نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى نىمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ؟

ھەر قېتىم سىنا ۋە سوخۇ قاتارلىق دۆلىتىمىزگە داڭلىق بۇ تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئىختىيارسىز ئۇيغۇر تور بەتلىرى توغىرلىق ئويلىنىپ قالىمەن ، دۆلىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بۇ تور كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەقىقەتەن ناھايتى زور بولۇپ مەن-مەن دېگەن كارخانىلارمۇ بۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ، بىزنىڭ تور بېكەتلىرىمىز نىمە ئۈچۈن مۇشۇلارنىڭ يۆنىلىشىدە تەرەققىي قىلالمايدۇ ؟ تۆۋەندە ئاددىي كاللامدا ئويلىغانلىرىم توغىرلىق بىلجىرلاپ باقاي.

uyghur-website-why-can-not-develop

1.مەبلەغ سالىدىغانلار يوق

مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ ساھە تولىمۇ مەۋھۇم بولۇپ ، ئەنئەنۋى كۆز قاراشتىكى «كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان ئىگىلىك» ئۇقۇمىغا يات بولۇپ ، مەبلەغ سالغۇچىلىرىمىز بۇ ساھەنى بىر ئىگىلىك دەپ قارىيالمايدۇ ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تور بېكەتلەر پەقەت ئويۇن-تاماشىنىڭلا مەنبەسى بولۇپ ، مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىلىك ئەمەس دەپ قارىلدۇ ، شۇڭىلاشقا بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ.

2.سېلىنغان مەبلەغ يېتەرسىز

دائىم باشقىلارنىڭ «تورغا مەبلەغ سالاي دەيمەن» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالىمەن،  سالىدىغان مەبلەغنىڭ قانچىلىكلىكىنى سورىسىڭىز 20~30 مىڭ بولىدىكەن ،  مەبلەغ سالىمەن دېگەن ئادەمگە مېنىڭچە بۇ مەبلەغلەر ناھايتى يېتەرسىز، ئەلۋەتتە 20~30 مىڭ يۈەنگە ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئىقسادى ئەھۋالىدا مۇلازىمىتىر ئىجارە ئېلىپ تور بېكەتنى ياسىتىشلا مۇمكىن، تور بېكەتنى ياساپ قويغانغىلا نورمال ماڭدۇرۇپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم مەبلەغ سالمىسا بولمايدىغان 2 تۈر بار ، بىرىنچى تۈر  ئېلان، تور بېكەتنى مەبلەغ سېلىپ ياساتقان ئىكەنسىز ، چوقۇم تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرىشىڭىز ۋە بېكىتىڭىزگە مەلۇم زىيارەت مىقدارىنى ئەكىرىشىڭىز كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئېلان ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ تور بېكىتىگە باشلاپ كىرىشىڭىز لازىم ، ھازىر ئۇلىنىش تور بەتلىرىدىكى نورمال دەپ قارىلىدىغان ئورۇندىكى ئېلان ھەققى 2000 يۈەن بولماقتا ، 2 ئۇلىنىش تور بېتىگە قويسىڭىز 4000 يۈەن يەنە باشقا ئۇششاق چۈششەك ئېلان يوللىرىنىڭ ھەققى بىلەن قوشقاندا ئايدا 5000 يۈەن بىلەن تور بېكىتىڭىزنى ئېلان قىلىشقا ۋە تەشۋىقاتىنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ ، ئىككىنچى تۈر مەزمۇن، بېكىتىڭىزگە ئادەمنى باشلاپ قويغانغىلا بولمايدۇ، چوقۇم شۇ كىرگەن زىيارەتچىگە لازىم بولغان ياكى شۇ زىيارەتچى كۆرگىدەك مەزمۇن بولىشى كېرەك ، توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان سەر خىل مەزمۇنلارلا ، زىيارەتچىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرالايدىغان مۇھىم بىر ئىش ، مەزمۇنلارنى قانداق تولۇقلايمىز ؟ ئۆزىڭىز بىر ئادەم بۇ مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ بولالمايسىز ، مۇقىم بولغان ئىشخانا شارائىتى يارىتىپ مۇقىم بولغان مەزمۇن يېڭىلايدىغان خىزمەتچىدىن بولمىغاندا 2 نى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك ، بېكەت تەرەققىي قىلغانسىرى ئىشلتىدىغان خادىملىرىڭىزنىڭ سانى ماس قەدەمدە ئېشىپ ماڭىدۇ . ئەلۋەتتە سىز خادىملىرىڭىزنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ ، ئۇلارنىڭ بېكەتكە ئۆزىنىڭ بېكىتىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈدىغان قىلىشىڭىز كېرەك . بۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سالغاندا ئالدىن 1 يىلدا ھېچقانداق كىرىم قىلىنمايدۇ دېگەن قاراشتا بولۇپ ، مەبلەغنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلالىشىڭىز كېرەك .

3.خاسلىق يوق

تور بېكىتڭىزدىكى مەزمۇنلار چوقۇم باشقا تور بېكەتلەردىكى مەزمۇنلاردىن پەرىقلىنىشى كېرەك ، تور بېكىتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ باشقا تور بېكەتلەردىكى مەزمۇنلار بىلەن پەرقى بولمىسا ئۇ ھالدا سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ زىيارەت ئېھتىياجى تەبىئىيلا تۆۋەنلەيدۇ ، ئىجادىلىق ، خاسىلق ، يېڭىلىق قاتارلىقلار بىلەن سىز تور بېكىتىڭىزنىڭ باشقا تور بېكەتلەردىن كەسكىن پەرىقلىنىپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك . شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ زىيارەتچىنى جەلىپ قىلالايسىز ، توختىماي ئىجادىيلىقنى ئويلىشىڭ ، يېڭىلىق يارىتىڭ .

4.كەسپىيلىك ئاز.

بۇرۇن بۇ تۈردىكى تور بېكەتلەر تولىمۇ ئاز ئىدى ، ھازىر خېلى يامان ئەمەس ، لېكىن يەنىلا يېتەرسىز ، كەسپىي بىلىم ۋى خەۋەرلەرنى تارقىتىغان بېكەتلەر ئاز بولۇپ ھەممەيلەن ناخشا-مۇزىكا خەۋەرلەرگە يۈزلىنىپ كېتىش ، بېكەتلەرنىڭ رەڭدارلىقىنى تۆۋەنلىتۋېتىدۇ ، باشقىلارنىڭ نەپ ئېلىشى كۆپ بولسا سىز ھەقلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مانا مۇشۇنداق كەسپىي مەزمۇنلار بېكەتنى يېڭى قان ۋە جانغا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم تۈرلەردۇر .ئەلۋەتتە بېكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنى رەڭدار، زىيارەتچىسى كۆپ بولسا كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ ئېلانلىرىنى جەلىپ قىلىپ بېكەتنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ يۇقىرلىتالايسىز ، لېكىن سەر خىل بولغان كەسپىي مەزمۇنلار بىلەن ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ بېكىتىڭىزنىڭ يەنە بىر كىرىم يولىنى ئاشۇرالايسىز .

5.خەتەر زور

ھەممىگە مەلۇم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن ، تور بېكەتلەرنى باشقۇرۇش بولسا ھۆكۈمەتنىڭ كەسكىن سىياسەتلىرىنىڭ بىرى ، ئەگەر تور بېكىتىڭىزدە دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ مەزمۇنلار بولىدىكەن ، مەيلى سىز يوللىمىغان بولۇڭ ، بېكەت سىزنىڭ بولغانكەن ، سورۇننى تەمىن ئەتكۈچى سالاھىيىتىڭىز بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك ، بېكەتنىڭ جېنى دەپ قارالغان مەزمۇنلار يوقالسا سىزنىڭ بېكىتىڭىزنىڭ قايتا پۇت تېرەپ تۇرىشى تولىمۇ مۈشكۈل ، مانا مۇشۇ خەتەرلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنى خاتىرجەم مەبلەغ سالدۇرالمايدىغان قىلىپ قويىۋاتىدۇ ، ھېچكىم خاتىرجەم ھالدا مەبلەغ سالالمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تورچىلىقىمىز ئېغىر توسالغۇغا ئۇچىراۋاتىدۇ ۋە تەرەققىيات يولىدىكى مۈشكۈللۈك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . ئىچكىردىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ مۇشۇ قانۇنسىز مەزمۇن جەھەتتە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدىغان ماسلاشتۇرغۇچى خادىملىرى بار بولۇپ ، ئۇلار قانۇنسىز مەزمۇن بايقالغان ھامان ، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇلىدۇ، ھەمدە تېخىمۇ چوڭ ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

بىزمۇ مۇشۇ يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ،  مەزمۇن بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مەخسۇس خادىم قويۇپ ، قانۇنغا خىلاپ مەزمۇنلار بايقالغان ھامان ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك ، بېكەتتە مۇقىم ۋە قاتتىق بولغان تۈزۈم ئورنىتىپ قانۇنسىز مەزمۇنلارغا نىسبەتەن قاتتى چەكلەش ئېلىپ بېرىپ ، بېكەتنىڭ ، خىزمەتچى خادىملار ۋە ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم .



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. wiros 2012.06.11 , 11:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئۈچۈن ئەڭ موھىمى خاسلىق !

  2. سېھرىگەر 2012.06.11 , 11:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ، كىيىن ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن !

  3. جاھانكەزدى 2012.06.11 , 11:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن ، تورخۇماردىن ئۈگەنمەمدۇ باشقا تور بىكەتلەر!

  4. خىيال 2012.06.11 , 13:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كاۋاپچىنىڭ يېنىدا يەنە كاۋاپچى، ئاشخانىنىڭ يېنىدا يەنىلا ئاشخانا، تاۋۇزچىنىڭ يېنىدا يەنىلا تاۋۇزچى :dizzy:
    ئەسلى كاۋاپچىنىڭ يېنىدا لەڭپۇڭچى، تاۋۇزچىنىڭ يېنىدا قوغۇنچى، ئاشخانىنىڭ يېنىدا سوغاق ئىچىملىك ساتىدىغان دۇكان بولغان بولسا خېرىدارلارمۇ رازى بولىدۇ، سودىمۇ يۈرۈشۈپ، مۇكەممەللىك ھاسىل بولىدۇ… لۈكچەك تور بەت ئاچىدىغانلارنى ئېلىپ چىقىپ، بىرە بىر ئارالغا تاشلىۋەتسە دەيمەن…

    • ياۋايى 2012.06.11 , 14:44

      ما ئاداش توغرا دەيدۇ…ھەممە تور بەت ئوخشاش مەزمۇن ئوخشاش . مۇنبىرى بار . ناخشا بىتى بار . فىلىم بىتى بار . چۇشۇرۇش بىتى بار . كىلونلىنىولا ياسالغان.ئاشۇنداق….

    • سەزگۈر 2012.06.20 , 21:29

      لۈكچەك تور بىكەت دەيدىغانغا ھىچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق!! ئۇلارنى ئارالغا تاشلىۋەتكۈدەك يەردىمۇ ئەمەس. كىرەكسىز تاشنىڭمۇ ۋاقتى كەلگەندە قەدرى بولىدۇ، ھەممە نەرسە ئۆز مەيدانىدا ئۆزىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزىرىيىسىنى كۆرەپ قۇياڭلا!!
      باشقىلارنىڭ توربىكىتىن ئاغرىنماي، ئۆزۈڭلارنى بىلىپ ماڭساڭلا بولدى!

  5. ئويانچى 2012.06.11 , 14:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس بۇ ئويلىنىشقا بولغۇدەك مەزمۇنكەن، :roll::roll::roll:

  6. نۆل ۋە بىر 2012.06.11 , 15:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور بەت قۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تورمۇش كويى،ئېلان قويۇش بىلەن ئالدىراش تۇرسا قانداق تەرەققى قىلار؟:neutral:

  7. سادا425 2012.06.12 , 11:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي مۇشۇ ‹ئۇلىنىش›نامىدىكى تور بەتتىن 10،20مىسى باغۇ دەيمەن . لىكىن ھەممىسى ناخشا ،مۇزىكا ،ھەي شۇندا ھىسياتچان خەقمۇ بىز .ھەر كاللىدا بىر خىيال ،بىر كاللىدا مىڭ خىيال.

  8. سەرگەردان 2012.06.12 , 13:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى تەھلىل! مېنىڭچىمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا قورۇقماي مەبلەخ سالىدىغانلار چىقسا بولاتتى. تالانىتلىقلارمۇ خىل بار بىزدە. مەخسۇس شىركەتلەشكەن توربەتلەر كۆپەيسە ياخشى بولاتتى.

  9. نۇرلۇق 2012.06.12 , 23:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق مەبلەغ سالىدىغان ئادەملەر قاچان چىقار

  10. ئۆزخان 2012.06.13 , 14:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماسلاشتۇرغۇچى خادىملىرى
    نى تىخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرگەن بولساڭلار، مەن ئۇۇزن بولدا مۇشۇ ئىش ئۈستىدە ئىزدەنگىلى

  11. suwarak 2012.06.16 , 00:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېلى ئوبدانلا بىلجىرلاپسىزغۇ بوممىسا(ئېسىل گەپلەر بوپتۇ،نەخ مەن ئولىغاندىنمۇ تەپسىلى ئويلاپسىز)چاق چاق ھە!:idea:

  12. سەزگۈر 2012.06.20 , 21:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە بىر ئىش شۇكى بىز پۇل تېپىشقا بەك ئالدىرايمىز، بىكەتنى ئېچىپلا ئەتىسى قارىسا خىلمۇ-خىل ئېلان، توركۆرگۈچلەرگە يا ماسلاشمىغان.
    يەنە بىر ئىش شۇكى، بىز ئىزچىل ئۆزىمىزنى بىكەت باشلىقى ھىسابلاپ كېلىۋاتىمىز، شۇڭا بىزدە كارخانچىغا خاس كاللا يىتىلىشتىن توختاپ قېلىۋاتىدۇ، ھەممىمىز تۇيۇقسىزلا توربىتىمىزنىڭ ئېقىم مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز يۇ چ چ توپىنى ئاساسلىق تەشۋىقات ئورنى قىلىپ يەنە شۇ بىكەت باشلىقلىرىغا تەشۋىق قىلىۋاتىمىز، ياسىغان بەتنى بىكەت باشلىقلىرىغا تەۋسىيە قىلىۋەرسەك ئېقىم نەدىن كىلىدۇ بىزگە. بىز نۇرغۇن ئاممىۋىي، ھەقلىق ئېلان بېرىش يوللىرىدىن قاچىمىز قىسقىسى!

  13. كانسېل 2014.08.14 , 12:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تىما ياخشى تىما بوپتۇ، بولسا، بىزنىڭ بۇ يەرلەردىمۇ مۇلازىمىتېر قويغىلى بۇلامۇ (ئىچكىردە ئەمەس ئۈزىمىزنىڭ، ئىچكىردىكى بوشلۇقتىن پارچىلىپ سېتىۋېلىش ئەمەس)، قويغىلى بولسا قالداق قۇيىمىز. نىمىلەر كېتىدۇ، قانچلىك پۇل كېتىدۇ. بولسا مۇشۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرسەڭلار.

  14. ئىلھام 2015.01.02 , 20:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    موشو تام بىسۋاغان ئادەمگە تولۇقلىما بىرلدىكەن …مۇشۇ تور بەت قۇرغان ئادەمگە تولۇقلىما بىرىلمەيدىكەن .نىمىشقا دەمسىز ؟؟چۇنىكى تور بەت قۇرغۇچى خەلىقنىڭ مەنۋى تورمۇشنى بىيتىپلا قالماستىن بەلكى خەلىق مەدەنيتنىنى دونياغا يۇزلەندۇرۋاتدۇ ..شەخشەن مەنمۇ ئۆزەممۇ بىر كەسپى تور بەت قۇرغان ئادەممەن مانا نەچچچە يىللار بوپ كەتتى يانا قايلىسا شۇ ئايغنىڭ بىژ پىيى يوق يۇرۇيمىز :mrgreen:مىنىڭ قۇرغان تور بەت ھىچكىمنىڭكىگە ئۇخشىمايتتى بولمىسا …مەخسۇز ماشنا رىمنوت تورر بىتى ئىدى ….كۆرەپ باقامسىزلەر www.isilzad.com

  15. ئۇقۇغۇچى 2015.06.04 , 13:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى بىر نادان ساددا ئىدىيسى تۇلۇق ئېچىلىپ بۇلالمىغان كىشىللىرمىزنىڭ بولغىنىدىن يەنە ھەم ئۆزى بىر قىلالماي قىلالىغانلانى ياراتمىغانلىقى ئۈچۈن تەرەققى قىلمايدۇ پەقەت تەرەققى قىلمايدۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量