بىر يولۋاسنىڭ ئۈچ يۇۋاش قوي تەرىپىدىن ھالاك قىلىنىشى ھەققىدە چۆچەك | سەپرالارنىڭ ئوقۇشى چەكلىنىدۇ
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا «كىم»،«قەيەردە»،«نىمە» ئىسىملىك ئۈچ قوي بولغانىكەن. بىر كۈنى «كىم»،«قەيەردە» ئىسمىلىك قوي ئىشىك تۈۋىدە، «نىمە» ئىسىملىك قوي ئۆگزىدە تورغاندا قۇرسىقى ئېچىپ ئىچىرقاپ كەتكەن بىريولۋاس كەپ قاپتۇ. يولۋاس بۇلارنى كۆرۈپ تازا خۇشال بوپ كىتىپتۇ ۋە ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا «كىم»نىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە سوراپتۇ :
-سەن كىم؟
توغرا، مەن كىم -دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ،بىرىنجى قوي
- نىمە ؟
نىمە ئۆگزىدە-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.بىرىنجى قوي
- سېنىڭ كىملىكىڭنى سوراۋاتىمەن-دەپتۇ يولۋاس سەل تىرىكىپ.
- مەن كىم، نىمە ئۆگزىدە.
يولۋاس بىشىنى چايقاپ ئىككىنجى قويدىن سوراپتۇ.
- سەن كىم ؟
- مەن كىم ئەمەس ئاۋۇ كىم دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئىككنىجى قوي بىرىنجى قوينى كۆرسىتىپ .
- سەن ئۇنى تۇنۇمسەن؟دەپ سوراپتۇ يولۋاس
- ھەئە.دەپتۇ ئىككىنجى قوي
- ئۇ كىم؟ دەپ سوراپتۇ يولۋاس
- شۇنداق
- نىمە ؟
- نىمە ئۆگزىدە
- قەيەردە؟
- مەن قەيەردە
- كىم؟
- ئۇ كىم
- مەن نەدىن بىلەي …..
- سىز كىمنى ئىزدەمسىز؟
- نىمە ؟
- نىمە ئۆگزىدە
- قەيەردە
- ئۇ مەن
- كىم؟
- مەن كىم .ئەمەس ئۇ كىم
- توۋا !!
بۇ چاغدا بىرىنجى قوي بىلەن ئىككىنجى قوي :
-«توۋا» بىزنىڭ دادىمىز-دەپتۇ.
- نىمە؟سىلەرنىڭ داداڭلار؟
- ياق -دەپتۇ ئىككىنجى قوي،
يولۋاسنىڭ ئىچى سىقلىپ كىتىپتۇ -دە،كۆككە قاراپ ئېغىر ئۇھسىنىپ:
- نىمە ئۈچۈن؟
ئۈچ قوي شۇ ھامان تەڭلا :
- سەن بىزنىڭ بۇۋىمىزنى تۇنۇمسەن؟-دەپ سوراپتۇ،
يولۋاس بۇ گەپلەرنى ئاڭقىرالماي :
- نىمە؟- دىيشىگە بىرىنجى قوي :
- ياق، نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ بۇۋىمىز-دەپتۇ
- نىمە ئۈچۈن؟
- شۇنداق
- نىمە ؟
- نىمە ئەمەس،نىمە ئۈچۈن
- كىم؟
- مەن كىم
- سەن كىم؟
- شۇنداق ، مەن كىم
- نىمە؟
بىرىنجى قوي ۋە ئىككىنجى قوي تەڭلا:
- نىمە ئۆگزىدە
بۇ گەپلەرگە چىدىمىغان يولۋاس ئاخىرى ئۈزىنى ئۆلتۈرۋاپتۇ.
تامام
بۇ ھىكايىنى بىز كۈرۈپ چۈشەنگەنلەرنى دىۋانغا ئىككى كۈرۈپمۇ چۈشەنمىگەنلەرنى پەگاغا باشلايمىز ، ئەسكەرتىش قارىغۇلارچە دىۋاندا ئولتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ ، چۈنكى بۇ ئۈچ قوينى دىۋانغا باغلاپ قويدۇم ، يولۋاسنىڭ ئۈيىدىكلەر قىساس ئالغىلى كەپ قىلىشى مۇمكىن ، چۈشەنمەي دىۋانغا چىقۋالسىڭىز يولۋاس ئۈيىدىكىلەرگە ھەقىقىي ئەۋالنى چۈشەندۈرەلمەي يەم بوپ كىتسىز، ئىشقىلىپ مەن دەپ قويدۇم ، تورخۇماردا قان تۈكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار
يولداش موللاخۇننىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغىنىغا ئالاھېدە رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: يۇمۇر، چۆچەك، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tigers-and-sheep.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك بىڭسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان 13 ھەقىقەت
- كېيىنكى يازما > مېنىڭ ئاجايىپ مۇئەللىمىم | ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 3
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كىيمەي تېشىغا كىيىۋالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- تېرورچىنى «توسقان» قەھرىمان توختى ھەققىدە ھېكايەت
- كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(4)
- خوجايىندىن مەدىكارغا ئۈچ نەسىھەت | ھايات سەپىرىڭىزدە ئەسقاتىدىغان ھېكايە
- مېنىڭ ئاجايىپ مۇئەللىمىم | ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى
- تورخۇمارلارغا بىرقانچە دەرس | دۇنيا ھامان سىز ئويلىغاندىن جىق مۇرەككەپ
- ئايفۇنچى ئوسمان ۋە دەريا مۇئەككىلى ھەققىدە چۆچەك _ ئوغلۇم بۇ ئايفۇن (iPhone) سېنىڭمۇ ؟
ئاللا ئاللا دىۋانچىلار نەگە كەتكەندۇ؟
سەن كىم ؟
كىم پەگادا .
مەن كىم ئەمەس ئۇ كىم .
ئۆگزىدىكى كىم ؟
ئۆگزىدىكى كىم ئەمەس نىمە .
توۋا…
مەنمۇ ئىلىشىپ قالاي دىدىم ، يولۋاسنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام ئۈچىلى قوينى يەۋەتكەن بولاتتىم
مانا مەن يائاللا بىردەمدە دىۋانغا چىقىۋاغان گەپ ھە
ۋايجان ! كاللام ئېلىشىپلا كەتتى .
ئاددىلا كەنغۇ
گەپقۇ ئاددىي، ئەمما ئانداق تەكرارلىنىۋەرسە كاللا ئېلىشىدىكەن دەيمە !
خاپا بولمىسىلا ئۈزۈممۇ بىلمەيلا چىقىپ قاپتىمەن دىۋانغا. سىلى مەرگەن بولغاندىكىن دىۋاننى چىنماملا دەيمەن
مەرگەن ئاغىنىمىز دائىم دىۋان دەپ پەگانى چاغلايدىغان بوپ قالدى.
رىۋايەت قىلىنىشىچە پەگامۇ ئىسمىنى دىۋان قويۇۋاپتىمىش، ھەم دىۋاننىڭكىدىنمۇ يوغان يېزىۋاپتىمىش. مەرگەن نەق تەككۈزگەن بىلەن ئىسمىغا ئالدىنىپ قاپتۇدەك. يولۋاس يىللىق ئوخشايدۇ.
ۋايجان …. كاللامنى ئۇماچ قوچۇغاندەك قوچۇپلىۋەتتىغۇ …..
ماڭا باش سۈرەت توغۇرلاپ بىرىدىغانلار بامۇ؟ۋىروس،تورخۇمار بولساڭلا ماڭا بىر ياردەم قىلىڭلار مۇشۇ باش پەقەت پەقەت چىقماۋاتىدۇ.
ھا..ھا.. ئازراق قىسقارتىپ يۇمۇر قىلىۋاسىمۇ بولغۇدەك ھە..
ما ھىكايىنى يادلاپ كەچتە مەبەتكە ئىيتىپ بىرەي…
مەبىتىڭىز چۇشۈنەلمەي مىنى ئەخمەق قىمماڭ دەپ خاپا بوپ قامىسۇن يەنە . چۈشۈنەلىگەن تەقدىردىمۇ تىرىكىپ …………………
يادىلاپ ؟ ئۇقۇپ ئاران تۈگەتتىم ئۇقۇپ بولغىچە بىر قىسىملا بوپ قالدىم ئاڭقىرىپ بۇلامماي ، پو ئاتماي مەبىتىڭلىگە مۇشۇنى بى دۇدۇقلىماي ئۇقۇپ بىرىڭلا
سەپرا ئەمەستەك قىلىمەن !
مەنلا قىلىپ بەمەيمۇ سەردارى ئۈزۈمنىڭكىنىمۇ بىر قېتىمدىلا پۈتتۈرۋەتكەن مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭە! چ چ 1002938203
تاس قويدى مىنىما ئۆلتاەىلى
ئاشۇنداق ئەخمەق يولۋاسمۇ بارمىكەن؟
بۇنىڭدىن چىقىرىلغان يەكۇن بولسا ،يولۋاس سەپرا ئىكەن.
ئۇششاق سۇئالنى سورىغىچە ھاپلا قىپ يەۋەتسىچۇ ، ئەخمەق يولۋاس
ھاپلا قىلىپ يەۋەتكەن بولسا بۇ يىل قۇربان ھېيىتتا ئۆشكە يەيتىڭىز
تۇغۇلمىغان مۇزايغا قۇزۇق قېقىۋاتىسىز ھە
تۇغۇلمىغان موزايغا قۇزۇق قېقىش ! ما گەپنى چىش چىققاننىڭ ياقى تۇنجى كۈرۈشۈم ، تورخۇماردا بىر ئاي چۆگلىسە گاچىمۇ گەپچى بوپ كىتىدىغان ئوخشايدا
ئابومكا راس دەيسىز ….
يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ ۋەھشى گەپچى باللا با جىما مۇشۇ توخۇمادا .
ھەي باللا بۇ گەپ ئەسلىدىنلا باردۇ تىلىمىزدا
ئاۋۇ ئۈستىدىكى قوي سۈرەتكە چۈشۈشتە بەزىبىر قىزلادىن مىڭ ياخشىكەن.
ئۇنى بىر دىمەڭلا ، مىنىڭمۇ ئاۋۇ يوغان ئىككى قۇلىقىدىن تۇتۇپ تۇمشۇقىغا « چوككىدە » … ۋاي ياق، « دوققىدە » بىرنى كاللا قويۇۋالغۇم كەلدى . ھا ھا ھا ھا . . . ! ! !
ئۇف، ئۇماچ قىلىۋەتتى كاللامنى،
ۋاي كاللام نىمە بوپ كەتتى…ئاران چۈشەندىم بۇنى ئوقۇپ.
ۋاي كاللام نىمە بوپ كەتتى!
بېشىم قېييىپ كەتتى
بولۇپ قويىدىكەن
رول ئىلىپ ئىشلىسە ئاندىن ھەققى بىلگىلى بولىدۇ ئەمدى دىۋان مىنىڭدۇ
راستىنلا دۆت يولۋاسكەن دىسە .ئۇچ پاقالان تۇسا سەن كىم ،نىمە دەپ يۇرگىچە كوملا قويماي (چاقچاق )
ھاھاھا。يامان كىززىقكەن
باشلىرىم قىيىپ
بۇ يولۋاسمۇزە ،نىمە قىلىدۇ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى سوراپ،بىرىپ يە ۋەرسىلا بولمىدىمۇ