يامغۇرلۇق كۈز پەسلىدە يانفونىڭىزدا كام بولسا بولمايدىغان يۇمشاق دېتال – 墨迹天气
كۈز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، ھېلى يامغۇر يېغىۋاتقان، ھېلى ئاپتاپ چىقىۋاتقان. دەرىزىدىن بېشىڭىزنى چىقىرىپ قارىسىڭىز، قۇياش چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىڭگىيىپ تۇرغان بولسا، كالتە يەڭ مايكىنى كىيىپ ئىشىكتىن چىقىشىڭىزغا يامغۇر شالاقلاپ يېغىشقا باشلايدۇ. ناۋادا سىزدە بىر دانە ئەقلىفون(智能手机) بولسا، بۈگۈن مەن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان 墨迹天气 نى قاچىلىۋالسىڭىز، يۇقارقى غەم-ئەندىشىلەردىن تەلتۆكۈس خالاس بولىسىز.
墨迹天气 بولسا، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، بىر خىل توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى، مەلۇمات بېرىش دائىرىسى نۇرغۇن شەھەرلەرنى قاپلىغان، كۆرۈنمە يۈزى ئالاھىدە چىرايلىق ۋە GPRS ئېقىم مىقدارىنى ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىدىغان يانفون يۇمشاق دېتالى.
ئىلگىرى تەدبىركار تور بېكىتىدە تەۋسىيە قىلغان Google ھاۋارايىدىن ھەقسىز مۇلازىمەت بېرىش مۇلازىمىتىمۇ ناھايىتى قالتىس ئىدى، بىراق Google نىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ھازىر ئۇ مۇلازىمەتمۇ توختىتىلغاندەك قىلىدۇ. كېرەك يوق، بىزدە 墨迹天气 بار بولدى، ئۇ نەچچە سائەتتە بىر قېتىم ئاپتوماتىك ھاۋارايى ئەھۋالىنى يېڭىلاپ ماڭىدۇ ۋە كەلگۈسى 3 كۈنلۈك ھاۋارايىدىن مەلۇمات بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈنمە يۈزى ئالاھىدە نەپس لايىھەلەنگەن.
نۆۋەتتە 墨迹天气 نى قوللايدىغان يانفون مەشغۇلات سۇپىلىرىدىن Symbian ۋە Android بار بولۇپ، Symbian نىڭ S60v2/v3/5 قاتارلىق بارلىق سۇپىلىرىدا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
墨迹天气 نى چۈشۈرۈش مەنزىلى | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Symbian,ئەقلىفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mojitianqiv5.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بالىلىق دەۋرىمىزدىكى كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى – كوچا زومىگىرى ئەڭ يېڭى نەشىرى
- كېيىنكى يازما > نەچچە يۈز ھەسسە ئاستىلىتىلغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۈنۈمى ھوللىيۋود فىلىملىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ!
مەن ئشلىتىپ باققان مۇقىم ئەمەس ، ھازىر ئۇ مۇلازىمىتى يوق !
مەن ھازىر دەل مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن، ئىشلەتكىلىمۇ 3 ئايدەك بولدى. ئالماشتۇرۇپ قويمىغانسىز؟