نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | يەنە بىر يۈرۈش تاللانغان يۇمۇرلار(2)

كۈلكە - جاننىڭ ئوزۇقى | يەنە بىر يۈرۈش تاللانغان يۇمۇرلار(2)

-ئالمىلار بەك قىممەتقۇ ؟
-قارىمامسىز ، بىر بىرىدىن قىزىرىپ پىشقان ئالمىلار تۇرسا بۇ .
-قىممەت بولغاچقا ، ئىزا تارتىپ قىزىرىپ كەتكەندۇ !!!

بىرى پويىز خادىمىغا «مەن ئاتۇشتا چۈشىمەن» دەپتۇ.پويىز خادىمى «بۇ قېتىملىق پويېز سەيشەنبە كۈنى ئاتۇشتا توختىمايدۇ، بىراق، بۇرادەر، بىز ئاتۇشتا رېلىس ئالماشقاندا سۈرئىتىمىز ئاستىلايدۇ، مەن ئىشىكنى ئاچىمەن-دە، سەن چاققانلا سەكرەپ چۈشىۋالىسەن. پويىزنىڭ سۈرئىتى گەرچە تېز بولمىسىمۇ،سەن سەكرەپ چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پويىز ماڭغان يۆنىلىش بويىچە بىر ئاز يۈگۈرمىسەڭ چاق سۆرەپ ئەكىرىپ كېتىدۇ!» دەپتۇ. پويىز ئاتۇشقا كەلگەندە ئىشىك ئېچىلىپتۇ، يولۇچى پويىزدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ-دە،يۈگۈرگەن پېتى بايىقى ۋاگوننىڭ ئالدىدىكى ۋاگوننىڭ ئىشىك ئالدىغا كەپ قاپتۇ. دەل مۇشۇ پەيىتتە، ۋاگوننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپتۇ-دە، بىر پويىز خادىمى چىقىپ ئۇنى تارتىپلا ئىچىگە ئەكىرىۋاپتۇ . پويىزمۇ ئەسلىدىكى سۈرئىتىگە قايتىپتۇ.
ۋاگون خادىمى:- بۇرادەر، بەك تەلەيلىككەنسەن، بۇ پويىز سەيشەنبە كۈنى ئاتۇشتا توختىمايتتى!

———————–

گېرمانىيىدە بىر ئاغىنىمىز شىۋىتسىيىگە ئىنىسىنى يوقلاپ بارسا ، ئىنىسى ئاكىسىنى بويتاقچىلىقتا زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا بىر شاتۇتى بېرىپتۇ . ئاغىنىمىز گېرمانىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىنىسى تېلېفون قىلىپ: ئاكا! شاتۇتى قانداقكەن؟– دەپ سورىسا،
ئاغىنىمىز: گۆشى شۇ توخۇنىڭ گۆشىگىلا ئوخشايدىكەنغۇ..

————————

بىرەيلەننىڭ ئاكىسى ئاغرىپ قېلىپ بالنىستتا يېتىپ قاپتۇ. ئۇ ئادەم ئاكىسىنى يوقلاپ بېرىپ، ئاكىسىنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى سېزىپ، ئۆزىچە ئاكامغا بىر تەسەللىي بېرىپ قوياي دەپ مۇنداق دەپتۇ:- ئاكا! نېمىگە غەم قىلىسەن، زادى ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىزغۇ…

———————–

گېرمانىيەدە بىر ئۇيغۇر ، بىرسىنى ئېشەك دەپ قويغانلىقتىن، ئۇ كىشى سوتقا ئەرز قىلىپ، سوت ئېچىلىپتۇ. سوتچى، ئۇيغۇرنى گۇناھكار دەپ، 5000 ياۋرو جەرىمانە قويۇپتۇ. دەۋاگەرنىڭ خۇشلۇقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قاپتۇ.
ئۇيغۇر نارازى بولغان ھالدا، سوتچىدىن سوراپتۇ:
-ئەگەر، مەن ئېشەكنى قېچىر دېسەم گۇناھكار بولامدىم – يوق ؟
سوتچى:
-ياق.
ئۇيغۇر ھېلىقى ئەرز قىلغان كىشىگە قاراپ دەپتۇ:
- نېمىگە كۈلىسەن ۋوي…قېچىر !؟

———————–

بىر خېرىدار دورىخانىغا كىرىپ: ”ئايالىم ئۈچۈن چىۋىن دورىسى ئالاتتىم“ دەپتۇ.
دورىگەر:
-ساراڭ بولدىڭىزمۇ، ئايالىڭىز ئۇنى ئىچسە زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ!
خېرىدار يانچۇقىدىن ئايالىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، دورىگەرگە بېرىپتىكەن،دورىگەر رەسىمگە شۇنداق بىر قارىۋېتىپ:
-كەچۈرۈڭ، رېتسىپ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن …

————————-

ئەر -خۇتۇن ئىككەيلەن مۇڭدۇشۋېتىپ ، ئاشنا توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدى ، ئايال ئېرىدىن تۇيۇقسىز سورىدى :
- سۈيۈملىكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىرتتا بىرەرسى بىلەن ئارلىشىپ قالسام قانداق قىلاسىز ؟
- سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن !_ دېدى ئەر كەسكىن جاۋاپ بېرىپ ، ئارقىدىنلا ئايالىدىن سورىدى ،_ ئەگەر مەن
بىرەرى بىلەن ئارىلىشىپ قالسام ،سىز قانداق قىلىسىز ؟
ئايال بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ جاۋاپ بەردى:
- بۇ ئىنسانچىلىقتا بولۇپ قالىدىغان ئىش ، سىزنى كەچۈرۋېتىمەن ، ھېچنىمىنى سۈرۈشتۈرمەيمەن .
- ئايالنىڭ گېپى تۈگە _تۈگىمەيلا ئەر ھاياجان بىلەن كارۋات ئاستىغا قاراپ ۋارقىردى:
- بۇياققا چىقىڭ ئومىقىم ، ئۇ ھېچنىمىنى سۈرۈشتە قىلمايدىغان بولدى !!!!!!

————————–

ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ:
- ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻗﻨﯩﯔ ﭘﯘﺕ- ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ:
-ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﻪﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ، ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻰ،ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯﭘﯘﺗﻰ،- ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.

—————————

ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻠﻰﻗﻮﻳﻤﺎﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭖ:
- ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺩﻩﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺩﻩﯞﻩﮔﯜﻟﯜﻙ،- ﺩﻩﭘﺘﯘ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻗﻼ ﺩﻩﯞﯨﺘﯩﭙﺘﯘ.
- ﺋﺎﭘﺎﻡ “ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺋﺎﺗﺎﯕﻐﺎ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻱ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ“ ﺩﻩﻳﺪﯗ.

—————————-

_ئېرىم زادىلا كېچىكمەيتتى،بۈگۈن نىمە بولغاندىكىن،ھازىرغىچە كەلمەيۋاتىدۇ.بىرەر شەيتان بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىمىكىن-يا؟
_ بولدى قىلساڭچۇ تىلىڭنى ئۈشۈتمەي،ئېرىڭ ياۋاش،ساڭا سادىق ئادەم. بەلكىم ماشىنا سوقىۋەتكەندۇ.

—————————-

ﺗﻮﻣﯘز ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ، ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯﻩﻳﻨﻪﻙ ﺗﺎﻗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﻳﻮﻝﻳﺎﻗﯩﺴﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺷﯩﻠﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ :“ﺋﻪﻣﺎﻻﺭﻏﺎ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺑﺎﻏﺎﻗﯩﭽﯩﻨﻰ ﭼﺎﭘﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﯩﺮﺗﯩﭗ ،ﮬﻪﻣﯩﻴﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻠﻪﭘﯩﺴﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .
-ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ، ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﯩﻢ ،- ﺩﯦﺪﻯ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ،- ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺑۈﮔﯜﻥ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻰ .
-ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ !-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ .
-ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ خانىم، ﺋﯘ كىنوﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﮔﺎﺱ -ﮔﺎﭼﺎ

—————————–

ھاراق دىگەننى بولىشىغا ئىچىدىغان بىرىنىڭ ئايالى ئۇنى بىر قورقۇتۇپ تۈزىتەي دەپ ، ئالۋاستىدەك ياسىنىپ ، ئېرىنىڭ كېلىشىگە ساقلاپ تۇرۇپتۇ . بىر چاغدا ئېرى دەلدەڭشىپ غىڭشىپ كېلىۋاتقىدەك ، ئايال يۈگرەپ بېرىپلا ئارقىسىغا ئۆتۈپ ، قورقۇنچلۇق ئاۋاز چىقىرىپ :
-مەن دىگەن ئالۋاستى ، ئەمدى يەنە ھاراق ئىچسەڭ جېنىڭنى ئالىمەن ،-دەپتۇ . مەس ئېرى :
-ۋاي ۋاي قۇلاقنى ئاغرىتمىغىنا ، مەن سىنىڭ ئاچاڭنى ئېلىپ ھايات يۈرۋاتىمەنغۇ مانا ….

——————————

تەبىئەت مۇئەللىم ئالىمدىن سوراپتۇ :
- پۇتۇڭغا قانداق ئاياق كىيىۋالدىڭ ؟
- خۇرۇم ئاياغ – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالىم
- قېنى دەپ باقە خۇرۇم نەدىن كەلگەن ؟ -سوراپتۇ مۇئەللىم
- … …
- سېنى خۇرۇم بىلەن تەمىنلىگەن زادى قايسى ھايۋان دەۋاتىمەن ؟- دەپ قايتىلاپ سوراپتۇ مۇئەللىم .قورقۇپ كەتكەن ئالىم دەرھاللا :
-دادام …..

——————————

كىچىك بايۋەچچە ئىنتايىن شوخ بولۇپ ،بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ بىر ساقچىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ قاپتۇ ۋە :
- سىز ساقچىما؟
- شۇنداق نېمە بولدى؟ دەپ سوراپتۇ ساقچى .بايۋەچچە :
- ئاپام قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭ ساقچىنى ئىزدە دېگەنتى .
-ئاپاڭ ناھايىتى تۇغرا ئېيتىپتۇ ،- دەپتۇ ساقچى مەغرۇر ھالدا .
-ئەمىسە ئايىغىمنىڭ بوغۇچىنى چىگۋېتىگە .

——————————-

بىر ئايال راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قاپتۇ .بالىلىرى ئاپىسىغا تەلمۈرۈپ قاراپ :
- ئاپا ،ساقىيىپ كەتسەڭ بولاتتى ،ئەگەر ياخشى كۆننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قانداقمۇ قىلارمىز ؟ دەپتۇ .ئاپىسى بالىلىرىغا تەسەللىي بېرىپ :
-ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم ،ئاپام ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دەڭلار ،داداڭلار ھەرگىزمۇ ئۆيلىنەلمەيدۇ .

——————————-

ئۇرايىماخۇن بىلەن قاسىماخۇن بىر يەردە ئولتۇرۇپ سۆزلىشىپتۇ،ئارلىقتا ئۇرايىماخۇن سوراپتۇ :
-ئاداش سىنىڭ كالاڭ تاماكا چىكەمدۇ؟
_نىمە دەۋاتىسەن ئاداش، كالىمۇ تاماكا چىكەمدۇ؟
- ئۇنداقتا ئېغىلىڭغا ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ ……………..

——————————-

بىر ئادەمنىڭ ئايالى يەڭگىپتۇ،ئۈچ كۈندە ئايىقى،تۆت كۈندە تىلى چىقىپتۇ بىراق كىمنى چاقىرىسا شۇ ئۆلىدىكەن.بىر كۈنى مۇما دەپتىكەن مۇمىسى ئۆلۈپتۇ،يەنە بىر كۈنى بۇۋا دەپتىكەن بۇۋىسى ئۆلۈپتۇ.دادىسى:ماۋۇ گۇي كىمنى چاقىرىسا شۇ ئۆلىۋاتىدۇ دادا دەپ سالمىغېيتى دەپ تۇرىشىغا دادا دەپ چاقىرىپتىكەن،دادىسى ئاپلا مەن ئۆلدۈم دەپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋېتىپتۇ.بىر چاغدا كۆزىنى ئاچسا ساق ئۆلمىگەن بۇ نىمە ئىش ئەمدى دەپ تۇرىشىغا خوشنىسىنىڭ بالىسى يىغلاپ كىرىپتۇ.نىمە بولدۇڭ دەپ سورىشىغا ئۇ بالا يىغلاپ تۇرۇپ:دادام تۇيۇقسىز ئۆلەپ قالدى دىگۈدەك.

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 267 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: humor-20100105.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. قاينام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋال دىۋاننى ئېلىپ ئاندىن سۆزلەي
    كەچ بولغاندا ئەجەپ تېلىقىپ كۈلۈپ كەتتىمما :grin: :grin: :mrgreen: :mrgreen:

  2. قاينام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈستىدىكى قاينام مەن ئەمەس جۇما يانا ، سىلى ئىزدىنىشتىكى يەنە بىر قاينام شۇما . ئەگەر بولمىساڭلا قاينامنىڭ ئۇۋۇسى چۇۋۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە؟ :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

    • قاينام :

      ئەسلىدە قاينام 69 تى لىكىن بېسىلماي شۇنداق يېزىلىپ قالدى

  3. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالە شەرىڭىنى مەيەردە 2 قاينام كۈرۈلدى! :lol:

  4. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەتلىك يۇمۇرلارغا قارىغاندا ، ئاۋۇ رەسىملىك يۇمۇر ۋەھشەتكەن :mrgreen:

  5. قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھاھا ، رەخمەت سىزگە، تازا بىر كۈلىۋالدىم، مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇنداق نەرسىلەر بولمىسا ئادەمنىڭ كۈلگىسىمۇ كەلمەيدىكەن دىسە…. ئەڭ ئاخىرقى يۇمۇرنى تازا چۈشەنمىگەندەك قىلغان، بەك ئويلاپ باقسام، ئۇ بالا خەقنىڭ بالىسىكەن ھە …. ھاھاھا

  6. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما يۇمۇرلارغا ۋېريس يۇقتى …. ئەمدى ئوقىساڭلار تېخىمۇ قىززىق بولىدۇ … :evil:

  7. نۇرقۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen: ئالامەت كۈلكە دورىلىرىكەن بۇ. :mrgreen:

  8. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    -ئالمىلار بەك قىممەتقۇ ؟
    -قارىمامسىز ، بىر بىرىدىن قىزىرىپ پىشقان ئالمىلار تۇرسا بۇ .
    -قىممەت بولغاچقا ، ئىزا تارتىپ قىزىرىپ كەتكەندۇ !!!
    مانى ئوقۇپ بىر ھەپتە كۈلدۈممەن!

  9. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا تورخۇمارغا كىرسەم ئوڭشىلىپ قالىمەن .

  10. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوستلارنىڭ شەرىپىگە بىر يۇمۇر ئويناپ قويايلۇق:

    بىر كۈنى ، بىر ئادەم ئايالىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ ، ئايالىدىن 10 قەدەم نېرىغا بېرىپ ‹‹ خوتۇن ، مەن سىلىنى ياخشى كۆرىمەن ›› دەپتۇ، ئەمما خوتۇندىن جاۋاب ئىشتمىگەچ، 8 قەدەم نېرىغا كېلىپ يەنە ‹‹ خوتۇن، مەن سىلىنى ياخشى كۆرىمەن ›› دەپتۇ، ئەمما يەنە جىم. شۇنىڭ بىلەن 5 قەدەم بېرىسىغا كېلىپ بايقىدەك دېسە ئەھۋال ئوخشاش. ‹‹ ۋاي خۇدايم بەرگەن پاڭقاي ›› دەپ جىلە بوپ ، 2 قەدەم ئارىلىقتا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپتۇ ‹‹ ۋاي خوتۇن بايىدىن بېرى شۇنچە گەپ قىلدىم ئاڭلىمىدىڭلىمۇ ؟ ›› …
    - سۆيۈملۈكۈم، ئۇدا 3 نۆۋەت مېنى ياخشى كۆرىدغانلىقىڭىزنى دېدىڭىز، جاۋابەن ‹‹ راستما؟ ›› دەپ سورىدىم، لېكىن سىز جاۋاب بەرمەي ، گېپىڭىزنى تەكرارلاۋەردىڭىز ….

  11. شاھزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاماق ۋاقتىدا، ئاپىسى:
    بالام قولۇڭنى يۇدۇڭمۇ؟
    بالىسى:
    -ياق يۇماپتىمەن،
    دادىسى:
    -بوپتۇ ھىچقىسى يوق،تاماقنى يەپ بولۇپ ئارقىدىن پاكىز سۇ ئىچىۋەتسە بولىدۇ.
    مەن: :mrgreen:

  12. خەنجەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېسىل يۇمۇرلاركەن …. ھې ھې ھى … ئەمما ماۋۇ يۇمۇرنى چۈشەنمىدىم . ئايالى چىۋىن يەمدىكەن نىمە رەسىمدۇ ئۇ كۆرسەتكەن ….

    بىر خېرىدار دورىخانىغا كىرىپ: ”ئايالىم ئۈچۈن چىۋىن دورىسى ئالاتتىم“ دەپتۇ.
    دورىگەر:
    -ساراڭ بولدىڭىزمۇ، ئايالىڭىز ئۇنى ئىچسە زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ!
    خېرىدار يانچۇقىدىن ئايالىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، دورىگەرگە بېرىپتىكەن،دورىگەر رەسىمگە شۇنداق بىر قارىۋېتىپ:
    -كەچۈرۈڭ، رېتسىپ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن …

 汗