سىز ئويناپ باقمىغان ئاجايىپ موگو ئويۇنى، ئويناپ تۈگىتەلىگىنىڭىزنى مەن بىر كۆرەي!!!
مۈشۈكسىمان موگو ئويۇنى بولسا، موگو ئويۇنىنى ئېچىتىپ ياسالغان بىر خىل ئويۇن. قىزىقارلىق ھەم ئاجايىپ ھەزىل لايىھەلەنگەن. سىز ئويناش جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئويۇن تۈزگۈچىنىڭ لاۋزىلىقىدىن قاقشىسىڭىز، بىر تەرەپتىن ئاجايىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆتكەللەرگە قاراپ كۈلۈپ كېتىسىز. دەل شۇ سەۋەپتىن، بۇ ئويۇن موگو ئويۇنىنى ياقتۇرىدىغانلار چوقۇم ئويناپ كۆرۈپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر ئويۇنغا ئايلانغان.
ئويۇننى ئويناش ئۇسۇلى:
Enter ئارقىلىق باشلايمىز، 2 دىن 8 كىچە ئۆتكەل تاللاش، 0 ئارقىلىق خالىغان ئۆتكەلگە كىرىش، Z كۇنۇپكىسى ئارقىلىق سەكرەش، بوشلۇق كۇنۇپكىسى ئارقىلىق سۈرئەت تېزلىتىش مەقسىدىگە يېتىشكە بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر:
Windows Vista/7 سېستىمىلىرىدا بەلكىم Microsoft AppLocale نى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، ئويۇننى تۇنجى قوزغاتقاندا ئاپتوماتىك قاچىلايدۇ، ناۋادا بۇ مەشغۇلاتلارغا پىششىق بولسىڭىز، بىۋاستە ئويۇننى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
مۈشۈكسىمان موگو | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، قىزىقارلىق، ھەجۋى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,034 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bt-mario.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > NFS ئائىلىسىدىن يەنە بىر يېڭى ئەۋلاد ئويۇن : Need For Speed: Shift 2 Unleashed
- كېيىنكى يازما > كۆرۈنمە يۈزى ئەڭ ئېسىل دەپ تەرپلىنىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى : تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
بۇگۇن تور خۇماردا تۇنجى ئىنكاسىم بىلەن دىۋان نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ ، ئويناپ باقاي ، تور خۇمارنىڭ ھىچ بولمىسا تىمىلىرىنىڭ ماۋزۇسىنى كۇرۇشمۇ ئۆزگىچە ھۇزۇركەن ، رەخمەت .
مېنىڭ ھېچقايسى كومپىيۇتېرىمدا بۇ ئويۇننى قوزغاتقىلى بولمايدىكەن… pc دىن بېرنى تەييار قېلسام بولغۇدەك.
جىڭ لاۋزا ئۇيۇنكەن….1-مەيداندىن چىقىش مۇمكىن ئەمەسكەن!~بىر سائەت بولىدى مەن ئوينغىلى ….
بايراقنى ئېلىپ بولسمۇ يەنىلا ئۈلۈپ قالىدىكەن!~~~`
لاۋزا ئۇيۇنكەن
تەدبىركار دەپتۇغۇ بۇ لاۋزا ئۇيۇن دەپ.بۇ موگو دىگەن ئاداشمۇ يوقاپ كەتتى،بۇرۇن ئوينايدىغان،ھازىر تازا خوش ياقمايدىكەن.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ئوينىماسلىق قارارىغا كەلدىم
راس لاۋزا ئويۇنكەن بۇ ، كىم جىق ئۆلسە شۇ نوچى ئوغشايدۇ
سىنى بارمۇ ئوينىغانلا؟
بىرىنچى يولدىن ئۆتۈپ باققانلار بارمۇ؟
بىرىنجى ئۆتكەلدىن ئۈتۈپ ھىچ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچالماي ئارقا ھويلىغا كىرىپ باقسام چاشقان تەشكەن كامار ئوخشايدۇ يوغۇن تۆشۈك بار ئىكەن ، بولدىلا دەپ شۇ يەرگىلا كىرىپ كەتتىم .
مەنمۇ بولدى قىلاي ئاجايىپ ئىنكاسلار چۇشۇپ كىتىپتۇ بۇ جايغا
چۈشۈرۈش ئادىرىسى چىقمىدى
بىر نىمىلەرنى قىلىپ 3-مەيدانغا چىقسام تاقلايدىغان بىر يەرلىرى باركەن، ئارىلىقى يامان يىراق، سەكرىيەلمەي خالاغىلا چۈشۈپ كېتىۋاتىمەن.
2-مەيداندا موگۇ دېگەندەك نەرسىنى يەپ سالسىڭىز كارامەت يوغان دىۋىگە ئايلىنىپ قالىدىكەنسىز، ئەمما يەر كۆتىرەلمەي يېرىلىپ يەنە شۇ ئۆلىدىغان گەپكەن
ھا ھا ھا ھا
مەن تۈگەتتىم، سىننى تەييارلاپ يوللاپ بېرەي.
مۇكاپاتقا تورخۇماردا ئىككى ھەپتە دىۋاندا ئولتۇرسام بولا
قالتىسقۇ؟!
ما ئوياندىن پەستىكىلەرنىڭ ئىنكاسى قىززىقمۇ نىمە؟
بۇ ئويۇننى ئوينسىمۇ ‹ گوڭ› كۆتەمەمدۇ نىمە؟