قىز دوستىغا Iphon ئېلىپ سوۋغا قىلغاننىڭ نەرى خاتا؟ ياخشى نىيەتلىك تورداشلار مەسلىھەت بېرىڭلار!!!
بىرەيلەن قىز دوستىغا iPhone سېتىۋېلىپ سوۋغا قىپتۇ، بىراق كۈتۈلمىگەندە، ئىككىنچى كۈنى قىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. بۇ قىزنىڭ نېرۋىسىدا چاتاق بارمۇ ياكى يىگىتتىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتۈلدىمۇ؟ تۆۋەندە تەپسىلاتىنى يىگىتىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايلى…
تۆنۈگۈن قىز دوستۇم بىلەن تونۇشقانلىقىمىزنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى، ئالدىنقى كۈنى قىز دوستۇمدىن نېمىنى ياقتۇرىسىز دەپ سورىسام، ئۇ iPhone 4 دەپ بىر يانفون چىقىپتۇ، شۇنىڭغا بەك ئامراق بوپ قالدىم دېدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا يانفون بازىرىغا چاپتىم. قىز دوستۇمنى بىر خۇش قىلىۋىتەيچۇ؟
– خوجايىن، سىلەرنىڭ بۇ يەردە iPhone 4 بارما؟
– شۇنداق
– قانچە پۇل؟
– 420 سوم
شۇ ھامانلا ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. نېمە دېگەن قىممەت تېلىفون بۇ؟! يەنە ئويلاپ باقسام، مۇھەببىتىمىزنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىكەن، بوپتىلا، ئالسام ئالاي دەپ ئويلىدىم ۋە خوجايىندىن سورىدىم.
– ئەرزانراق بەرمەمسىز؟
– بالاڭزا، ماۋۇ دېگەن خەلقئارالىق ماركا جۇما؟! ھەقىقى ئالتۇن يالىتىلغان، 50 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدا ھېچنىمە بولمايدۇ، سترېئولۇق ئاۋاز ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقىرى، قىز دوستىڭىز سومكىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە سېلىۋالسىمۇ تېلىفون ئاۋازىنى ئاڭلىيالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز. ئىچكى سىغىمى ئالاھىدە چوڭ، 20000 دانە قىسقا ئۇچۇر پاتىدۇ، كۆكچىش، سىمسىز تورغا چىقىش، 3G تورىدا پاراڭلىشىش، ھەتتا تېلىۋېزور كۆرۈش، رادىئو ئاڭلاش ئىقتىدارلىرى بار تەڭداشسىز يانفون بۇ!
قىز دوستۇمغا ئالىدىغانلىقىمنى قانداق بىلىۋالدىكىنا؟ سودىگەر دېگەن مۇشۇنداق يامان خەق دېسە، بوپتۇ يەنە بىر تالىشىپ باقاي.
– بولسا ئەرزانراق بەرسىڭىز خوجايىن(ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدا خۇشاللىقىمدىن قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم، پەچچەت تېلىفونكەن جۇما؟!)
– ناۋادا بەك ئالغۇڭىز بولسا، بوپتۇ 350 كە بېرەي
– 300 سوم بېرەي، قانداق؟
– 300 گە كەم بولىدۇ ئۇكەم، بىزمۇ 300 دىن ئالالمايمىز
بۇ دۇكاندىن ئۆزۈم كۆزلىگەن باھاغا ئالالمايدىغانلىقىمنى پەملەپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم…دەل شۇ چاغدا خوجايىن چاقىرىپ قالدى.
– بولدى كېلىڭە ئۇكام، سىزگە بىرنى زىيىنىغا ساتقان بولاي، قىز دوستىڭىزنى بىر خۇش قىلىۋېلىڭە مېنىڭ باھانەمدە
تېلىفوننى قولامغا ئېلىپ خوشلۇقۇمدا سەكرەپ كەتتىم، ئەجەپ قالتىس بولدى!!! 256MB لىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفونغا، ئابلاجاننىڭ ئۇمماق ئۇمماق جانانىمدىن نەچچىسى پېتىپ كېتە ھە؟!! ھا ھا ھا!!! قىز دوستۇم چوقۇم خوشلىقىدىن ئىشتىنىغا سىيىۋىتىدىغان بولدىدە؟!
ئەمما كېيىنكى ئىشلار دەل ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە بولدى. تۈنۈگۈن تېلىفوننى قىز دوستۇمغا سوۋغا قىلغان چېغىمدا، ئۇنىڭ چىرايىدىن سەل خاپا بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۈگۈن تېلىفون قىلىپ ئايرىلىپ كېتەيلى دەيدۇ.
ئولتۇرغان كۆپچىلىكتىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، ئەجىبا مېنىڭ قىلغىنىم خاتامۇ؟ مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
تۆۋەندىكىسى مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان iPhone 4
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، تاغتۇرا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 24,002 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: magical-iphon.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئېلىمىز جۇڭگودىن يىراق قىرلارغا يېتىپ كەلگەن سېھىرلىك قاتتىق دېسكا…
- كېيىنكى يازما > بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى iPad 2 سېتىۋېلىش ئۈچۈن، بۆرىگىنى ھايانكەشلەرگە سېتىۋەتكەن…
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
ئاللا ما كارامەتنى
شۇنداق ياخشى قىپسىز تورداش . ئايرىلىپ كېتىڭ … چۈنكى سىز ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرىسىز . ھەقىقى سۆيگەن ئادىمىنى بەخىتلىك قىلىش كىنولاردىمۇ جىق چىقىدىغۇ …. سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسىڭىزلا ئۇ شۇنداق بەخىتلىك ياشايدۇ !
ئالامەت iPhone 4 تېلېفونكىنا بۇ، كارامىتىمۇ باركەن، بىر ئەركەكنى قىزدوستىدىن ئايرىۋەتكەنكىن، مەنمۇ بىرنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن جۇما
ئۇ قىزنىڭ نەزىردە مۇھەببەتنىڭ ئۆلچىمى مال-دۇنيا ئوخشايدۇ،سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە ھېلىغۇ نەچچە يۈز سوملۇق تېلفۇنكەن، ئاددىغىنە بىر نەرسە بولسىمۇ ئۇنى سىزنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى دەپ قەدىرلىگەن بۇلاتتى، بۇنداق قىزلادىن ۋاپا كەلمىكى تەس،
مىنىڭ مەسلىھەتىم ۋاقتىدا ئايرېلىپ كىتىڭ ،ئاللا سىزگە ئۇنىڭدىن ياخشىنى ئاتا قىلۇر
تېلفۇننى بېردىغان چاغدا ،سىزگە بولغان مۇھەببىتىم مۇشۇ تېلفۇندەك دىسە ، قىزنىڭ كۆڭلىگە تىكەتكەن چىغى با
قىزنىڭ كۆزى مال تونۇيدىكەن، 300 سوملۇق iPhone 4 نى سوۋغا قىلغاندىكىن، بۇ ئاداشمۇ تازا كالتە پەم ئوخشايدۇ
ئۇيغۇر تىكىن توغرا دەيدۇ…….
ھەي دەردىڭ! ئايفوننىڭ ساختىسىنى سوۋغا قىپتۇ دە ! رەسىمىدىن قارىغاندا….
لېكىن مال ساختا بولماي ئادەم ساختا بولسا ئۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ دە….؟
قىزلار ساختا مالغا ئالدانمايمىز ماندا………………..
سىزگە قارىغاندا تېلفۇننى بەكرەك ياخشى كۈرىدىغان ئوخشايدۇ بۇ قىز ~~~~~
بىراق يالغان نەرسە سوۋغا قىلغاندىن كىيىن ، خاتا چۈشىنىۋالغان يېرى با
ساختا مال دىگەن بىلەن ھازىرقى قىزلامۇ راستقا ئەمەس يالغىنىغا ئامىراق، بىرەسى يالغاندىن سۆيدۈم، كۆيدۈم، پىشتىم دەيدىغان بولسا…. بىزدەك ھەققى مۇھاببەتكە ئىنتىلىدىغان بىچارىلەر قالمىز بىرچەتتە، ‹‹ بىر قىز بالىنىڭ ئون تۇخىچىلىك ئەقلى يوق، ئەقلى بولسا شۇ توخىمۇ يەمدۇ پوق ›› ……
ما ئىنكاس قىززىپتۇ باللا
ھاي ھاي، تورخۇمار قىزلارنى توخۇخۇمار دەپ قاچۇرىۋەتمەڭلار يەنە
سىز ئىسىمنى ناھايىتى تاللاپ قويغانكەنسىز،«دۆت بالا» ئەپەندى، سەل «ئەقىللىق بالا » بولغان بولسىڭىز، «ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان قىزلار» سىزدىن ئاشماس بولغاي بەلكىم!
بۇ يۇمۇر خېلى بوپ قالىدىغاندەك ھە
256MB لىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفون ….. ھاھاھا …. راستلا بولىدىغان يۇمۇركەن
بۇ بالاڭزا توغرا قېلىپتۇ .قىزبالا ئەزەلدىن شۇنداق ئېلىپ بولغاندىن كېيىن تاشلايدۇ. ئەخلەت خانىغا تاشلاي دىغان قېزۋالىكەن ئۇ.
مەن تېخى قىز دوستۇمغا ھېچنىمە سوۋغا قىلماي تۇرۇپلا ئايرىلىپ كەتتۇق
بىرى ھىچنىمە بەرمەسلىك، يەنە بىرى ساختىسىنى بېرىش قىزلارنى ئوغۇللاردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
ئالەششەنى، سەھرالىق!…
ما يىگىتكە بەك ئەلەم بوپتۇ.ئاۋۇ قىز تۇزنى يەپ تۇزلۇقنى چېقىپ قۇيۇپتۇ ئەمەسمۇ..
مەنچە بۇ يىگىت بەك ئەقىللىق ئىكەن.ئەگەر راسنى ئېلىپ بەرگەن بولسا ،ئاۋۇ قىزى بالا ئەمەس بەلكى ئۇغۇل بالا ئىشتانغا سىيىپ قويدىغان چېغىۋا…
قىززىق
ئاللا – ئاللا……………..!
قىز يىگىتنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسا كېرەك، سوۋغا دېگەن كۆڭۈلنى ئىپادىلەيدىغان نەرسە، شۇنچە زىل كۆڭۈل ئىپادىلەشتە، ئاشۇنداق سەمىمىيەتسىزلىك قىلغاندىكىن، ئۆزىنىڭ شورى بۇ ئاداشنىڭ!
ئىم… تېكىن ھاجىم سىلىمۇ خېلى يۇمۇرلۇقكەنلا ، مەن تېخى گوركىي چىراي كۆرگەن سىلىنى
ئەمدى سەھرالىق بار جايدا ئانچە-مۇنچە يۇمۇر ئويناپ قويمىساق، گورگىيلىقىمىز ئاقماي قالمىسۇن يەنە!
سىلىمۇ شاھنىڭ تەلپىكىنى بالدۇر كىيىۋالغان بىلەن(تېكىن تۇرۇپ) ھەر ئىككىمىز سەھرالىق جۇمۇسلا
مەنغۇ دەل ۋاقتىدا كىيگەندەك قىلغانىدىم بۇ تەلپەكنى، مەن ئەسلىمدىن تانمايمەن، ئەمما سىلى گەپنى ئۆزلىرىگە ئېلىۋاپتىلا، ئەمەسمۇ؟
ئۇنداق ئەمەستۇ، قارىسام باشلىرىغا چوڭ كىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ شامال چىقسا چۈشۈپ كەتىمىگىيدى
خاتىرجەم بولسىلا، تەيفېڭ بورىنىدىن نەچچە قېتىم ساق ئۆتكەن تەلپەك بۇ، سىلى كاچۇڭنىڭ ئاددىي تەلىپىكىمىن دەپ قالغان ئوخشىمامدىلا
ئەمىسە باستۇرۇپ كىيىۋاپلىدە
دېگەن گەپلىرىگە قارىمامدىغان، سىلىنىڭ كۆپكۆك پۆپۈكلىرى بولمىغاندىكىن، باستۇرۇپ كىيىپ كەتمىدۇق
ئەدىبلەرگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ جۇما…
ئەمما ماۋۇ قالپاق چوڭ كېلىپ قالىدۇ، ھازىرچە «ئەدىبچاق» دەپ تۇرسىلا مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن.
ياقەي، باشلىرىدىكى قىشلىق بولسا ماۋۇ يازلىقى
كۆزلىرىنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ قاراپ باقسىلا، تەلپىكىمنىڭ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدىلا
مەيلى ئەمىسە، ئالدىراشلىقلار تۈگىگەندە بلوگنى ئېچىۋالسىلا،ھېلىمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى…
خۇدا خالىسا، ئاز كۈنلەردىن كېيىن، يېڭىچە قىياپەتتە كۆلبىلىرىگە پەتىگە بارىمەن
ھەزىرەتلىرىنىڭ چۈچۈك گەپلىرىگە ساقلايمەن ئەمىسە
ئوخخۇ~ مايە قىزىپ كېتىپتىدۇغۇ! بالدۇراق ئايرىلغىنى ياخشى بوپتۇ~~ ھە قانچە بولسىمۇ ئۇقماي ساختىسىنى سوۋغا قىلغانغا~ ئاشۇنداق قىپ كەتسە بولماس
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە خەق سىلى بىلەن بىزگە ئوخشاش، تېلفون، كومپيوتېر دېگەننى ئويناپ قويمىسا
ئالما ماركىلىق چامغۇر سوۋغا قىپتۇدە
بەك كەلگەن يۇمۇر بوپتۇ ماۋۇ
تورخۇماردىكى قىزلار شاش….
بۇنداق بولسا مەنمۇ ئايرىلىپ كەتكۈدەكمەن
ماۋۇ ئامال بولىدىكەن جۇما ، مەنمۇ بىر سىناپ باقاي
باشتا ئادەمنى ئويلاندۇردىغان، كېيىن كۈلدۈردىغان يازىمىكەن
ياشا مۇھەببەت
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئەخۋالغا يولۇققان ،我跟我的女友谈了两年,这过程中我花了N个手机的礼物,我连都
从来没有拥抱过她,因为她说yamanbolidu.虽然我跟她谈了两年真没有发现她有别的男朋友,她的另一个男朋友是司机.我是大学生.女友也是大学生,担不是一个学校,但是咱们学校离很近,她有两个手机我一个是跟打电话用另一个是她的司机老公用的.我们有一次约会她两个手机都带了,她的手机突然响起来了.她一接就对方骂了她一顿,我很生气的,然后我说谁呀?把电话给我,她不想给我手机,我强迫的拿了她的手机,她说把手机还给我,我没听她的话,然后对那个家伙说为什么骂人你有病吗?他说你谁呀,我说我是她的男朋友,他也同样的说他是她的男朋友,这时她对我说听我解释,我没听她的话走了,我把她的手机拿回学校来,然后给他打电话,问他到底是怎么回事,他所有的事情都给我说了,她花了司机的很多钱,他和她已经N上过床,这时极度喷怒,那天晚上我给她打电话说他所说的一切,她最终承认了,第二天她不敢我约会,我给她打电话说下贼,从此以后我没有见过她,不知道还有多少个女孩有这样?
你的女友也可能别的男朋友,
ساڭا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئاغىنە، ھەي! ئۇنداق قىزلارنى * تاشلىۋېتىدىغان گەپكەن
مېنىڭمۇ ئىككى ئوغۇل دوستۇم بار دېسەم، تورخۇماردىكىلەر دەسسىۋىتىدىكەندە مېنى ھەر نىمە بولسا بىرى بىلەن ئايرىلىپ كېتىپتىمەن
بۇ نداق ئېلانلاردىن بەكمۇ تويدۇم…ئالمىنىڭ ئىلان تورى بوپقاپتۇ بۇ….
تەدبىركارنىڭ باش سۈرىتىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟
دىققەت قىلغان بولسىڭىز مۇشۇنداق دېمەيتىڭىزدە…
سەھرالىققا قايىل بولۇپ ئون قولۇمنى قويۇۋەتتىمغۇ بىچارە تەدبىركارنىڭ باش سۈرىتىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدىڭىز- ھە !
تەلىيىڭىز باركەن، بىرسى مەن چىقىپ قالماپتىمەن. ئىشقىلىپ دەسسىۋەتمىسەممۇ بوش قويىۋەتمەيتىم
نەفىسە خېنىم،تەدبىركار ما ئىنكاسىنى كۆرىدىغان بولسا
ئەنقەر، راسىت ھىلىمۇ سىز بولۇپ قالماپسىز ….. لېكىن دەرھال قىز دوستىڭىزغا بولغان كۆزىتىشنى چىڭىتىڭ جۇما……بىر نىمە دەپ بولمايدۇ ….. (مەخپىي پاراڭ جۇمۇ ماۋۇ، قىز دوستىڭىغا دەپ قويماڭ يەنە ، بولمىسا ئا جا چىچىمنى يۇلۇۋەتمىسۇن)
سوغا قىلغنى ساختا iphone4بولغاندىكىن ئوغۇل دوستىنىڭ مۇھاببىتىمۇ يالغان ئوخشايدۇ دەپ ئايرىلىپ كەتكەن چېغى با….
خۇدايىم ساقلىسۇن دەڭا مانداق، تىلىڭىزغا تاش! ئۇنداق كۆزۈتۈپ دەككە-دۈككىدە يۈرگەندىن، قويىۋەتكەن ياخشى ئىشەنچ قىلالمايدىغان قىزلارنى، ماقۇ ماقۇ، دېمەي ،قىز دوستۇممۇ چېچىڭىزنى يۇلىۋەتكۈدىك ئۇنداق بىشەم ئەمەستى،
ئەمدى دەيمىنا …… ساقنى تاز دېسە كۈلكىسى كەپتۇ، تازنى تاز دېسە ئۆلگىسى كەپتۇ دېگەندەك چېچىمنى يۇلۇۋەتمىسۇن ئەمدى…..
قىزلارنى بوش كۆرمەڭ جۇمۇ ئەنقەرجان ۋەتتتت چاقچاق…
ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوخشىمامسىز، ماقۇل-تەمسىل دېگەننى دەپ قويدىكەنسىز ئون كىشلىك. ، بىر ئوبدان چىرايلىق قىزنى تاز دەپ، ھېلى باكا ئاچچىقىم گەپ قالدۇ جۇما :~~~
ئەدەبىيات ئوقۇمىساقمۇ دەپ قويىمىزغۇ بۇنچىلىكنى…. ئاچچىقىڭىز يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئاستا كەشىمنى توغۇرلاي جۇما…..
ئۆزىنى بىلگەن مېنىڭ ئالدىمغا باماپتۇ
شۇ، ئۆزىنى سورىغان شە سوراپتۇ، دەپ شە سورىغىلى كەتتۇق…
ۋاھ! ۋاھ..پاراڭلا قىزىپ كېتىپتىغۇ…..
ساراڭلار !!!!!!!!
ساقلار ساراڭلارنىڭ پارىڭى بىلەن تازا ئارىلىشىپ كېتەلمەپتۇ-دە
نەفىسە ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ماقال-تەمسىل كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇغان ئەنقەر ئەپەندى سىلە رىقابەتلىشىپ بۇلالمايسىلە
سادانىڭ ماختىغىنىغا مىڭ مەرتىۋە تەسەننا!!!!
ئەقىللىق قىزكەن، يىگىت ساختىسىنى پەرقلەندۈرەلمىگەن بىلەن قىز پەرقلەندۈرۈپتۇ. بىزدە بۇنداق قىزلاردىن قانچىسى چىقار؟…
بۇرۇن دىھقەت قىلماپتىكەنمەن…داڭلىق iphoneسەۋدايىسى‹تەدبىركار› iphoneدىگەن خەتنى iphonدەپ خاتا يىزىپ كويۇپتىكەن ئەمەسمۇ؟!…ھەي…
توۋا مۇنداقمۇ ئىشلار بۇلىدىكەن ھە… قىزلار نىمە بولۇپ كىتىپ بارىدۇ، زادى قىز بالىغا تىلفۇن تۇتقۇزمايدىكەن ئىشكەن…بولسا كىچىك چېغىدىلا ئەرگە بىرىۋەتسە قىزلارنى….
بلوگ ئىگىسىنىڭ تىلفۇنى ئايفون ياكى ئايفوننى بەك ياخشى كۆرسە كىرەك. شۇڭا ئايفون توغرىسدا ئۇچۇرلار كۆپكەن. مىنىڭچە ئايفوننىڭ ئۇنچە ماختىغۇچىلىكىمۇ يوق.
ئۇنداقتا، سىز دەپ بېقىڭ قايسى تېلفون iphone نىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدۇ؟ (سۈرئەت،ئىقتىدار…قاتارلىق جەھەتلەردە.)
ئۇ قىز نىمىشقا htc غا ئامراق بوپ قاممىغاندۇ ،،يىگىت ئىزدىسىمۇ تاپالماس بولغىيتى htc نىڭ ساختىسنى ،،،
كىلەر قېتىم تىلفۇننى ئانچە ياخشى بىلمەيدىغان قىزلار بىلەن يۈرسىڭىز بولغۇدەك
:چاقىرغۇ زامانىسىمۇ ياقشىمۇ نىمە؟؟
HTC نىڭ زاپەر تىلفۇنلىرى كۆپ، مەسىلەن HTO ،HTG
ياۋ پانا ……ما بالىنى ئالما تىلفۇن كۆرۇپ باقمىغان ئوخشىمامدۇ…….