ئېلىمىز جۇڭگودىن يىراق قىرلارغا يېتىپ كەلگەن سېھىرلىك قاتتىق دېسكا…
بۇ ئىش ئېلىمىزدىن يىراق بولمىغان روسىيە چېگرا رايونىدىكى مەلۇم كىچىك بازاردا يۈز بەرگەن. بۇ كىشى بىر قاتتىق دېسكا رېمونت قىلىش مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بىر كۈنى بىر خېرىدار بۇزۇلغان 500G لىق كۆچمە قاتتىق دېسكىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن، بۇ سىرلىق قاتتىق دېسكا قارشى قىرغاقتىكى جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، باھاسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىكەن. بىراق بۇ دېسكىنى ئىشلىتىشتە يەنە بىرئاز نورمالسىزلىق بار ئىكەن…
يەنى سىز بىر كىنونى بۇ ياندېسكىغا كۆچۈرسىڭىز، پەقەت بۇ كىنونىڭ ئەڭ ئاخىرقى 5 مىنۇتلۇق يېرىنى قويغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ رېمونتچى دېسكىنىڭ ئىچىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقماقچى بوپتۇ ۋە ئېچىشى بىلەن تەڭلا قاتتىق ھەيران قاپتۇ، ھەتتا پۈتكۈل رېمونتخانىدىكىلەرمۇ كۆرۈپ يەردە دومىلاپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇلار بۇنداق ياندېسكىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن…
بۇ ياندېسكا بىر دانە 128MB لىق بارماقدېسكا ئۆزىكى ۋە ئىككى دانە چوڭ ۋىنتىدىن قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى دانە چوڭ ۋىنتىنى قوشۇپ قويۇشتىكى سەۋەپ، دېسكىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ باشقىلارغا ھەقىقى ياندېسكىدەك تەسىر بېرىش ئىكەن. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ ياندېسكىنى كومپيۇتېرغا چاتقاندا ئومۇمى سىغىمى نورمال كۆرۈنىدىكەن، خېرىدارنىڭ ئېيتىشىچە، ساتقۇچى تەرەپ ئەينى چاغدا ياندېسكىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىكەن ھەمدە تېخى ئاتايىتەن ئىككى دانە ھۆججەت كۆچۈرۈپ كۆرسىتىپ قويغان ئىكەن، ئىشىنىمەنكى بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقانداق ئەستايىدىل خېرىدارمۇ ئالدانماسلىقى ناتايىن.
ئەمەلىيەتتە بۇ قاتتىق دېسكا ئىزچىل «looped» خىزمەت ھالىتىدە بولۇپ، بۇ ھالەتتە، ئادەتتە چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەت كۆچۈرگەندە، ناۋادا بوشلۇق يېتىشمىسە، ئاپتوماتىك ھالدا بېشىدىكى سېكتورغا يېزىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ئورنىغا يېزىپ كېتىۋېرىدۇ. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن پۈتۈن بىر كىنونىڭ پەقەت ئاخىرقى 5 مىنۇتلۇق يېرىنى كۆرگىلى بولۇشنىڭ سەۋەبى.
جۇڭخۇا تالانت ئىگىلىرى ئارىسىدا قىستىلىپ ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇشۇنىڭدەك ھەر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىدىن ساقلانماق تولىمۇ تەس. تورداشلارنىڭ يەنە باشقا ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى بولسا تارتىنماي ئورتاقلىشىشىنى قارشى ئالىمەن. ئاخىرىدا كۆپچىلىككە يەنە بىر «ئالىي دەرىجىلىك بارماقدېسكا» قالدۇراي…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالدامچىلىق، بارماقدېسكا، قاتتىق دېتال، ياندېسكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,368 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: magic-harddrive.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئامېرىكا ئەلباشى ئوباما لادېننىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلاپ بولۇپ خۇشاللىقىدا موللاق ئېتىپ كېتىپتۇ…
- كېيىنكى يازما > قىز دوستىغا Iphon ئېلىپ سوۋغا قىلغاننىڭ نەرى خاتا؟ ياخشى نىيەتلىك تورداشلار مەسلىھەت بېرىڭلار!!!
- توردىن ئىككى دانە ئالما تېلىفونى سېتىۋېلىپ، ئىككى تال ئالما تاپشۇرۇپ ئالغان قىزچاق
- كۆپ ئۇچرايدىغان يانفون ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا
- 21- ئەسىردىكى ئون چوڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى ئالمىنىڭ ئىكەن…
- ئاستىلىتىلغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق سىزگە قاتتىق دېسكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قانداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي
- كومپيۇتېرنىڭ ئەسلى زاپچاسلىرىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان ئاجايىپ نەپس دۇنيا خەرىتىسى!
- Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ رايونغا ئايرىش قورالى – EASEUS Partition Master
- 小米 يانفونى ئالماقچى بولغانلار دىققەت! 小米 يانفونىنىڭ زاۋۇت نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇش
- ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ: iPhone4 ،iPhone4S ۋە Galaxy SII لارنى ئىقتىدار ۋە سۈرئەتتە سېلىشتۇرۇش
- ئالدامچىلار بىكار تۇرماپتۇ! QQ دىكى يېڭى ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
ھەي!! جاھان زادى قۇۋنىڭ بولۇپ كەتتى جۇما!!
بۈگۈن قاتتىق بىرنى كۈلۋەتتىم مانا
ۋاي توۋۋا نىمىش بوپ كەتتى ، مۇندامۇ ھەنەر باكەندە ………..
تالانت دىگەن بار يەردە بار جۇمۇ
ئاۋۇ ئاستىدىكى U盘 نى مەن ئۆتكەندە تەدبىركارغا سېتىپ بەرگەن ، تەدبىركار زىيانغا چىدىماي بىلوگىغا يوللاپ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بوپتۇ-دە .
ئاۋۇ قاتتىق دىسكىنىڭ شەكلى مىنىڭكىگە ئەجەپ ئوخشايدىكىنا … مەنمۇ ئىچىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسام بولامدۇ نىمە ؟
مەن قايسى كۈنى تەييار يان دىسكىغا ئىشەنچ قىلالماي ئۆزەم قوراشتۇردۇم.
توۋا قوۋلۇقىنى ما خەقنىڭ !
سامسوڭنىڭكەنغۇ؟ ھاھا……..
مەنمۇ بىرنى ئالاي دەپ تۇراتتىم، تېخى!
مەنمۇ لەپتوپنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى ئالماشتۇراي دەپ ئولتۇرغان، ئەھۋالدىن قارىغاندا كونىسىنى قانداق قىلىش ھەققىدە ئامال تاپقاندەك تۇرىمەن.
ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۆزى كۆرۈپ ئالغانغا يەتمەمدىكەن دەيمەن…
ئاۋۇ بارماق دىسكا بەش مو!
يووو بۇلار كاللىسىنى ياخشى ئىشقا ئىشلەتمەي ئادەم ئالدايدىغانلام ئىشقا ئىشىلىتىدا زادى … ھەي ھەي ھەي
بۇنداق ئېشلار تىخى ئاز ئەمەس…بۇتىمىنىڭ رەسىمىنى كۆرۇپ ‹سامسۇڭ›نىڭ ياندىسكىسىنى ماختايدىغان ئوخشايدۇ دەپ،كۆرگۈم كەلمىگەندى.لىكىن …كۆرۇپ…راسلا خۇش بولدۇم.ھى ھى ھى …‹سامسۇڭ›نىڭ ياندىسكا ئىشلەش ساھەسىنى 4 – ئايدا ‹سىگەيىد›سىتىۋالدى.مىنىڭ ياندىسكامنىڭ ماركىسى دەل‹سىگەيىد›.
مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشنى بىلىدۇ بۇ گۇيلا
بۇ دىققەت قىلغۇدەك ئىش ئىكەن جۇما باللا، لېكىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى سىغىمىنى يوشۇرۇش جەھەتتىكى ئىشلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
مەن ئۆتكەندە بىرسىدىن ھازىر بازارلاردىكى يان دسكىلارغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، يېڭى دېسكىنى تاپماقنىڭ تەسلىكىنى ئاڭلىغان .
شۇڭا يان دىسكا سېتىۋالغاندا DVD كىنودىن20 -10 نى ئىلىپ بىرىپ:« مۇشۇنى كۆچۈرۈپ بەر ، كۆچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن ئالىمەن» دېسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ .
مەنمۇ بۇرۇن 8 گىگا بايىتلىق بارماق دىسكا سېتىۋالدىم دەپ 2گىگا بايىتلىق بارماق دىسكىنىڭ كېڭەيتىلەن نۇسخىسىنى ستېۋاپتىكەنمەن
بىريىلدىن كېيىن ئاران سەزدىم ،بۇلۇپمۇ دوسلارنىڭ سوني ماركىسىدىكى بارماق دىسكىنى سېتىۋالماسلىىقنى ئۈمۈد قىلىمەن ،كىىيىن 2كۈن چېپ يۈرۈپ ئاران ھەقىقىي نۇسخىدىكى 4گىگا بايتلىق بارماق دىسكا ئالالىدم ئەلۋەتتە 3قېتىم ئالسام ئىككىسى ساختا چىقتى 3-بارماقدىسكا جىڭ چىقتى ،ئەڭ ياخشىس سىخىم تەكشۈرگدىغان يۇمشاق دىتال بىلەن تەكشۈرۈپ ئېلىڭ !
ۋاي خۇدايىمەي… ئاۋۇ قاپ مىنىڭ كۆچمە يان دىسكامنىڭ قىپىغا ئوخشايدىكەن…تاس قالدىم جۇمۇ چۇۋۇپ باققىلى…
مېنىڭ 原装 كەن ئەمەسمۇ؟
مەن مۇشۇ ماركىنىڭ بارماق دېسكىسنى ئېلىپ ئالدانغان .
بارماق دىسكىدىكى loopedھالەتنى قانداق بۇزىمىز؟
U盘looped模式如何解
ھى ھى ھى ھى ئەقىللىق ھە ھازىر ئادەملە باشقا يەرگە ئىشلەتمىسىمۇ پۇلغا كەلگەندە ئالامەت ئىشلەپ قۇيدۇ ……. ھە راس دۇ مېي تىې كا ‹ساقلاش كارتىسى › ئىشلەتمەپتۇ خۇداغا شۆكرى
بۇ نىمىلە پۇل دىسە يۈزىنى ساتىدۇ