مېنىڭ ئاجايىپ مۇئەللىمىم | ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى
ئوقۇتقۇچى بىزگە ئىلىم بېرىدىغان، ئىنسان دىلىنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر. لېكىن شۇنداقتىمۇ، بىر قىسىم «ئاجايىپ» ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ چىقىپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسى قۇلاقتا تۇرمىغان بىلەن، دەرسخانىدىكى «ھېكمەتلىرى» ھەمىشە كەچلىك ئۇيقۇنىڭ ئالدىدا دېيىشىدىغان قىززىقارلىق پاراڭلارنىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندە شۇ «ھېكمەتلەر»دىن كۆرۈپ باقمامدۇق؟
تەنتەربىيە دەرسىدە ئوقۇتقۇچى:
- ئوغۇللار ئوڭ تەرىپىمدە، قىزلار سول تەرىپىمگە تىزىلىڭلار، قالغانلار ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماڭلار!
نەتىجىدە ئورنىدىن مىدىرلىمىغىنى ئۆزىلا….
قاتتىق يامغۇر ياغقان بىر كۈنى، مۇئەللىم سىرتتىن ئۈستىبېشى ھۆل ھالەتتە كىرىپ، ئالدىدىكى ئۈستەل تارتمىسىدىن نېمىلەرنىدۇ ئىزدىدى، خېلىغىچە ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدى:
- مېنىڭ قەغەز ئېيتىدىغان يۈزۈمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
تولۇقسىزدىكى ماتېماتكا ئوقۇتقۇچىسى تەڭلىمىلەرنى ئۆزگەرتىشنى سۆزلەپ كېلىپ، دەرس مۇنبىرى ئالدىدا ۋارقىرىدى:
-ساۋاقداشلار دىققەت! مەن ھازىر ئۆزگىرەيمەن!
تولۇقسىزدىكى ماتېماتكا ئوقۇتقۇچۇم دەرس سۆزلىگەندە ئۆزىنى مىسال ئېلىشقا ئامراق ئىدى. بىر كۈنى دەرس سۆزلەۋېتىپ:
- مېنىڭ ئاساسىمنىڭ ئايلانمىسى 20 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكىم 40 سانتىمېتىر بولسا، ئۇ ھالدا مەن بىر…
پەستىكى بىر ساۋاقداش ۋارقىرىدى: چېلەك!
تولۇقتىكى ئالگېبرا ئوقۇتقۇچۇم: – گەپ قىلغاندا ئاۋاز چىقارماڭلار!
تولۇقسىز ۋاقتىمىزدا دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا مەكتەپ فورمىسى كىيىپ كېلىشىمىز تەلەپ قىلىناتتى. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ فورمىسىنى كىيىش بىلەن خوشى يوق بولۇپ، دائىم كىيمەيتى. شۇڭا ھەر قېتىم بايراق چىقارغاندا مەكتەپ مۇدىرى مىكروفوننى تۇتىۋېلىپ مۇنداق دەيتى:
- بەزى ئوقۇغۇچىلار چاپان كىيمەيدۇ، بەزىلىرى ئىشتان كىيمەيدۇ. بەزىلىرى تېخى چاپاننىمۇ، ئىشتاننىمۇ كەيمەيدۇ…
ئوقۇتقۇچى ئىنتىزام بۇزغان بالىغا قاراپ:
- ماڭ، دوسكىغا چىقىپ تۇرە!(ئورۇنداش قىيىن بولغان ھەرىكەتتە بۇ؟)
باشلانغۇچتا يېڭى كەلگەن ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ: مېنىڭ سىتىم خەترەك دەپ سالغانلىقى ھېلىمۇ يادىمدا…
بىر قېتىم دەر ۋاقتىدا جىم ئولتۇرمىغان بىر ئوقۇغۇچىنى قولۇمدىكى كىتاب بىلەن بىرنى قويسام، ئۇ ئوقۇغۇچى: مۇئەللىم كىتاب بىلەن ئۇرماڭە، بىلىم بەك قاتتىق تېگىدىكەن! دەيدۇ…
بىر قېتىم كەچلىك تەكراردا كەينىمىزدىكى بىرسى كىتابنىڭ ۋارىقىغا يۈزىنى چاپلاپلا ئۇخلاپ قالدى، بۇ چاغدا ئىككى ئوقۇتقۇچى تەكشۈرۈپ كىرىپ قالسا بولىدۇ. ئاۋۇنى ئويغىتايلى دەپ تۇرىشىمغا بىر ئوقۇتقۇچى دېدى: ئويغاتما، بۇ ئوقۇغۇچى بىلىمنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئۆگىنىدىكەن….
ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىمىز بىرىنچى سائەتلىك دەرستە كىرىپلا: مەن ئەزەلدىن يوقلىما قىلمايمەن دېگەندىن باشلاپ بىزمۇ دەرسكە قاتناشمايدىغان بولدۇق. بىراق ھەر قېتىم بىز يوق چاغدىلا يوقلىما قىلىدۇ…
بۈگۈن كەسپىي دەرستە، مۇئەللىم ئاۋال بىزنى 10 مىنۇت كىتاب كۆرۈڭلار دېدى، ئاندىن بىر ساۋاقداشنى چىقىپ دەرسنىڭ تېمىسىنى سۆزلەشكە بۇيرىدى ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ: ھېچقىسى يوق، ماڭا ئوخشاش سۆزلىسەڭلا بولدى دېدى. ھېلىقى ساۋاقداش بوينىنى ئوڭ سولغا تولغىۋېتىپ، 10 سكونت سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى: تۆۋەندە سىلەرگە 10 مىنۇت كىتاب كۆرۈشكە ۋاقىت بېرىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىڭلار چىقىپ سۆزلەيسىلەر…
قېنى ئولتۇرغان ساۋاقداشلار، سىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىڭلارنىڭ يەنە قانداق «ھېكمەت»لىرى ئېسىڭلاردا باركىن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى، قىزىقارلىق، مۇئەللىم، مەكتەپ، يۇمۇر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: teacher-funny-talks.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر يولۋاسنىڭ ئۈچ يۇۋاش قوي تەرىپىدىن ھالاك قىلىنىشى ھەققىدە چۆچەك | سەپرالارنىڭ ئوقۇشى چەكلىنىدۇ
- كېيىنكى يازما > خوجايىندىن مەدىكارغا ئۈچ نەسىھەت | ھايات سەپىرىڭىزدە ئەسقاتىدىغان ھېكايە
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى ئاشۇ گۇزەل مىنۇتلار ھازىرمۇ يادىڭىزدىمۇ؟
- 10 مىنۇتلۇق ناخشا & كارتون كىرىشتۈرۈلمە | ئۆزبېكچە كۈيلەر كارتون ئوبرازلار ئارىسىدا مودا بولغاندا…
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كىيمەي تېشىغا كىيىۋالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- سۇ ئۈزۈۋاتقان زىراپىنى سىز چوقۇم كۆرگەن، ئەمما سۇغا سەكرەشنى بىلىدىغان زىراپىنى كۆرگەن دەپ جەزم قىلالامسىز؟!
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك ئۇسۇللىرى
- بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
- تېرورچىنى «توسقان» قەھرىمان توختى ھەققىدە ھېكايەت
ئۈلۈشكۈن قەشقەرلىك مۇئەللىمنىڭكىنى كۆرگەن ئىدىم ئالامەت
ئەۋەتىپ قوياي دەپ يوللىماي قويدۇم
« ماۋۇ داس كالىغا پۇتىنى تىقىۋالدى » دىگەندەكلا گەپلەر ئىكەن
ئاۋۇ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئالامەت گەپ قىلىۋىتىپتىغۇ ، تورخۇماردىكى باللاغا شۇنداق دىسە كۆپۈنچىسى جايىدا جىم تۇرىدۇ
شۇنداما ؟!
ماۋۇلا داڭقان پۇتى سۆزلەيدىكەنغۇ .ئەبەينى چاقىرىپ كىلىپ بەسلەشكە ساپ باقامدۇق يا .
بىر چاغلادا بىرسى پۇتە تاتاڭنى دىگىنى ئىسىمگە كەپ قالدى
ئۇنداق بولسا سىز چوقۇم تۇرپان تەرەپتىن…
ياق مەن تۇرپان تەرەپتىن ئەمەس ………
بىر قېتىم تولۇقسىزدا بىزگە خېمىيە بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى (ئۆزى ئىلمىي مۇدىرتى) «بالىلار، ئەمدى مۇھىم نوقتىغا كەلدۇق» دەيمەن دەپ، «مۇھىملار، ئەمدى بالا نوقتىغا كەلدۇق» دېگەنتى.
مەن دىگەن ئۇ گەپنى
بىزمۇ باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە باللار ئارا شۇنداق دىيىش مودا بولغان ھى ىھ
« يانچۇقنى قولىغا سېلىپ » دىگەندەك گەپلەر جىق بوپقالىدۇ تۇرمۇشتا. لېكىن بەزى گەپلەې ھېچقانچە بىلىنمىگەن بىلەن، بەزىسىنى دەپ نوپ ئويلىسا كىرگىلى يەر قاتتىق، چىققىلى ئاسمان يىراق بوپقالىدۇ راستلا .
بەزىدە ئاشخانىلاردا تاماق يەپ ئوتۇرغاندا،قاياقلاردىن قۇيۇق بىر خوتەن شىۋىسىنى ئاڭلاپ قالسام بىرخللا سۇيۇنۇپ كىتىمەن. يۇرەككە تىگىتۇ~
خوتەندىكى مەلۇم رايونلاردىكى يەرلىك تىل شىۋىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى دەپ بىرەي ھە .
بىزنىڭ دۇكان كىيىم-كىچىك دۇكىنى بولغاندىكىن بەزى خېرىدارلار كىرىپ، « ماۋۇ چاپاننىڭ نەچچە يېڭى با ؟ » دەپ سورايدۇ.
بەزىڭلا چۈشەندىڭلا، بەزىڭلا چۈشەنمىدىڭلا ھەقىچان.
مەن قوپۇپ « ئۈچ يېڭى با » دەمدىم؟! ياق، مەن دىگەن قاراقاشلىق، قاراقاشلىقلار ئۇنداق دىمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن « ئۈچ رېڭى با » دەپ جاۋاپ بىرىمەن .
يەنە تېخى، ماۋۇ كۆينەكنىڭ باشقا يەڭلىيى باكەن مىنە، ئاق يەڭ، كۆك يەڭ، ئالما يەڭ، جۈزە يەڭ، چىلان يەڭ، گوش يەڭ دىگەندەك…
ئەلۋەتتە خوتەندىكى ھەممە كىشىلەرئۇنداق ئەمەس، مەلۇم ئاز ساندىكى رايون كىشىلىرىلا شۇنداق سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان. ئەلۋەتتە، بۇ گەپلەرنى زاڭلىق قىلىپ دىگىنىم ئەمەس، ئەكسىچە بەك ئوماق ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى مەن يەنىلا خوتەنلىك. خوتەننى، خوتەننىڭ ئاشۇ ئاددىي-ساددا ئوماق گەپ سۆزلىرىنى مەڭگۈ سۆيىمەن.
ھا ھا ھا تازا كۈلۈپتىمەن . ئەلۋەتتە مازاق قىلىش ئەمەس قىرىقارلىق سۆزلەر خوتەن ئەمەس بىزنىڭ قەشقەردىمۇ جىق .
ھا ھا… قىززىق تە…مۇشۇنداق ئىشلار بولۇپ قالاتتى، ئوقۇتقۇچى ئەمەس مەنمۇ بەزى بەزىدە مۇشۇنداق سۆزلەپ قالىمەن……
ھە راس سىنىپتىكى خوتەنلىك بالىلارغا كەچتە تىلفۇن قىلغانتۇق سورايدىغان ئىش چىقىپ قېلىپ، تىلفۇننى ئېلىشىغىلا – ھە نىمە ئىش قىلغان؟ دىسەم: – ياتىقىلى قوپقان – دىمەسمۇ، ئەتىسىدىن باشلاپ مۇشۇ گەپ مودا سىنىپتا، ياتقىلى قوپقان، قوپقىلى قوپقان، ئۇخلىغىلى قوپقان دىگەندەك..
ئۇ گەپنى خوتەنلىكلالا دىمەيدۇ بىزنىڭ قاغىلىقتىمۇ دوپ قويىمىزغۇ
پالانى يەگە باغىلى قوپقان ، …………
ئولتاغىلى قوپقان دىگەندەك
يەنە يەكەندىمۇ دەپ قويىدۇ !
شۇ گەپ قىززىقدە ! كەچ تەرەپتە بىرەسى تېلفۇن قىلىپ نىمىش قىلىۋاتىسە ؟ ياتقىلى قوپتۇم .
بىزمۇ شۇنداق دەيمىز .. خوتەنلىكتە مەنمۇ !! بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىز قىز بىلەن تېلفۇندا پاراڭلىشىپ ئۇخلىغىلى قوپتۇم دىمەسما ؟؟؟ ئۇخلايدىغان ئادەم قوپۇۋالىدىغان ئىش بامىكەن بۇ خوتەندە دىسەم گەپ قىلماي تۇرۇپلا قالدى . ھى ھى ھى
ھەيي ، مەنمۇ بىژنى دەي …
دوستۇم بىلەن بىر ئاشخانىغا چىرىپ ئولتاساق ھېچ چاي ئەكەممايدا ، ئۇ ئاشخانىدا تۇلا تاماق يىگەچكە خېلى تۇنۇشتۇق ئۇلا بىلەن ، شۇڭا ئۆزەملە چاي قۇژاي دەپ چايدانلانى تۇتۇپ باقسام چاي يوق ، نەخ لوبەن ئاچاش كەپ قالدىدە ، چايداننى تۇتقىنىمچە سوراپتىكەنمە :ئاچا قىززىغراق چايدان باما ؟ ئۇ ئاچاش بىردەم تۇرۇپ قېلىپ تۇيۇقسىزلا ۋاقاقلاپ تازا كۈلگەنتى …
ھا ھا ھا …! ئاۋۇ قاراقاشلىق ساۋاقدىشىمنىڭ ئوماق گېپى ھېلىمۇ مودا .«ئولتاغىلى تۇرۇغلۇق…»(ئولتۇرۇپتۇ دېمەكچى).
«زۇۋاينىكىڭنى يۇمە» دېگەن گېپىنى تا ھازىرغىچە چۈشەنمىدىم.
ئاغزىڭنى يۇم دىمەكچى. ‹‹زۇۋانىڭىنى يىغە››
زۇۋان سۈرمدى دىگەن گەپ بارغۇ. شۇنىڭ دىن كىلىپ چىققان.
Kapat Çeneni دەپ قۇيىمىزغۇ
زۇۋانىڭنى يۇمە دىگەندۇ بەلكىم ….
شۇ گەپ قىمما گۇي دىگەن مەنىدە . ھى ھى ھى
بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققان بىر مۇئەللىمنىڭ مۇنداق ئىككى مىسراسىنى ئورتاقلىشاي.
«ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇدۇق بىز ياتاقتا يېتىپ،
بالىلارنى سېغىندۇق ئانىسىنى قېتىپ.»
تولۇق ئوتتۇردا مۇشۇ مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئىشى بىلەن 4 ئوغۇل 6قىز بالىنى سىنىپتىن چىقىرۋەتتى ياتاققا چىقىپ كىيىمىڭلارنى كىيىپ كىرىڭلار دەپ، ئۇ يەردە تازا كۈلۈپ ئادىدىن چىقىپ ياتاققا ماڭغىچە يېنىمىزدىكى بىر قىز ‹‹ ھەممىنى قىلغان مۇشۇ بالا ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپمۇ ئىشتان كەيمەي چىقىپتۇ ،دىمەسما ! كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ كىتىپ ، خان ئىشتان بومماي نىمىكەن ماۋۇ كۆمەيدىغان نىمىنى كۆرەپ قاللىمۇ يا ؟ سىلىنىڭ كۆز چاتاقمۇ؟ دىسەم يىغلاپ كەتكەن . ھازىرغىچە مىنى كۆرسە يۈزى قىزىرىپ كىتىدۇ.
ئالامەت كەلتۈرۋېتىپسىزغۇ ئۇنى … ھا ھا ھا
بىزلە ئۇنداق دىمەپتىكەنمىز دىسە… ئۇ چاغلاردا كاللىمىزغا كەلمىگەن چېغى بۇنداق گەپلەر …
بىزنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز دائىم يوقلىمىنى كۆتۈرۈپ كڭرڭپ، «يوقلار بارمۇ؟» دەپ سورايتتى تېخى
كىرىپ دېمەكچىتتىم جۇمۇ باللا
مىنىڭ ھازىرغىچە كۆرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەيتۇ !! لېكىن بىزلە كۆنۈپ قاپتىكەنمىز …
بىز نىڭ مالىم دائىم سىنىپقا كىرىپلا جىممىتاڭ دەرس سۆزلەپ كېتەتتى . . .
ھا ھا ھا يامان قىززىقتە . بىزنىڭ تۇلۇقسىزدىكى مۇئەللىمىمىزنىڭ سىنىپ يېغىندا بالىلارنى تەنقىتلەپ ( يىگنىم يىگەن نىمە ئەمەس. ماڭغىنىم مەن ئەمەس تۇرغۇنۇم سەن ئەمەس )دىگەن سۈزى ھىلىمۇ يادىمدا . (سىنىپتا چاتاق چىقارغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىلغان ئىشىغا ئىگە بولمىغىننى دىمەكچى .
نىمىشقا دىۋانلار يوقلا بوپ كەتتى ھېي ؟ دىۋان تالاشمىسا ياغ قۇيماي قورىغان سەينى يىگەندەك بوپ قالىدىكەن دىسە.
دىۋاندا خەق ئولتۇرۇپ بولغان تۇسا يەنە نەدە ئولتۇردۇ.دىۋاندا 2 ئادەم ئولتۇرسا سىسىپ كىتە.
لوبوجووون ، چىژلىقما ! بۈكۈپ ئولتاماي پات پات مۆرەپ قۇيلى دەيمە ، ما دىۋاننى سىلىگە ئېپ قويغان ئاتايىن ، سىلى كەممەي ئا ۋارىسقا ئەزان باھادا سېتىۋەتتىم
مەۋەدە ئاندا گەپ قىلمىساڭلا ئۆلەمسىلە دەيمە .ئىپلاس ئابوم
بىزنىڭ ئەدەبىيات مۇئەللىم«شېكىسپىر»دەپ يازىمەن دەپ «سىكىشىبىر»دەپ يېزىپ قويغان ئېدى
تولۇقتا خىمىيە مالىمىمىزمۇ بىر قېتىم دەرس ئۆتۈۋېتىپ، سىقىپ چىقىرىش رېئاكسىيەسى دېگەن گەپنى س…پ چىقىرىش رېئاكسىيەسى دەپ سالغان
ھەجەپ قېلىن مالىمكە ئاۋۇ مالىملا
ئادەتتە تېلفۇن، كومپيۇتېرلاردا ئۇچۇريېزىشقاندا ئۇنداق گەپ سۆزلەر تولا ئۇچراپ قالىدۇ. ئۆزىمىز تۈزىتىپ ئوقۇماي ئامال يوق ئەمدى.
شۇڭىمۇ مەن ئۇزۇن بولدى ULY بويىچە يازىمەن .
مەنمۇ كومپىيوتىردا ئاكامغا … سىقسام بولىدۇ دىگەن گەپنى يېزىپ بولۇپ ئۆزەمچىلا خىجىل بولۇپ كەتكەن … شۇڭا ئامال بار uly ئىشلىتىمەن .
چوڭ تەرەت قىلىۋېتىپ، ئۆزىنى قىزلار ئوبۇرنىسىدا كۆرگەنلەر بارما؟
ئاشۇندا ئىشمۇ باما تېخى ؟!
بار
ۋاي توۋا دەڭە، ما گەپكە ئاۋازىمنى چىقىرىپ، ۋالاقلاپ كۈلۈپ كەتسەم، قوشنام قاراۋاتىدۇ….
ئادەمنى ئەخمەق قىلماڭە!!! قىزلار شۇنداق كۆرىدىغۇ؟؟؟
ئاخشىمى تامدىن سەكرەپ چىقىپ كىچىچە ئويناپ ، ئەتتىگىنى تاڭ ئاتماستا ياتاققا قايتىپ كىلىدىغان ياخشى ئادىتىم باتتى !بىر كۈنى يەنە شۇ ئادىتىم بىلەن ياتاققا قايتىپ كەلدىم ، ئادەتتە باشقىلارنى ئويغۇتىۋېتمەي دەپ چىراقنى ياندۇرمايلا ئۈستىدىكى كارۋېتىمغا چىقىپ ياتاتتىم ، تازا ئىگىنلىرىمنى سېلىۋېتىپ كۇسار بىلەن ئۈستىدىكى كارۋىتىمغا چىقىپ قارىسام بىرسى ياتىدۇ ، قاراڭغۇدا كىملىكىنى كۆرەلمىدىم ، ئىنىكىنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ قوپە ھېي قوپە ! دىسەم زالا دىگەنىدى ،قانداق پوق يىمەس گۈي ماۋۇ ، مىنىڭ كارۋېتىمدا يېتىۋېلىپ يەنە زالا دەيدىيا دەپ ئاچچىغىم بىلەن چىراقنى ياندۇرسام بىر خىتاينىڭ قىزى كۆزىنى يېرىم ئېچىپ ماركو دەك قاراپ تۇماسمۇ ……
ئەسلىدە قىزلار ياتاق بىناسىغا كىرىۋاپتىكەنمەن …….
ما گەپنى قاراڭ
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىدىن بۇش بىلەن كېلىنتوننى سېلىشتۇرۇشنى سوراپتۇ، ئوقۇغۇچى دەپتۇ، ئوقۇتقۇچى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى سورىسا دېگۈدەك
مالىم دەرىس باشلاشتىن بۇرۇن بىزگە قارىۋىتىپ:بۇگۇن باللا يوققۇ؟دىگەنتى،(تولۇققۇ) دەيمەن دەپ.
قايسىڭلار «شوينا قاپاق»،«كىژ كاللا» دەپ تىل ئاڭلىغان ؟
ئېشنىقىلىپ مەن ئاڭلىمىغان…
ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا قارىغاندا راسلا سىزنى شۇنداق «شوينا قاپاق» ، «كىژ كاللا» دەپ تىللاپتىكەندە
خاپوممايسىز!بىزلە ئۇنداق تىل ئاڭلىماي ئوقۇپتىكەنمىز…لىكن دوسكىغا چىقىپ خاتا مىسال ئىشلىسە شۇنداق تىللايتى،مېنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن دوسكىغا چىقىپ مىسال ئىشمىلگەنلا يىرىم با شۇ… بولمىسا مەنمۇ ئاڭلايتىم بۇ تىلنى…ھى ھى
بىزنىڭ بېر مۇئەللىم بولدىغان لەقىمى خاشۇ كاللا پىپىر ئۈچەي
يەنەبىر خانىم بولدىغان لەقىمى ئىسكەتى يوق
تەرتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز كىم ھەركەتنى قاملاشتۇرۇپ قىلاممىسا گوش باش دەپ تىلايتتى
مىنىڭ شۇنچىلىك لا يادىمدىكەن
چىراقنى ئۈچۈرۈپلا ‹‹بۇزالا››دەپلاچىرىپ ياتقانسىز ھەقاچان
ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ بىزنى سەنلەر ئۆزۇڭنىڭ تىلىنى بىلىشمەي تۇرۇپ خەنزۇتىلى ئۈگىنىمەن دىيىشىڭ ئۇيغۇرغا قىلغان ھاقارەت دەپ تىللىغىنى ھىلىمۇ يادىمدا.ئۇيغۇرتىلى گىرامماتكىسىنى بىلمەي تۇرۇپ ماۋۇلارنىڭ تىخى ئۇيغۇرچە سۆزلەشلىرىدىن،ئۆزىنى ئۇيغۇردەپ مىنىڭ دەرىسلىرىمنى ئاڭلىغانلىقىدىن ھەيران قىلىۋاتىمەن دىيىشلىرى…مۇشۇنداق ئاددى سۇئاللارغا جاۋاب بىرەلمىگىچە،تالاغا چىقىپ تىرەكتىكى قۇشقاچقا چالما ئىتىپ ئويناش دەپ نەچچە ساۋاقداشلىرىمنى سىنىپتىن چىقىرىۋەتكىلى ھىلىمۇ يادىمدا.شۇچاغدا ئوقۇتقۇچىدىن ئاغرىنىپتىكەنمىز.شۇچاغدا چۈشەنگەن بولساق ئەسلى ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە كۆيۈنۈپتىكەن.چۈنكى گىرامماتىكا بولسا بىرتىلنىڭ جىنىكەن ئەمەسمۇ.كەسپىمىز خەنزۇتىلى ئىدى.ھەي….46ساۋاقداش بارسىنىپتىن،ھەرماۋسۇم 2ياكى3ساۋاقدىشىمىز ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسىدىن ئۆتەلەيتى.شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە:ھەرنىمە بولسا ماۋۇ سىنىپتا 2ئۇيغۇر باركەن دەپ ئاچچىق گەپنى قىلاتتى.
بەزى ئوقۇغۇچىلار چاپان كىيمەيدۇ، بەزىلىرى ئىشتان كىيمەيدۇ. بەزىلىرى تېخى چاپاننىمۇ، ئىشتاننىمۇ كەيمەيدۇ…
مانى كۆرۈپ تازا كۈلۈپتىمەن،دېمىسىمۇ بىزنىڭ مۇدىر داۋاملىق مۇشۇنداق دەيتى
بىر كېتىم سىنىپىمىزدىكى پاردىن سۇ چىقىپ كەتكەنىدى،سىنىپ باشلىقىمىز ئوقۇتقۇچىمىزغا‹‹خانىم پاردىن سۇ چىكەتتى››دىگەنىدى ئوقۇتقۇچىمىزدىن تارتىپ كۈلۈپ كەتكەنىدۇق
بۇ گەپنىڭغۇ ھېچ كۈلىدىغان يىرىنى كۆرمىدىم مەن . كۈلىدىغان يىرىنى مەن بىلەممىدىممۇ يا؟!
بىزنىڭ ياتاقتا بىر قاراقاشلىق بالا بار ئىدى،ئۇزۇن ئۆتمەي بىرسىنىڭ ئاققاش يىزىسىدىن بىر دوستى كىرىپ قالدى، ھەمدە باللا بىلەن تونوشۇپ چىقاي دەپ ئويلىدى بوغاي،باللادىن سىلى نەلىك-سىلى نەدىن دەپ سوراپ،قاراقاشلىق بالىغا كەلگەندە سىلى نەدىن؟
قاراقاشتىن.
-سىلىچا؟
ئاققاشتىن.
شۇ يەردىلا ھەممە باللا پاراققىدە كۈلۈپ كەتتۈق.
ھەر كۈنى گىمناستىنكا ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىمىز فورما كەيمىگەنلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ،مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئىشتىنى قېنى؟ دىمەي،«ئىشتىنىڭ قېنى؟»دەيتتى.
:بىر قېتىم سىياسەت ئىنتاھاندا بىر ئوقۇغۇچى ئىسمىنى يازماي چىكىتىپتىكەن،مەلىم(مۇئەللىم)ئىمتاھان قەغىزىگە «تېرەكجان»دەپ ئىسىم يېزىپ قويغان.mrgreen:
بىر قېتىم دەرس ۋاقتىدا يېنىمدىكى قىز ساۋاقدىشىم پارتىنىڭ ئاستىغا تىقىپ تېلفۇندا چ چ ئويناۋاتاتتى ، ئوقۇتتۇچى بايقاپ قېلىپ : – تېلفۇن ئوينىماڭ ! دىدى . ساۋاقدىشىم :- مەن تېلفۇن ئوينىمىدىم دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى ماڭا قاراپ :- سەن بىر پۇتۇڭنى دوزاخقا ، بىر پۇتۇڭنى جەننەتكە قۇيۇپ تۇرۇپ راست گەپ قىلە ! ئۇ زادى تېلفۇن ئوينىدىمۇ يوق ؟! …
مەن :- ………..