ئوسكاردىن يەنە بىر قىسقا كارتون فىلىم – تۇتقۇن قىلىش دەرسى(Lifted)
Pixar نىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن ئالدىنقى قېتىم «يەكچەشمىنىڭ يېڭى ماشىنىسى» بىلەن تونۇشۇپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۇدا ئېلىپ كەلگىنىم 79-قېتىملىق ئوسكار مۇپاكاتىغا ئېرىشكەن نادىر كارتون فىلىمى – تۇتقۇن قىلىش دەرسى.
فىلىم نامى: تۇتقۇن قىلىش دەرسى(Lifted)
رېژىسور: Gary Rydstrom
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 4:48 مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى: 2007-يىلى
ئىشلىگەن شىركەت: دىسنېي Pixar شىركىتى
تور بېكەت ئادرېسى: http://www.pixar.com
بۇ رېژىسور Gary Rydstrom نىڭ 14-قېتىملىق ئوسكار ئىسمىنى ئاتاش مۇپاكاتىغا ئېرىشكەن فىلىمى بولۇپ، «تۇتقۇن قىلىش دەرسى» فىلىمىدە، بىر نەپەر كىچىك تاشقى پلانېت ئوقۇغۇچىسىنىڭ قانداق قىلىپ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىشنى ئۆگىنىش ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ نىشانى تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بىر بالا بولۇپ، بىراق ئۇ ھەمىشە خاتا مەشغۇلات قىلىپ قوياتتى، ياندىكى يېتەكچى مۇئەللىمنىڭ بولسا سەۋر تاقىتى توشايلا دەپ قالغان ئىدى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D,كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: pixar-lifted.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ناۋادا ئويۇنلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇشۇ دەرىجىدە ئاددىلىشىپ كەتسە…
- كېيىنكى يازما > Photoshop تا پارقىراق Web 2.0 كۇنۇپكا ئۈنۈمى ئىشلەش قىستۇرمىسى
ئاۋۇ ئىنسان كالىدەك ئۇخلايدىكىنا!
بۇرۇنمۇ كۆرگەن، بۇقېتىم يۇملاپ كېتىپتىمەن كۈلۈپ
بۇفىلىم ھەققەتەنمۇ ياخشى ئشلىنىپتۇ
خا خا خا!!! كۈلۈپ قوساقلىرىم ئاغرىپ كەتتى. نەدىنمۇ تاپقانسىلە بۇ نەرسىنى
pixar نىڭ كارتونلىرىنى ياقتۇرىمەن. ئىشقىلىپ بۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بوپ قويىدۇ
يەنە بىر قانچە كارتونلىرى باردەك قىلغانغۇ؟ ئاشۇلارنىمۇ بىر يوللاپ قويىڭە
ئېسىل! چەتئەللىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا قول قويماي بولمايدۇ زادى!
ھەي ئېسىت … ماۋۇ Yuoku دىگەن پىسپاسلار بۇ كارتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپتىغۇ ؟!
Youku كۆپ قىسىم نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپتۇ، قارىغاندا نەشىر ھوقۇقىدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، يېقىندا ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى ئەمەسمۇ؟ سەل ئۆزىنى ئوڭشىمىسا بولمايدۇ ھاماقەتلەر…ياڭيۇنىڭكىدىن ئۇلاپ قويدۇم.
كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ! ياخشى نەرسىلەردىن ھەمىشە كېچىكىپ خەۋەردار بۇلىدىغان پېقىرغا نىسپەتەن بۇ بەك ياخشى ئىش بولدى