خەير-خوش پۇرچاق ئەپەندى! ھاياتىنى كىشىلەرنى كۈلدۈرۈشكە بېغىشلىغان ئۇلۇغ سەنئەتكارنىڭ بىرى…
ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان پۇرچاق ئەپەندىنىڭ رولىنى ئالغۇچى ئارتىس رون. ئاتكىنسون يېقىندا سىدنېيدىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمدى پۇرچاق ئەپەندى رولىنى ئوينىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ بەك قېرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن:‹‹بەك قويۇۋەتمەسلىكى توغرا، بىراق مېنىڭچە بۇ ئوبرازغا نىسبەتەن مەن سەل قېرى ھېسابلىنىپ قالدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە پۇرچاق ئەپەندى مەڭگۈ قېرىماس، ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئوبراز. بىراق شۈبھىسىزكى مەن ئۇنداق ئەمەس.
دېمەك، بىز بۇندىن كېيىن پۇرچاق ئەپەندى ئوبرازىنى ئېكراندا قايتا كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ھاياتىنى باشقىلارنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز. تۆۋەندە پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ ئەڭ يېڭى فىلىملىرىنىڭ بىرى بولغان پۇرچاق ئالاھىدە خادىم2 نىڭ تەشۋىقات فىلىمىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۆتەيلى.
ئەلۋەتتە، ياش ۋاقتىدىكى پۇرچاق ئەپەندىممۇ بوش ئەمەسكەنتۇق.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق، كومىدىيە، ھەجۋى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,208 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: good-bye-mr-bean.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Mede In Xinjiang – توردىشىمىز توققۇز سائەت سەرپ قىلىپ كومپيۇتېردا سىزىپ چىققان گۈزەل ئۇيغۇر قىزى!
- كېيىنكى يازما > فوتوگراف نۇسخىسىدىكى مەجبۇرىيەت چاقىرىقى – فوتوگرافلار ئوتتۇرىسىدىكى «قانلىق جەڭ»!
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
قاچان قۇيار ئۇستىدكىسىنى…………. خىلى قىزقارلىقتەك قىلىدۇ… مەن بەك ئامراق پۇرچاق نىڭ كىنولىرغا……….
بۇ ئاداشنىڭ چىرايىمۇ بىرخىل كۈلكىلىك
قول قويىمەن مۇشۇ ژىتىمغا! تالانت دېگەن توننىسى بىلەن بارغۇ !
ئىشقىلىپ مەن بەك ئامراق، مېنىڭ كىچىك جىيەنىممۇ ئامراق بوپ قاپتىكەن، داۋاملىق بىزنىڭ ئۆيگە كەلسىلا «ئاكا پۇرچاقنى قويۇپ بېرە» دەپ پاچىقىمغا چىڭ ئېسلىۋالىدۇ
شابان بىلەن بۇ ئاداش ئىسىمگە كەلسە ئىچىمدە كۇلۋىتىمەن . تۇرقىما بىر ھەجىۋى
دەششەتكەنغۇ..تىزراق چىقسا بوپتىكە ئۇنىڭ ئاخىرى..
پۇرچاق ئەپەندىنىڭ مەستانىلىر يوقمۇ نېمە ؟ بىرەرسىنىڭ ئۇنى دوراپ چىققنى كورمۈدۈم
مەنمۇ ياختۇرۇپ كۆرىمەن بۇياقنىڭ كومىدىيەلىرىنى، verycd دىن چۈشىرىۋالغان تولۇق نۇسخىسى بار. دوختۇرخانىدا ئۆچىرەت ساقلايدىغان قىسمى بەك قىززىق
مەنمۇ DVD سىنى تولۇق ئېلىپ قويغان ئىدىم. ئاۋۇ سەھنىدە ئورۇنلىغىنىنى كۆرمىگەنكەنمەن. بەك قىزىقكەن. كىنوسىنى قاچان چىقىرىدىغانلىقىنى دېمىدىمۇ يا مەن كۆرمىدىممۇ
مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى قويۇلىدىغۇ دەيمەن
بۇنىڭ دوراش ماھارىتىگە قول قۇيىمەن مەن.
مەنمۇ خېلى ئامراق بۇ كالۋاشنىڭ قىلىقلىرىغا !
كىنولىرى بەك كۈلكىلىك ئىدى. ئاڭلىسام كىشىلەرنىڭ ھەرخىل كەمسىتىش ۋە زاڭلىق قىلىشى سەۋەبلىك بىر مەزگىل تۇرمۇشتا روھىي بېسىمغا ئۇچراپتىكەن بۇ چولپان
مەن بۇ ئارتىسنىڭ فىلىملىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن!