نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە جۇڭگولۇق مۇئەللىمنىڭ « كۈل قىز» دەرسىنى ئۆتۈشى

ئامېرىكىلىق مۇئەللىم ۋە جۇڭگولۇق مۇئەللىمنىڭ « كۈل قىز» دەرسىنى ئۆتۈشى

چەتئەل مائارىپى ۋە جۇڭگو مائارىپنى سېلىشتۇرساق، ئەلۋەتتە نۇرغۇن پەرقلەرنى ھېس قىلالايمىز، تۆۋەندىكىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكى تىپىك مىسالنىڭ بىرى…

ئامېرىكا نۇسخىسى : دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى، بالىلار سىنىپقا كىرىشتى، بۇ سائەتلىك دەرستە مۇئەللىم ‹‹كۈل قىز›› دېگەن دەرسنى ئۆتمەكچى ئىدى. مۇئەللىم بىر بالىنى مۇنبەرگە چىقىپ كۈل قىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. بالا ناھايىتى تېزلىكتە سۆزلەپ بولدى، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىغا رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن بالىلاردىن سوئال سوراشقا كىرىشتى.
مۇئەللىم: سىلەر بۇ ھېكايىدىكى كىمنى ياخشى كۆرىسىلەر، كىمنى ياقتۇرمايسىلەر؟ نېمىشقا؟ 
ئوقۇغۇچىلار: سىندىرېلا (كۈلقىز) نى، يەنە شاھزادىنى ياخشى كۆرىمىز، كۈلقىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۆگەي ھەدىلىرىنى ياقتۇرمايمىز. سىندىرېلا ئاقكۆڭۈل، سۆيۈملۈك، چىرايلىق. ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئۆگەي ھەدىلىرى سىندىرېلاغا يامانلىق قىلىدۇ.
مۇئەللىم: ئەگەر يېرىم كېچە سائەت 12 بولغاندا سىندىرېلا ئۆزىنىڭ كاۋا پەيتۇنىغا چىقىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالسا، ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، قانداق ئىش يۈز بەرگەن بولاتتى؟
ئوقۇغۇچىلار: سىندىرېلا بۇرۇنقى قاسماق ئەسكى كىيىملىك ھالىتىگە كېلىپ قالغان بولاتتى، ئۇنداق بولغاندا چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتى-دە.
مۇئەللىم: شۇڭا، سىلەر چوقۇم ۋاقىتقا رېئايە قىلىدىغان ئادەم بولۇشۇڭلار كېرەك، ئۇنداق بولمىسا ئۆزۈڭلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىلەر. ئۇنىڭدىن باشقا قاراڭلار، سىلەر ئادەتتە چىرايلىق كىيىنىپ يۈرىسىلەر، شۇڭا ئۇشتۇمتۇتلا باشقىلارنىڭ ئالدىغا ۋەيرانە ھالدا چىقىپ يۈرمەڭلار، بولمىسا دوستلىرىڭلار قورقۇپ كېتىدۇ. قىزلار سىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك، سىلەر چوڭ بولغاندا يىگىتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەگەر دىققەت قىلمىساڭلار ئوغۇل دوستۇڭلارغا بەكمۇ سەت كۆرۈنۈپ قالىسىلەر، ئۇلار قورققىنىدىن ھۇشىدىن كېتىشىمۇ مۇمكىن (مۇئەللىم ھۇشىدىن كەتكەن ھالەتنى دورايدۇ)
مۇئەللىم: ئەمدى يەنە بىر سوئال، ئەگەر سىز سىندىرېلانىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسىڭىز، سىندىرېلانىڭ شاھزادىنىڭ تانسا كەچلىكىگە بېرىشىنى توسامتىڭىز؟ چوقۇم راست گەپنى قىلىشىڭلار كېرەك! 
ئوقۇغۇچىلار: (بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ، ئاندىن قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىدۇ) شۇنداق، ئەگەر مەن سىندىرېلانىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسام، ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىشىنى توسىغان بولاتتىم.
مۇئەللىم: نېمىشقا؟ ئوقۇغۇچىلار: چۈنكى، مەن ئۆز قىزلىرىمنى سۆيىمەن، قىزىمنىڭ خانىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇئەللىم: شۇنداق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كۆرگەن ئۆگەي ئانىلارنىڭ ھەممىسى يامان ئادەمدەكلا، ئۇلار پەقەت باشقىلارغا ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆز بالىلىرىغا ناھايىتى ياخشى، بىلەمسىلەر ئۇلار ئەسكى ئادەملەر ئەمەس ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ بالىسىغا ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەلمەيدۇ.مۇئەللىم: بالىلار ئەمدىكى سوئال، سىندىرېلانى ئۆگەي ئانىسى شاھزادىنىڭ تانسىسىغا قاتناشقۇزمىغان ئىدى، نېمىشقا ئۇ يەنىلا بارالىدى، ھەتتا تانسىدىكى ئەڭ گۈزەل قىز بولۇپ بارالىدى؟ 
ئوقۇغۇچىلار: ھۆر-پەرىلەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى، ئۇنىڭغا چىرايلىق كىيىم بەردى، كاۋىنى پەيتۇنغا، ئىت بىلەن چاشقاننى چاكارغا ئايلاندۇرۇپ بەردى.
مۇئەللىم: توغرا، ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭلار! سىندىرېلاغا ھۆر-پەرىلەر ياردەم قىلمىغان بولسا، ئۇ تانسىغا قاتنىشالمىغان بولاتتى، شۇنداقمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: شۇنداق!
مۇئەللىم: ئەگەر ئىت، چاشقان ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇ ئاخىرقى ۋاقىتتا ئۆيگە ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلەلەرمىدى؟
ئوقۇغۇچىلار (كۈلۈشۈپ كېتىپ): ياق، ئۇنداق بولغىنىدا شاھزادىنى قورقۇتىۋەتكەن بولار ئىدى (يەنە كوللىكتىپ كۈلكە ئاۋازى).
مۇئەللىم: سىندىرېلاغا ھۆر-پەرىلەر ياردەم قىلىدۇ، بىراق، ھۆر-پەرىلەرنىڭ ياردىمى بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. شۇڭا، بالىلار مەيلى قەيەرگە بارايلى، بىز دوستلارغا مۇھتاج بولىمىز، بىزنىڭ دوستلىرىمىز ھۆر-پەرى بولۇشى ناتايىن، ئەمما بىز ئۇلارغا ئېھتىياجلىق، مەن سىلەرنىڭ نۇرغۇن دوستۇڭلار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆۋەندە، يەنە ئويلاپ بېقىڭلار، سىندىرېلا ئۆگەي ئانىسى يول قويمىغانلىقى ئۈچۈنلا شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، ئۇ شاھزادىنىڭ جۆرىسى بولالىغان بولارمىدى؟
ئوقۇغۇچىلار: بولالمايتتى! ئۇنداق بولغىنىدا ئۇ تانسىغا بارالمايتتى، شاھزادىگە ئۇچرىمايتتى، تونۇشمايتتى ۋە شاھزادە ئۇنى ياخشى كۆرۈپمۇ قالمايتتى.
مۇئەللىم: ناھايىتى توغرا! ئەگەر سىندىرېلا تانسىغا بېرىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئۇنى توسماي قوللىسىمۇ پايدىسى بولمايتتى، كىم ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسىسىغا بېرىشىنى قارار قىلدى؟ )ئوقۇغۇچىلار: ئۇنىڭ ئۆزى.
مۇئەللىم: شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار، سىندىرېلانىڭ غېمىنى يەيدىغان ئانىسى يوق، ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنمەيدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتسە، ئۆز غېمىنىمۇ قىلمىسا بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى قەدىرلىگىنى ئۈچۈن، ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى ئىزدىشى كېرەك. ئاراڭلاردىن بىركىم باشقىلارنى ئۆزىگە كۆيۈنمەيدىغاندەك ھېس قىلسا ياكى سىندىرېلادەك كۆيۈنمەيدىغان ئۆگەي ئاناڭلار بار بولسا، قانداق قىلاتتىڭلار؟ يەنە بىر گەپ، بۇ ھېكايىدە قانداق نامۇۋاپىق جاي بار؟
ئوقۇغۇچىلار: (سەل ئويلىنىپ) يېرىم كېچىدىن ئۆتسە ھەممە نەرسە ئەسلىگە قايتاتتى، ئەمما سىندىرېلانىڭ مەرمەر ئايىغى ئۆزگەرمەيدۇ.
مۇئەللىم: پاھ، قالتىسكەنسىلەر! قاراڭلار، مۇشۇنداق ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭمۇ خاتالىق سادىر قىلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، شۇڭا، خاتالىشىش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس. ھۆددە قىلالايمەنكى، ئاراڭلاردىن كەلگۈسىدە يازغۇچىلار چىقسا، بۇ يازغۇچىدىنمۇ قالتىس بولۇپ چىقىدۇ! ئىشىنەمسىلەر؟ (بالىلار چۇقىرىشىپ ئاۋاز قوشىدۇ).
مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاددىي بىر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بىر سائەتلىك تېكىست ئوقۇش دەرسى. بىز قانچە يېشىمىزدا مۇشۇنچە تەپەككۇر قىلالىغان بولغىيتتۇق-ھە؟

________________________________________

بۇ دەرسنىڭ «جۇڭگوچە نۇسخىسى»نى كۆرۈپ باقايلى:

دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىردى.
مۇئەللىم: بۈگۈنكى دەرستە بىز ‹‹كۈلقىز›› دېگەن دەرسنى ئۆتىمىز. كۆپچىلىك ئالدىن ئۆگىنىپ كەلدىڭلەرمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: ھېكايىنىمۇ ئالدىن تەكرار قىلىدىغان گەپمۇ؟
مۇئەللىم: “كۈلقىز” گىرىمنىڭ چۆچىكىمۇ ياكى ئاندېرسوننىڭمۇ؟ ئاپتورى كىم؟ قاچان تۇغۇلغان؟ ئاپتورنىڭ ھايات پائالىيىتى قانداق؟
ئوقۇغۇچىلار: ھەممىسى كىتابتا بارغۇ، ئۆزىڭىز ئوقۇيالمامسىز؟
مۇئەللىم: بۇ ھېكايىنىڭ زور ئەھمىيىتى نېمە؟ 
ئوقۇغۇچى: ھە، مانا بۇ ئىمتىھاندا چىقىدىغان يېرى.
مۇئەللىم: ياخشى، دەرس سۆزلەشنى باشلايمىز، كىم بۇ ھېكايىنى ئابزاسلارغا بۆلۈپ باقىدۇ ھەم ئابزاسقا بۆلۈشنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرىدۇ؟
ئوقۇغۇچى: بېشى بىلەن ئاخىرى بىردىن ئابزاس، ئوتتۇرىسى يەنە بىر ئابزاس بولۇپ جەمىي…
مۇئەللىم: دەرسنى باشلايمىز، ساۋاقداشلار دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار.
ئوقۇغۇچىلار: دەرس باشلانغىنىغا خېلى بولدىغۇ…
مۇئەللىم: ئەمدى مۇنۇ جۈملىگە دىققەت قىلىڭلار… بۇ قانداق جۈملە، ئاپتور نېمىشقا مۇشۇنداق يازغان؟ ئوقۇغۇچىلار (بىرمۇنچىسى ئۇيقۇغا كىرىشىپ كېتىدۇ)
مۇئەللىم: كۆپچىلىك مۇنۇ سۆزگە دىققەت قىلىڭلار، بۇنى باشقا سۆزگە ئالماشتۇرساق، نېمىشقا يازغۇچىنىڭ يازغىنىدەك ياخشى چىقمايدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار: (يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۇخلاشقا باشلايدۇ)
مۇئەللىم: كۆپچىلىك دىققەت قىلدىمۇ يوق، بۇ جۈملىدىكى ئاۋۇ ئىككى سۆزنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلسا بولامدۇ بولمامدۇ، نېمىشقا؟
ئوقۇغۇچىلار: مەن يا سىز بولمىسام، قانداقسىگە دىققەت قىلاتتىم؟ (يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۇخلاشقا باشلايدۇ…)
مۇئەللىم: نېمىشقا بۇنچە كۆپ بالا ئۇخلايدۇ؟ بىلىشىڭلار كېرەككى، ياخشى ئوقۇمىساڭلار ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىلەر، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەڭلەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيسىلەر، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەڭلەر … كەلگۈسىدە كوچا تازىلاشقىمۇ يارىمايسىلەر… سىلەر بۇ ئادەم بولۇش قائىدىسىنى بىلىشىڭلار كېرەك.
بىز سورايمىزكى: ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە قانداق بولماقچىدى؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. مۇزات 2011.01.11 , 23:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان تىگدىغان كۈنمۇ بولىدىكەن….:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  2. ئۇيغۇربەگ 2011.01.11 , 23:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چۈشەنمىدىم:evil:

  3. يۈكسەل 2011.01.11 , 23:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئەسەرنى يۈكسەل بلوگىدىكى ‹‹ ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم ›› دېگەن يازما بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇسا، چۈشەنچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقۇدەك …:smile:
    http://www.yuksel.me/648.html

  4. بودەك 2011.01.12 , 02:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمەلىيەتنى سوزلەپتۇ، نۇرغۇن باللا مەجبۇر ئامالسىز لىقتىن ئوقۇۋاتىدۇ، تولا ساۋاغداشلىرىم ئۇقۇشتىن زىرىكتىم دەپ قاقشايدۇ،
    پەرق نىمىنداق چوڭ

  5. mac 2011.01.12 , 09:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جۇڭڭو بۇنداق سەۋىيەگە نەيە 100 يىل با ~!!

  6. جۇشقۇن 2011.01.12 , 12:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جوڭگو نۇسخىسىدا بالىلار مۇئەللىمگە ‹ ھېكايىنىمۇ ئالدىن تەكرار قىلىدىغان گەپمۇ؟›‹ھەممىسى كىتابتا بارغۇ، ئۆزىڭىز ئوقۇيالمامسىز؟›
    دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ مىنىڭچە بۇ بىر ئاشۇرۋىتىش ھازىرقى بالىلار مۇئەللىمگە ھەرگىز بۇنداق گەپ قىلمايدۇ .

    • تورخۇمار 2011.01.12 , 16:24

      سىز شۇ گەپلەرنى بالىلار ئىچىدە دەۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلىڭ.

  7. بۈيۈك 2011.01.12 , 16:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەققەتەن زور پەرىق مەۋجۇت~
    ئوقوغۇچىلارنى ئۇنداق قوپال گەپ قىلالمايدۇ دىگەنلىك ئاشۇرما ئەمەس .. بۇ گەپلەر ئاددى بوپ قاپتۇ تىخى:lol:

  8. ئويغۇرلار بىلوگى 2011.01.13 , 15:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەرىق باركەن ھە بىزغۇ كۇنۇپمۇ كەتت

  9. ۋەتەن 2011.01.13 , 20:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئامېرىكا نۇسخىىسىدىكى مۇئەللىم ئىكەنمەن :roll:

    • نامسىز 2011.01.17 , 18:41

      ئەمىسە ئوقۇغۇچىلىرىڭىز قايسى نۇسخىدا ئىكەن؟

  10. ئوقۇغۇچى 2011.01.14 , 15:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‹‹نەتىجىگە ئېرىشەلمىسەڭلەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيسىلەر،›› مانا بىزدەك ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلەر ئالى مەكتەپنىڭمۇ تاينلىق ئىكەنلىكىنى بىلسە كېرەك، كەسىپىمىز ئېلىكترون ئوقۇيدىغىنىمىز ئەدەبىيات، دىڭشاۋپىڭ نەزەرىيسى،ماركىسىزىم .. دىگەندەكلەر، بۇرۇن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلەرنى بەك چوڭ بىلەتتىم مانا ئەمدى بىز سىتۇدىنتلارنىڭمۇ تاينلىق ئىكەنلىكىمىزنى ھەۋەس قىلغۇدەك بىرەر ئىشىمىز يوقلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم.

    • سەھرالىق 2011.01.15 , 00:14

      مەكتەپنىڭ ھەممىسى ئوخشاش،گەپ ئۆزىڭىزدە…

    • GoodLuck 2011.01.16 , 09:51

      ئوقوغۇچىلارغا: بىر قىسىم سىياسى دەرسلەرنى ئۆگەنمەي ئامالىمىز يوق، بۇ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى، ئۇ پەنلەرنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتمىسىڭىز ئوخشاشلا ئومومى نەتىجىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لىكىن ئۇنۋېرسىتىتتا كەسپى دەرس قىلىپ بكىتىلگەن دەرسلەردىن قەتئى ۋايساشقا بولمايدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ كەسىپىگە قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغاندەك ھىس قىلغان نۇرغۇن كەسپى دەرسلەرنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇ كەسىپتە ئەمەلى خىزمەت قىلىپ باققاندا ئاندىن ھېس قىلىسىز…

  11. شاھ ئۇيغۇر 2011.01.16 , 15:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا بۇ غەرپ بىلەن شەرقنىڭ پەرقى

  12. خىيال 2011.01.19 , 01:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچانكى مائارىپىمىزدا ئۆلۈك ھالدا يادىلاش، مۇقىم بولغان سۇئال-جاۋاب، شۇنداقلا ئۆلچەملىك جاۋابلار يوقالغاندا. مائارىپىمىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلۈك ھالدا ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈشنى ئاساس قىلماي بەلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىش شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەققىلىققا ئىگە قىلغاندا ئاندىن مۇشۇنداق جاۋابلار بارلىققا كىلىدۇ.
    ئەڭ ئاددىيسى بۆرە بىلەن قوزىچاق ھېكايسىنى مىسالغا ئالساق بىزنىڭ بالىلار بۆرە بىلەن قوزىچاققا قانداق باھا بىرەر.

  13. يانغىن 2011.01.31 , 19:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەپ ئۆزىڭىزدە!!!!!
    مىنىڭچە بۇ دۆلىتىمىزچە قاراش !!تاشقى شارائىتنىڭ تەسىرى بولمامدىكەن؟!!1بەلكىم 99%تەسىرى بار!!!

  14. ئائىشە 2011.02.22 , 23:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن بالىلاردىكى تۇغما تەپەككۈر ئىقتىدارى بوغۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ .بىر قىسىم «ئۆلچەملىك جاۋاپ » قا تايىنىپ دەرس ئۆتىدىغان مەسئولىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى نېمە دېسەك بولار ؟ ئۇلارنىڭ ئىسراپ قىلىۋاتقىنى پەقەت ئۆزىنىڭ ۋاقتى بولۇپلا قالماي يەنە نەچچە ئون ئۆسمۈرنىڭ مەڭگۈ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغان دەۋرى .

    • تورخۇمار 2011.02.22 , 23:57

      توغرا ئېيتىسىز، دۆت ئوقۇغۇچى بولمايدۇ، ئەمما دۆت ئوقۇتقۇچى بولىدۇ دەيدىغان بىر گەپ بولىدىغان…

  15. نەفىسە 2011.05.24 , 19:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇڭا ئۇ ھىكايىلەر ئىسىمدە يوق، ئاشۇ ئاپتۇرلارنىڭلا ئىسمى ئىسىمدە قاپتۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ زادى كىملىكىنى كېيىن بىلگەن بولساممۇ…….

  16. قاراخان 2012.08.17 , 11:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھېكايە ئىككى دۆلەت مائارىپنىڭ سېلىشتۇرمىسى بولسىمۇ، مەزمۇندىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، بىزدىكى قارغۇلاچە كىتابى نەزەيى بىلىمگە ئىسىلىۋېلىش، يېڭىلىققا ئىنتىلمەسلىك.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量