نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

ئالما ھەقىقەتەن شۇنچە ئېسىلمۇ؟ بىر توردىشىمىزنىڭ Apple كومپيۇتېرى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى…

apple-computer-feeling

ئادەتتە، ئالما كومپيۇتېرى ئىشلەتكەنلىكى ئادەم شۇنى بەك ماختايدۇ. دەسلەپ HP ئىشلەتكەن ئىدىم. ئەتراپىمدا ئالما ئىشلىتىدىغانلار خىلىلا كۆپ ئىدى، بولۇپمۇ يىقىن ئاغىنەم شۇنى ئىشلىتەتتى. يىڭى كومپيۇتېر ئالىمەن دىسەم ئالمىنى ئال دەپ كىرىشىپلا قالدى. ئۇزۇندىن بىرى بەك جىق ئاڭلاپ كەتكەچكە مەنمۇ مەيلى، ئىلىپ زادى بىر كۆرۈپ باقاي، ماقتىغىچىلىكى بارمۇ يوق دىگەن نىيەتتە ئالدىم بىرنى. ئىشلەتكىلى بىر يىل بولدى. تۆۋەندىكىسى تەسىراتلىرىم…


ئارتۇقچىلىقلىرى:

سىستېما خىلىلا مۇقىم. بىر يىلدا بىر قىتىملا چاتاق چىقتى. ۋىرۇسخور ئىشلەتمەيسىز.
سۈرەت كارتىسى ياخشى، ئىكرانىنىمۇ ياخشى ئىشلىگەن، سۈزۈكلۈكى ياخشىكەن.
بەزى ئىنچىكە يەرلەرگە خىلى ئىشلەپ قويغان، مىسالەن توك چاتىدىغان يىرى ماگنىتلىق، ئەگەر توك سىمى تارتىلىپ كەتسە كومپيۇتېرنى سۆرەپ چۈشۈپ كىتىشتىن ساقلايدۇ.
toughpad (سەزگۈچ تاختىسى) ئىقتىدارى ياخشى، بىر، ئىككى، ئۈچ يا تۆت بارماقنى تەڭ ئىشلەتكەندە ئوخشىمىغان فۇنكىسيەلىرى بار، ھەم سۈرەتلەرنى شۇ ئارقىلىق پىرقىراتقىلى بولىدۇ. (شۇنداقتىمۇ كۆپىنچە ئادەملەر يەنىلا چاشقىنەك ئىشلىتىدۇ).
كالىندار، ئېلخەت ئامبىرى، مۇزىكا قويغۇچ، سۈرەت ئامبارلىرى قاتارلىق سىستېما دېتاللىرى ياخشى كىرىشتۈرۈلگەن. سىستىمىنىڭ پۈتۈن بىردەكلىكى ياخشى، ئاساسى دېتاللىرى ياخشى جىپسىلەشكەن. (بۇنداق بولۇشى بۇ سىستىمىمۇ ۋىندوۋس قا ئوخشاش باشتىن ئاياق بىر شىركەتنىڭ قولىدىن چىقىدۇ)
كۆرۈنۈشى سىپتا ئىشلەنگەن، كىشىگە يىقىملىق تۇيغۇ بىرىدۇ.
باتارىيەسىنىڭ ئۆمرى خىلى ئۇزۇن.

مەن بايقىغان يېتەرسىزلىكلەر:

خۇددى Windows قا ئوخشاش، سىستىما يىپىق، خالىغانچە ئۆزگەرتەلمەيسىز. قانداق لايھىيلەنگەن بولسا شۇنداق ئىشلەتمەكتىن باشقا چارىڭىز يوق. يەنى، ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېردا قىلىدىغان ئىشىڭىز مۇرەككەپ ھەم كۆپ بولسا بەزى ئۆزگەرتىشلەرگە مۇھتاج بولۇپ قالىسىز. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالما ئىشلەتكۈچىلەر بۇرۇن ۋىندوۋس ئىشلەتكەن، ئۇلارنىڭ ئالمىنى ياخشى دىيىشىدىكى بىر چوڭ ئاساسى ۋىرۇس ئاۋارچىلىقى يوق، ھەم مۇقىم بولۇشىدا. لىكىن بۇ خىل ئارتۇقچىلىق لىنۇكس سىستىمىدىمۇ ئوخشاشلا، لىنۇكستىمۇ ۋىرۇس ئاۋارچىلىقى يوق، ئوت-مۇداپىيە-تېمى ئىشلىتىش ھاجەتسىز. لىنۇكسمۇ ناھايتى مۇقىم سىستىما، ئىشخانامدا شۇنى ئىشلىتىمەن، 4 يىلدىن ياقى چاتاق چىقىپ باقمىدى، ۋىرۇسقا ئۇچراپ باقمىدىم، سىستىمىدا ئاستىلاش يوق. لىكىن لىنۇكسنىڭ بۇ نۇقتىدا ئالمىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يىرى، سىز سىستىمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز، بىرەر ئىقتىدارى كام ياكى سىزگە ياقمىسا خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز. ئالدى بىلەن لىنۇكس ئىشلىتىپ كۆنىۋىلىپ ئاندىن ماكىنتوش (ئالما كومپيۇتېرى سىستىمىسىنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى) ئىشلەتسىڭىز كۆنەلمەيسىز، خۇددى ئەركىنلىككە كۆنۈپ قالغان ئادەمنى باغلاپ قويغاندەكلا كەيپىياتتا بولۇپ قالىسىز.

يۇمشاق دېتال مەنبەسى بەك ئاز. ھەم بارلىرىمۇ بەكلا قىممەت، ئالما شىركىتىنىڭ پۇل تىپىش يولى پەقەت بىر مەھسۇلاتنىلا سىتىش ئەمەس، بەلكى ھەممە مەھسۇلاتنى بىر-بىرى بىلەن ئامال بار چەمبەرچاس باغلاپ كىشىلەرنى ئالمىنىڭ بىرلا مەھسۇلاتنى ئالسا، قالغان مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئالمىسا بولمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقان، بۇنىڭغا شۇ يۇمشاق دېتاللىرىمۇ كىرىدۇ. خۇددى كومپيۇتېر ئادەتتە باشقا كومپيۇتېرلاردىن قىممەت بولغىنىدەك، ئالما شىركىتى ئىشلىگەن ھەممە مەھسۇلاتنىڭ نەرقى بازاردىكى ئوخشاش ئىقتىداردىكى مەھسۇلاتتىن كۆپ يۇقۇرى تۇرىدۇ. بىر مىسال: ئوچۇق لېكسىيە سۆزلىگەندە كومپيۇتېرنى چوڭ ئىكرانغا ئۇلاشقا توغرا كىلىدۇ. ئادەتتە ئۇنداق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا خىل ئۇلاش سىمى بولىدۇ، بۇ ئۇلاش سىمى ئالما كومپيۇتېرنىڭ ئىكران ئۇلاش تۆشۈكىگە توغرا كەلمەيدۇ، چوقۇم ئالما شېركىتىدىن سىم ئۆزگەرتكۈچ سىتىۋىلىشىڭىز كېرەك. مەنمۇ ئامالسىز بىرنى سىتىۋالدىم. دىمەك ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىمەن دىسىڭىز، يانچۇقىڭىز داۋاملىق توم بولمىسا بولمايدۇ.

image

ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۇش ئۈچۈن Skype ئىشلىتىمەن، بۇ دېتالنى ھەممە سىستىما قوللايدۇ. لىنۇكس سىستىمىسى ھەقسىز سىستىما بولغانلىقى ئۈچۈن پۇل تىپىش مەقسەت قىلىنغان تىڭشۇننىڭ QQ سى، ياخۇ، ياكى ھوتمەيىل لەرنى ئىشلەتكەندە ئاۋاز ھەم سۈرەت قوللىمايدىغان نۇسخىسىنىلا ئىشلىتەلەيسىز، پەقەت تېكىست ھالىتى بويىچە ئىشلىتەلەيسىز. مەكىنتوشمۇ بۇ جەھەتتىن لىنۇكسقا ئوخشاش، ئۇمۇ يۇقارقى ئاممىۋى ئالاقە دېتاللىرىنى قوللىمايدۇ. مەن ھەتتا مەكىنتوش ئىچىگە VMware Fusion ئارقىلىق (بۇنىمۇ 43 ياۋرۇغا سىتۋىلىشىمىغا توغرا كەلدى) ۋىندوۋس قاچىلاپ شۇ ۋىندوۋسقا QQ نىڭ ۋىندۋوس نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپمۇ باقتىم، يەنىلا خىلى بىر يەرلىرى نورمالسىز بولدى، يەنى قارشى تەرەپنى ئىكراندا كۆرەلىدىم، لىكىن مىنى قارشى تەرەپ كۆرەلمىدى، ئاۋاز ھەم يوق. بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دىتاللاردىن Origin Lab نىڭ پەقەت ۋىندوۋس نۇسخىسىلا بار، ئۇ دېتالنىمۇ ئامالسىز يۇقارىقى ئۇسۇل بويىچە قاچىلاپ ئىشلىتىشىمگە توغرا كەلدى.

image

مەكىنتوشمۇ يۇنكىسنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، لىنۇكس بىلەن بەزەن جايلىرى سەل ئوخشىشىپ قالىدۇ. قائىدە بويىچە بارلىق لىنۇكستىكى  شىفىرى ئوچۇق دېتاللارنى مەكىنتوشمۇ قوللىشى كېرەك، لىكىن ئاسان ئەمەس. سىز ئالدى بىلەن مەكىنتوشقا 4 گىگا بايىتتىن چوڭ سىغىملىق Mac-ports نى قاچىلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ. ئاندىن بەزى لىنۇكس دېتاللىرىنى ئىشلىتەلەيسىز. سىناپ باقتىم، لىكىن بەزلىرى يەنىلا نورمال ئىشلىمەيدىكەن. ھەم ئىشلەتكىلى بولىدىغان دېتاللارنىڭ سانى چەكلىك ئىكەن.

لىنۇكسقا سىلىشتۇرغاندا مەكىنتوشتا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش يەنىلا ئاۋارچىلىق ئىكەن. بولۇپمۇ مەكىنتوشنىڭ ۋىندوۋس ئوففىسقا ئوخشايدىغان ئىشخانا دېتاللىرىدا (page, keynote) ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ ئىملا تۈزەتكەندە بەكلا ئاۋارچىلىق ئىكەن، يەنى چاشقىنەك (ياكى ئىكران) نىڭ كۆرسەتكۈچ ئورنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەيدىكەنسىز. ئوچۇق ئىشخانا (openoffice) قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز، مەيلى سىز خەت نۇسخىسىنى قانداقلا تەڭشەڭ، خەتلەر بەكلا سەت چىقىۋالىدىكەن. مەن ھەم ئالما ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىمۇ سىناپ باقتىم، ئوخشاشلا بولدى. لىنۇكس (مىسال:ئۇبۇنتۇ نۇسخىسى) تا بۇ يوق ئىش.

سىز مەيلى ۋىندوۋستا بولسۇن، ياكى لىنۇكستا بولسۇن، ئۆزىڭىز دېتال ياكى ياماق ئىشلەپ ئۆز نامىڭىزدا تارقىتالايسىز. ھەم ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن ئالما شىركىتىنى بۇ جەھەتتە ئۇچۇغى چىققان مونوپولچى دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. يەنى، ئەدناسى بىر Applet (ۋىجىك دېتال) ئىشلىسىڭىز ئالما سىستىمىسىدا ئىشلەيدىغان، سىز چوقۇم ئۇنى ئالما شىركىتىگە سىتىپ بىرىشىڭىز كېرەك، ئاندىن ئالما شېركىتى ئۇنى ئۆز نامىدا ساتىدۇ. ئەگەر سىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئىشلەپ ساتسىڭىز ئالما شېركىتىنى سىزنى ئەرىز قىلىدۇ. مۇشۇنىڭدىنلا ئالما شىركىتىدىنىڭ قانچىلىك ئاچكۆزلىكىنى بىلۋالماق تەس ئەمەس. يەنى، ئۇلارنىڭ تىجارەت يولى، پۈتۈنلەي مونوپول تۈسىنى ئالغان.

خۇلاسە:

ئەگەر كۆرۈنۈشكە ئامراق بولسىڭىز، مودىغا ئامراق بولسىڭىز، ھەم يىنىڭىزدا ئىشىپ تۇرىدىغان پۇل ئۈزۈلمىسە، كومپيۇتېردا قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز بەك مۇرەككەپ بولمىسا ئالمىنى تاللىسىڭىز بولىدىكەن.

قاتتىق دېتالنى كۆزدە تۇتماي پەقەت سىستىمىنىلا سىلىشتۇرساق، لىنۇكسنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىگۈدەك. بولۇپمۇ ھازىرقى ئەڭ يىڭى چىقىۋاتقان لىنۇكسنىڭ ئۇبۇنتۇ تارمىقى مەيلى بىردەكلىك، كۆرۈنۈش، قولايلىق، ھەم cpu غا تەلەپ تۆۋەنلىكى ھەم مۇقۇملىقى قاتارلىق تەرەپلەردە مەكىنتوشنى بىسىپ چۈشسە بىسىپ چۈشىدۇكى ئارقىدا تۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتېرنىت يۈزىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈنسىرى دەھشەت سۈرەتتە ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ لىنۇكسنى ئاساس قىلغان ھەقسىز دېتاللارنىڭ تۈرى ھەم سۈپىتى ناھايتى تىز سۈرئەتتە ئىشىپ، ئالما ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئاساس بولۇپ ئىشلىتىلۋاتقان ۋىندوۋس قىمۇ قاتتىق خىرىس قىلۋاتىدۇ.

قاتتىق دېتال نۇقتىسىدىن سىلىشتۇرغاندا، ئەگەر ئۇششاق يەرلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئەڭ مۇھىم بولغان cpu, ram دەك نەرسىلەرنى سىلىشتۇرساق، ئوخشاش دەرىجىدىكىلىرى ئىچىدە ئالمىنىڭ بەكلا قىممەت باھاسى. ئەمەلىيەتتە سىز باشقا ماركىلارغا ئوخشاش پۇل خەجلىسىڭىز، بۇ جەھەتتىن پايدا ئالغىنىڭىز ئالغان. ھازىر ھەم مەخسۇس لىنۇكس سەپلەنگەن كومپيۇتېرلارمۇ بازاغا سىلىنىپ بولدى. بولۇپمۇ سىستېما يەڭگىل بولغاچقا netbook لاردا لىنۇكسنىڭ قوللىنىلىشى تىخىمۇ كۆپەيدى.

ئەگەر سىستېمىنلا  ئايرىپ قارىساق: بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، گۈزەللىك، ئەركىنلىك ھەم ھەقلىق-ھەقسىز بولۇشىنى كۆزدە تۇتقاندا بىزگە يەنىلا لىنۇكسنى مەركەز قىلىش ياخشىكەن دىگەن يەرگە كەلدىم. شۇ تاپتا ئۇيغۇر پىدائىيلار ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىمۇ تولۇق پۈتتۈرەي دەپ قالدى.

مەنبە: ئىزدىنىش



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. sahqi 2011.10.18 , 22:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    windows yahximiken….
    kang kuxada ixlat kili bulidu…
    يازمــا ئاۋاتلىقى: 1 ئادەم ئولىشىپ بولدى

  2. سەھرالىق 2011.10.18 , 22:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئۇششاق ئىشلارنى دېمىسەم مېنىڭمۇ قوتۇر ۋېندوۋس سىستېمىسىنى ئاللىبۇرۇن يۇيۇۋەتكەن چاغلىرىم بولغان، لېنۇكىس ھەقىقەتەن ئادەمنى رازى قىلىدۇ، ئەمما زە …ماۋۇ قوتۇر لەپتوپقا mac os قاچىلىيالىغان بولسام ،مەنمۇ ئالمىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقاتتىم.

  3. بۆرەيار 2011.10.18 , 23:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنى دوستۇم تەۋسىيە قىپمۇ ئىشلىتىپ كۆرسىتىپمۇ ئۇبۇنتۇغا قىزىقتۇرالمىغان. ، بۇنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا خېلى قىززىپ قالدىم. ۋىروسسىز مۇقىم يىنىك سىستىما ئاھ سەن نەدە

  4. نەزەرى 2011.10.19 , 01:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :neutral:
    مانا ئالمىدا ساق بىر ئاي بولدى. پەچەت نەرسە بۇ
    مۇشۇ ئىنكاس macbokproدا يېزىلدى

    • سەرقۇت 2011.10.19 , 23:16

      ئالمىچى ئالمىسىنى داڭلايدۇ!:mrgreen:

    • سەرقۇت 2011.10.19 , 23:17

      ئالمىچى ئالمىسىنى داڭلايدۇ!:mrgreen:
      باشقىچە پىكىرلەرنىمۇ ئاڭلاپ قويغۇلۇق دەيمەن…

  5. نۆل ۋە بىر 2011.10.20 , 13:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇندىن بۇرۇن لۇنىكىسنى پەقەت چۇشەنمەيتىم…بۇ ئىسىل تىمېگە رەھمەد.

  6. پاسىبان 2011.10.20 , 16:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ قىسىم نەرسىلەر Windows بىلەن باغلىنىپ كېتىپ قاپتۇ. بولمىغان بولسا Mac راس نوچى نەرسىكەن. مەنمۇ بەك ئامراق بولۇپ قالدىم. لېكىن چاشقىنەكنىڭ كۆرۈنىشى، ئىقتىدارىدىن باشقا مەكتىكى ھەرىكىتى بىلەن تازا خوشۇم بولمىدى. قولۇمغا چۈشمىگەننى ھېسابقا ئالمىساقمۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ھەرىكەتلەندۈرسەك ئاران كىچىككىنە ئارىلىققا ماڭىدىكەن. تەڭشەيدىغان جايدىن ئۆزگەرتسەممۇ كۆنۈپ قالغىنىمغا پەقەت ئوخشىتالمىدىم. لېكىن سېستىما (خو قولنىڭ ئىشارىتى يوقا؟)

  7. پەنجىر 2011.10.20 , 22:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تېخى windowsدىن بەلەك سېستىمىنى ئىشلەتكىدەك بولمىدىم ،
    چۈنكى نۇر غۇن يۇمشاق دىتاللار بۇ سېستىمىغا ماسلاتۇرۇلغاچقا ، بىر قەدەر قولىنىشچان ،باشقا سېستىمالار قانداق بىلمىدىم ، بىز تولاراق ئىشلىتىدىغان ئىشخانا يۇمشاق دىتاللرى ماس كەلمەسمىكىن دەيمەن ؟
    بۇ مىنىڭ شەخسى كوز قارىشىم ئەلۋەتتە!

  8. بەگزادە 2011.10.21 , 22:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەك دېگەن بايلارغا مۇۋاپىق نەرسىكەن بۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا شان-شۆھرەتنىڭ، ئاقسالىقنىڭ سموۋولى بولۇپ قاپتۇ. بىراق تېخنىكىسىنىڭ ۋە گۈزەللىكىنىڭ ئالدىدا دۇنيادا ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.

  9. پارلاق 2011.10.21 , 22:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئالدىنقى كۈنى MacBook Air دىن بىرنى سېتىۋالدىم تېخى. بۇنى ئىشلىتىش سەل تەس بولغان بىلەن، بەزى 人性化 يەرلىرى راست ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىكەن. مەسىلەن ئاددىسى، زەرەتلىگۈچنىڭ شۇنداق يېقىن ئەكەلسەكلا، ماگنىت ئاپتوماتىك ئۆزىگە تارتىپ تاسسىدە چۈشىدىكەن، باشقا لەپتوپلاردەك ئۆزىمىز تىقىپ بوش بوپ قالغانمىدۇ دەپ چىڭداپ بۇزۇپ قويۇشنىڭ ئورنى يوقكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەك سېستىمىدىسىدىكى نۇرغۇن يېڭىلىقلار باردەك.

  10. ئويغان 2012.09.11 , 15:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نۆۋەتتە كۆزنەك8 ئېلان قىلىنىشقا ئازلا ۋاقىت قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ، ئالىم مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقىدا پۈتۈن كۆزنەك ئۇيغۇرچە بولدى، ئۇيغۇرچىنى تۇلۇق قوللايدۇ، مەيلى گۈزەللىك ، كۆركەملىك ، ئىقتىدار جەھەتلەردە بولسۇن كۆزنەك8 نىڭ ئالىدىغا ئۆتىدىغان سېستىما يوق، كۆپچىللىكنىڭ ئۇيغۇرتىلىمىزنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ كۆزنەك8نىڭ ئۈيغۇرچە نۇسخىسى ۋە WP8نى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمدىن،يەنى ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىدىن سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىشلىتىپ باقسىڭىز چۇقۇم رازى بولسىز، شۇچاغدا كۆزنەك 8 ۋە WP8نىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان باشقا بىرىنىڭ يوقلىقىغا ئىشىنىسىز.

  11. ئاتامان 2012.09.12 , 21:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن قايسى سىستېمىنى ماختىسام بولار ؟

  12. SuperBoy 2013.01.01 , 10:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن Macكە كۆنگەچكىمۇ يەنىلا شۇ ياخشى بىلىنىدۇ.:evil:

  13. نامسىز 2013.10.08 , 18:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يازما ئىگىسنىڭ كۆز قارىشى بەكلا بىر تەرەپلىمە بولۇپ قاپتۇ. لىنۇكىس ھىچقاچان مۇقىم سېستىما دەپ قارىلىپ باققان ئەمەس. قانچە ئەركىن بولسا شۇنچە مۇقىم بولمايدۇ. مۇقىملىقتا مەك سىېستىمىسى ئەڭ ياخشى، ئەركىنلىكتە لىنۇكىس ئەڭ ياخشى، ۋىندوۋس بولسا ھەرئىككى جەھەتتە ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ. مەن كۆپچىلىككە يەنىلا ۋىندوۋس ئىشلتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى يۇمتال مەنبەسى كۆپ، ھەرقانداق بىر يۇمتالنىڭ ۋىندوۋس نۇسخىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. ھەم ئەرزان ( ياكى ئوغۇرلغانغان نۇسىخىسىنى تاپقىلى بولىدۇ):mrgreen:

  14. مايماق 2013.12.27 , 16:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ليۇنكس بىلەن ماك سېستىمىسىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى ۋىندوۋس ئىشلىتىدىغانلارغا قارىغاندا بەكلا ئاز بولغاچقا خاككىرلارمۇ دىققەت-ئېتىبارىنى ئاساسەن ئىشلەتكۈچىسى ئەڭ كۆپ سىستىما ۋىندوۋسقا قارىتىدۇ.شۇڭا ليۇنكس بىلەن ماكنىڭ بىخەتەر بىلىنىشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى مۇشۇمىكىن دەيمەن

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量