نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

خاسىيەتلىك ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن 16 يىل ھۆسىن تۈزەتكەن ئەر! غايىلىك يىگىتلەرنى بوش چاغلىماڭ!!!

super-man-boy

كىنو-فىلىم ئىچىدە خاسىيەتلىك ئادەمگە ئايلىنىش پەقەت نەچچە مىنۇتلۇقلا ئىش، ئەمما رېئال تۇرمۇشتا خاسىيەتلىك ئادەمگە ئۆزگىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. 35 ياشلىق فىلىپىنلىق ئەر خولبېرت.چاۋېز خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ قىياپىتىگە كىرىش ئۈچۈن، 16 يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئاستى ئىڭىكى، بۇرنى، كالپۇك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭشاتقان، يەنە پۇتىنىمۇ تۈزلىتىپ قارىماققا تېخىمۇ قاۋۇل ۋە كۈچلۈك كۆرۈنىدىغان قىلغان…

ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانى «خاسىيەتلىك ئادەم»گە تېخىمۇ زور دەرىجىدە يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆتكەن 16 يىلدا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ۋە رېئاللىقتىكى خاسىيەتلىك ئادەمگە ئايلانغان.

image

بۇ ئۇنىڭ ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى ھالىتى ۋە ھازىرقى ھالىتى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما

image

image

image

image

image



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئاغىنىلەر 2011.10.15 , 20:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋال دىۋان ھى ھى ھى ئاران تەەدى ماۋۇ دىۋان:lol:

  2. ئاغىنىلەر 2011.10.15 , 20:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىرقى قىزىقىشلار بىر بىرىدىن ئاجايىپ بولوپ كەتتى

  3. ھەۋەسكار 2011.10.15 , 22:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي خۇدايىم ما كالۋانى! خاسىيەتلىك ئادەم بولۇش ئۈچۈن كۇسارنى ئىشتاننىڭ تېشىغا كەيسىلا بولاتتىغۇ؟!:mad:

  4. سەھرالىق 2011.10.16 , 00:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، خاسىيەتلىك ئادەم نېمىشقا كۇسارنىڭ ئشتاننىڭ تېشىغا كىيىدۇ؟
    ئالدىنقى قېتىم ياپونلۇق ئەسكەرلەرنىڭ قالپىقى يېنىدا نېمىشقا لاتا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ دېگەنگە جاۋاب تېپىپ ئۆزەمچە كۈلۈپ كەتكەن ئېدىم…:mrgreen:

    • نەفىسە 2011.10.18 , 12:17

      ئاشۇ جاۋاپنى ماڭا دەپ بىرىڭا مەنمۇ كۈلۈپ باقاي

  5. ئۆزخان ئېتوت قامۇسى 2011.10.16 , 01:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۈنۈگۈن تېلىۋىزوردا كۆرگەن ئىدىم بۇ خەۋەرنى.
    سەھرالىق ئەپەندىم، ياپونلۇق ئەسكەرلەرنىڭ قالپىقى يېنىدا نېمىشقا لاتا ساڭگىلاپ تۇردىكەن؟

    • سەھرالىق 2011.10.16 , 19:50

      ياپونلار پاشىدىن بەك قورقىدىكەن،شۇڭا جۇڭگونىڭ پاشىلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن، ھەم ئىسسىقتتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاپتۇ:mrgreen:

    • نەفىسە 2011.10.18 , 12:18

      ۋۇي جاۋابى مايەردە باكەنمغۇ :mrgreen: كۈلۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ كۆرمەپتىمەن:mrgreen:

  6. ۋىروس 2011.10.16 , 11:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ كىنوسىنى كۆرسە ، ئۆزىنى ئۆمۈچۈككە چاققۇزۇشتىن يانمىغۇدەك ماۋۇ …

  7. Forever 2011.10.16 , 12:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما ھەۋەس دىگەن بىر كىشىلىك باركەن جۇمۇ ماۋۇ ئاداشتا ، ياتىدىغان كارۋىتىدىن تارتىپ خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ماركىسى بار ئىكەن …..ئابدۇكېرىم ئابلىزچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەۋەسنىڭ شوجىڭى مانىڭدىكەن :mrgreen:

  8. يېگىت 2011.10.25 , 00:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىلەن خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ پەرقى؟
    جاۋاپ: مەن كۇسارنى ئىچمىگە كىيمەن:lol:

  9. مۇڭلان 2011.11.26 , 22:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :smile:شۇ ھەممە ئادەمنىڭ قىزقىشى ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ.

  10. XAXLAN 2013.09.24 , 13:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    XUGAP AMASMU:eek: شۇ ھەممە ئادەمنىڭ قىزقىشى ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ:eek::eek:

  11. كوكاكولا 2014.03.20 , 00:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەجەپ غەلىتە كىشلەر باركەن جاھاندا :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  12. ئىلھام 2014.12.21 , 20:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوزاققا ئۇتان بولدىغانلار بولار …..خۇدا يارتقان تەننى ياراتماسلىققا نىم ھەددە دەيسىلە :twisted::twisted:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量