نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

بىر قىسىم دۇنياغا داڭلىق IT شىركەتلىرىنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى قىزىقارلىق ھېكايەتلەر…

مىكروسوفت، ياخۇ. ئالما، گۇگېل، سونىي، ئىنتىل… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان دۇنياغا داڭلىق بولغان IT شىركەتلىرى، ئەمما سىزنىڭ ئۇلارنىڭ نامىلىرىنىڭ قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بەلكىم سىز بۇلارنى دائىم ئاڭلاپ تۇرغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان قىسقا ھېكايىلەرنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن…

1.موتورولا (Motorola)

پائۇل.گالۋىن شىركەتنى قۇرۇپ، شىركەت ماشىنىلاردا ئىشلىتىلىدىغان رادىئونى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ۋاقىتلاردا ئۇ شىركەتنى ھازىرقى نام بىلەن .ئاتىغان. ئۇنىڭ بۇرۇنقى نامى Victrola ئىدى.

2. مىكروسوفت (Microsoft)

مىكروسوفت دېگەن بۇ نامنى بىل.گېيتىس ئۆزى قويغان بولۇپ، شىركەتنىڭ تولۇق نامى MICROcomputerSOFT-ware (مىكرو تىپتىكى كومپيۇتېر يۇمشات دېتاللىرى) ئىدى. شىركەتنىڭ بۇرۇنقى نامى Micro-Soft بولۇپ، كېيىنكى بۇ نام ئارىسىدىكى «-» ئېلىۋېتىلىپ، Microsoft دەپ ئىشلىتىلگەن.

3.Lotus

شىركەت نامى نېلۇپەر تاختىسى (padmasana) دىن كەلگەن بولۇپ، شىركەت قۇرغۇچىسى MitchKapor.

4. Intel

BobNoyce بىلەن GordonMoore ئىككىسى شىركەتنىڭ نامىنى «MooreNoyce» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، ئەمما بۇ نامنى بىر مېھمانساراي ماركا قىلىپ تىزىملىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شىركەتنى نامىنى INTegratedELec-tronics  (توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكترون) ئۆزگەرتكەن، كېيىن ئۇلار قىسقارتىلغان نام Intel نى شىركەت نامى قىلىپ قوللانغان.

5. Hewlett-Packard

شىركەت قۇرغۇچىلىرى BillHewlett ۋە Dav-ePackard لار يىتىپ كەتكەن تەڭگە پۇلنىڭ نامى شىركەتنىڭ نامى قىلغان.

6. Hotmail

شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى JackSmith دەسلەپتىلا بۇنى ئويلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق كومپيۇتېردا Web ئارقىلىق زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ نامنى ئىشلەتكەن. SabeerBhatia سودا پىلانى كىتابىنى يازغان ۋاقىتتا ئاخىرىغا mail كېلىدىغان ھەر خىل ناملارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاخىرىدا Hotmail نى تاللىغان. چۈنكى Hotmail ئۆز ئىچىگە ئالغان «html» بولسا تور بەت تىلىدىن ئىبارەت. Hotmail  دەسلەپتە HoT-MaiL شەكلىدە قوللىنىلغانىدى. مىكروسوفت 1998-يىلى 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا Hotmail نى سېتىۋالغان.

7. گۇگېل (Google)

بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىزدەش ماتورىنىڭ زادى قانچىلىك ئۇچۇرنى ئىزدىيەلەيدىغانلىقىنىڭ كۆپتۈرۈلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شىركەتنىڭ نامى دەسلەپتە «Googol» دەپ ئاتالغان. شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى SergeyBrin بىلەن LarryPage بىر مەبلەغ سالغۇچىغا ئۆزىنىڭ تۈرىنى كۆرسەتكەن. ھەمدە ئاخىرىدا ئۇلار ئاخىرىدا بىر پارچە «Google» شىركىتىنىڭ پۇل چېكىگە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شىركەت «Google» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ.

8. Cisco

بۇ بىر قىسقارتىلغان نام بولماستىن، SanFrancisco نىڭ ئاخىرقى بەش دانە ھەرپىدىن ئىبارەت.

9. ئالما (Apple)

سىتۋ.جوبز (SteveJobs) ئالما يېيىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولىدىغان بولۇپ، شىركەت قۇرۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ شىركەت نامسىز يۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خادىملىرىغا «ئەگەر چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن بۇرۇن شىركەتكە بىرەر ياخشىراق ئىسىم تاپالمىساڭلار، ئۇنداقتا مەن شىركەتنىڭ نامىنى ئالما دەپ بېكىتىمەن!» دەپ پوپوزا قىلغان. (ئەجەبا باشقىلار ئالما يېشىشنى ياخشى كۆرەرمۇ؟)

10. Apache

شىركەت قۇرغۇچىسى NCSAhttpd ئارقا سەھنىدىكى كود يامىقىغا تاينىپ ئىگىلىكى تىكلىگەن، نەتىجىدە ئۇلار «APAtCHy server» (ياماقلىنىپ بولغان مۇلازىمىتېىر)غا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شىركەتنى Apache دەپ ئاتايدۇ.

11. Adobe

شىركەت قۇرغۇچىسى JohnWarnock نىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدە AdobeCreek دەيدىغان بىر دەريا بار بولۇپ، ئۇ شىركەت نامنى دەريا نامىنىڭ باش قىسمى بويىچە ئاتىغان.

12. !YAHOO

«Gulliver نىڭ ساياھەت خاتىرىسى» نىڭ ئاپتورى جوناتھان.سۋىت yahoo دېگەن تاق خەتنى ئىجاد قىلغان. ھېكايىدە ئۇ يۈرۈش-تۈرۈشى ئادەمنى ناھايىتى بىزار قىلىدىغان بىر غەلىتە مەخلۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، !YAHOO نىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جى يۈەن بىلەن David Filo لار بۇ نامنى ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا تايىنىپلا تاللىغان.

13. Xerox

xer بولسا گرېتسىيە يېزىقىدىكى سۆزنىڭ كۆتىكى بولۇپ، «قۇرۇق» » غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. Chestor Carlson كەشىپ قىلغان مەھسۇلات قۇرۇق نۇسخىلاش ماشىنىسى بولۇپ،  بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى مەنلەش ئۇسۇلىدا نۇسخىلايدىغان ماشىنىدىن زور پەرقلەنگەچكە، ئۇنىڭ نامى ئاخىرى Xerox قىلىپ بېكىتىلگەن.


14. Sun Microsystem

بۇ شىركەتنى سىتانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېىتىدىكى تۆت بۇرادەر قۇرۇپ چىققان. SUN بولسا «Stanford University Network» نىڭ باش ھەرىپلىرىنىڭ قىسقارتىلىشىدىن شەكىللەنگەن.

15.Sony

Sony دېگەن بۇ نام sonus بىلەن sonny نىڭ بىرىكمىسىدىن شەكىللەنگەن. sonus لاتىنچە سۆز بولۇپ، ئاۋازغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. sonny ئامېرىكا شېۋە سۆزى بولۇپ، چېچەن ئۆسمۈرلەرنى ئاتاش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

16.SAP

بۇ نام «Systems,Applications, Products in Data Processing» لارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت IBM نىڭ تۆت نەپەر ياللانما خادىمى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇلار IBM دىكى بۆلۈمنىڭ نامىنى «Systems/Applications/Projects» دەپ ئاتىغان.

17. RedHat (قىزىل قالپاق)

شىركەت قۇرغۇچىسى Marc Ewing ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ بوۋىسى ئۇنىڭغا ئۈستىگە قىزىل ۋە ئاق رەڭدە سىزىقلار سىزىلغان بىر Cornell خوككېي كوماندىسىنىڭ بىر قالپىقىنى بېرىدۇ. ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن قالپاقنى يىتتۈرۈپ قويۇپ، ئۇنى ناھايىتى تېزلىكتە تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. قىزىل قالپاق Linux beta نەشرىدىكى ئابونتلار قوللانمىسى ئىچىدە مۇنداق بىر ئېغىز گەپ بار:« ئابونتلار ئەگەر ئۇنىڭ قىزىل قالپىقىنى تېپىۋالساڭلار، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار».

18. Oracle

Larry Ellison بىلەن Bob Oats ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) دىن بىر تۈرلۈك خىزمەت ئۇقۇشىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ مەخپىي نامى Oracle ( ئىلاھىي يارلىق) ئىدى. CIA بۇ سىستېما ئارقىلىق ھەممىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغانىدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 25 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 970 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: it-company-names.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەسىملەر چىقىپتۇ! :mrgreen:

    • پرېستان :

      يۇكسەلگە ئىچكى قىسىمدا دىۋان تەقسىملەپتۇدە… :lol:

  2. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلى مۇنداقكەندە

  3. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گۈزەل يازما..ئاھ!…

  4. Forever : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي نېمانداق گەپ قىلىسىلەر باللا ….
    بىرە يېرىم قېتىم بولۇپ قالىدىغۇ ئۇنداق ئىشلار .

  5. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياھۇ بىلەن ئالمىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى مېنى قىزىقتۇردى. مەن بانان يىيىشكە ئامراقتىم، شىركىتىمنىڭ نامىنى ‹‹بانان››دەپ قويسام بولغۇدەك! :roll:

  6. نەزەرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شىركەت قۇرغۇچىلىرى BillHewlett ۋە Dav-ePackard لار يىتىپ كەتكەن تەڭگە پۇلنىڭ نامى شىركەتنىڭ نامى قىلغان.

    Bill·Hewlett بىلەن Dave·Packard تەڭگە تاشلاپ شىركەتنىڭ نامىنى ئككىسىنىڭ ئېسمىنىڭ تەرتىپى بويىچە Hewlett-Packard ياكى Packard-Hewlett قويۇشنى بەلگىلىمەكچى بولغان. نەتىجىدە Hewlett-Packard لاھىيە چىققان. شۇڭا ھازىر HP دەپ قىسقارتىمىز.

  7. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ مەن بىلمەيدىكەنمەن بۇ ئىشلارنى مەنمۇ بىر ئىسىم ئويلىشىپ قويسام بولغۇدەك :lol:

  8. ئەزىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل يازمىكەن جۇما ماۋۇ :cool:

  9. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاڭلىسام تورخۇمارغا يازغان ئىنكاسلار تەستىقلىنىپ چىقىمىش، بۇنداق بولغاندا دېۋاننى قانداق تارتىۋالغىلى بولىدۇ، شۇڭا مەن كەلگۈسى شىركەتكە بازار چاققانننىڭ دەپ نام بېرىشنى لايىق تاپتىم. :mrgreen:

  10. جەۋلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن نېمىشقا قىزىل قالپاققا ئامراق،دىگەنگە جاۋاپ چىقتى

  11. جەزىرە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ شىركەتنىڭ قاتتىق دېتال قىسىملىرى ۋە ئورۇنلىرىنى كېلىشىپ بولۇنغان تۇرۇپمۇ ھىچقانداق ئىسىم يارىمىدى يارىغان ئىسىم باشقىلار ئىشلىتىپ بولۇنغان چىقىتى . قەدىمكى ئۇيغۇرچە ناملارنى بەزى ئادەملەر چۈشەنمەيدۇ ، بىر ئايغىچە ئىسىم قۇيالمىدۇق . ئاخىرى س س م ب غا شىركەت نامىنى ئىلتىماس قىلىدىغان ۋاقىت قىستاپ كىتىپ ئامالسىز قالدۇق .قىسقىسى ئىسىمسىز قالدۇق . ۋاقىتمۇ توشۇپ كەتتى . ھىچكىمنىڭ كاللىسىغا يېڭى ئۇقۇم كەلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ھىچ بولمىغاندا شىنجاڭنىڭ جۇغراپيىلىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدىكەن دەپ قاراپ «جەزىرە» دىگەن ئىسىمنى مەجبۇرى قۇيۇۋەتتۇق . كۆپىچنچە ئادەم قازاق قىزلارنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىۋاتىدۇ . ئەرەپچىدىكى مەنسى «ئارال» ئىكەن . شۇنداق قىلىپ شىركەتنىڭ ئىسمى مۇشۇنداق مەيدانغا كەپ قالدى .

    • تورخۇمار :

      ھاھا، مانا يەنە بىر شىركەتنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ھېكايەتنى بىلىۋالدۇق.

  12. جەزىرە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇقارقى ئابزاستا شەخىس تىلى ئالمىشىم قاپتۇ . بىرنجى شەخىستىن باشلاپ ئۈچىنجى شەخسىتە ئاياغلاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن . ئەسلىدىنلا ئۈچىنجى شەخسىتىن باشلىنىشى توغرا ئىدى . توغۇرلاپ ئۇقۇۋەتكەيسىلەر .

  13. ۋەتەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەتەن – ۋەتەن شېركىتى ، ۋەتەن سوفت، ۋەتەن كۇلۇبى، ۋەتەن گۇرۇھى ……………. :smile:

  14. رازۋىتچىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ ئەمىسە گوكا گوروھى،(مومىنىڭ بىر تۈرى). :grin:

  15. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇ «نۆل ۋە بىر»نىڭ كەلگۈسىدىكى داڭلىق ماركىلاردىن بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىتىمەن(خۇدا خالىسا)…ئۆزۈم ئويلاپ تاپقان …

  16. ئىزدەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئويلاي دەپمۇ ئويلىيالمىدىم… ھەي بالىلار! ھەممىمىز بىرلىشىپ بىرلا ئىسىم ئىجاد قىلىپ، شۇ ئىسىم ئۈچۈنلا خىزمەت قىلالىساق نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى – ھە!!!

  17. ئىزتۈرك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2009-يىلى9-ئايدا ئەنگىلىيە ۋەزىرى Brown تالانتلىق ماتىماتىك ، سىفىر مۇتەخخەسسىسى ،كومپىيوتېر ئىلمى قۇرغۇچىسى Alan Mathison Turing دىن ئەپۇ سورىدى،ئەينى ۋاقىتتا Turing بىر ئۆزجىنىس(同性恋) بولغاچقا زورمۇزور «داۋالىنىپ»،ئاياللىق ھورمۇن ئۇرۇلۇپ ھاقارەتكە ئۇچرىغان،ئۇ ھاقارەتكە چىدىماي potassiumcyanide 氰化钾 چىچىلغان بىر تال ئالمىنى يەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، ئۇ چاغدا ئۇ 41 ياشتا ئىدى. Turing نىڭ ھەۋەسكارى بولغان Steve Jobs ئۆزىنىڭ كومپىيوتېر شىركىتىگە ئالما دەپ ئىسىم قويغان ۋە logo نى بىر چىشلەپ قويغان ئالما شەكلىدە قوللانغان .

  18. رىتا1028 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ ،ئالمىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ھېكايەم بەك جېقلاپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ مېنىڭ . ئۈستىدىكى ھېكايە ئۇرۇپلا تاپقان گەپ ئەمەستۇ :?:

 汗