سىرلىق دېلو 12 يىل بېسىلىپ قالدى، FBI ئامالسىز پۈتكۈل دۇنيانى سىرلىق «ھالاكەت پارولى»نى يېشىشكە چاقىردى!
ئامېرىكىدىكى «دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى پارچە 30 نەچچە قۇرلۇق «ھالاكەت پارولى» يېزىلغان باغاقچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) دىكىلەرنى توپتوغرا 12 يىل ئاۋارە قىلغان، مەزكۇر باغاقچە قاتىللىق قورالى، گۇۋاھچى ۋە ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بىر ئەنزىنىڭ مۇھىم يىپ ئۇچى دەپ قارالغاچقا، FBI يېقىندا ئامالسىز قائىدىنى بۇزۇپ، ئورگان تور بېكىتىدە پارول باغاقچىسىنى ئېلان قىلىپ پۈتكۈل دۇنيا ئەھلىنى بۇ باغاقچىدىكى سىرلارنى ئورتاق يېشىشكە چاقىرغان. باغاقچە توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قاتتىق بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
بۇ ئەنزە توغرىلىق گەپ بولغاندا، 1999-يىلىغا قايتىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، بىر نەپەر دېھقان ئامېرىكىنىڭ مىسسورى شىتاتى ۋېست ۋالتون دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆلگۈچى McCormick نىڭ چىرىپ كەتكەن جەسىدىنى بايقىغان، گەرچە تەكشۈرگۈچى خادىملار McCormick نى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆلگۈچىنىڭ بەدىنىدىن يارىلانغان ئالامەتلەر تېپىلمىغان، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارمۇ ھېچقانداق قاتىللىق قورالى ياكى گۇۋاھچى تاپالمىغان، جەسەت تەكشۈرۈش ۋە توكسىكولوگىيەلىك ئانالىز نەتىجىسىدىنمۇ ئۆلۈش سەۋەبىنى بېكىتىشكە ئامال بولمىغان، تەكشۈرگۈچىلەرمۇ ئاخىرقى ئۈمىدىنى McCormick نىڭ يانچۇقىدىكى ئىككى پارچە باغاقچىگە باغلىغان.
بۇ ئىككى پارچە باغاقچىدىكى «ھالاكەت پارولى» 31 قۇرلۇق سان ۋە چوڭ يېزىلغان لاتىنچە ھەرپلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر باغاقچىدىكى پارول چەمبەر ئارقىلىق بەش دانە بۆلەككە ئايرىپ قويۇلغان، گەرچە ھەرپلەرنى تونىغىلى بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق لوگىلىك باغلىنىش يوق ئىكەن.
FBI دىكىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا پارول يېشىش بىرلەشمىسىنىڭ ئانالىزىدىنمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچى تېپىلمىغان، FBI دىكى پارول ئانالىزى ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش تىپىدىكى ئەنزىلەرگە مەسئۇل ئالاھىدە خادىم ئونسېننىڭ دېيىشىچە، ناۋادا بۇ ئىككى پارچە باغاقچىدىكى سىرلار يېشىلسە، ئۇنداقتا ئۆلگۈچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن بۇرۇن قايسى جايلارغا بارغانلىقى ۋە شۇنىڭدەك قاتىللىق دېلوسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەپلىرىنى پاش قىلىشقا بولىدىكەن.
McCormick نىڭ ئانىسى گەرچە ئوغلىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا سىرلىق ئىشارە ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەزەلدىن ئۇنىڭ بۇ ئىشارە سۆزلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بىراق ئەنزىنى پاش قىلىشقا ھېچقانداق ياردەم قىلالمىغان. ئونسېننىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ باغاقچىلەرنى McCormick زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن يازغان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەن، ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان يىپ ئۇچى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، 12 يىل ئاۋالقىدىن جىق ئىلگىرىلەش ئەھۋالى يوق ئىكەن.
مەزكۇر دېلو مۇھىم دېلولار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا ھەمدە ئۇزۇن يىل ئىلگىرىلەش بولماي بېسىلىپ قالغاچ، FBI ئالدىنقى ئاينىڭ 29-كۈنى ئورگان تور بېكىتىدە «پارول يېشىش ئىلتىماسى» ئېلان قىلغان ھەمدە ئىككى پارچە «ھالاكەت پارولى» باغاقچىسىنى ئاشكارىلاپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ مەزكۇر «ھالاكەت پارولى»غا نىسبەتەن ھەرقانداق چۈشەندۈرۈش ۋە پارول يېشىش نەزەرىيىسىنى بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بۇنىڭدىن سىرت FBI يەنە قوشۇمچە پارول يېشىشتىكى ئەڭ ئاساسى تۆت خىل قەدەم ۋە مىسالنى قوشۇمچە تەمىنلىگەن، ئامما تور بېكەت يۈزىدە بىۋاستە خەت قالدۇرسىمۇ ياكى بىۋاستە FBI پارول يېشىش بىرلەشمىسىگە خەت يازسىمۇ بولىدىكەن.
FBI گەرچە ئۇقتۇرۇشتا دائىم ئامما تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرىغا تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدەك ئاكتىپ ياردەم سورايدىغان ئەھۋال كەمدىن-كەم ئۇچرايدىكەن. ئونسېننىڭ دېيىشىچە، گەرچە پارول يېشىلگەندىن كېيىن بۇنىڭ پەقەت ئادەتتىكى بىر پارچە مال سېتىۋېلىش تالونى ياكى سالام خەت ئىكەنلىگى ئېنىقلانسىمۇ، بۇنىڭ ھېچ بولمىسا دېلوغا ياردىمۇ بولىدىكەن. FBI مۇ نۆۋەتتە بۇ خىل پارولنى يېشىش ئۇسۇلىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ئالدىراۋېتىپتۇ، چۈنكى بۇ قېتىمقى «ھالاكەت پارولى» قانۇن ئىجرا ئورگانلىرىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر خىل پارول بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن ئەزەلدىن بۇ خىلدىكى پارول ئۇچراپ باقمىغان ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پارول، تەتقىقات، خەۋەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,389 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: fbi-death-code.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر قىسىم دۇنياغا داڭلىق IT شىركەتلىرىنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى قىزىقارلىق ھېكايەتلەر…
- كېيىنكى يازما > ئاڭلاشلارغا قارىغاندا «رىۋايەتلەردىكى iPhone 5» جۇڭگو بازىرىدا سىرلىق ھالدا پەيدا بوپتۇ!!!
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى دىگەنما؟ قىززىق ئىش ئەمدى بولماقچى!
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
- سىنوۋېدىن زادى كىم؟
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
قېنى مەن بىر يىشىپ باقاي.
FBI دىكىلەرمۇ يېشەلمىگەن قانداق پارولدۇ ئەمدى بۇ؟ ئاۋۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كېلىۋېتىپ، مايكولنىڭ مەخپىيەتلىگىنى FBI دىكى Alex Mahone نىڭ قەدەممۇ قەدەم يېشىپ ماڭغانلىقى كۆز ئالدىمغا كەلدى
قالايمىقانلا يېزىلغان نەرسىلەر ئىكەنغۇ ئۇ.
پارولمۇ كىچىك بالىلارنىڭ خېتىمۇ ئۇ؟
قارىغاندا ياخشى ئوقىمىسام بولماپتۇ، مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئۇدۇللا شۇ يەرگە باراي…مەن يەشمىسەم باشقىلاردا ئۈمىد قالماپتۇ!
تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ قويۇپ يانچۇقىغا باغاقتىن بىرنى سېلىپ قويغان بولسا يېزىقىنى تونىماي
ھەقىچان بىرەرسى ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن ئەبەينى دوراپ قالدۇرۇپ قويغان باغاقچىدۇ بەلكىم. Facebookغا چىقىپ، بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىدىن كۈلۈپ تىلىقىپ قالغاندۇ ئۇ
پارولنى يېشىپ بولۇپ كىمنى ئىزدەيمەن !
ياخشى قارىسام بۇ پارولدا «torhumar» دىگەن ئاتالغۇدىكى ھەرىپلەرنىڭ ھەممىسى باركەن . مەن بۇنى fbi نىڭ تور بېتىگە ئېلان قىپ باقاي ….
مەن يېشىپ بولدۇم، بۇ بېر ۋەسىيەتنامە ئىكەن
تولۇق ئوتتۇرىدا بىر قىز پارتىدىشىم بىر بالىنىڭ يازغان خېتىنى كۆرسەتكەنتى، قارىسام ساپلا سان-سىفىر. ئەسلى ھەرپلەرنى سان بىلەن ئىپادىلەپ يىزىپتىكەن. مەن يىرىم سائەت ئولتۇرۇپ يىشىۋەتكەنتىم. ئۇندىن كىيىن ھېلىقى بالا مەندىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن… ...كىيىن ئۇقسام ،ئۇ قىزغا بۇ خەتنى ئون يىلدىن كىيىن كۆرۈشۈپ ئوقۇپ بىرىمەن دەپتىكەن ئەسلى ئۇ بايقۇش.
ھەي سىلەر نىمىش قىلىۋاتىسىلەر !! مەن پارولنى يىشىپ fbi غا يوللاپ بولسام سىلەر بۇ يەرژگ مۇنازىرلىشىپ ئولتۇردۇڭلارما! ئۇچۇر دەۋرىنىڭ بەك كەينىدە قاپسىلەر! ھى ھى ھى!! ئىشەنمىسەڭلار تىلفۇن قىپ بىقىڭلار!!! تىلفۇن نۇمۇرى:123456789
مەن FBI دىن بولىمەن، بىز قاتىلنى تۇتۇپ بولدۇق.
ھەرقايسىڭلارغا كۆپ رەھمەت.
ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىش ئۈچۈن قوللانغان بىر تەدبىرى بولۇشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى، بەلىكىم خەتنى، يازغۇچى ئۆزىمۇ يېشىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.
چۈنكى مەنمۇ قاتىللىق قىلىپ قالسام، يالغان يىپ ئۇچىلىرىنى قالدۇرۇپ قويىمەن
بەزىدە مەسىلىنى ئاددى ئويلىسا ئاسان بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدۇ…
shi n ji tsu wa i tsu mo hi to tsu ياپونىيەنىڭ بىر كارتونى بار مەخسۇس دىلو پاش قىلىپ چىقىدىغان،شۇنىڭدىكى گەپ،ھەقىقىي ئەھۋال پەقەت بىرلا
بۇ خەتلەر 12 مۇقامنىڭ بىرەر كۇپلىت شئېرى بولۇپ قالمىسۇن يەنە ،ئارماندا كېتىپ ھازىرغىچە ببېجىرىم بىر ئۇيغۇرتىلى تەرجىمان يوقلۇقىدىن يېشىلمىگەن ســــىرمىكى ھەقاچان ؟
بىر زاتقا، ھاكاۋۇر ئادەملەر تاپالمايدۇ.
تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ئۆلتۇرۇپ بۇ خەتنى تاشلاپ قويدىمۇ نىمە
ئەي لاتىن تىلىدا ئوقۇساممۇ بوپتىكەن
تۈرمىدىن قېچىش تىكى مايكول نى ئىزدەپ بېقىڭلار
قېنى قېنى كىم بىلەن ئالاقىلىشىدىكەنمەن ، تور ئادىې سىنى يا تېلفۇنىنى قۇيۇپ قويمايدىكەن ياردەم سورىغان ئادەم .
پارۇلنىڭ جاۋابى لازىم بولسا ماڭا خەت قالدۇرسۇن بوپتۇ …
تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى مايكول،ئالىكىس لارنى ئىزدەپ باقسا بولغۇدەك،ناۋادە ئۇلارمۇ سەل ئىنجىقلاپ قالسا ئۆزەم رەسمى قول تىقىپ باقامەن بۇ ئىشقا، ھازىرلا دەۋىتەي دىسەم ما ئىشنىڭ قىززىقى قالمىغۇدەك…. شۇڭا كىيىنچە ۋاقتىم يار بەرسە ئويلىشىپ باقامەن….
مەن خەتنى مەن يازغان تىخىچە يىشەل مىدىڭلارما
ئەسلىدە مىنىڭ خىتىم شۇنداق سەتمىدۇ ، يازغان ۋاقىتتا چىرايلىق يازىاندەك قىلغان