نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

تاياققا لايىق 10 خىل ئەر ۋە ئاياللار ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇمات | مۇشۇ خىلدىكىلەردىن بولسىڭىز قاتتىق دىققەت قىلىڭ

ئەتراپىمىزدا ئاجايىپ ئادەملەر ئاز ئەمەس، بەزىلەرنىڭ بولمىغۇرلىقىدىن ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقىۋەتسە ئازلىق قىلىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلەر ۋە ئاياللار توپى ئارىسىدا ئەكسى يۆنىلىش بويىچە بايان قىلىنىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە مانا مۇشۇنداق تاياققا لايىق ئەر ۋە ئاياللار ھەققىدە بىردەم غەيۋەت قىلىشىلى.

hotun

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇنۇ 10 خىلدىكى ئاياللارنى (خانىم-قىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تاياققا لايىق دەپ قارىغان.

1. پۇلى يوق، مودا قوغلىشىدىغان ئاياللار

بۇلارنى گاھىدا تىللاپ، گاھىدا ئۇرسىڭىز بولىدۇ. قولىڭىزنى قاتتىق قىلماڭ، مودا قوغلىشىش ئاياللارنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. «مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز دەل مۇشۇ تىپتىكى ئاياللار ئۈچۈنلا مەخسۇس چىقىرىلغان.

2.باشقا ئاياللارنى مەنسىتمەيدىغان، ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان ئاياللار

ئۇرسىڭىز تامان بولىدۇ، لېكىن قولىڭىزنى قاتتىق قىلماڭ. «قوڭىدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى» دېگەندەك بۇلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ، پوپاڭ سۆزلەش، رەڭۋازلىق قىلىش دېگەندەك. بۇلار «دەرىجە كىنىشكىسى» ئالغان. ئېسل كىيىملەرنى كىيىپ، ئاغزىدا قارسىلدىتىپ سېغىز چايناپ، ئەتراپقا سوغۇق قاراپ، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئالىيجاناپ سانايدىغان ئاياللار دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

3.قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان، ئۆزىنى ياش قىزلاردەك چاغلايدىغان ئاياللار

ئۇلارنىڭ قېرىغىنىنى تۇيماي، ياش قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرگىنىنى، گىرىم-پىرىم دېگەننى لايىقىدا قىلماي قېرى مايمۇنلاردىن ئېشىپ چۈشكىنىنى كۆرسىڭىز ئۇلار ئۈچۈن خىجىل بولۇپ، يۈزىڭىز چىملداپ كېتىدۇ. لېكىن ئامال يوق، سىز قىزارغىنىڭىز بىلەن ئۇلار قىلغۇلۇقىنى قىلىۋېرىدۇ. ئۇلار دېگەن يېشى بىلەن نوپۇس دەپتىرىدىكى يېشى ماس كەلمىسە ساقچىخانىدىكىلەر بىلەن ئاتا-ئانىسىدىن رەنجىشى بار، مۇشۇ تەرىپى ھەممىدىن كۈلكىلىك.

4.يالغاندىن كۆز يېشى قىلىپ ھېسداشلىقىنى بىلدۈردىغان ئاياللار

بۇلارنى تازا سېلىڭ، بۇنداق ئاياللار بەك خەتەرلىك. «تىمساھنىڭ كۆز يېشى» دېگەن سۆز دەل مۇشۇ تىپتىكى ئاياللار ئۈچۈنلا چىقىرىلغان ۋە شۇلار ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. مەخسۇس پاتنېت ھوقۇقى بار سۆز بۇ. بېشىڭىزغا سەل كېلىشمەسلىك كەلسە، بۇنداق ئاياللار سىزدىن بەكرەك يىغلايدۇ. ئاندىن«تولا يىغلاپ بەدىنىمدىكى سۇ مىقدارى ئازلاپ كەتتى» دەپ تازا ئوخشىتىپ دەملەنگەن قەھۋەرىڭىزنى ئىچمىگۈچە سىزنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ.

5.ئاياللىق سۈپىتىنى ساقلاپ يۈرمەيدىغان ئاياللار

مۇنداقلارنى مۇشتۇمىڭىزنى لازا-ئاچچىقسۇغا مىلەپ تازا سالمىسىڭىز بولمايدۇ. مۇنداقلارنىڭ تېشىغا قاراپ ئاياللىقىنى بىلەلەيسىزيۇ، لېكىن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئاياللىقى ئۇياندا قالسۇن، ئادەملىكىدىنمۇ گۇمان قىلىپ قالىسىز.

6.بەتخەج ئاياللار

ئۇرۇپ ئاغزى-بۇرنىدىن قان كەلتۈرۋېتىڭ. كىچىككىنە پۇل تاپسا كىيىم-كېچەك ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدىغانلار، ئۆيىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئاياللار.

7.ھەددىدىن زىيادە رومانتىك، ئوماقلىقىنى قوغلىشىدىغان ئاياللار

بىر-ئىككى كاچات سالسىڭىز بولار، ئۇلار بىلەن بىر سورۇندا بولۇشتىن، قوغلىشىشتىن ساقلىنىڭ. سورۇن تاللىماي ئەركىلەپ يۈرسە، مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئۆز خىيالىدىكى، تېلېۋىزورلاردىكى رومانتىك تۇرمۇشنى چۈشەپ يۈرسە، تەبىئىيكى يۈزىڭىز چۈشۈپ مۇھەببىتىڭىز بۇزۇلىدۇ.

8.چەتئەل مەستانىلىرى

ئېسىپ قويۇپ قامچا بىلەن سېلىڭ. چەتئەلنىڭ كوچا لۈكچەكلىرى توپىدىكى قىزلار كىيىۋالىدىغان كىيىملەرنى كىيىۋالىدىغان، كۆڭلىكى كىندىكىنى ياپالمايدىغان، چېچىنىڭ رەڭگى بىلەن تىلىدىن مىللىتىڭىزدىن ئىكەنلىكىدىن گۇمانغا سېلىپ قويىدىغان، ھە دېسە ئۇ چولپاننى ئويلاپ، بۇ چولپان بىلەن خىيالىي تويلاپ چىقىدىغان ئاياللار. ئۇ خەققە چەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كىيىملىرى، مەدەنىيىتى شۇنداق ئىلغار كۆرۈنىدىكىن، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى شۇنچىلىك مەتۇ ھېساپلىنىدۇ.

9. مۇھەببەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار

قامچا بىلەن تازا ئۇرۇڭ، ئاندىن ئاپتاپلىق يەرگە باغلاپ قويۇڭ. «داننى ئۆيدىن يەپ سىرتقا كاكىلايدىغان مېكيان» مىجەز تىپىدىكى ئاياللارنىڭ تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ، نۇرغۇن سەبىي بالىلار يېتىملىك كوچىسىدا چۆرگىلەۋاتىدۇ.

10. ئۆز يولدىشىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مەنسىتمەيدىغان ئاياللار

قامچىنى لازا سۈيىگە چىلاپ تازا ئۇرۇپ، ئاندىن قامچا ئىزىغا تۇز سۈركەپ، ئاپتاپلىق جايغا باغلاپ قويۇڭ. بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىززەت-ئابرويى، ھۆرمىتى بولىدۇ. باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ.  ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىشى، يول قويۇشى بىلەن ئائىلە ئائىلە بولۇپ، بەخىتكە چۆمىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ بابتا دىققەت قىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم نۇقتا شۇكى، خوتۇنىڭىز قانچىلىك تاياققا لايىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئائىلىدە ئۇ بولمىسا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ئاياللارغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق.

تاياققا لايىق 10 خىل ئەر

1. پۇلى يوق، بايۋەتچە بولۇۋالىدىغان ئەر كىشى. ئوتتۇرىھال ئۇرسىڭىز بولىدۇ.

پۇلى يوق، ئولتۇرۇشتىن قالمايدۇ، ئويلايدىغىنى قىز قوغلاش. پۇلى يوق ئاپتوبۇسنى ياراتماي تاكسىغا ئولتۇرىدۇ، پۇل ھېسابلىغۇچتا 23.5 كوينى كۆرسەتسە 20 كوينى تەڭلەپ تېخى قايتۇرماڭ دەيدۇ.

2.باشقا ئەرلەرنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى كۆتۈرىدىغان ئەرلەر

بەك ئۇرۇۋەتمەڭ، ئاياللارنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلەرنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى ماختايدۇ، ئاقسالىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. ئۇچراپ قالسا ئويلانمايلا بېرىپ ئۇرۇش كېرەك، لېكىن ئازراقلا ئۇرسىڭىز بولىدۇ.

3. يالغاندىن باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلغان بولۇۋالىدىغان ئەرلەر

ئاغزى-بۇرنىدىن قان چىقىرىۋېتىش كېرەك. دىۋانىغا 2 كوي بېرىپ ئاپتۇبۇسقا چىقاتتىم دەپ بىر كوي قايتۇرۇۋالىدىغان بۇنداق ئەرلەرنى ئۇرمىسا قانداق بولىدۇ؟

4. 30-40 ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ، ئۆزىنى كىچىك بالا چاغلايدىغان ئەرلەر

ئۇلارنىڭ «بىزدەك بالىلار»دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز ئۈستىڭىزدە يىلان ئۆمىلەۋاتقاندەك ھېسياتقا كېلىسىز، ئۇرماي ئامال يوق .

5. تاپقان پۇلىنى ئۆيىگە خەجلىمەي، سىرتتا ئاشنا ئوينايدىغان ئەرلەر

ئۇرۇپ نېمە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ .

6. قارىسىڭىز ئەر ياكى ئاياللىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلار

ئەلۋەتتە دەسلەپتە سىز ئۇنىڭ ئەرلىكىنى ئۇقمايسىز، لېكىن ئۇقۇپ قالسىڭىز…

7. ئوماق بولىمەن دەپ قىز بالىدەك ئەكىلەپ يۈرىدىغانلار

ھەرگىز ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يەپ قالماڭ، گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالسىڭىز يەۋاتقان تامىقىڭىزنى قۇسۇۋەتمەي ئامال يوق، ئۇنىڭدىن كېيىن 2 كاچاتنى سالمايمۇ ئامال يوق.

8. چەتئەلگە ياكى ئىچكىرىگە بىر قېتىم بېرىپ كېلىپلا ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلار

تېخى ئۇ يەرلەردە ئۇزاق تۇرۇپ ئادەتلىنىپ قاپتىمەن دەپ قويۇشى بار، بۇنداقلارنى كوللىكتىپ ئۇرۇش كېرەك.

9. ئايال كىشىنى ئۇرىدىغان ئەرلەر

گېپىم يوق.

10. تېما يوللىسا ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلار ياكى قۇسۇر تاپىدىغانلار

شۇنچە جاپا تارتىپ تېما يوللىسا، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ بولۇپ، گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتكەنلەر. بۇ دېگەن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇدە؟! تاياققا ئەڭ لايىق!

ئەسكەرتىش: بۇ باپتىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئېرىڭىز ئەسكى بولسا ئۆزىگە. قوڭىغا تېپ چىقىرۋېتىڭكى، ھەرگىزمۇ قولىڭىزغا چىققان نەرسىنى ئاتماڭ!

تورداش غېرىپجاننىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغىنىغا ئالاھېدە رەھمەت



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تۇپراق 2013.04.23 , 17:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان

  2. خۇشال 2013.04.23 , 17:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان

    • خۇشال 2013.04.23 , 17:18

      كومپىيوتۇرۇمغا سىستىما قاچىلاپ بۇلالماي 2 كۈن تور خۇمارغا كىرەلمىگەنتىم بۇگۈن مۇشۇ دىۋانغا ئۈلگۈرۈپ كىرىپتىمەن دىسە :mrgreen::mrgreen:

    • خۇشال 2013.04.23 , 17:49

      نىمىدىگەن ئەخمىقانىلىق ماۋۇ ………..
      ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ :???::???::???:

    • سۇمپىيان 2013.04.23 , 18:01

      ۋاھ ۋاھ مۇبارەك بولسۇن جۇما ، دىۋان خىلى ئىسسىقمىكەن؟
      ئىشتان توپا بولۇپ كەتتى ھە؟ تۇپراقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋىلىپ ھاھاھا

  3. مەرۋايىت 2013.04.23 , 17:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇشال دىۋاننىڭ خۇشاللىقىدا پۇتلىشىپ كېتىپ پەگادا ئولتۇرۇۋاپتۇ ئەمەسما:mrgreen::mrgreen:
    ئەسلى ئىنكاس يازماي دېگەن، تورخۇماردىكىلەرنىڭ كوللىكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەتمەي دېدىم:idea:

    • خۇشال 2013.04.23 , 17:51

      شۇنى دەڭە مەن قارىسام ھىچكىم يوقتى ، ئىككى ئىنكاس يىزىپ بولۇپ f5 نى بىسىپ قارىساممۇ ھىچكىم يوقتى …….. ما تۇپرىقاخۇن نەدىن پەيدا بولدى ……..:???::???:

  4. دىل 2013.04.23 , 17:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىقىقەتەن توغرا ئيتىلىپتۇ! سىزمۇ تاياق يىمەي دىسىڭىز يۇقىرىقى ئون تۈرلۈك ئىشنى ھەرگىز قىلىپ سالماڭ. مەن باشقىلارغا نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن بۇتېمىنى ھەمبەھىرلەپ قويدۇم .(ئۈندىدارغا)

  5. بەختىيار 2013.04.23 , 17:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بولىدىكەن!!!!:smile:

  6. كۈرەش 2013.04.23 , 18:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تمساھنىڭ كۆز يېشى دىگەندەك ئىنكاسلا بۇلىۋاتامدۇ نىمە…….

  7. تاماشىبىن 2013.04.23 , 18:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە بىر ئىش. ۋىروس بۇنى مۇشۇ يەرگىلا يوللىسۇن. باشقا ئىناق ئائىلىلەرگە بېرىپ كۆرسىتىپ يۈرمىسۇن. بولمىسا تاياققا ئۆزى قالىدۇ……..:mrgreen:

  8. نۇرقۇت 2013.04.23 , 18:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تاياققا لايىق ئەرلەر قاتارىغا كىرىدىكەنمەن. 1،4،10 بۇ تۈرلەرگە چۈشىدىكەنمەن:mrgreen:

    • سەردارى 2013.04.25 , 12:11

      سىز نەدىن ،ئىزدەپ بىرىپ ئۇرۇۋالاي ھا ھا ھا

  9. خۇشال 2013.04.23 , 18:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا يىڭى ئىقتىدارلار قىتىلدىمۇ ياكى مەن بۇرۇن كۆرمىگەنمۇ . بوسوغۇغا كىرگەندىلا يانتەرەپ تە ئەڭ يىڭى ھىلىقىدك رەسىملەر كۆرنىپ تۇرىدىكەنغۇ ……..
    ما ياخشى بوپتۇ ………

  10. موللاخۇن 2013.04.23 , 18:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جىڭ زادى بەك توغرا دىيلىپتۇ . ئۈزەمنى دەڭسەپ باقسام مەن گەرچە توي قىلمىغان بولسەممۇ ئەمما يۇقىرقىلاغا سىلىشتۇرغاندا بەشتە كاپالەت ئىشەنچلىك لاياقەتلىك نەمۇنىلىك .شەرەپلىك. ……..لىك. لىك لىك ئەر بولغۇدەكمە جۇمۇ

  11. موللاخۇن 2013.04.23 , 18:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي باللا ئاۋۇ سىننى باسسام قۇيۇلمىدىغۇ باشقا توربەتكە كىرىپ كەتتى .
    ئەمدى تورخۇماردىكى ۋاپاسىز ئەر ئاياللارنى قامچىلاشقا ئاۋۇ راكىتانىڭ ئوڭ تەرىپىگە قامچا سول تەرىپىگە لازا ئىسىپ نىڭ ئۆگزىسىنى تىشىپ ئاپتاپ چۈشكۈدەك يەر قىپ قويساق بولغۇدەك . جازانى تورخۇماردىلا بىرىپ ئاشۇ….

  12. غېرىپجان 2013.04.23 , 19:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم كەمىنە غېرىپجاندىن خۇماداشلارغا ئوتلۇق سالام . رەھمەت (ئوڭغائىگىلگەن) رەھمەت (سولغائىگىلگەن) ……نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىزمەت تۈپەيلى تورخۇمارغا قەدەم بېسىشقا ئىمكان بولماي قالدى،مانا بۈگۈن يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ماۋۇ باللامۇ ئالامەت گەپچى بوپ كىتىپتۇ دىسە ئەدەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرۈپ ۋېرۇس ئاۋۇ سىننى نەدىنمۇ تاپقانسىزھە؟ تېمىغا ئالامەت ماسلىشىپتۇ جۇمۇ، يەنە بىر گەپ ماڭا ئوڭ كۆزىڭىز بىلەن قارىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت:mrgreen:

    • مەنسۇر 2013.04.23 , 21:59

      ۋىروسجان بۇرۇنلار يۇقارقى 10 ماددىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قىز-چوكانلادىن بولىشغا لازىغا چىلانغان تاياقنى يەپ ئاغزى-بۇرنى قان، يۈز-كۆزى ئىشىپ كۆزىنى ئاچالمايۋتسا نەدە سىزگە ئوڭ كۆزى بىلەن قارايدۇ؟ (چاق-چاق ھە، ۋىروسجاننىڭ باش سۈرىتى):mrgreen:

  13. ئەلىف 2013.04.23 , 19:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏‏ئاياللا كۆرۈنمەيدىغۇ ؟

  14. ۋاقتىم 2013.04.23 , 19:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۈكرى… بۇنىڭدىن كېيىن بۇ 10 خىل (خانىم – قىزلار)تىپنىڭ بىرى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمەن…:oops:

  15. م 2013.04.23 , 20:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىززىقكەن

  16. Forever 2013.04.23 , 20:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېمىغا ئىنكاس يازمىغانلارنى كوللىكتىپ ئۇرۇش كېرەك :mrgreen:

  17. خەپشۈك 2013.04.23 , 20:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر نەرسە يازاي دىسەم نىم دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، يازماي دىسەم تاياق يىمەي دىدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە نەرسە يىزىۋالدىم :lol:

  18. ئالمىچى 2013.04.23 , 21:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇرماي بولمايدۇ

  19. xilas 2013.04.23 , 21:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەشۇ 10 خىل ئەر-ئاياللارغا مانا راكىتا :lol::mrgreen:

  20. ۋارس 2013.04.23 , 21:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسكەرتىش: بۇ بابتا دىققە قىلىدىغان ئېنتايى موھېم نۇقتا شۇكى، خوتۇنۇڭىز قانچىلىك تاياققا لايىق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئائىلىدە ئۇ بولمىسا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ئاياللارغا نىسپەتەنمۇ شۇنداق.
    ماۋۇ خەتتە ئىملا خاتالىقى قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىپ كېتىپتۇ.:evil:

    • مەنسۇر 2013.04.23 , 22:04

      ئىملا خاتالىقى، قىستاڭچىلىقى ئەمەس، چوتلا قاملاشماپتۇ، يۇقارقى 10 ماددىنىڭ بەزىسىگە چۈپ قالغان چوكانلارنى كەچۈرۈش ئەرلەرنىڭ ئىشى ئەمەس. مۇشنى لازىغا چىلاپ بولۇشىغا ئۇرۇپ بوپ، يەنە ئازىراق زىرە بېرىپ ئىشتاھاسىنى ئېچىپ زەنجىۋىلگە قوشۇلغا قىزىلمۇچقا چىلاپ، ئۈستىگە تۇز سېپىپ تۇرۇپ قاتتىق ئۇرۇپ تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۇش كېرەك.

    • ۋېروسخور 2013.04.23 , 22:35

      سىز بۇ تېمىنىڭ 10-سىگە چۈشكىدەكسىز كوللىكتىپ ئۇرۇش كېرەك! مانا راكىتا (چاق چاق)

  21. ئەلگە نۇر 2013.04.23 , 22:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تىما تورخۇمار نىڭ خاراكتىرىگە تازا ماس كەلمەپتۇ

  22. filash 2013.04.23 , 22:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزىقكەنغۇ 2-فىلىم. بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك!

  23. سەھرالىق 2013.04.23 , 22:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمانداق قىزقارلىق بۇ،كۈلۈپ كۈلۈپ بولالماي كۈزۈمدىن ياش چىكەتتى،بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلاركەن:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  24. ئۇيغۇرباي 2013.04.23 , 23:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھا…. يامان قىزىقارلىق گەپلەركەن !:mrgreen:

  25. كىكەچ 2013.04.23 , 23:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ تىما خوتۇن بىلەن سوتقا چۇشسەك قانۇنى ئاساس قىلغۇدەك تىمىكەن.(قىيناناملار ئاچقان سوتتا):mrgreen:

  26. ئىز باسار 2013.04.24 , 00:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاغزى-بۇرنىدىن قان چىقىرىۋېتىش كېرەك. دىۋانىغا 2 كوي بېرىپ ئاپتۇبۇسقا چىقاتتىم دەپ بىر كوي قايتۇرۇۋالىدىغان بۇنداق ئەرلەرنى ئۇرمىسا قانداق بولىدۇ؟ ياخشى چىقىتپۇ. يازما ئىگىسىنىڭ قەلەم قابىلىيىتى خىلى بوپ قويىدىكەن. بۇ چوقۇم يازما ئىگىسىنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ساۋاق:razz:

    • ئىلىچىن 2013.04.24 , 15:27

      بولسا چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويالارسىزمۇ؟ سىز بىلەن ئالاقىلىشەي دىگەن…..

  27. ئىز باسار 2013.04.24 , 00:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامال بولسا بۇلارنى تورخۇمار كۇلۇبىنىڭ ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزۈش كېرەك:mrgreen:

  28. ئىز باسار 2013.04.24 , 00:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرىنچى بوپ دىۋانغا ئىرىشەلمىسەممۇ 5-6-چىسى بوپتىمەن دەپ خوش بولۇپ يۈرسەم ئا 2-بەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىسىدا قاپتىمەن دېسە…بەزىلەر تورخۇمارنىڭ قانداق ۋاقىتتا تىما يوللايدىغىنىنى بىلىدىغان چىغى….:arrow:

  29. چوغلۇق 2013.04.24 , 00:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا مەن بەك ئېسىل ئوخشايمەن جۇمۇ، يۇقارقىلارنىڭ بىرسىگىمۇ چۈشمەيدىكەنمەن مەن .ھا ھا ھا ….

  30. ئابدۇۋاھاب 2013.04.24 , 11:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يوق كەنمەن ھەنىم بولسا،ھا ھا ھا ھا ھاھا:wink:

  31. ئىلىچىن 2013.04.24 , 15:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەھشەت تىمىكەنگۇ بۇ…ھەممىسى توغرا،

    • ئىز باسار 2013.04.24 , 23:47

      ئىلچىن ئەپەندى مىنىڭ چ چ نومۇرۇمنى سوراۋاتامسىز؟
      1536863381

  32. گىلور 2013.04.24 , 18:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چوقۇم چوقۇم چوقۇم ئاپتورنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن گەپ ھەي……….كىلاسسىك تېمىكە بۇ :lol::lol::lol::lol:

  33. نەۋقىران 2013.04.24 , 18:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان تالاشقۇچىلار ھىيىتكانىڭ ئالدىدا ناماز شامغا ئەزان چىقىشىنى ساقلاپ بىرىنجى سەپتە ناماز ئوقۇيمىز دىگۈدەك :oops::oops: ئالامەت تىما ئىكەن مەنمۇ تىما يوللاي دىگەن قانداق يوللايمىز ئېدىش دەپ بىرىڭلا

  34. سەھرالىق 2013.04.24 , 21:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما تېمىغا ئىنكاس يازماي قۇتۇلغىلى بولمايدىغاندەك:mrgreen:

  35. ئەنىشتە 2013.04.25 , 00:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما تېمىغا ئىنكاس يازماي قۇتۇلغىلى بولمايدىغاندەك

  36. سەردارى 2013.04.25 , 12:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ۋەھشى چىقىپتۇغۇ ما تىما .ئىسىل كەن جۇمۇ

  37. man 2013.04.25 , 13:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي بۈگەن ئنكاس بەك كۆپقۇ!

  38. پەنجىر 2013.04.25 , 13:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بەك نەمۇنىلىك ئەر ئوجشىمايمەنمۇ ؟ ھىچقايسىگە چۈشمەيدىكەن، بىراق يۇقارقىدەك ئاياللارغا ئۇچىراپ قېلىشىتىن ئەنسىرەيمەن :oops:

  39. HAYATIM538 2013.04.25 , 17:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى تېما ئىكەن ، شۇنداق ھۇزۇرلاندىم . تېما ئىگىسگە رەھمەت . بۇ تېما ئاستىدىكى دوستلارنىڭ ھەممىسى كۆرگەن بولغاندىكىن بۇلارنىڭ ئىچىگە چۇشمەيدىكەن :oops:
    نىمىشقا دىمەمسىلەر بۇ تېمىغا ئىنكاس يازسا كىرمەيدۇ دەپتىگۇ !!!!!!!!!!!:mrgreen:

  40. نەۋقىران 2013.04.25 , 17:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەينەككە قاراپ ئۆزەمگە 5 مىنۇت سۆزلىۋەتتىم :smile::smile::smile::smile::smile::lol::lol::lol::lol:

  41. باخادىر 2013.04.25 , 20:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى ئوكۇپ كىمبىلەن دوس بولسامبۇلا دەپ ئويلاپ قالدىم.
    ئارتۇقچىلىق توگرىسىدىمۇ سوزلەپ كويسڭىز بولغۇدەي.
    ھەممە ئادەمنىڭ كەمچىلىكى بائەمەسما:???:

  42. ئىسيانكار 2013.04.26 , 19:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمار تارىخىدىكى ئىنكاس چۈشۈشتە رىكورد ياراتقان تىما

  43. ئۇيغۇرۇم 131 2013.04.27 , 12:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنى ئەمدى ئىككىنچى ئاچمايمەن دىۋىتىپتىم تۈنۈگۈن :mad: ئۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەب : ئاخشىمى تورخۇماردا ئولتاسام توك ئۆچۈپ قالدى ، :twisted: ئەتتىگىنى تاماق يەپ ئولتاسام توك كەپ قالدى :oops: شۇنىڭ بىلەن كومپىيۇتىرنى ئىچىپ تورخۇمارغا چىققىنىمنى بىلمەن ……. قاچانلاردىكىن يەڭگەم چۈشلۈك تاماق كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ -دە ، ئەتتىگەن ئەكىرىپ بەرگەن تاماقنى ھازىرغىچە يەۋاتقىنىمنى كۆرۈپ پىشانىسىگە بىرنى شاپىلاقلاپ چىقىپ كەتتى :mrgreen: بىردەم بولغاندا ئاكام كىرىپ قايناپ ماڭا ، پوسكايتىۋىتىپ چىكەتتى:cry::cry::cry:
    بۈگۈن ئەتتىگەن يانا ئاچقىنىمنى بىلمەن :kiss::grin: ئەتتىگەنلىك تاماقنى ھازىر يەپ بولدۇم ، ياخشى- يەڭگەم ياكى باشقا بالىلار كىرىپ قالمىدى يىنىمغا تاماقنى يەپ بولغىچە :mrgreen::mrgreen:

  44. ئۇيغۇرۇم 131 2013.04.27 , 12:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يې سادىغاڭ كىتەي باللا ……..ئا بىرىنچىسى قىسقا كارتونمۇ ياكى كارتوندىن ئارىيەمۇ ؟ ئەگەر ئارىيە بولسا خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە ئىسىملىرىنى بولسىمۇ دەپ بىرىڭلا ئاندا قىمماي …….:grin:

    • ۋىروس 2013.04.27 , 14:26

      ئۇ 20- ئەسىر فوكىس شىركىتىنىڭ بۇلتۇرقى قىسقا كارتونى

    • ۋىروس 2013.04.27 , 14:28

      ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى كاتون فىلىم كۆرمەكچى بولسىڭىز ھازىر مەملىكىتىمىز كىنوخانىلىرىدا قويۇلىۋاتقان «Croods» خەنچە نامى : 疯狂原始人 نى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

  45. ئۇيغۇرۇم 131 2013.04.28 , 18:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت ھە ۋىروس قارىم !!!!!!!!!!!!:kiss::oops::razz:

  46. ئۇيغۇرۇم 131 2013.04.28 , 18:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىنونىڭ بى ۋاراڭ-چۇرۇڭى يوق نۇسخىسىنى تاپالمىدىم :cry:
    تاپالىغىنىمنى كۆرگەچ تۇراي ئەمدى :evil:

  47. دىلبىر 2013.04.28 , 18:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ ئاستىدىكى سىن بەكلا قىزىققىكەن.:mrgreen:

  48. ئوتي ۈرەك 2013.08.24 , 19:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink:بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇنداق يزمىلانى يەنە كۆپرەك چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

  49. ئ‍ازابىم 2015.10.23 , 09:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشىكەن

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量