نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

بودەك خان مۇنداق دەيدۇ: كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق سەمرىپ كەتسەم، مېنى يەنىلا ياخشى كۆرەمسىز؟

يەنە بىر يۈرۈش پۈتۈنلەي قول سېلىپ ئىشلەنگەن قاتۇرما شەكىللىك كارتون فىلىم، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى، پۈتۈن فىلىم پەقەت بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان بولۇپ، پلانلاش ۋە ئىشلەشكە تەخمىنەن يېرىم يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىنغان ئىكەن…

فىلىمنىڭ ئەسلى ئاپتورى، گۇڭجۇ گۈزەل-سەنئەت ئىنىستۇتى كارتون فىلىم فاكۇلتىتىنىڭ 2010-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، فىلىمنىڭ ئەسلى نامى خەنچە «小胖妞» قويۇلغان ئىكەن، مەن بۇ يەردە ئۆزلەشتۈرۈپ «بودەك خان» دەپ ئالدىم. فىلىم ئاپتورى خەن بولغاچقا، فىلىمدىكى خەنچە پۇراق سەل كۈچلۈك، بىراق كۆرۈنۈش ۋە مەزمۇندىكى ئىجادىيلىق پۇرىقى يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,506 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 17-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: bodek-xan.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. قەيسەر 2011.02.17 , 19:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشلەش تېخنىكىسى راسلا بولىدىكەن جۇمۇ، مەزمۇنىنىمۇ بەلەن تاللاپتۇ ….. ھەي مەنمۇ ئويلاپ قالدىم، ئۆزگەرمايدىغان ئادەم يوق تۇرسا:arrow:

  2. رازۋىتچىك 2011.02.17 , 20:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەپ بىرنى ئىشلىمىسەم كارتوندىن!!!!
    بىزنىڭ كىنىمۇ چىقىرىپ ماختاپ قۇيۇڭلا دەيمە!!:evil:

  3. رازۋىتچىك 2011.02.17 , 21:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئافتېردا ئىشلەپتۇ بۇنى.

    • كارو 2011.02.17 , 21:17

      ئافتېردىمۇ مۇشۇنداق كارتونلارنى ئىشلىگىلى بولامدۇ؟

  4. ياۋايى 2011.02.17 , 22:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەھشىغۇ …خىلى كاللىسى ئىشلەيدىكەن …بىرەر 10 نى بىر بولاپ ئۇزۇنراق كارتون ئىشلىسە خىلى چوڭ مۇكاپاتلارغا ئىرىشكۇدەك …
    بىزلەردىمۇ ئىشلىسە بولمام دۇ … بولمىسا ئىشلىگۇدەك تىخنىكا بار .. ئىلانغىلام ئىشلەۋەمەي … قىسقا بولسىمۇ ئىشلىسە ئۆز ھۇنىرىنى نامايەن قىلغان بولىدۇ ..ئاندىن ھەممە ئادەم شۇنى بىلىدۇ ئەمەسمۇ … قارلۇقمۇ بىرنەچچە ئەسەر ئىشلەپ قوياپ يوق … سىنارىيە يوقمۇ يە . مەندە جىقتى بوممىسا …

    • قازانچى 2011.02.17 , 23:48

      ئەمدى شۇ ئېلاننى داۋبەن قىلىپ كوچىدا ھېچكىم ساتمايدۇ، كىنو-كارتون قاتارلىقلار بازارغا چىققۇچە بىزنىڭ پىلاستىنكىلارنى يېشىپ چىقىدىغان «قارا مېھمان»لىرىمىز بىر كېچىدىلا نەچچە ئون مىڭنى كۆپەيتىپ بازادا تۆكمە قىلغاندىن كېيىن زېرىكتىدە ئۇلار.

  5. قازانچى 2011.02.17 , 23:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرىدا ئاۋۇ ئاداش قىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدىمۇ نېمە، تازا ئوساللىق بۇ.:twisted:
    ئەمما كارتون ياخشى چىقىپتۇ.:evil:

    • دىلمۇرات 2011.02.18 , 13:15

      قىزنىڭ سەمىرىپ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەپ تىكىۋەتتى

  6. روھچىن 2011.02.18 , 01:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەمىرىپ كەتسە يەنىلا ياخشى كۆرمەيدىكەن ئەمەسمۇ

  7. سندىبات 2011.02.18 , 11:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا ياخشى چىقىپتۇ!مۇھىت رەسىملىرىگە رىئال كۈرۈنۈشلەرنى ئارلاشتۇرۇپ تېخىمۇ ھاياجانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپتۇ!:wink:

  8. سەھرالىق 2011.02.18 , 15:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەسىرلىككەن ،ئاددى بولسىمۇ تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك چىقىپتۇ.

  9. ئىنتىزار 2011.02.23 , 12:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇڭا قىزلار سېمىزلىكتىن ئۆلگۈدەك قورقىدىكەندە ….:mrgreen:

  10. نۇرجۇلا 2011.07.10 , 23:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى ھەم تەسىرلىك ئىكەن! بۇ تور بەتكە كېرىپ باقماپتىكەنمەن، بەك ياخشى نەرسىلەر بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ھەي يەنىلا يىگىت قىزنى تاشلاپ كەتتى، بىچارە قىز نۇرغۇن جاپالار ئارقىلىق يىگىتنى قۇتقۇزغان ئىدى، مانا بۇ ئەرلەرنىڭ ماھىيېتى، خۇداغا شۇكرى مەن سېمىز ئەمەس.

    • قاراقچى 2014.12.06 , 16:32

      ھەممە ئەرلەرنى بىر تاياقتا ھەيدىگەنمۇ تازا ياخشى ئىش ئەمەس

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量