خوجايىندىن مەدىكارغا ئۈچ نەسىھەت | ھايات سەپىرىڭىزدە ئەسقاتىدىغان ھېكايە
خوجايىننىڭ ئۈچ نەسىھېتى
بىر ئەر سىرتتا 20 يىل ئىشلەپ ئاخىرى ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقتى كەپتۇ. خوجايىنى:
-سەن 20 يىللىق ئىش ھەققىڭنى ئالامسەن ياكى مېنىڭ ئۈچ ئېغىز سەمىمىي نەسىھىتىمنىمۇ؟
-مەن ئەتە يولغا چىقىمەن خوجايىن، سىزگە ئەتە ئەتە ئەتىگەن جاۋابىنى بېرەي.
خوجايىن ماقۇل دەپتۇ.
شۇكۈنى كەچ ئەر ئۇخلىيالماپتۇ،… سەھەردە ئۇ خوجايىنىغا:<<مەن 3 ئېغىز نەسىھەتنى ئالىمەن>>دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئۇنىڭغا ئۈچ ئېغىز نەسىھەتنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
1.مۇمكىن بولمايدىغان ئۇدۇل يولنى ئىزدەشكە ئۇرۇنما، چۈنكى دۇنيادا ئەرزان ئىش يوق، مەيلى قانداق ئىش قىلغىن ئەستايىدىللىق ئەڭ ياخشى ئامال.
2.ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇ ئىشقا ھەددىدىن زىيادە قىززىقما، بەلكىم سەن شۇ ئىش تۈپەيلى جېنىڭدىن ئايرىلىشىڭ مۇمكىن.
3.ھەرگىزمۇ ھاياجانلانغان ۋاقتىڭدا بىرەر قارار چىقارما، بولمىسا سېنىڭ بۇ قارارىڭ ئۆمرىڭدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.
ئاخىرىدا خوجايىن ئۇنىڭغا ئۈچ تال بولكا ۋە ئازراق پۇل بېرىپ، چوقۇم ئەڭ چوڭ بولكىنى ئۆيۈڭگە بارغاندا ئۇلار بىلەن يىگىن، دەپ تاپىلاپتۇ.
ئەر يولغا چىىقىپتۇ، بىر نەچچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن بىر بولكىنىڭ يېرىمىنى يەپ بوپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي بىر ئاچا يولغا ئۇچراپ قاپتۇ ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەردىن قايسى يول ياخشىلىقىنى سوراپتۇ، بىركىشى<<كىچىك يولدىن ماڭغىن،ئۇ يول يېقىن>>دەپتۇ، يەنە بىر كىشى بولسا<<چوڭ يولدىن ماڭغىن،ئۇ يول بىخەتەر>>دەپتۇ، ئەر ئايالى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ كېتىپ كىچىك يول بىلەن مېڭىپتۇ، مېڭىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر كىشىدىن يېقىن ئەتراپتا تاغ قاراقچىلىرى بارمىش، دىگەن گەپنى ئاڭلاپتۇ ۋە خوجايىنىنىڭ بىرىنچى نەسىھىتى:« يېقىن يولنى ئىزدەشكە ئۇرۇنما»دىگەننى ئېسىگە ئاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئارقىغا قايتىپ چوڭ يول بىلەن مېڭىپتۇ.
ئەر بىر نەچچە كۈن ماڭغاندىن كېيىن ئىككىنچى بولكىسىنىڭ يېرىمى تۈگەپتۇ. ۋە ناھايىتى ئەرزان بىر مېھمانساراينى تېپىپ شۇيەردە قونۇپ قاپتۇ. يېرىم كېچىدە بىر قىزبالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ ھەم پەقەتلا ئۇخلىيالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىپتۇ، لېكىن ئۇستازىنىڭ:«ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇ ئىشقا ھەددىدىن زىيادە قىززىقما» دىگەن ئىككىنچى نەسىھىتىنى ئېسىگە ئاپتۇ ۋە ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن سەپەرگە ئاتلىنىدىغان چاغدا دۇكاندار ئۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن <<سەن تېخى ھاياتكەنسەنغۇ؟>>دەپ سوراپتۇ، ئەر نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي دۇكانداردىن نېمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ، دۇكاندار ئەتىراپتا بىر ساراڭ قىزىنىڭ بارلىقىنى، ھەر قېتىم كېسىلى تۇتقاندا يىغا ئاۋازى ئارقىلىق ئادەملەرنى باشلاپ چىقىپ ئۇلارنى ئۆلتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ ۋە تۈنۈگۈنكى مېھمانلاردىن پەقەت ئۇنىڭلا ھايات قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
يەنە بىر نەچچە كۈن ماڭغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككىنچى بولىكىسىنىڭ قالغان يېرىمىمۇ تۈگەپتۇ، شۇندىمۇ ئۆيىگە ئارىلىقىنىڭ ناھيىتى ئاز قالغانلىقىدىن كۆڭلى يايراپ كېتىپتۇ. شۇ تەرىقىدە مېڭىپ-مېڭىپ قاراڭغۇ چۈشىشى بىلەن كەنتىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكىنى چېكەي دەپ تۇرىشىغا ئىچىدىن بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئەر ناھايىتى ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە پىچاق ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ ئەرنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بوپتۇيۇ، بىراق خوجايىنىنىڭ «ھەرگىزمۇ ھاياجانلانغان ۋاختىڭدا بىرەر قارار چىقارما» دېگەن ئۈچۈنچى نەسىھىتىنى ئېسىگە ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئۆي سىرتىدا بىر كېچە ئولتۇرۇپ، ئەتىسى سەھەردە ناھايىتى بالدۇرلا ئىشىكنى قېقىپتۇ. ئايالى ئۇنىڭ كەلگىنىدىن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، لېكىن ئۇ سوغۇق مۇئامىلە بىلەن: ئۇ ئەر كىم؟ دەپ سوراپتۇ. ئايالى كۈلۈمسىرەپ : ئۇ بىزنىڭ بالىمىز، سىز كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەن…
بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۇ يىگىتنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ،ئاتا -بالا تۇنجى كۆرۈشۈپ قۇچاغلىشىپ، ياش تۆكۈشۈپتۇ. ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ خوجايىنىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە 3_بولكىنى ئېلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن كېسپىپتۇ. كېسپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ 20 يىللىق مائاشىنىڭ بولكىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ…
شۇڭلاشقا….
[ قېنى خۇمارداشلارنىڭ خۇلاسىسىنى كۆرۈپ باقايلى ]
توردىشىمىز yaxa10 نىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغىنىغا ئالاھىدە رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، تەسىرلىك، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hojayinning-uch-nesiheti.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مېنىڭ ئاجايىپ مۇئەللىمىم | ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى
- كېيىنكى يازما > دۇنياۋى مەشھۇر ئايال سىياسىئون، «تۆمۈر ئايال» ساچىر خانىمنىڭ داڭلىق ئەقلىيەتلىرىدىن ئارىيە
- سىز كۈندە نىمىلەرنى يەيسىز؟ | دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ دەستۇرخىنىدىكى پەرىق
- جەڭگىۋار روس مىللىتىنىڭ كىشىنىڭ تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر خىل تۇرمۇشى
- يېڭى «ئانارخان» ھەققىدە سۆھبەت | ئانارخاندىن نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ؟
- گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تۆمۈر يولنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- 10 يۈرۈش ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك ھۆججەتلىك فىلىم | ۋىروستىن ئالاھىدە تەۋسىيە
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق
- شەخسىيەتچىلەرنىڭ 10 ئەقىدىسى | بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم قىسقا ھېكمەتلەر
- ھەركەتتە بەركەت | ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئون يىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى خالايسىز…
- دۇنياۋى مەشھۇر ئايال سىياسىئون، «تۆمۈر ئايال» ساچىر خانىمنىڭ داڭلىق ئەقلىيەتلىرىدىن ئارىيە
- تاياققا لايىق 10 خىل ئەر ۋە ئاياللار ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇمات | مۇشۇ خىلدىكىلەردىن بولسىڭىز قاتتىق دىققەت قىلىڭ
يەنە بىژ ئولتاسام
دىۋان دىگەننىڭ پۇچۇقىنى كۆرمىگىلى ئاي بوپتىكەن ، سائەتلەپ دىۋان ماراپ ئولتاغان ۋاقىتلامۇ بوغان ، ئالدىراشچىلىقتا تورخۇمارغا ئىككى كۈن چىقمىغانتىم ، مانا بۈگەن بىژ قېتىم چىقىپلا دىۋانىشقا ئۈسسۈپتىمە ھەي سەبىرنىڭ تېگى ئالتۇن دىگەن راس گەپكەن
سەبىر قىلاي ، شۈكرى قىلاي ، توۋا قىلاي …
دىۋانغا راكىتا دىن ئۈچنى قۇيىۋەتتىم ئەمسە.
ئاران ئولتاغانلىرىدا مەنمۇ ئاران ئۈچنى قۇيۇپ بىرىپ تۇراي .
ھەي دىۋان ھەي دىۋان.ئابومجاندىن اشمايدىغۇ ئەمدى بۇ كاساپەت.مەنمۇ ئا ئەدەمنىڭ ھىكمىتى بويىچە ئاچچىغىمنى بىسىۋالاي.بىر چىقىۋالاي دەپتىم.لىكىن ما ھىكمەتلەردىن مەنمۇ ئۈگەندىم ئابومجاننىڭ راسلا تەلىيى با ئوخشايدۇ.
دىۋانمىكىن بۇ
بىر سكونت ھە !~ ھەقىقى خوجايىن سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدىغانلارنىڭ سۆزلىرى ھەقىقەتەن شۇنداق ئورۇنلۇق . بەزى ئادەمنى ئىشقا بۇيرىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان خوجايىنلاردىن تىل ئاھانەتتىن باشقا بىر نەرسە چىقمايدۇ
بىر سىكونت دەمسىزما ھوي ؟ دىيىشتۇققۇ تورخۇماردا ۋاقىتنى ئەزەلدىن دەقىقە بىلەن ھېساپلايمىز دەپ …يىيييييخا !
ئەھمىيەتلىك ھىكايىكەن ، بولكىسىنىڭ ئىچىدىن بىرنەسە چىقىدىغانلىقىنى پەملىگەنتىم ، كىشلەرنى ھەرقانداق ۋاقىتتا سەۋىر تاقەتلىك ، شۈكرى قانائەتمەن ، ئېغىر بېسىق بۇلۇشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ، ئاچچىق ئەقلنى كىسدۇ دىگەندەك ھىكمەتلەرنى ئېچىپ بىرىپتۇ ، ھىكايىڭىزغا 90 دىن يۇقىرى نۇمۇر قۇياتتىم مەلىم بوپ قاغان بوسام
لېكىن بۇ ماقالىنى ئوقۇتقۇچۇمغا بەرسەم كۆرۈپمۇ قويمىغانتى
سىززە ئۇرۇشتىن كىيىنكى باتۇر مەن دەپ ھىكايىنى ئوقۇپ بولۇپ بولكىنىڭ ئىچىدىن بىر نەرسە چىقىدىغىنىنى پەملىگەنتىم دەيسىزغۇ.بۇرۇن بىزنىڭ مەلىدە بىر ئادەم بولىتقان دائىم مەنمۇ شۇندامىكى دەپتىم،دەپ تۇپتىم ،بىلىتتىم مۇشۇنداق بولۇشىنى دەيدىغان .چاقچچچچچچاق
مۇشۇندا تىمىلار كۆپ بولغاچقا تورخۇماردىن چۆگىلەپ كىتەممەيمەن ئەمەسمۇ
سىز كىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي مېنىڭ بويۇمدا قالغان ھاھا تىللاڭلارە مېنى
ھېكايىدىكى ئەر بايا مۇنداق مىكروبلوگ يوللاپتۇ:
بۈگۈن كۆپچىلىككە يەتكۈزىدىغان بىر خۇشخەۋەر ۋە بىر شۇمخەۋەر بار. خۇشخەۋەر شۇكى، مەن دادا بوپتىمەن. شۇمخەۋەر شۇكى، مەن ئۆيگە قايتمىغىلى 20 يىل بولدى…
ئىپلاس ئىنكاس
ماۋۇ بەك پەيزى چۈپتۇ جۇمۇ .مەن تىخى سىزنىڭ
مۇشۇنىڭ ئەكسىچىراق بولغان بىرنى دەي :بۇ خۇجايىننىڭ يەنە بىر ياغاچچى خىزمەتكارى باركەن ، نەچچە يىل ئىشلەپ خوجايىنغا نەچچە يەرگە شۇنداق ئىسىل ئايۋان سارايلارنى سېلىشىپ بىرىپتىكەن ، بىر كۈنى خوجايىنغا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ئەمدى ئىشىلىگۈسى يوقلىقنى ئېيتىپتۇ ، بۇ ياغاچچىنىڭ ئىشقا شۇنداق پۇختا ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن بۇلىدىغان خۇجايىن ئۇنىڭ تەكلىپىگە قۇشۇلۇپتۇ ، ھەمدە كىتىشتىن بۇرۇن ئۈزىگە يەنە بىر قۇرۇ جاي سېلىپ بىرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ ، خۇجايننىڭ نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزىگە قىلغان غەمخورلىقنى ئويلاپ مەيلى بولمىسىمۇ ماقۇل بوپتۇ .ئەپسۇس ئەزەلدىن نازۇك ئىش قىلىدىغان بۇ ياغاچچى بۇ قېتىم ھۈنىرىگە ساختىلىق ئارلاشتۇرۇپ قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا بۇ قورونى نەچچە ھەپتىدىلا پۈتتۈرۈپ خوجايىننى چاقىرىپتۇ ، خۇجايىن ئىشنىڭ بۇنداق تىز پۈتكەنلىكىدىن خۇرسىنىپ ياغاچچىنىڭ قۇلىغا بىر ئۇچۇم ئاچقىنى تۇتقۇزۇپ دەپتۇ :نەچچە يىل ئىشلەپ ماڭا شۇنچە چىرايلىق ئايۋان سارايلارنى سېلىپ بەردىڭ ئەمدى بۇ ئۆي مىنىڭ ساڭا ئازراق سوۋغام بولسۇن . بۇ گەپنى ئاڭلىغان ياغاچچى ھاڭ تاڭ بۇلۇپ لىۋىنى چىشلەپتۇ …
ئىنكاسلار ياخشى بولىۋاتىدۇ …
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان ماقالىسىگە يازغان گەپلەرغۇ بۇ
خوتۇن كىشى بولمىسا يا بۇ ياغاچچى لىۋىنى چىشلەپ قالغىلى ،پۇشمان قىپتۇ ياكى باشقىچە سۆز ئالمامسىز .لىۋىنى چىشلەپ قاپتۇ دەپ
ئابومجان ئۆتكەندە مۇھىم بىر ئىشنى بايقىغان.بۇگۇن تەلتۆكۇس ئىشەندىم،دىۋاندا ئولتاغانلار ھەقىقەتەن كۆپ گەپ قىلدىكەن.
دىۋاندا ئولتۇرغان كىكەچنىڭمۇ تىلى چىقىپ كىتىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز بىر ئولتۇرۇپ بىقىڭە چىراي ئىپادىلىرى قىنە؟
بارىكاللا ! ئۇقىۋاپلا مانا !
مەن ئۈچۈن تورخۇمارنىڭ ھەممە يېرى دىۋان ،شۇڭا ئىنكاس دىگەننى داس بىلەن تۆكىدىغان گەپ
ئىنكاس يازدىم دەپ خەپ تورخۇمارنى مەلەڭلەشتۇرمەڭلا .ھە باللا
ماۋۇ تورخۇمارنىڭ تېلفۇندا چىققاندىكى ئىنكاس كۆزنىكى يېنىدىكى ئىپادىلەرنى پەيدا قىپقويۇڭلار دەيمە! تېلفۇندا چىقمايدىكە ئۇ ئىپادىلەر.
قىيالمايۋاتىمە ، ئالدىمىزدىكى ھەپتە بەزى ئاجايىپ ئىشلار بىلەن تورغا چىقىشىم تەسكە توختايدۇ ، سىلە بىلەن خوشلىشىۋالاي ، ئامان بۇلۇڭلا جىما باللا
ئاللاھ خالىسا ئالدىمىزدىكى جۈممە ئۈنۈپ بۇلىمە تورخۇمارنىڭ چۇقىسىغا . مەن بوممىساممۇ ئەسلەپ قۇياڭلا ھې مىنى
گېپىڭلىگە قايلىغاندا توي قىلىدىغان ئوخشىمامسىلە ئۇكام ئابومجان؟ ياخشى ئىش، مارەك بولسۇن ئۇكام!
توي ئوينىمىغىلى خېلە بوپتىكەن چاقامىسىڭىزمۇ بارىمەن تۇيىڭىزغا
ھەقىقەتەن ئىسىل يازمىكەن بۇ. ئىلىم-ھېكمەت دىگەن يەنىلا پايدا ئەپكىلىدۇ ئاخىرقى ھىسابتا.
ياقتۇردۇم. لېكىن ئېغىر-بېسىق بولۇۋالسىڭىز ئەخمەق دەيدىغانلار كۆپ…
مەن يەنىلا ئېغىر-بېسىق، سوغۇق قان بولۇشنى تەۋسىيە قىلاي. باشقىلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن!
بەك مەزمۇنلۇقكەن…..
ھەي باللا بۇ دىگەن تۇلۇق ئوتتۇرا ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە بار ھىكايىغۇ . دەرىس ئاڭلىماي نىمىش قىلغانسىلە ھە
ھە، مانداقمۇ ئىش بامىدى دەپ تۇرۇۋاسام(ۋەت!)
al alla bugap ka ni man dak am rak tu ….tola anglap kulkum pang bop ka lay di gan am di ko zum tu tu lup kal di han oh xay da!!!!
ئەھمىيەتلىك ھىكايىكەنبۇ ،،،،ياقتۇردۇم!مەزمۇنى چوڭقۇر.
ياخشى يېزىلغان رومانكەن. مەن بەك قىززىق قانتىم، ئەمدى سوغاق قانراق بولسام بولغۇدەك!
چامباشىچىلىق توغرىلىق بولسا بىر يوللىڭا داۋاملىق بىر مۇش يىسەملا بەك ئەسەبىلىشىمەن
20يىللىق مائاشى بىر بولكا ئىچىدە بولسا خېلى ئېغىر بولكىنى يۈدۈپ مېڭىپتۇدە.
مۇنداق بىر يۇمۇر ئىسىمگە كىپ قالدى ، ھېلىقى ئىككى خىزمەتچى بىلەن خوجايىننىڭ سىھىرلىك چىراققا قاراپ بىردىن ئارزىسىنى ئېيتىدىغان !~ ھەقىچان ھەممىڭلار بىلىسىلەر ، شۇڭا دىمىدىم
خوجايىننىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلىپ زىيان تارتىدىغان ھېلىقىنى دەيسىزغۇ ؟!
مەن بىلمەيدىكەنمە …
ھە ………… مۇنداق دەڭ …
باللا بەك ماسلىشىدۇ جۇما لىكىن
ھەي باللا ھايات قاراپ تۇرۇپ مۇشۇنى رۇمان دەيدىغۇ مەنسۇر قارنم
يىڭى تىمىغا كەتتۇق باللا ئەمدى .تورخۇماردىمۇ يۇمۇرلار قاينايدىغان بوپتۇ .تىپىشماقلارمۇ قايناپ كەتسە بولسا بىزمۇ بەسبەستە تىپىشىپ كەتسەك .ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي .
بۇنى بۇرۇن بىر كۆرگەندەك ئېسىمدە،بەك ئۇزۇن بولغان،شۇ ۋاقىتقا قايىتقاندەك بولدۇم،لىكىن ياندىكى ئى ئېلان سەل ئوقۇغۇلى قويماي ئازدۇرۋىتىدىكەن،6قېتىم ئازدىم دىسە ھى ھى ھى ھى