قوڭغۇراقلىق سائەت Alarm – قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە ئىنتايىن نەپس ئىشلەنگەن قىسقا كارتون فىلىم
«Alarm» نىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى قوڭغۇراقلىق سائەت دېگەن سۆز بولۇپ، مەزكۇر سىنمۇ ئىنتايىن نەپس ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەنگەن، ھېكايە ۋەقەلىكىمۇ ئىنتايىن ئىجادىي لايىھەلەنگەن، ئىشىنىمەنكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ چوقۇم مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەچۈرمىشى بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەتتىگەندە قوڭغۇراقلىق سائەت جىرىڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيقۇچىلىقتا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ يۈزىمىزنى يۇيۇپ، چىشىمىزنى چوتكىلاپ، كىيىملىرىمىزنى كىيىپ سىنىپقا سوقۇلۇپ يۈرۈپ چىقىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان چاغدىلا تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ ئۆزىمىزنىڭ تېخى كارىۋاتتا ئىكەنلىكىنى، دەرسكە ئاللىبۇرۇن يېرىم سائەت كېچىككەنلىكىمىزنى بايقىغان چاغلىرىمىز…
Alarm نىڭ ئورگان تور بېكىتى: www.mesai.co.kr
ئىچىدە Alarm غا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتېرىياللار بار، مەزكۇر سىننىڭ 720P فورماتىدىكى ئېنىق نۇسخىسىمۇ چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن، تور بېكەتمۇ ناھايىتى نەپس لايىھەلەنگەن تور بېكەت.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Alarm,سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 341 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: alarm-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > بىر قەدەر نەپس ياسالغان ئىنتايىن ئوماق ئايكون توپلىمى – Cute Blogging Icon Set
- كېيىنكى يازما > كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن – ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى(Machinarium)
مىنىڭ ياتىقىمدا ئادىل دەپ بىر بال بۇلىدىغان بە ئەينى ئاشۇنىڭ ئەكسىكەنغۇ بۇ
ھا ھا، بەئەينى ئۆزىكەن دەپ ئوقۇۋاپتىمەن
يامان ئۇيقۇ ئاۋارىسىكەنغۇ بۇ ئاداش ، كېلىپ مەن بىلەن بەسلەشسە بولغۇدەك