Google نىڭ يېڭى يانفونى Galaxy Nexus ئەقلىفونىدىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار، Android 4.0 سەپلەنگەن
تېخى ھېلىلا تۈگىگەن مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، Google نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يانفون مەھسۇلاتى Galaxy Nexsus(ئەپقاچتى خەۋەرلەردە Nexus Prime دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان) ئاخىرى كۆپچىلىك بىلەن دىدارلاشتى، ھالبۇكى، بۇ يانفون Android 4.0 سېستىمىسى سەپلەنگەن تۇنجى يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلغان Galaxy Nexux يانفونى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە سەپلىمە پارامېتىرلىرى ئىلگىرى توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلار بىلەن ئاساسەن بىردەككەن…
Galaxy Nexus يانفونىنىڭ سىرتقى قىسمى ياي شەكلىدە لايىھەلەنگەن، قېلىنلىقى 8.94mm، بىر دانە 4.65 سۇڭلۇق 16:9 نىسبەتتىكى سەزمە ئېكران سەپلەنگەن، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 1280*720 پىكسېل، ماتېرىيال سۈپىتى Super AMOLED HD، يەنە 1.2GHz لىق قوش نېگىزلىك CPU سەپلەنگەن، 1GB لىق RAM ۋە 16/32GB لىق ئىچكى سىغىم تەمىنلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يانفونغا يەنە بىر مىليون 300 مىڭ پىكسېللىق ئالدى كامېرا ۋە بەش مىليون پىكسېللىق كەينى كامېرا سەپلەنگەن، 1080P لىق يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىشنى قوللايدۇ، ئىچكى قىسىمغا 1750mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن، كۆكچىش 3.0، WiFi، NFC قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى Galaxy Nexus نىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىشى:
Galaxy Nexus ۋە Galaxy SII ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما
ھەقىقىي يانفوندىن بىر قىسىم مەشغۇلاتلار1:
ھەقىقىي يانفوندىن بىر قىسىم مەشغۇلاتلار2:
Samsung ئورگان تەرەپتىن تەمىنلىگەن Galaxy Nexus نىڭ بىر پارچە رەسىمى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Google، Samsung، ئەقلىفون، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,387 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: galaxy-nexus.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالما ھەقىقەتەن شۇنچە ئېسىلمۇ؟ بىر توردىشىمىزنىڭ Apple كومپيۇتېرى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى…
- كېيىنكى يازما > Android 4.0 دىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئاخىرى نورمال كۆرۈنىدىغان بوپتۇ!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
دېۋان،دېۋان.دېۋانە
ئاران دىۋانپغا چىقاي دېسەم ما تام توسىۋالدى،خەپ!
ئالما تىلفۇندىن قىلىشمىغىدەك
3-سىن فىلىمىنىڭ 2 مىنۇت 40 سىكۇنتلىق يېرىدە ئاۋۇ تېلىفۇندىن ئازراق كاشىلا چىقىپ قالدىمۇ قانداق ؟
مەن بۇنداق ئېسىل سېستىمىنىڭ تۇنجى ھەمكارلاشقۇچىسىنىڭ سەمسوڭ دەك دورامچۇق بوپ قالغانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.
كىم كىمنى دوراۋاتىدۇ؟
ئاۋۇ رەسىمدىكى تىلفۇن تۇتقان قولغا قاراپلا كۆڭلۈم بىر قىسما بولوپ قالدى
باھاسى قانچە ئىكەن؟
ئۈستدىكى سېنغا قارسام ھېچ بىر s2نى كۆرمەيمەن يا…تېما خاتا قويلۇپ قالدىمۇ ياكى مەن خاتا كۆرۋالدىمۇ ،،