نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

Android 4.0 دىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئاخىرى نورمال كۆرۈنىدىغان بوپتۇ!

android4.0-uyghur-font

Android ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق بىر نۇقتا ئايانكى، بۇ سېستىما گەرچە ھەرقايسى جەھەتلەردىن خېلىلا مۇنەۋۋەر سانالسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللىشى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەن ئىدى. گەرچە Android ئۇيغۇرچە سېستىما (ROM) بولىقى تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن تورداشلار ھازىرغىچە Android يانفونلىرىدا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە خېلىلا قىينىلىۋاتقان ئىدى…

ھالبۇكى، Google تېخى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى Android 4.0 سېستىمىسىدا ئىلگىرىكى نەشىرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرچىنى قوللاش ئەھۋالىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. يەنى ئىلگىرىكى سېستىمىلاردا گەرچە فونت تونۇتقان تەقدىردىمۇ ھەرپلەر ئۇلانمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئىدى. Android 4.0 دە بولسا، ھېچقانداق فونت قاچىلانمىغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچە ھەرپلەر شۇنداق كۆركەم ۋە ئۇز كۆرۈنىدىكەن. باشقا گەپنى قويۇپ، ئاۋال بىر قانچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى.

[ Android 4.0 دىكى ئۇيغۇرچە ]

iPhone ئۆزىدە ھېچقانداق ئۇيغۇرچە فونت بولمىسىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان فونتتا تور بېكەتلەرنى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىپ بېرەلەيتى. بۇ جەھەتتە iOS ئىزچىل Android نىڭ ئالدىدا مېڭىپ كېلىۋاتقان ئىدى. قارىغاندا، بۇ كەڭ Android ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن يېڭى خۇشخەۋەردىن دېرەك بەرسەك كېرەك؟

PS: بىر قىسىم تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى قانداق تۇتقانلىقىمنى سوراپتۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە Android تەقلىدچىسى – Android SDK Emulator نىڭ كارامىتى. تورداشلار بۇ تەقلىدكۈچ ئارقىلىق كومپيۇتېردىلا ھەقسىز Android 4.0 سېستىمىسىدىكى يېڭىلىقلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ.

مەنزىل تونىلى: بىر تىيىن چىقىم قىلماي ھەقسىز Google يانفونىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش – Android تەقلىدچىسى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. يۇلتۇز 2011.10.27 , 22:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىگەن شۇمۇ ؟؟؟

    • ئو.تۇرپان 2011.10.27 , 22:31

      دىۋانغا چىققانلىرىغا مۇبارەك بولغاي! (تەدبىركار سېلىگە قانچە پۇل بەردى؟)

  2. ئو.تۇرپان 2011.10.27 , 22:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى ئۇيغۇرچە تونۇتىمەن دەيدىغان ئىشمۇ قالمىدى.

  3. سەرسان 2011.10.28 , 15:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ سۈرەتلەرنى قانداق تۇتتىڭىز؟

  4. تەنھا78 2011.10.28 , 15:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ، بۇ قالتىس ئىش بوپتىغۇ؟

  5. ھەۋەسكار 2011.10.28 , 15:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Android 4.0 لىك يانفون ئالغان ئوخشىمامسىز تەدبىركار غوجام؟:grin:

  6. يىگانە 2011.10.28 , 15:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى راست قولاي بولغۇدەك. ئاندرويىد سېستىمىلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن يەنە بىر ياخشى باھانە بوپتۇ.

  7. ۋىروس 2011.10.28 , 22:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا كۈندە بىر يىڭىلىق كىرىپ تۇرىۋاتىدۇ ،… ئاپتور ھەققىدە كۆزنىكىگە كۆزۈم چۈشتى …

  8. سادا 2011.10.29 , 02:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ قىستۇرمىللىرىنى بىر تونۇشتۇرسا بولاتتى….:smile:

  9. نۆل ۋە بىر 2011.10.30 , 14:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنداق ئەمەستۇ؟!2009-يىلىنىڭ ئاخىرى بازارغا سىلىنغان X10 ئۇيغۇرچىنى مۇزدەك تونىيتىغۇ؟!

  10. بىپەرۋا 2011.10.30 , 23:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    android 4.0 g13 كە قاچىلىغىلى بۇلارمۇ؟

  11. بىلدۈر 2011.11.03 , 16:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سونىينىڭ يېڭى چىققان تېلفونلىرى ئۇيغۇرچىنى چېستەي تونۇپ قويىدۇ .

  12. ئالىم 2012.03.28 , 10:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى ماركىلىق يانفونلارغا ماس كىلىدۇ

  13. شوخ بوۋھي 2012.03.31 , 14:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ ئاندوروي2.1نوسخا ئىدى ،بۇنىڭغىمۇ ماس كىلەرمۇ ؟

  14. شۇڭقار 2012.04.15 , 14:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ 2.2 ئىدى ، قانداق قىلغىلۇق ؟

  15. مەنگۈنۇر 2012.07.31 , 22:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭمۇ 2.2سېستىما ئىدى قارىغاندا 4سېستىمغا كۆتۈرۈش كېرەككەن دە قانداق يېڭىلايدىغانمىز؟ كىم بىلىدۇ ماڭا ياردەم قىلىڭلارچۇ؟؟

  16. قۇم قازى 2012.11.23 , 00:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن يېقىندا سامسۇڭ گاللاكسىي 3 سېتىۋالغانتىم تېلگىراف نۇسخىسىنى،لىكىن سىز دىگەندەك ئۇنچە چىرايلىق چىقمىدىغۇ ئۇيغۇرچە؟ ئۇنىڭدىڭدىن باشقا گوگۇل ماگزىنىنى چۈشۈرسەم،كىرىپلا چىقىپ كىتىۋاتىدۇ،ئىشلىتەلمىدىم،شۇنداق ئىشى بارمۇ بۇ تېلفۇننىڭ؟ قايسىڭلار ئىشلىتىپ باققان؟ بولسا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن،رەھمەت!

  17. سەنسىز 2013.02.22 , 10:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى قاچىلىسىڭىز نۇرمال چىقىدۇ شۇنداق چىرايلىق تىلفۇنىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ چىرايلىق چىقىدۇ:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量