Android 4.0 دىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئاخىرى نورمال كۆرۈنىدىغان بوپتۇ!
Android ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق بىر نۇقتا ئايانكى، بۇ سېستىما گەرچە ھەرقايسى جەھەتلەردىن خېلىلا مۇنەۋۋەر سانالسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللىشى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەن ئىدى. گەرچە Android ئۇيغۇرچە سېستىما (ROM) بولىقى تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن تورداشلار ھازىرغىچە Android يانفونلىرىدا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە خېلىلا قىينىلىۋاتقان ئىدى…
ھالبۇكى، Google تېخى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى Android 4.0 سېستىمىسىدا ئىلگىرىكى نەشىرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرچىنى قوللاش ئەھۋالىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. يەنى ئىلگىرىكى سېستىمىلاردا گەرچە فونت تونۇتقان تەقدىردىمۇ ھەرپلەر ئۇلانمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئىدى. Android 4.0 دە بولسا، ھېچقانداق فونت قاچىلانمىغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچە ھەرپلەر شۇنداق كۆركەم ۋە ئۇز كۆرۈنىدىكەن. باشقا گەپنى قويۇپ، ئاۋال بىر قانچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى.
iPhone ئۆزىدە ھېچقانداق ئۇيغۇرچە فونت بولمىسىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان فونتتا تور بېكەتلەرنى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىپ بېرەلەيتى. بۇ جەھەتتە iOS ئىزچىل Android نىڭ ئالدىدا مېڭىپ كېلىۋاتقان ئىدى. قارىغاندا، بۇ كەڭ Android ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن يېڭى خۇشخەۋەردىن دېرەك بەرسەك كېرەك؟
PS: بىر قىسىم تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى قانداق تۇتقانلىقىمنى سوراپتۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە Android تەقلىدچىسى – Android SDK Emulator نىڭ كارامىتى. تورداشلار بۇ تەقلىدكۈچ ئارقىلىق كومپيۇتېردىلا ھەقسىز Android 4.0 سېستىمىسىدىكى يېڭىلىقلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ.
مەنزىل تونىلى: بىر تىيىن چىقىم قىلماي ھەقسىز Google يانفونىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش – Android تەقلىدچىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Google، iPhone، ئەقلىفون، ئۇيغۇرچە، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 35,111 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: android4-0-uyghur-font.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Google نىڭ يېڭى يانفونى Galaxy Nexus ئەقلىفونىدىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار، Android 4.0 سەپلەنگەن
- كېيىنكى يازما > تەققى-تۇرقى ئادەم چۆچۈتىدىغان ئاجايىپ ئاقسا گىگانت يانفون؟ ئۈستىگە چىقىپ يېتىۋېلىپ سۆزلىشەمدۇق؟!!
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
دىۋان دىگەن شۇمۇ ؟؟؟
دىۋانغا چىققانلىرىغا مۇبارەك بولغاي! (تەدبىركار سېلىگە قانچە پۇل بەردى؟)
ئەمدى ئۇيغۇرچە تونۇتىمەن دەيدىغان ئىشمۇ قالمىدى.
بۇ سۈرەتلەرنى قانداق تۇتتىڭىز؟
ۋاھ، بۇ قالتىس ئىش بوپتىغۇ؟
Android 4.0 لىك يانفون ئالغان ئوخشىمامسىز تەدبىركار غوجام؟
ئەمدى راست قولاي بولغۇدەك. ئاندرويىد سېستىمىلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن يەنە بىر ياخشى باھانە بوپتۇ.
تورخۇمارغا كۈندە بىر يىڭىلىق كىرىپ تۇرىۋاتىدۇ ،… ئاپتور ھەققىدە كۆزنىكىگە كۆزۈم چۈشتى …
تورخۇمارنىڭ قىستۇرمىللىرىنى بىر تونۇشتۇرسا بولاتتى….
ئۇنداق ئەمەستۇ؟!2009-يىلىنىڭ ئاخىرى بازارغا سىلىنغان X10 ئۇيغۇرچىنى مۇزدەك تونىيتىغۇ؟!
android 4.0 g13 كە قاچىلىغىلى بۇلارمۇ؟
سونىينىڭ يېڭى چىققان تېلفونلىرى ئۇيغۇرچىنى چېستەي تونۇپ قويىدۇ .
قايسى ماركىلىق يانفونلارغا ماس كىلىدۇ
مىنىڭ ئاندوروي2.1نوسخا ئىدى ،بۇنىڭغىمۇ ماس كىلەرمۇ ؟
مىنىڭ 2.2 ئىدى ، قانداق قىلغىلۇق ؟
مىنىڭمۇ 2.2سېستىما ئىدى قارىغاندا 4سېستىمغا كۆتۈرۈش كېرەككەن دە قانداق يېڭىلايدىغانمىز؟ كىم بىلىدۇ ماڭا ياردەم قىلىڭلارچۇ؟؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن يېقىندا سامسۇڭ گاللاكسىي 3 سېتىۋالغانتىم تېلگىراف نۇسخىسىنى،لىكىن سىز دىگەندەك ئۇنچە چىرايلىق چىقمىدىغۇ ئۇيغۇرچە؟ ئۇنىڭدىڭدىن باشقا گوگۇل ماگزىنىنى چۈشۈرسەم،كىرىپلا چىقىپ كىتىۋاتىدۇ،ئىشلىتەلمىدىم،شۇنداق ئىشى بارمۇ بۇ تېلفۇننىڭ؟ قايسىڭلار ئىشلىتىپ باققان؟ بولسا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن،رەھمەت!
ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى قاچىلىسىڭىز نۇرمال چىقىدۇ شۇنداق چىرايلىق تىلفۇنىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ چىرايلىق چىقىدۇ
