腾讯 ئىمپېرىيەسى زادى قانچىلىك كۈچلۈكتۇ؟ تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارغا دىققەت قىلىڭ!
«3Q جېڭى»نى باشتىن كەچۈرگەن ماخۇاتېڭ(马化腾) بۇندىن كېيىن 腾讯 تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن بىر سۇپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ دەپ جاكار سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا بېكىنمە ھالەتتىكى 腾讯 نىڭ زادى قانچىلىك قۇدرىتى باردۇ؟ دېگەن مەسىلە قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق بۇ پىنگىۋىن ئۇۋىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى…
2009-يىلىدىكى ستاتسىكىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يىلىدىكى تېڭشۈننىڭ تىجارەت كىرىمى 12 مىليارد 440 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنى سكونتقا سۇندۇرساق، ھەر سكونتلۇق كىرىم 394.5 يۈەن ئىكەن! ئەلۋەتتە ھازىر ئېنىقلا بۇ ساندىن خېلى پەرقلىنىشى مۇمكىن!
QQ نى ئاكتىپ ئوينايدىغانلارنىڭ سانى 636 مىليون 600 مىڭ.
QQ空间 نى ئاكتىپ ئوينايدىغانلارنىڭ سانى 481 مىليون 200 مىڭ.
تېڭشۈننىڭ توردىكى مۇلازىمەتلىرىگە ھەق تۆلەپ مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىدىغانلارنىڭ سانى 67 مىليون 300 مىڭ.
تېڭشۈننىڭ يانفوندىكى مۇلازىمەتلىرىگە ھەق تۆلەپ بەھرىمان بولىدىغانلارنىڭ سانى 25 مىليون 300 مىڭ.
(يۇقارقى ستاتسىكا 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
بىرلا ۋاقىتتا QQ غا چىققان ئەزانىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتى 127527452.
«开心农场» ئويۇنىغا سەپلەنگەن مۇلازىمېتىر سانى 4000.
ھەر كۈنى 腾讯 نىڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللىنىدىغان رەسىم سانى 100 مىليون پارچىغا بارىدۇ.
تېڭشۈن سۇپىسىنىڭ 18 مىليارد يۈەن كىرىمىنىڭ ئىچىدە، 60% تىن كۆپرەكى ھەمكارلاشقۇچىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 4 مىليارد يۈەن پۈتۈنلەي ھەمكارلاشقۇچىلارغا تەۋە، باشقا 6~7 مىليارد يۈەن ھەر خىل نىسبەتلەر بويىچە قارشى تەرەپكە تەقسىملەپ بېرىلىدۇ.
تېڭشۈننىڭ تور ئويۇنلىرى كىرىمىنىڭ 60% تىن كۆپرەكى ھەرقايسى ئويۇن تۈزگۈچى ۋە ۋاستىچى شىركەتلەردىن كېلىدۇ، سىمسىز مۇلازىمەت كەسپىدىن كىرگەن كىرىمنىڭ 90% ى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بىلەن يېرىمىدىن ئۈلۈشىلىدۇ.
腾讯 نىڭ ئاساسلىق پايچېكى 34.38% پاي ھوقۇقىغا ئىگە MIH(تەپسىلات) بولۇپ، 11.18% پايچەك 马化腾 نىڭ قولىدا، 3.67% پايچەك 张志东 نىڭ قولىدا.
(يۇقارقى سانلىق-مەلۇماتلار 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگە بولغان ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
腾讯 شىركىتىنىڭ 12000 نەپەر خىزمەتچىسى بار، ئوتتۇرىچە يېشى 26.8 ياش، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان خېلى ياش شىركەت دېيىشكە بولىدۇ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى]
- ھالقىلىق ســــۆز: QQ، شىركەت، كىرىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-big-is-tencent.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > QQ خەلقئارا International نەشىرى، QQ ئېلانلىرىدىن زېرىكتىڭىزمۇ؟
- كېيىنكى يازما > «QQ مەركىزىم» دىن QQ يېشىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى رەسمىي ھالدا ئېچىۋېتىلدى
- ئالما ئىمپىرىيەسىدىكى سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار
- مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس(Bill Gates) نىڭ ھاياتىغا قىززىقامسىز؟
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- تورخۇماردىكىلەر بارمىغان مۇشۇ نوكىيا قالدىغۇ دەيمەن؟ قېنى ئەمىسە NOKIA نىڭ ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسىغا مەرھەمەت!
- تېز كېلىڭلار! دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى…
- نېمە ئۈچۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمايدۇ؟
- QQ 2012 Beta1 نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- رىۋايەتلەردىكى «ئالمىچى بوۋاي» – سىتيۋ.جوبز زادى قانداق ئادەم؟
- 腾讯 شىركىتىنىڭ CEO سى 马化腾 نىڭ 50 مىليونلۇق ھەشىمەتلىك داچىسىنىڭ سىرى!
- تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
腾讯 ئىمپىرىيسى !!! بۇنداق دېسە ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىدىكەن
جەمئىي پاينى قوشقاندا 49.23بۇلىدىكەنغۇ ؟ 50.77پىسەنىت پاي كىمنىڭ قولىدا ؟
ماخۇاتېڭنىڭ پاي ھوقوقى ئانچە كۆپ ئەمەسكەن دىسە
ماۋۇ ھىندى بۇرادەرلەرنىڭ ئىشلىگەن فانتازىيلىك كىنوسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار … يامان ئەمەستەك قىلامدۇ نىمە ؟
http://v.youku.com/v_show/id_XMjQwMjY5OTI0.html
نىمدىگەن قىززىق كىنو بۇ ؟
QQ空间 نى ئاكتىپ ئوينايدىغانلارنىڭ سانى fb نىڭكى بىلەن تەڭلىشەي دەو قاپتۇ !…. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىڭشۈن بۇ يىل خەلىقارلىق نۇسخىسىنى تارقاتتى …
MIH نىڭ قولىدىكى پاي پىرسەنتى 35.24% يىتىپ بولۇپتۇ ، بۇ ھىندىستاننىڭ شىركىتى ئوخشىمامدا ؟ FACEBOOK نى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئاچقىلى بولغان بولسا بەلكىم تىخىمۇ روناق تىپىشى مۇمكىن .
گېرمانىيەگە تەۋە شىركەتكەن .