نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى iPad 2 سېتىۋېلىش ئۈچۈن، بۆرىگىنى ھايانكەشلەرگە سېتىۋەتكەن…

دۇنيادا مۇنداقمۇ «قالتىس» كىشىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن!! 17 ياشلىق ئەنخۈيلىق  تولۇق بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى، يېنىدا پۇلى يوق، ئەمما بىر دانە iPad 2 سېتىۋېلىش كويىدا، ھېچنىمىگە قارىماستىن بىر بۆرىگىنى 20 مىڭ يۈەنگە ھايانكەشلەرگە سېتىۋەتكەن!!!

17 ياشلىق ئەنخۈيلىق  تولۇق بىرىنچى يىللىق  ئوقۇغۇچىسى جېڭ، توردا بۆرەك سېتىش ۋاستىچىسى بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئۇ بۇرۇن  ئۆزىنىڭ iPad 2سىنىڭ  بولىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغاچقا ۋاستىچىلەر بىلەن بىر بۆرىكىنى 22مىڭ يۈەنگە سۆزلەشكەن،ھەمدە4-28كۈنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خۇنەن چېنجوۋدىكى مەلۇم بىر دوختۇرغانىغا بېرىپ بۆرەك ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ بۆرىكىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ 22مىڭ يۈەننى ئېلىپ بىردانەiPad 2 ،يەنە بىر دانە iphone  سېتىۋېلىپ خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆيگە قايتقان.كىيىن ئۆيدىكىلرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان ،لىكىن ھازىرغا قەدەر ئۇ ۋاستىچىلەرنى ھىچ يەردىن تاپالمىغان.

نىمە دىگەن ھاماقەتلىك ھە! بۇ خىل ئىرادىگە كېلىپ بىر نەرسە سېتىۋېلىش روھى ھەقىقەتەن كام ئۇچرايدۇ، بىراق بۇ بالا ئۇسۇلنى خاتا تاللاپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئالما مەستانىلىرى ھەر قانچە تەلۋىلەشسىمۇ بۇ دەرىجىگە بارماسلىقى كېرەك ئىدى…



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئۇيغۇرتېكىن 2011.06.04 , 19:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھاماقەت ساۋاقداش iPad 2 ئۈچۈن رەئىس ئەزالارنىڭ بىرى بولغان بۆرىكىنى سېتىۋېتىپتۇ-دە! iPad 2 ئۈچۈن بۆرەكنى سېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى ئەسلى…:sad:

  2. نەفىسە 2011.06.04 , 19:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇدا ئۆزىگە ئامانەت

    • نەفىسە 2011.06.04 , 19:15

      ئەتە- ئۆگۈن خەقلەر iPad ئۈچۈن يۈرىكىنىمۇ سېتىۋىتەمدۇ تېخى…..:arrow:

    • ياۋايى 2011.06.04 , 20:01

      يۇرەكنى سىتىۋەتسە ئىپادنى نىمىدە ئوينايدا خىنىم …

    • نەفىسە 2011.06.04 , 20:05

      دوزاختىمۇ، جەننەتتىمۇ ئايپەد ئوينىغىلى قويمايدۇ جۇما ….. شۇڭا ئوينايمەن دېمىسىمۇ بولىدۇ….

    • 1987 2011.06.05 , 10:26

      جەننەتتە كىرەلىگەنلەرنىڭ ئايپەد ئوينىغىسى كەلسە ئەلۋەتتە ئۇنىمۇ ئوينىيالايدۇ. مەن ئەستايىدىل ئېيتىۋاتىمەن. ئەلچىنىڭ خەۋىرىدىن دەلىل بار بۇنىڭغا… 

  3. ئايقىز 2011.06.04 , 19:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي بۇ نىمە دىگەن ھاماقەتلىك ئەمدى… توۋا نىمىسە بىكاردە بۇنداق ھاماقەت مەستانىلەرگە،….:arrow:

  4. ياۋايى 2011.06.04 , 20:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىپاد ئەمەس يەنە باشقا نەسىلەرنىمۇ ئاسا بولىدىكەن بۇ ساراڭ …

  5. ئايقىز 2011.06.04 , 20:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ ساراڭلىقىغا گەپ كەتمەيدىكەن بۇنىڭ…:!:

  6. ۋېرۇس 2011.06.04 , 22:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمانچىلا ئەخمەق بۇ … كىلەر يېلى سېتاخون جوبىس يەنە بىر نىمە ياساپ مودا قىلىدۇ ،،.. ما بېچچارى يەنە بىرىنى شۇ چاغدا ساتىدۇ ئەمدى .

  7. ئاقتۇرۇك 2011.06.04 , 22:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايلىغاندا ، ئالما نوچى نەرسىكەندە :lol:

    • Forever 2011.06.04 , 22:44

      شۇنى دەيمەن ، قانداق نەرسىدۇ ئۇ ئايپاتەم دىگەن :lol:

  8. رىتا1028 2011.06.04 , 23:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Ipatem شۇ :lol:

    • Forever 2011.06.05 , 01:57

      iPatem دەپ قويۇڭ ، بۇمۇ كەپ قالدى :lol:

  9. نۇرلۇق 2011.06.05 , 00:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما بالاڭزىنى كۆرۈڭ. بەك پۇلى بولمىسا ئازراق قان سېتىپ بازاردا ئېقىپ يۈرگەن ساختىسىنى ئىشلىتىپ تۇرسىچۇ…:grin:

    بەزى گۇيلارنىڭ كاللىسى نېمىنى ئويلايدىكىن تاڭ… ئايپەد پەقەت يۇقىرى-پەن تېخنىكىنىڭ ھوزۇرىنىدىن باشقا يەنە نىمە ئېلىپ كېلەتتى…. مەنمۇ ibm بىلەن شۇنداق ئوبدان ئويناپ كېتىۋاتىمەن.:mrgreen:..
    يەنە شۇ كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى…

  10. ھەۋەسكار 2011.06.05 , 01:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرى كۆزلىگەن مەخسىتىگە يىتىپتۇدە~!

  11. سادا 2011.06.05 , 02:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېلان بولا ماشتاق بولا!
    Ipatem گە بىكارلىق نادىر ئېلاندىن بىرنى ئىشلەپ بىرىپتۇ ئاينا!ۋاي ساراڭ شۇم!!!:arrow:

  12. بەگزادە 2011.06.05 , 02:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ئالما شىركىتى بۇنى ئۇقسا Ipatem نىڭ جەزبىدارلىغى، جەلىپكارغى ھەققىدە پو ئىتىۋاسىمۇ بوغىدەك

    • رىتا1028 2011.06.05 , 16:56

      ئۈگىنىۋاپتۇ مانا ھاھاھاھا ھەقىقى يېزىلىشىنى:mrgreen:

    • دولقۇن731 2011.06.05 , 21:33

      ئوغول بالىنىڭ، بىر ئەركەكنىڭ قىلىدىغان ئىشىما بۇ؟ قان سېتىش، بۆرەك سېتىش، تېنىنى سېتىش،….. دىگەنلەر. تۆۋە خۇدايىم

  13. كوڭلۇم 2011.06.05 , 03:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايپەت3 چىقسا1كوزىنىمۇ ساتقىدەك…

    • نۇرلۇق 2011.06.05 , 13:36

      بىر كۆزىدە كۆرۈپ ئويناپ تۇرسا ھە…:lol:

  14. weyrani 2011.06.05 , 09:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشىق بولا ماشتاق بولا.ئامما لىكىن باتۇر بالىكەن جىما…

  15. رازۋىتچىك 2011.06.05 , 15:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نامۇۋاپىق ئەبلەغ!!!

  16. قانۇنچىلىق 2011.06.05 , 18:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ساراڭكەنغۇ ئۇ

  17. كوڭلۇم 2011.06.06 , 01:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايپەتقا كوڭلى چۇپقاپتۇ ئامال يوق

    جەمىيىتىمىزدە بۇندا ياش تۇرۇپ كاللىدىن كەتكەنلە“`جىق !!!!

  18. شەمسى 2011.06.06 , 10:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان بالىكەن، قول قويدۇم:wink: ئەمما ئىككى يىل ئۆتە-ئۆتمەي پۇشايمان قىلماي قالمايدۇ. ئۇ چاغدا iPad نى سېتىپ بۆرەك سېتىۋالالمايدۇدە…

    • نەفىسە 2011.06.06 , 14:06

      ئۇ چاغدا بۆرىكىنى ساتىدىغان دەلتىدىن يەنە بىرى چىقسا بۆرەك بىلەن ئايپەتنى ئالماشتۇرار ياكى….:arrow:

    • Forever 2011.06.06 , 15:45

      2-قول iPatem بىلەنما ؟ :roll:

  19. ئەزىز 2011.06.06 , 17:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ دۆت بالىكەن:shock:

  20. ئالىم 2011.06.06 , 19:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇدايىم ساقلىسۇن بۇنداق ھاماقەتلىكتىن…

  21. نۆل ۋە بىر 2011.06.06 , 23:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىلان ئۈنىمى يۇقرى …

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量