆز قولى بىلەن مەغلۇب قىلدى
مىكروسوفت Windows Vista نى ئوتتۇرىغا چىقارغان چاغدا XP نى بازاردىن چېكىنىدۇ دەپ قارىغان ئىدى، ئەمما ئىش ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك چىقماي قالدى. ئەمەلىيەتتە، Vista سەۋەبىدىن چىققان نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك تۈپەيلى، PC كارخانىلىرى خېرىدارلارغا «نەشىرىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىش» شەكلىدە مۇلازىمەت قىلدى. گەرچە Windows Vista ھېلىھەم سېتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن XP غا ئوخشاش PC ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىشەنچ تۆرىدىن ئورۇن ئالالمىدى.
XP تېخىمۇ كۆپ بازارنى Windows قا سۆرەپ ئەكىردى
Windows XP ھەقىقى تۈردە يېڭى بازاردىكى كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى Windows قا يىغىنچاقلىيالىغان مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كۈنسىرى مۇكەممەللىشىۋاتقان Windows XP غا ئوخشاش باشلانغۇچ خاراكتېرلىك بۇ خىل مۇھىتقا ماس كېلىدۇ، نۇرغۇن كومپيۇتېرنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. Windows XP ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدىكى پەرقنى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىۋەتتى، ھازىر، نۇرغۇن كىشىلەر XP نىڭ سەۋەبىدىنلا Windows ئىشلىتىۋاتىدۇ.
كارخانىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش
كارخانىلار ئاللىقاچان Windows قا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، Windows XP بولسا شەك-شۈبھىسىز كارخانا ساھەسىدە ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە مىكروسوفت كۈچەپ ئۇلارنى يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىغا كۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغىچە نۇرغۇن شىركەتلەر ھېلىھەم XP ئىشلىتىدۇ.
بىخەتەرلىك مەسىلىسى يەنىلا بىر ئاپەت
Windows XP ئىنتايىن مودا بولدى، شۇنداقلا ئۇ مىكروسوفتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىگىنىمۇ ھەممە ئادەم بىلىدۇ. گەرچە بىر قىسىم مەسىلىلەر Internet Explorer بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما مىكروسوفت سېستىمىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئانچە بەك كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولالمىدى. كېيىنكى يېڭىلاش ياماقلىرى بولسا بۇ مەسىلىلەرنى بىر ھېسابتا ھەل قىلغانمۇ بولدى، ئەمما Windows XP نىڭ يۇمشاق دېتال بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھېلىھەم قىززىق بىر نۇقتا بولۇپ تۇرماقتا.
نۇرغۇن كارخانىلار XP نى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ
ئۈستىدە بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۇرغۇن كارخانىلار Windows XP نىڭ پېنسىيىگە چىقىشىنى خالىمايدۇ، بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ Windows 7 نى سېتىشتىكى بىر كوزۇرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا نۇرغۇن كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى Windows 7 كارخانا نەشىرى ياكى Windows 7 بايراقدار نەشىرىنى ئىشلەتسە، ئۇلار مەۋھۇملاشتۇرۇلغان Windows XP نى ئىشلىتەلەيدۇ، بۇ مىكروسوفتنىڭ تېخىمۇ كۆپ Windows 7 نى سېتىپ چىقىرىشىغا پايدىلىق، ئەمما نۇرغۇن شىركەتلەر داۋاملىق ئۆزىنىڭ كەسپىي يۇمشاق دېتاللىرى بېقىنالايدىغان بىر مۇھىت – Windows XP دىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ.
پروگرامما ئاچقۇچىلارنىڭ جەننىتى
Windows XP نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى ياقتۇرۇپ ئالقىشلايدىغان بىر سۇپىغا ئايلاندۇردى. مەيلى مۇرەككەپ يۇمشاق دېتاللار، مەسىلەن Photoshop ياكى ئاددى نەرسىلەر، مەسىلەن بالىلار ئويۇنلىرى بولسۇن، Windows XP بۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر بىر سۇپا ھېسابلىنىدۇ، پروگرامما ئاچقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق پۇل تاپالايدۇ.
مەشغۇلات سېستىمىسى بازىرىنى مونوپول قىلىش
ناۋادا Windows XP مەشغۇلات سېستىمىسى بولمىغان بولسا، بەلكىم ھازىرقى بازاردا قارىماققا ئىنتايىن كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. XP نىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى، ئۇنىڭ Linux ۋە Mac OS X دىن كەلگەن تەھدىدىگە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا تاقابىل تۇرالىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ قالدى، مىكروسوفت داۋاملىق مەشغۇلات سېستىمىسى بازىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ماڭدى. ئۇنىڭدىن باشقا، XP نىڭ مۇۋەپپىقىيىتى مىكروسوفتنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياخشى كاپالەت بولۇپ بەردى، مەسىلەن Vista نى بازارغا سېلىپ قاتتىق مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ بازار يەنىلا مىكروسوفتنىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ چىقىپ كېتەلمىدى.
كۆچمە ئۈسكۈنە مەشغۇلات سېستىمىسىغا بولغان ئىلھام
بەزىلەر بەلكىم ئالما شىركىتى ئىستېمال بازىرىدا زور مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشكەن iPad نى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، مىكروسوفتنىڭ Windows XP غا ئاللىقاچان تاختا كومپيۇتېرنى قوللاش ئىقتىدارىنى تېڭىۋەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ ئۈسكۈنىلەرگە ئۇلانغان ئېغىزلار قەلەم ئارقىلىق مەشغۇلات قىلغاندىلا ئىشلەيدۇ، شۇڭا ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك مەھسۇلاتمۇ ئەمەس، ئەمما بۇلار ھەقىقەتەن iPad ۋە SAMSUNG نىڭ Galaxy Tab تاختا كومپيۇتېرلىرىغا نىسبەتەن زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: Microsoft، windows، XP، ئانالىز، سېستىما، مۇھاكىمە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,813 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ten-reasons-why-winxp-still-alive.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاش ئۇسۇلى(رەسىملىك)
- كېيىنكى يازما > كۆمۈلگەن مەخپىيەتلىك: Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى ئەسلىدە Mac كومپيۇتېرىدا ئىشلىنىپتىكەن!!!
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟(2)
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
تورخۇمارنىڭ يىڭلىنىش سورىتى ئاتتەك بولىۋاتىدا.
بۇرۇن دىۋان تالىشىپ كېچىچە ئۇخلىمايتىم.
ئەمدى كەڭ كۇشادە ئېشىپ قالدى.
ھە…ئەسلىدە مىكروسوفىت باشلامچىكەندە ماندا تاختاپىيۇتېردا
مەنمۇ xp نى قوللاۋاتىمەن. win8 نىڭ ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىپ xp ئوينىسا باشقىچە راھەت. ئاساسەن ھەممە يۇمشاق دېتال ماسلىشالايدۇ. يەنە ئېسىلكۆرۈنمە يۈز… شۇ ie6 سى سەل ناچار. chrome ھەل قىلىدۇ بۇنىمۇ.
مىخ
ياخشى يازما!
ۋىندوۋس7نىچۇ؟ مەنچە ھەممىدىن قالتىس چىققىنى يەنىلا مۇشۇ 7مىكىن دەيمەن!
مەن چىمۇ شۇنداق ۋىندوۋس7 ھەممىدىن قالتس
ۋىن 8 نىڭ ھەقىقى نەشىرى چىقىپ باقسا كۆرىپ باقساق ئاندىن
مەن مۇشۇ شى پى دىن ئايرىلالمايمەن.
ماڭغا win8 تىخىمۇ يىنىك ئازادە بىلىندى.
مىنىڭچىمۇ xp ھە راس نوكىيا n10 يانفۇنى چىقىپتۇ كۆرۈپ بىقىڭلار ئەگەر بۇ تىلفۇن بازارغا سىلىنسا ئۇ چاغدا… …
windows نىڭ بۇنچىلىك بولمىقى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، مەن ئەڭ قايىل بولدىغان شىركەت ، چۇنكى ،مەن كۆرگەن ھەرقانداق بىر كومپيۇتېردىن مىكروسوفت نىڭ يۇمشاق دىتالىنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇنچىلىك بولمىقى ھەقىقەتەن تەس دۇنيادا…