كۆمۈلگەن مەخپىيەتلىك: Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى ئەسلىدە Mac كومپيۇتېرىدا ئىشلىنىپتىكەن!!!
نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىدىن كەتمىگەندەك بىلىنىدۇ، بۇ مۇزىكا ئەنگلىيەلىك مۇزىكانت Brian Eno نىڭ قولىدىن چىققان بولۇپ، يەنە «مىكروسوفت ئاۋازى» دېگەن نامىمۇ بار، Eno ئۆزىمۇ كېيىن داڭلىق ئويۇن Spore نىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇزىكىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان…
يېقىندا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى Eno نىڭ 2009-يىلى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر پارچە فىلىمنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، Eno مەزكۇر زىيارەتتە Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسىنىڭ ياسىلىشىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بىر كىچىك مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان، بۇ بىر بۆلەك قىسقىغىنە مۇزىكا ئالما شىركىتىنىڭ Macintosh كومپيۇتېرىدا يېزىپ پۈتتۈرۈلگەن ئىكەن.
Eno ئەسلەپ مۇنداق دېگەن، مىكروسوفت ئەينى چاغدا ناھايىتى ئۇزۇن بىر تىزىملىكنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ چىققان قوزغىلىش مۇزىكىسى ئۇلارنىڭ تەلىپىگە لايىق بولۇشى كېرەك ئىكەن، ھالبۇكى بۇ تەلەپ تەخمىنەن 150 كە يېقىن سۈپەتلەش سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «كىشىنى روھلاندۇرىغان»، «تەنناز»، «ھاياجانلاندۇرىدىغان»، «سېغىندۇرىدىغان»، «قايغۇرتىدىغان» دېگەندەك سۆزلەر بار ئىكەن. بۇ بىر پەقەت نەچچە سكونتلۇق قىسقىغىنە مۇزىكىغا نىسبەتەن، ھەقىقەتەن مەزمۇنى مول بولغان بىر تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.
BBC ئۇنىڭدىن بۇ مۇزىكىنى Windows قاچىلانغان PC دا ئىشلىگەن ئىشلىمىگەنلىكىنى سورىغاندا، Eno مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «ياق، مەن بىر دانە Mac كومپيۇتېردا يېزىپ چىقتىم، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئەزەلدىن PC ئىشلىتىپ باقمىدىم، مەن ياقتۇرمايمەن.» بۇ جاۋاپ ئېنىقكى مىكروسوفتنى ئوڭايسىزلاندۇرماي قالمايدۇ.
Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، windows، مىكروسوفت، مۇزىكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows-95-beginning-music.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنيا بويىچە 102 خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مىكرو كارتون فىلىم، نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
- كېيىنكى يازما > ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى زادى قانداق ياساپ چىققاندۇ؟! دېڭىز ساھىلىدىكى تاش قوپۇرما سەنئىتى!!
- مىكروسوفت Metro چە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى E-Mail مۇلازىمىتى Outlook.com نى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى!
- كېيىنكى ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىشقا ئاز قالدى، iPhone 5 ھەققىدىكى ئەپقاچتى پاراڭلارنىڭ توپلانمىسى
- تىنىق Retina ئېكران، نۇر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن كۇنۇپكا تاختىسى، 17 ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ نەزىرىدىكى iPhone 5
- iPhone چىقىشتىن بۇرۇن، جوبز قانداق قىلىپ يان تېلېفون ياساش خىيالىغا كەپ قالغان؟
- MP3 ھۆججەت شەكلى قانداق قىلىپ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؟
- Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
- iOS 6 نىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى: iTunes بىلەن App Store بىرلەشتۈرۈلۈپ iStore دەپ ئاتىلىدىكەن
- مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس(Bill Gates) نىڭ ھاياتىغا قىززىقامسىز؟
- ھەر يىلى تارقىلىدىغان ئەڭ مودا ئەپسانىۋى خەۋەرلەرنىڭ بىرى: يېڭى ئەۋلاد iPhone 5 نىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى
- iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
ۋاھ…. ما ئاداشنى ئەمدى، Pc بىلەن خوشۇم يوق دەپ كىتىپتا؟ شۇندا چوڭچىما ئەمدى، مەنمۇ BMW سىتۋالغان بولسام ھەرگىز قوتۇر ئىشەك مىنمەيتىم…
دىۋان…دىۋان.. .بىر كۈندە ئىككى قىتىم دىۋاندا ئولتۇرۇشنى چۈشۈمدىمۇ كۆرمەيتىم…
ۋاي-ۋۇي . تورخۇماردا زادى بىرىنچى ئىنكاس (دىۋان) ؟!
ئۇنداق بولسا نېمە بولۇپتۇ.
نىمبۇلاتتى تىمىنى بالدۇر وقۇغان بۇلىدۇ شۇ
ئىنكاسنى بىرىنىچى بۇلۇپ يازغان بۇلىدۇ ،
تەنناز سۆزىگە كۆزۈم چۈشتى، ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ سۆز ئارقىلىق تەرجىمە قىلغانلىقىنى بىلگۈم كەلدى.
يەنىلا
مەن dropdrop كىنو شىركىتىدە ئىشلەيمەن، شىركەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپەم فانتازىيەلىك ئۈنۈم لايىھەلەش…
مەن يېقىندا 154 مىڭ يۈەنگە pc قوراشتۇردۇم، نېمىشقا دېسىڭىز ئالما كومپيۇتېرى مېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقالمايدۇ، مەن چوقۇم ھېسابلاش ئىقتىدارى چەكسىز كومپيۇتېر ئىشلىتىشىم كېرەك، چوقۇم چەكسىز ھالدا قاتتىق دېتال قوشقىلى بولىدىغان كومپيۇتېر سېتىۋىلىشىم كېرەك… ئالما كومپيۇتېرىنى پەقەت مۇزىكا بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىمىزنىڭ خادىملىرى ئىشلىتىدۇ، چۈنكى ئالمىنىڭ بەزى قوراللىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە…
154 مڭ يۈەن؟ بۇ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىگە ۋە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىڭىزغا قاتتىق قىزىقىۋاتىمەن!
مەنمۇ شۇ مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم!