مۇنداقمۇ ھوزۇرلۇق خىزمەت مۇھىتى باركەن، Google نىڭ لوندوندىكى ئويۇنچۇقخانا ئۇسلۇبىدىكى يېڭى ئىشخانىسى
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، گۇگېل لوندوندا يېڭى ئىشخانا تەسس قىلىپتۇ، كۆلىمى 40000 كۋادرات فۇت، Scott Brownrigg Interior Design شىركىتى تەرىپىدىن بېزەلگەن بولۇپ، چېنىقىش ئۆيى، ئۇۋىلىتىش ئۆيى ۋە ئاسىياچە پۇراق بىلەن بېزەلگەن تاماقخانا سەپلەنگەن.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ بىر كۆڭۈل ئېچىش بىلەن خىزمەت زىچ بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن جاي. تۆۋەندىكىسى، Google نىڭ يېڭى ئىشخانىسىنىڭ سۈرەتلىرى…
لوندونچە پۇراقتىكى ئىشخانا
سىنلىق يىغىن ئاچىدىغان ئورۇن، قارىماقغا غايەت زور شىشىخالغا ئوخشايدۇ
بارماق بىلەن تامغا رەسىم سىزسا تېخىمۇ پەيزى بولىدۇ
ھېرىپ كەتكەندە مۈگدەيدىغان جاي
گۇگېلنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى كېڭەش قىلىدىغان مەخسۇس ئىشخانا
ئورۇندۇقلارنىڭ لايىھەلىنىشىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىشخانا,شىركەت,گۇگېل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,132 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-london-office.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى – يانفون يۈتۈپ كەتسە، ئالاقە نومۇرلىرى ئۈچۈن ئەندىشە قىلمايسىز…
- كېيىنكى يازما > دۇنيا چېمپىيونى قۇرۇپ كەتسۇن! ئەسلى دۇنياۋى تىك-تاك توپ شاھى شىمالىي مۇز ئوكياندىكەن!!!
ئاشۇ ئىشخانىغا ئالغا!!!!!!!!!!!!!!
توختاپ تۇرۇڭ كىشىلەر يىغىلسا ئەترەت بولۇپ بارىمىز
كىيىنچە مۇشۇنداق شىركەتلەردە ئىشلەپ قالساق ھۇزۇر دىگەن شۇكەندە
پاھ ،بىزنىڭ ئىشخانىدىن قىلىشمايدىكەنغۇ!؟
ئەمسە يېقىنراق سىلنىڭ ئىشخانىغىلا بارامدۇق يا
سىلىنىڭ ئىشخانا نەدىكىن ؟! گۇگۇلنىڭ باش شىتابىدىمۇ يا ….
ۋاي خۇدايىم،بىزنىڭ باشلىقلاغا قاچانمۇ ئىنساب بېرە
ئاللا خالىسا كىيىنچە بولۇپ قالا
رەڭلىرى كۆزنى بەك ئالا – چەكمەن قىلىۋېتىدىكەن. بۇنداق بولغاندا خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشى تۇرغانلا گەپ.
بۇنىمۇ ئويلاشقان بۇلىشى مۇمكىن
كېچىسى ئۇخلىمىغان تورداشلار مەنلا ئەمەس ئىكەنمەن،
تەدبىركار ئەپەندىم سىزدىن بىر ياردەم سوراي دىگەن، مېنىڭ WP باش بېتىمدە تېمىلارنىڭ ئىچىدىكى رەسىملەر كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، تېمىغا كىرگەندىلا ئاندىن كۆرگىلى بولىۋاتىدۇ، باش بەتتىلا رەسىملەرنى كۆردىغان ئۈنۈمگە قانداق قىلغاندا ئىرىشىمىز؟ بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز
كودنى بىۋاستە بۇ يەرگە چاپلىسام خاتالىق كۆرۈلىۋالدى. سىزگە بۇ مەنزىلنى قالدۇراي، ئاشۇ ئۇسۇل بويىچە ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. پرىنسىپى: باش بەتتە ھەر بىر يازمىدىكى بىرىنچى پارچە رەسىمنى ئوقۇپ ئېلىش.
ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشخانام ۋە ياتاق ئۆيۈم ئۈچۈن، ئىزچىل خىيالى ماتېرىياللارنى توپلاۋاتىمەن ! پۇل ئىلمىنىتى قوشۇلسا ھەممە ھازىرلىقلار تەييار بولىتى.
مۇشۇ پۇل ئىلمىنتى زە ….. ئادەمنىڭ ئىچىنى قاتتىق سىقىدۇ ھە ….
ۋاھ… بېزگە ئوخشاش ئېشخانا بىزەيدىغانلارمۇ باركەن…
ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن .
مېنىڭ ئىشخانامغىلا كېلىڭلار بولمىسا، دەھشەت ئىشخانا بولغاچقا «ۋەتەن» باشقا ئىشخانىغا كۆچۈپلا كەتكەن. ھى ھى ھى
ۋاھ بۇگۇن ئىنكاسلارغا ئوت كىتىپتىغۇ
ۋەھشىغۇ ما باللا … بىر بىرىنى ماختاپ كىتىپتا …بىزنىڭكىنى كۇسە شۇ يەدە تۇرىمە بولدى دەيدىغان ئوخشايدا …
مەن شۇ ئادىرىس بويىچە functions نىڭ ئەڭ ئۈستىگە ياكى ئەڭ ئاستىغا ئايرىم-ئايرىم چاپلاپ كۆرۈپ باقتىم، ئىككىلىسىلا بولمىدى.
يەنى باش بەتنى ئاشقاندا، ئاشۇ كودلار بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈنۋالدى، قارىغاندا كودنى تونىتالمىغان ئوقشايمەن.. بۇنى قانداق قىلارمەن ؟
ئارقا سۇپىدا تەڭشەش ئورنى بار، ئۆزىڭىز تاللايسىز.
Google نىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىغا بىر قېتىم بېرىپ باققان ، ئىچىدە بىكارلىق چېنىقىش زالى ، بىكارلىق سوغۇق ئىچىملىكلەر ، يەنە شۇنداق چوڭ بىر ئاشخانىسى بار ئىكەن . بولۇپمۇ خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلىرى شۇنداق پېچەتكەن ، ئېكرانى 25 سۇڭدىن كىىچىك ئەمەس ، ھەتتا ئىككى ئۈچ ئېكراننى قاتار قويۇپ قويۇپ خىزمەت قىلىدىكەن . مۇشۇنداق چوڭ ئېكرانلاردا كود يازسا راستلا بەك پېچەت بولغۇدەك ، مائۇسنى يۇقۇرى تۆۋەن سۈرۈپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق !
سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن 150*150 چوڭلۇقتىكى رەسىمغۇ دەيمەن. 150*150 مەن ئۈچۈن بەكلا كىچىك بولۇپ قالدى، سىز تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇب بەكمۇ چىرايلىك ئىكەنتۇق، ھەي، شۇ بىر يېرى كۆڭلۈمگە ياقماي قالدى، باشقا ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتەي دېسەم قىيالماي قالدىم. نەچچە كۈن بولدى، توردىكى مەن تاپالىغان بارىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باقتىم، بولمايۋاتىدۇ