ئالدامچىلار بىكار تۇرماپتۇ! QQ دىكى يېڭى ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
بۈگۈن مۇنبەر كۆرۈپ ئولتۇرسام QQ سايراپ كەتتى، قارىسام بىرسىنىڭ (قىز) دوستقا قوشقان ئۇچۇرى ئىكەن، ئۇنى قوشۇۋىلىپ تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇچۇر كەلدى…
قارشى تەرەپ: ياخشىمۇسىز.
مەن: ياخشى
قارشى تەرەپ: نىمە ئىش بىلەن ئالدىراش؟
مەن: قىلىدىغان ئىش يوق، مۇنبەر ئارىلاپ دېگەندەك…
قارشى تەرەپ: (ئىنكاس يوق)
بىردەمدىن كېيىن:
مەن: سىز مېنى تونۇمسىز؟
قارشى تەرەپ: ياق تونۇمايمەن.
قارشى تەرەپ: قىلىدىغان ئىش يوق، ئۇخلىيالماي…
مەن: (ئىنكاس يازمىدىم)
قارشى تەرەپ:ھازىر تورغا (QQ空间) چىقارغان سۈرەتلىرىم بار ئىدى، كۆرۈپ بېقىپ باھا بەرسىڭىز،بەك ياخشى دىگۈدەكمۇ ئەمەس…
ئاندىن مەن ئۇنىڭ بوشلۇقىنى (QQ空间) ئاچسام، ھەممە ئالبومىغا شىفىر كىرگۈزىۋاپتۇ(ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بىر ئۇلىنىشقا ئۇلانغان رەسىم ئىكەن)
مەن: سۈرەتلىرىڭىزگە شىفىر كىرگۈزۈكلۈككەن، شىفىر قانچە؟
قارشى تەرەپ: مەن ئۇنى ئۆزەم لايىھىلىگەن، بوشلۇققا (QQ空间) كىرسىڭىزلا كۆرەلەيسىز.
بۇ توغرا ئەمەسقۇ؟ مەن بوشلۇقنى (QQ空间) ئۆزۈمنىڭ QQ سى ئارقىلىق ئاچقان تۇرسام، يەنە نىمە دەپ كىرىمەن؟ ئۆزى ئاپتۇماتىك كىرىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئاۋال سىناپ باقايچۇ، دىگەندەك خىياللار بىلەن ئۇنىڭ بوشلۇقىدىكى ئالبومدىن بىرنى چەكسەم ھەقىقەتەن QQ بوشلۇقىنىڭ كىرىش كۆزنىكى ئېچىلدى.(تۆۋەندىكىدەك)
توغرا، ھەقىقەتەنمۇ QQ بوشلۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىكەن، ئۇنداقتا كىرىپ كۆرۈپ باقاي دەپ QQ نۇمۇرۇمنى، شىفىرنى ۋە دەلىلىلەش كودىنى كىرگۈزۈپ بولۇپ ‹‹كىرىش›› كونۇپكىسىنى باساي دەۋاتقان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بۇ كۆزنەكنىڭ ئادرىس ستونىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، نىمە؟ بۇ نەدىمۇ QQ بوشلۇقىنىڭ ئادرىسى بولسۇن؟ ئۇ ئەسلى ئالدامچىكەندە؟ (رەسىمدىكى ئادرىس ستونىغا قاراڭ)
شۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىش كۆزنىكىنى ئاچتىمدە ئۇنىڭغا:
سەن مۇشۇنچىلىك كىچىككىنە ھۈنىرىڭ بىلەن تېخى مېنى ئالدىماقچىمۇ؟ سەن باشقا ئادەمنى تېپىپ ئالدىرىماي ئالدىۋال… دەپ يېزىپ ئەۋەتىۋەتتىم (ئەلۋەتتە ئۆزۈم بىلىدىغان خەنزۇچە ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئۇنى تىللىدىم) ھەمدە 腾讯 شىركىتىگە ئىنكاس قىلدىم.
ئاخىرىدا تورداشلارغا دەيدىغىنىم: مۇشۇنداق نامەلۇم كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار،گەرچە QQ نۇمۇرىنى يۈتتۈرۈش ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، ناۋادا نامەلۇم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا ئۇ چاغدا ئاۋارىچىلىق!!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى,تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: QQ,ئالدامچىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qq-aldamqi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > GIF رەسىمنىڭ رەزمېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدىغان ھەقسىز كىچىك قورال – GIF Resizer
- كېيىنكى يازما > ھەپتىدە بىر MV دىن ھوزۇرلىنىش: ئەڭ ياخشى ناخشا بولۇشى ناتايىن، بىراق چوقۇم يۈرەك تارىڭىزغا تېگىدۇ!
مىنىڭ چ چ رىمغا بىرەسىنىڭ كۈزىمۇ چۈشمىگەن چېغۋا
خەقنىڭ كۆزى نومۇرىڭىزغا چۈشەمتى. نومۇرىڭىزنى ئوغرىلاپ تونۇشىڭىزنى قويغىلى پىلان سوققان گەپ.
ئاڭلىدىلىمۇ ما گەپنە؟! بىلىۋاسلا جۇما؟!
مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى
teddy سىزگە دىدىم … چىمەننىڭ كەينىگە ئاز كىرىڭ دەپ … ئاز قاپسىز مانا ….
مەنمۇ نەچچە رەت بۇ ئىشقا يۇلۇققان .لىكن مەن بۇنداق ئالدامچىلقنىڭ بارلىقنى بىلمەيدىكەنمەن.
نېمە جىق ؟
بىكارلىق چ چ جىق !
نېمە قىلىدۇ بىكارلىق نەرسىنىمۇ تالىشىپ ئادەمدىن ….
مۇشۇنىڭغا كاللىسىنى ئۇپىرىتىپ يۈرگەندىن كىيىن ئۆتۈپ كەتكەن چۈپەي بىر ئوغرى ئوخشايدۇ …
بۇ توربەتتە ساپلا باشقا يەردىن يىغىۋالغان ئەسكى-تۈسكىلەر باركەنغۇ؟ ئاندا بىكارچى بولۇپ كەتمەڭلا باللا،
ئەمىسە 2-كىرمەڭ جۇما…
گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تونۇمىساڭ نېمە پايدا ؟!
كۆز دىگەن كامار نېمە ، كۆرمىسە بىكار نېمە دەپتىكەن چوڭلار !!!
ئىككى ئىسىمدا كىرىپ مازلاشقۇچە 5 موچەنلىك بىبابو ئىلىپ چايناپ زېرىككەندە ئىسىلىۋالماي ………….
مەنمۇ ئالدىنقى كۈنى ئويۇن ئويناۋاتسام 美女دىن بىرسى مېنى ئۇستاز تۇتىۋالدى، كىيىن 当我老公吧دەيدا؟ ئالە شەنى… كۈلۈپ كېتىپ:
- قانداق دەيسەن دېسەم،
- سەن مېنى ياراتمايۋاتىسەن،بولمىسا سۈرىتىمنى كۆرۈپ باق… دەپ پىنگىۋىننى قوشۇۋالدى، ھە دېسەم بىرتال پىرىسلانغان ھۆججەتنى ئەۋەتىپتۇ، نېمەڭ بۇ؟ دېۋىدىم،
- مېنىڭ سۈرىتىم دەيدۇ، شۇنداق قىلىپ:
-قارا مېنىڭ نومۇرۇمدا ھېچنىمە يوقتى، ئادەمنى خېجىل قىلما، 装备،游戏币 لازىم بولسا بېرەي، لىكىن نومۇرۇمنى ئوغۇرلاپ بولۇپ مېنى تىللىساڭ مەن بەك خىجىل بوپ كېتىمەن… دېۋىدىم غىڭ قىلماي يوقالدى، ئاندىن ئويۇندىن چېكىنىپ، ھېلىقى پىرىسلانغان ھۆججەتنى مۇنداقلا ئېچىپ باقسام ئىچىدە بىر تال exe شەكىلدىكى ھۆججەت تۇرىدۇ، نەق تىرويا ئىكەن دەپ بىلدىم، ياكى كۆك كەپتەرغۇ دەيمەن…. ئىشقىلىپ ماڭا ئوخشاش ئويۇنچىلار مۇنداق ياكى ئۇنداق خانقىزلانىڭ دامىغا چۈشۈپ ئېناۋىتىڭلارنى تۆكۈۋالماڭلار
قاقۋاش سەرالىقتە بۇ…
ھى ھى ھى يېقىنياقى بىر ئوغىرى چ چ رېمنى ئۇرۇمچىدە ئاچىدىغان بوۋالدى .باشقا نەسەمگە يۇقمايدۇ ،欢乐豆رۇملا يوق.ھى ھى ھى .بۇ ئوغۇرنى زە…
مەن بىرقىتىم توردىن 穿衣火线 نىڭ 外挂 سىنى چۈشۈرگەنگە تويغان. لىكىن ماۋۇ تىمىنى باشقا مۇنبەردە كۆرۈپ بوپتىكەنمەن، بۇ ئىش تەدبىركار نىڭ بىشىغا كەلگەن ئىشمۇ يا كۆچۈرۈلمىمۇ؟
ھەجەپ زېرىكمىدىڭىز
ئەلشات دىگەن لاۋزا گۇي!
ئۇستام، ماۋزۇسىنىڭ قېشىغا مەنبە «بىلىك كۇلۇبى» دەپ يېزىقلىق تۇرىدا…
ھەۋەسكار گىپىڭ بولسا مەن بىلەن ئايرىم كۆرۈش، مانداق ئادەم كۆپ يەردە لاۋزا گەپ قىلمايمىز، ئاتا ئاناڭ ساڭا ئەخلاق دىگەن نەرسىنى ئۈگەتمىگەنما. گىپىڭ بولسا مانا چ چ نۇمۇرۇم.464243056 مەن ھەرۋاقىت تەييار توردا با
مەن يەنە مۇنداق گەپنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم، بىلمەسلىك ئەيەب ئەمەس ، سورىماسلىق ئەيىب دەپ، ھازىر بۇ جەمىيەتتە بۇ سۆز دەل شۇنىڭ ئەكىس رولىنى ئوينامدۇ نىمە؟
قورققان ئاۋال مۇشت كۆتۈرەر دىگەندەك قىلىپ كەتكەنلىرىنى مانىڭ كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرۇپ، بېرىپ ئۇسلۇبىڭنى ئوينىغىنا! ئادەم كۆپ يەردە لاۋزا گەپنى قىلىۋېرىپ تەدبىركارمۇ چىدىماپتۇ قارا ئانىڭغا!
بىر مۇدھىش پۇراقنى سەزدىم…
قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دىگەن گەپ با.
بەزەنلەر يەنە شۇ بۇرۇنقىدەككەن.
ھازىر بۇ ئالدامچىلار ئەمدى QQ بوشلۇقىدىنمۇ پايدىلانغىلى تۇرۇپتۇدە.
شۇنى دىمەمدىغان مەنمۇ شۇنداق ئالدىنىپ قالغان لىكىنزە بۇتىمىنى بەك كېچىكىپ كۇرۇپ قاپتىمە ھەي نۇمۇسسىز ئوغرى بوشلۇقۇم بىلەنلا قالدى دىسە ۋۇ نۇمۇسسىز ئەبگالا
ئوغرىلارنىڭ ھۈنەرلىرى قالتىسلىشىپ كەتتى جۇمۇ!
باھا سۆزلىرىنى كۆرۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم.توغرا ھازىرقى جەمئيەتتە بىرسىگە قىلغان ياخشىلىقنى تونۇشمۇ بىر قابىليەت ھېساپلىندۇ.مەن سىزنى قوللايمەن،داۋاملىق دوسلۇق قولىڭىزنى سۇنغايسىز!