QQ خەلقئارا International نەشىرى، QQ ئېلانلىرىدىن زېرىكتىڭىزمۇ؟
بەلكىم بازارنى كېڭەيتىش يۈزىسىنى ئويلاشقانلىقتىنمىكىن، 腾讯 شىركىتى يېقىندا خەلقئارا نەشىردىكى QQ قورالى – QQ International نى بازارغا سالدى. نۆۋەتتە، جۇڭگودا ئىشلەتكۈچى ئابونتى ئەڭ كۆپ يۇمشاق دېتال بولغان QQ، بەلكىم چەتئەلدىكى جۇڭگولۇق تورداشلارنىمۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ نەشىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسا كېرەك.
نۆۋەتتە ھەرقايسى مەشغۇلات سۇپىلىرىدىكى QQ International يۇمشاق دېتالىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، بىردەك ھېچقانداق ئېلان قوشۇلمىغان، نۆۋەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان QQ2010 نەشىرلىرىگە قارىغاندا، ئاساسلىق زۆرۈر ئىقتىدارلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئاددىيلاشتۇرۇلغان. ناۋادا، QQ نىڭ ئېلانلىرىدىن ۋە كېرەك قىلمايدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىدىن زېرىككەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا QQ خەلقئارا نەشىرى QQ International نى چوقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
QQخەلقئارالىق نەشىرى(Windows نۇسخىسى) | Mac نۇسخىسى | مەنبە: تورخۇمار | iPhone نۇسخىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى]
- ھالقىلىق ســــۆز: im، QQ، ئالاقە، پاراڭلىشىش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,441 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qq-international.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاجايىپ تاتلىق ۋە ئۇماق لايىھەلەنگەن بىر يۈرۈش 阿狸 ئىسىملىك QQ چىراي ئىپادىسى توپلىمى
- كېيىنكى يازما > 腾讯 ئىمپېرىيەسى زادى قانچىلىك كۈچلۈكتۇ؟ تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارغا دىققەت قىلىڭ!
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- يانفونخۇمارلىق كېسىلى – ئىشىكتىن چىققاندا ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇكى، يانفوننى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- QQ 2012 Beta1 نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- 腾讯 شىركىتىنىڭ CEO سى 马化腾 نىڭ 50 مىليونلۇق ھەشىمەتلىك داچىسىنىڭ سىرى!
- Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاش ئۇسۇلى(رەسىملىك)
- RoboHash – ئىسمىڭىزغا ئاساسەن ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان ماشىنا ئادەم شەكىللىك باش سۈرەت ھاسىل قىلىش
- ئالدامچىلار بىكار تۇرماپتۇ! QQ دىكى يېڭى ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
- iPad ،iPhone قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە Google Sync ئارقىلىق ئالاقە دەپتىرىنى ماس قەدەملەش دەرسلىكى
- QQ2011 Beta3 ئېلان قىلىندى، بىر قانچە QQ غا تەڭلا تىزىملىنىش، يېڭىچە تور دېسكىسى قاتارلىق يېڭىلىقلار…
ئاجايىپ ئىش، 我下载试一下,几天我第一个到了,呵呵
ما بالا نىمە دىمەكچىدۇ ؟ پەقەت چۈشۈنمىدىمغۇ مەن
ياخشىمۇسىلەر دوسلار ئۇخلىماي تورغا چىققاننىڭ پايدىسىنى بۇگۇن كۆردۇم،دىۋان ماڭا قاپتۇ ئەمەسمۇ؟~!
دىۋان تالىشىدىغان ئىش ئەمەلدىن قالغىلى نە ۋاخ!!!!
قىززىق گەپ قىلدىڭىزدە بۇرادەر…
‹‹بىر چاغلاردا بىزمۇ دىۋان تالاشقان›› (ئاپتورى ئۇيغۇر بەگ)
ھازىر قىرىپ قالدۇق
ئەسلى قائىدىدە دىۋاندا قېرىلار ئولتۇرسا توغرا بۇلاتتى … ماۋۇ ئۇششاقلار نىمە ساقال تارايدۇ دەيمەن مەندەك چوڭ سۈپەت بولسا بولمامدۇ پەگادە قالسىمۇ
ۋايجان،ما سەھرالىق ئەمدى مېنىڭ ھېكمەتلىك سۆزۈمنىمۇ بوش قويماپتۇيا!
ئەل ئۆمىرىمدە ئۆزۈمنىڭ دىۋانىدىن باشقا دىۋاندا ئولتۇرماپتىمەن … دىۋاننىڭ گىپى چىقسىلا تېما بىر يەردە قالىدۇ زادى .
ياش ئىدۇڭ دىۋان تالىشىپ يۈرگەندەبىز ،ئەمدى چوڭ بولدۇق مانا ،پەگالاردا قالدى ئىز ،پەگالاردا قاپتۇ دىمەڭ مۈكچۈيۈپ دىۋاندا سىز ،راھەت سۈرۈپ ياتتۇق مانا سۇزۇپ پۇتنى پەگادا بىز .
تىلىنى خەنچىگە ئۆزگەرتىشكە بولامۇ؟
بولىدۇ.
2009-يىلى بارئىدىغۇ دەيمەن؟مەن بىرمەزگىل ئىشلەتكەن،ھازىرچە ياپۇنچە،كورىئانچە(فىرانسوزچە بارمىدى؟)نۇسخىلىرى بار،مۇنداقچە دىگەندە 2009-نەشىرىنىڭ ئىنگىلىزچىسى بۇ
ئوباما ئىشلىتىۋاتقان كىيۇ-كىيۇ مۇشۇكەندە ئەسلى
خوجىنتاۋنىڭ جۈپ ماتكىسىنى كۆرگەنتىم قايسى بىر جۈپ ماتكا توپىدا~
بىر قىسىم بىزگە كېرەكلىك ئىقتىدارلىرىمۇ يوق بولۇپ كېتىدىكەن ئەمما،،،
بىزمۇ ئىشلىتەلەيدىكەنمىزدە ئېنگىلىزچە نەشىرىنى چۇشۇرۇپ ئېنگىلىزچەمنى سەل ياخشىلمىسام