دۇنياۋى مەشھۇر ئايال سىياسىئون، «تۆمۈر ئايال» ساچىر خانىمنىڭ داڭلىق ئەقلىيەتلىرىدىن ئارىيە
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قۇرداشلارنىڭ بالىلىق مەزگىللىرىدە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان دۇنياۋى شەخىسلەرنىڭ بىرى دەل ساچىر خانىم بولسا كېرەك. مارگارىت ھىلدا ساچىر (Margaret Hilda Thatcher) ئەنگىلىيە تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال سىياسىيۇن. تۆمۈر ئايال دەپ نام ئالغان بۇ قالتىس ئايال 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىرنەچچە مەشھۇر سۆزلىرىدىن ئاڭلاپ باقايلى.
Standing in the middle of the road is very dangerous, you get knocked down by the traffic from both sides
يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇش خەتەرلىك، چۈنكى سىزنى ھەرئىككىلا يۆنىلىشتىن كەلگەن ماشنا سوقىۋىتىشى مۇمكىن.
If you want something said, ask a man. If you want something done, ask a woman
ئەگەر سەن ئاغزىم بار دەپ سۆزلەۋىرىدىغان بىرىنى تاپماقچى بولساڭ ئەرلەردىن ئىزلە، ئەگەر سەن ئەمەلى ئىش قىلىدىغان بىرىنى ئىزدىسەڭ، جەزمەن ئاياللاردىن ئىزلە.
Where there is discord, may we bring harmony. Where there is error, may we bring truth. Where there is doubt, may we bring faith. And where there is despair, may we bring hope
ئومۇمەن، قەيەردە تنىچلىق بولمىسا، ئۇيەردە ئىناقلىق ئۈچۈن تىرىشىمىز، قەيەردە سەپسەتە بولسا، ئۇيەردە ھەقىقەت ئۈچۈن تىرىشىمىز، قەيەردە گۇمان بولسا، ئۇيەردەئىشەنچ ئۈچۈن تىرىشىمىز، قەيەردە چۈشكۈنلۈك بولسا ، ئۇيەردە ئۈمىد ئۈچۈن تىرىشىمىز.
Any woman who understands the problems of running a home will be nearer to understanding the problems of running a country
ئائىلىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىلگەن ئايال، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىمۇ ئاسانلا بىلىۋالىدۇ.
Pennies don’t fall from heaven, they have to be earned here on Earth
پۇل ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، جەزمەن ئەستايىدىللىق بىلەن(ئۇنى) تېپىش كېرەك.
I love argument. I love debate. I don’t expect anyone just to sit here and agree with me——that’s not their job
مەن مۇنازىرىنى ياخشى كۆرىمەن، تالاش-تارتىشنى ياقتۇرىمەن، مەن ھېچكىمنىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇپ، كۆز قاراشلىرىمنى قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى خالاپ كەتمەيمەن، بۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئەمەس.
We want a society where people are free to make choices, to make mistakes, to be generous and compassionate. This is what we mean by a moral society; not a society where the state is responsible for everything, and no one is responsible for the state
بىزگە، بىر خەلقنىڭ ئەركىن تاللىشى بولغان، خاتالىقلارغا كەڭچىللىك بولغان بىر جەمئىيەت كېرەك، مانا بۇ بىز .ئىزدەۋاتقان ئەخلاق جەمئىيىتى؛ بۇ دۆلەت ھەممە بۇرچنى زىممىسىگە ئالىدىغان، لېكىن ھېچكىممۇ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغان جەمئىيەتكە ئوخشىمايدۇ.
Being powerful is like being a lady. If you have to tell people you are, you aren’t
چوڭ ئەرباب بولۇش، خۇددى جەزبىدار ئايال بولۇشقا ئوخشايدۇ. ئەگەر باشقىلارغا بۇ مەن دېسىڭىز، ئۇنداق بۇ سىز بولماي قالسىىز.
Watch your thoughts, for they become words. Watch your words, for they become actions. Watch your actions, for they become habits. Watch your habits, for they become your character. And watch your character, for it becomes your destiny. What we think, we become
ئىدىيىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇ سۆز-ئىبارىلىرىڭىزگە ئايلىنىدۇ؛ سۆز-ئىبارىلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇ، ھەرىكىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ؛ ھەرىكىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇئادىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ؛ ئادىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇ خارەكتىرىڭىزگە ئايلىنىدۇ؛ خارەكتىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى بەلگۈلەيدۇ. بىزقانداق ئويلىساق، شۇنداق ئادەمگە ئايلىنىمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىجادىيەت، تۇرمۇش، جەمئىيەت، قالتىس
- يازمــا مەنبەســى: بىر دادا بلوگى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,644 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: sachir-xanim-sozliridin.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خوجايىندىن مەدىكارغا ئۈچ نەسىھەت | ھايات سەپىرىڭىزدە ئەسقاتىدىغان ھېكايە
- كېيىنكى يازما > شەخسىيەتچىلەرنىڭ 10 ئەقىدىسى | بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم قىسقا ھېكمەتلەر
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
خەي خوش، Iron Lady !
دىۋاندىكى مەن ئەمەس !
ھەم بۇ دىۋان ئەمەس !
ھەم مەن دىۋاندا ئەمەس !
ماقۇلە ئەمىسە مەن تۈزۈت قىلمىدىم ھە
دىۋان!
ۋاي ئاللا، مىنى نىمداق قەستەن دىۋاندا ئولتۇرغۇزۇپ قويىسىلە باللا؟! ئىدەم قەستلىمەڭلا ئۇنداق !
If you want something said, ask a man. If you
want something done, ask a woman
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻏﺰﯨﻢ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﯨﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﻟﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺴﻪﯓ، ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺰﻟﻪ.
……
ماۋۇ ئالامەت گەپكەن بۇ !
باشقا جۈملىلەرنى ئوقۇپ باقمىدىم، ئەمما ماۋۇ جۈملە ئېغىر خاتا تەرجىمە قىلىنغاندەك ھېس قىلدىم. مەن تەرجىمە قىلسام مۇنداق چىقتى:
ناۋادا سەن بىر گېپىڭنى(يەنى ئىچىڭدە بار، دىيەلمەيۋاتقان گېپىڭنى) دېمەكچى بولساڭ، ئەرلەرنى ئىزدە.
ناۋادا سەن بىر ئىشىڭنى( قىلىمەن دەپ قىلالمىغان ئىشىڭنى) قىلماقچى بولساڭ، ئاياللارنى ئىزدە.
يەنى، كۆڭۈل سىرىڭنى ئەرلەرگە دە، ھاجىتىڭنى ئاياللارغا(دە) دەپ تەرجىمە قىلدىم كەمىنە رەئىس جۇمھۇر . . .
تۈز تەرجىمە قىلساق:
ئەگەر سەن دېيىلگەن گەپنى ئىزدىسەڭ،ئەردىن سورا.
ئەگەر سەن قىلىنغان ئىشنى ئىزدىسەڭ،ئايالدىن سورا.
تۈز تەرجىمىدىن كېيىن مەنىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قارىساق يەنىلا تېمىدىكى تەرجىمە ئەسلى جۈملىنى ئېنىق شەرھىلەپ بەرگەن.
مەن بۇ گىپىنى تازا چۈشنەلمىدىم . ئەجبا ئەرلەرنى پەقەت ئاغزىدىلا گىپى بار ئەمەلدە يوق دىمەكچىمىدۇ؟
شۇنى دەيمە …
سىز مۇشۇنىڭ قارىشىسىچە ئىش تۇتسىڭىزلا بۇنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىسىز. يەنى ئاياللارغا سەزگۈر تېمىدىكى گەپلىرىڭىزنى ئېيتماڭ، ئەرلەرگە قىلىمەن دەپ دائىم ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلدۇرۇشنى ئويلىماڭ دېمەكچى…
ئەگەر ئاتالمىش دانىشمەن ساچىر خانىمنىڭ بۇ سۈزى خاتا تەرجىمە قىلىنىمىغانلا بولسا ئېنىقلا خاتا ئېيتىلىپتۇ .ئاغزىدا ش بىجىردىغاننىڭ كۈپۈنچىسى ئاياللار . ئىش تەۋرىتدىغانلارنىڭ كۈپۈنچىسى ئەرلەر تۇرسا.
1-جۈملە سۆزى خۇددى «نان يېسىڭىزمۇ تاماق يېسىڭىز قورساق تويىدۇ» دېگەن گەپتەكلا ئاددى، ئارتۇق مەنىسى يوق بىر جۈملە گەپ بوپتۇ. ئەگەر دۇنياغا داڭلىق ئايال بولمىغان بولسا بىر قانچە ئېغىز گەپ قىلىپ قورياركەنمەن.
مەن خاتا چۈشەنمىگەن بولسام، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەزىدە بىتەرەپ بولىۋىلىش مەنپەتىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ناتايىن دىگەن مەنىدىمىكىن!!
بۇ گەپنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇركەن، لېكىن سىزنىڭ پىكىر يولىڭىز بەك ئاددىيكەن ھا ھا ھا چاقچاق
مۇشاۋىر توغرا دەيدۇ! ئەمما بەزىدە داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى بىرەر ئېغىز گېپىمۇ ئۇلار رەھمەتلىك بولغاندىن كېيىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، داڭلىق ئەقلىيە سۆزلەردىن بولۇپ قالىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!
بۇنداق سۆزلەر بىزدە ئازمىدى؟
ماڭا ھەممىدىن بەك يارىغىنى ئەڭ ئاستىدىكى قۇرلار بولدى….
مەزمۇنى بار ئىبارىلەركەن . ھەقىقەتەن تۆمۈر خانىم بولۇشقا لايىقكەن .
پۇل ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، جەزمەن ئەستايىدىللىق بىلەن(ئۇنى) تېپىش كېرەك.
بۇ خوتۇن تارىخ ئۇقۇمىغان ئوخشايدۇ
مۇشۇ گەپنى دىيىشتىن تېخى 100 نەچچە يىل بۇرۇن مىسىردىن ،ئوسمانلىدىن، ھىندىستاندىن ،جۇڭگۇدىن ………………..قاتارلىق دۆلەتلەر نەچچە مىڭ يىل يىققان ئالتۇن كۈمۈشلىرىنى بۇلاپ كەتكەنلىرى ئىسىدە يوقمۇدۇ ………………
ئەستايىدىل بۇلىغاندە شۇ
بۇ جۈملىنىڭ ئەسلىسى مۇنداق: Pennies don’t fall from heaven, they have to be earned here on Earth
بىۋاستە تەرجىمە قىلساق مۇنداق:
تەڭگىلەر(تىللالار) جەننەتتىن(كۆكدىن، ئاسماندىن دېسەكمۇ بولىدۇ) چۈشۈپ قالمايدۇ، ئۇنى بۇ يەردىن، يەنى يەرشارىدىن تېپىشىمىز كېرەك.
دېمەك بۇنىمۇ خاتا تەرجىمە قىلغان.
بۇ كىشىنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى، ئىبادەت قىلغانغىلا بېيىپ قالمايمىز، خۇدامۇ بىكاغا ئاسماندىن تەڭگە چېچىپ بەرمەيدۇ، شۇڭا ئاستا قوپۇپ ئۆيدىن چىقىپ يەرشارىدىكى ماكانىمىزدىن پۇل تاپىلى.
بۇ ئايال ئېنىق ئاتىزىمچى…
بۇ جۈملىنىڭ ئېنىق تەرجىمىسى:
«ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ياتساق بولمايدۇ.
ئۇ چاغدا ئۇ تۇغۇلمىغان تۇرسا
مەن مۇنازىرىنى ياخشى كۆرىمەن، تالاش-تارتىشنى ياقتۇرىمەن، مەن ھېچكىمنىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇپ، كۆز قاراشلىرىمنى قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى خالاپ كەتمەيمەن، بۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئەمەس.
ماۋۇ جۈملىنى ياقتۇردۇم. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە دەلبۇنىڭ ئەكسىچە.. قارشى پىكىردە گەپ قىلسىڭىزلا قۇسۇرچى، كۆرەلمەس دېگەن قالپاقنى كىيىسىز. مۇشۇنداق بىز خەق قۇسۇرچى دەيدىغان «دانا»لار خېلى بارغۇ دەيمەن… مۇنازىرىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەي.
سېرژنتقا ئەگەشتىم
مەن ئەگەشمىدىم، چۈنكى پىكىرنى ئاۋۋال چوڭقۇر ئويلىۋىلىپ، ئاندىن ئوتتۇرىغا تاشلاش كېرەك، خەت يېزىش، ئىنكاس قايتۇرۇش ئاسان دەپ، دەماللىققا كاللىغا كەلگەن نەرسىلەرنى يېزىش بىر بىمەنىلىك. يەنە كىلىپ ئۇ ئىنكاسلاردا زەررىچىلىك تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىشنى كۆرۈۋىلىش بەك تەس… مانا بۇ مۇنازىرە ھا ھا ھا
پىكرىمنى قوللاش يا قوللىماسلىق مۇھىم ئەمەس لېكىن بىر ئىشقا ئوخشىمايدىغان ياكى سەل باشقىچە پىكىر چۈشسە شۇنى كۆرەلمەس دەيدىغان ئىش بار. بۇ ھەقىقەت. بۇ ھالەت باشقا مىللەت مۇنبەرلىرىدىمۇ بار. بىر ياخشى يېرى ئۇلار ئۆز مىللىتى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرەلمەس، قۇسۇرچى دېمەيدۇ خالاس!
پىكىرىم يوق….
……دەپ يېزىپتىكەن ھېكمەت خاتىرىسىگە، ساچىر خانىم.
ماڭا بەك يارىغىنى ئەڭ ئاستىدىكى سۆز ….بەك ياخشى ئىيتىلغان سۆزكەن…..
نىمە دىگەن قاملاشمىغان ئىبارىلەر بۇ. پۇل ئۆزلىكىدىن كەلمەيدۇ، بۇلاپ تىپىش كىرەك دىگەن بولسا ئەڭ بولاتتى ئەسلىدە.
ئاستا ئاستا تورخۇمار ئاپتورىرىنىڭ كۇپلىكى تىما يوللاش سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقى
بۇ ئايالنىڭ بەزى گەپلىرىنى ئاڭلاپ قويۇشقا،بەزى گەپلىرىنى ئەستە تۇتۇپ قويۇشقا تېگىشلىككەن….
جىڭ گەپ قەپ قىلدىڭىز .
ماۋۇ خوتۇن خەخنىڭ ھىكمىتىكەن .بىزگە چورتلا ماس كەلمىگۈدەك .ھەممىسىدە شۇ ئاياللانى ئۈستۈك كۆتۈرۈپتۇ. پوقۋاش
ئەڭ ئاستىدىكىسىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ھىكمىتىنى ئەسلى مۇشۇ خوتۇن دەپتىكەنما .خخىلى ئەقلى باكەن جۇمۇ .توغرا گەپتىن بىرنى قالدۇرۇپتۇ .ئادەمنىڭ خىيالى تەقدىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن راسلا .بۇ خوتۇنمۇ يامان ئەمەسكەن ئەقلى بوپ قويكەن .
مىنىڭ سۆزۈممۇ قاچان ھىكمەتلىك سۆز بولا.كۈدە دەپ تۇرىمەن بولمىسا ھىكمەتلىك سۆز ئىبارىلەردىن
خام قەغەزنىڭ تەرجىمىسى توغرا. said دەۋاتىدۇ.بۇ دەي دېسەڭ دېگەن گەپ ئەمەس،بەلكى دېيىلگەن دېگەن گەپ.
ئاۋۇ ئەڭ ئاخىرقى گەپنى مەن بەك ياخشى كۆرەتتىم .
كىم دېگەنلىكىنى بىلىۋالدىم مانا .
بىرىنچى جۈملە گەپنى بەك ئاددى ئويلاپ قالدىڭلارمۇ خالايىق .
سىياسىدا ئوتتۇرا مەيداندا تۇرىۋالماڭ دېگەن مەنىدە دېگەن بولسىچۇ ئەگەر .
ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەباردىم،كىشىلەرمەندىن(سەن كىم)دەپ سوراشتى.مەن ئۇيغۇر دىسەم ئىنكاس قايتۇرالمىدى، ياپونىيىگە باردىم،كىشىلەر مەندىن(سەن كىم)دەپ سوراشتى،مەن ئۇيغۇر دىسەم گاڭگىراپ قىلىشتى.ياتلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنىزاۋۇرنى ياخشى بىلىدۇ،لىكىن مىنى بىلمەيدۇ.كىشىلەرنوپوسى يۈزمىڭغا يەتمەيدىغان ئىسكوموسلارنى تونويدۇ لىكىن10مىليۇن نوپوسقا ئىگەئۇيغۇرنى تونىمايدۇ.مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم(ئۇيغۇر)دىگەن ئىبارىنى يەتتە-سەككىز قۇر چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىپتۇ،تېخى بەزى قامۇسلاردىن بۇنچىلىك بايانلارنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.چىۋىن،چاشقان،قۇرۇت-قوڭغۇزلار ھەققىدىكى بايانلا بىر-ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن.بۇئىشلا ماڭا ھاركەلدى،نومۇس قىلدىم،جاھان ماڭا تاركەلدى.ئەگەر10مىليۇن كىسەكتىن قەسىر سېلىشقا توغرا كەلسە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ جاھانغا پۇر كەتكۈدەك قەسىردىن بىرسى پۈتىشى مۇمكىن.مەن مەۋجۈتمەن،لىكىن مىنىڭ مەۋجۈتلىقىمنى دۇنيا تونىمايدۇ،ۋە ئېتراپ قىلمايدۇ .…… (ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا)